ٱلْقَارِعَةُ ﴿١﴾
قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان ۋاقىت،
باش بەت›تەپسىر›القارعة (101)
مەككىلىك · 11 ئايەت
ٱلْقَارِعَةُ ﴿١﴾
قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان ۋاقىت،
مَا ٱلْقَارِعَةُ ﴿٢﴾
قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان بۇ قايسى ۋاقىت؟
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلْقَارِعَةُ ﴿٣﴾
ئەي پەيغەمبەر! قورقۇنچىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان بۇ ۋاقىتنىڭ نېمىلىكىنى سەن قانداق بىلىسەن؟ شەكسىزكى ئۇ قىيامەت كۈنىدۇر
يَوْمَ يَكُونُ ٱلنَّاسُ كَٱلْفَرَاشِ ٱلْمَبْثُوثِ ﴿٤﴾
ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرى لەرزىگە كېلىدىغان كۈندە ئىنسانلار بەئەينى ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىلەردەك بوپكېتىدۇ
وَتَكُونُ ٱلْجِبَالُ كَٱلْعِهْنِ ٱلْمَنفُوشِ ﴿٥﴾
تاغلار مېڭىشى ۋە ھەرىكىتىنىڭ يەڭگىللىكىدە خۇددى ئېتىلغان يۇڭدەك بوپكېتىدۇ. فأم امن ثقلت موزينه
فَأَمَّا مَن ثَقُلَتْ مَوَٰزِينُهُۥ ﴿٦﴾
ياخشى ئەمەللىرى يامان ئەمەللىرىنى بېسىپ چۈشكەن كىشىگە كەلسەك، فهو فى عيشة ر اضية
فَهُوَ فِى عِيشَةٍۢ رَّاضِيَةٍۢ ﴿٧﴾
ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ، بۇ تۇرمۇشقا جەننەتتە ئېرىشىدۇ. بەت ۱ دىن ۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر وأم امن خف ت موزينه
وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَٰزِينُهُۥ ﴿٨﴾
يامان ئەمەللىرى ياخشى ئەمەللىرىنى بېسىپ چۈشكەن ئادەمگە كەلسەك، فأ م ه هاو ية
فَأُمُّهُۥ هَاوِيَةٌۭ ﴿٩﴾
ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى تۇرىدىغان جايى جەھەننەم بولىدۇ
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا هِيَهْ ﴿١٠﴾
ئەي پەيغەمبەر! ھاۋىيەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلىسەن؟ نار حامية
نَارٌ حَامِيَةٌۢ ﴿١١﴾
ئۇ ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئوتتۇر. بەت ۲ دىن ۲ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس