باش بەتتەپسىرالعاديات (100)

تەپسىر العاديات — Al-Aadiyaat (100)

مەككىلىك · 11 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

وَٱلْعَـٰدِيَـٰتِ ضَبْحًۭا ﴿١﴾

ئاللاھ تائالا قاتتىق يۈگۈرگەنلىكىنىڭ ئاۋازى ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئاڭلىنىدىغان دەرىجىدە تېز چاپىدىغان ئات بىلەن قەسەم قىلدى

فَٱلْمُورِيَـٰتِ قَدْحًۭا ﴿٢﴾

تۇۋاقلىرى يەرگە قاتتىق چۈشكەنلىكتىن تاشلارغا تەگكەندە ئوت چىقىرىدىغان ئاتلار بىلەن قەسەم قىلدى

فَٱلْمُغِيرَٰتِ صُبْحًۭا ﴿٣﴾

سەھەر ۋاقتىدا دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئاتلار بىلەن قەسەم قىلدى. فأثرن به نقعا

فَأَثَرْنَ بِهِۦ نَقْعًۭا ﴿٤﴾

ئۇ ئاتلار يۈگۈرۈپ توپا - چاڭ چىقىرىدۇ. فوسطن به جمعا

فَوَسَطْنَ بِهِۦ جَمْعًا ﴿٥﴾

چەۋەندازلىقى بىلەن دۈشمەن توپى ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ

إِنَّ ٱلْإِنسَـٰنَ لِرَبِّهِۦ لَكَنُودٌۭ ﴿٦﴾

شەكسىزكى ئىنسان پەرۋەردىگارى ئىرادە قىلغان ياخشىلىقنى چەكلىگۈچىدۇر. وإنه عل ذلك لشهيد

وَإِنَّهُۥ عَلَىٰ ذَٰلِكَ لَشَهِيدٌۭ ﴿٧﴾

شەكسىزكى ئاللاھ ئۇنىڭ ياخشىلىقنى چەكلىگەنلىكىگە شاھىدتۇركى، بۇ ئاشكارا ئەھۋال بولغانلىقتىن ئۇ بۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ. بەت ۱ دىن ۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَإِنَّهُۥ لِحُبِّ ٱلْخَيْرِ لَشَدِيدٌ ﴿٨﴾

ئىنسان مال - دۇنيانى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن بېخىللىق قىلىدۇ

۞ أَفَلَا يَعْلَمُ إِذَا بُعْثِرَ مَا فِى ٱلْقُبُورِ ﴿٩﴾

دۇنيا تىرىكچىلىكىگە دۇم چۈشكەن بۇ ئىنسان ئاللاھ تائالا قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈپ، زېمىن ئۇلارنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن چىقارغان چاغدا بۇ ئىشنىڭ ئۆزى خىيال قىلغاندەك بولمايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟

وَحُصِّلَ مَا فِى ٱلصُّدُورِ ﴿١٠﴾

دىللاردىكى نىيەتلەر، ئېتىقادلار ۋە باشقا نەرسىلەر ھەممىسى ئاشكارا قىلىندى. إن رب هم بهم يومئذ ل خبير

إِنَّ رَبَّهُم بِهِمْ يَوْمَئِذٍۢ لَّخَبِيرٌۢ ﴿١١﴾

شەكسىزكى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاشۇ كۈندە ئەلۋەتتە ئۇلارغا ھەممىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. بەت ۲ دىن ۲ moc.hgelp

ئۆگىنىش · العاديات — Al-Aadiyaat

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل