أَلْهَىٰكُمُ ٱلتَّكَاثُرُ ﴿١﴾
ئەي ئىنسانلار! مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلار بلىەن پەخىرلىنىش سىلەرنى ئاللاھنىڭ تائىتىدىن كاشىلا قىلىپ قويدى
باش بەت›تەپسىر›التكاثر (102)
مەككىلىك · 8 ئايەت
أَلْهَىٰكُمُ ٱلتَّكَاثُرُ ﴿١﴾
ئەي ئىنسانلار! مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلار بلىەن پەخىرلىنىش سىلەرنى ئاللاھنىڭ تائىتىدىن كاشىلا قىلىپ قويدى
حَتَّىٰ زُرْتُمُ ٱلْمَقَابِرَ ﴿٢﴾
نىھايەت سىلەر ئۆلۈپ، قەبرەڭلارغا كىردىڭلار. كلا سوف تعلمون
كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ ﴿٣﴾
سىلەرنى نېمىشقا مال - دۇنيالىرىڭلارنى كۆز - كۆز قىلىشىش ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن كاشىلا قىپ قويدى؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر. ثم كلا سوف تعلمون
ثُمَّ كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ ﴿٤﴾
چوقۇم ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىپ قالىسىلەر
كَلَّا لَوْ تَعْلَمُونَ عِلْمَ ٱلْيَقِينِ ﴿٥﴾
ئەمەلىيەتتە، ئەگەر سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن تىرگۈزۈلۈپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارىدىغىنىڭلارنى ھەمدە ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولساڭلار، ھەرگىزمۇ مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار بىلەن كاشىلا بولمايتتىڭلار
لَتَرَوُنَّ ٱلْجَحِيمَ ﴿٦﴾
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قىيامەت كۈنى چوقۇم دوزاخنى كۆرىسىلەر
ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيْنَ ٱلْيَقِينِ ﴿٧﴾
ئاندىن ئۇنى شەكسىز ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. بەت ۱ دىن ۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
ثُمَّ لَتُسْـَٔلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ ٱلنَّعِيمِ ﴿٨﴾
ئاندىن كېيىن ئاشۇ كۈندە ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ساقلىق، بايلىق ۋە باشقا نېئمەتلەرنىڭ ھېسابىنى چوقۇم سورايدۇ. بەت ۲ دىن ۲ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس