لَآ أُقْسِمُ بِهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا ھۆرمەتلىك شەھەر بولغان مەككە مۇكەررەمە بىلەن قەسەم قىلدى
باش بەت›تەپسىر›البلد (90)
مەككىلىك · 20 ئايەت
لَآ أُقْسِمُ بِهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا ھۆرمەتلىك شەھەر بولغان مەككە مۇكەررەمە بىلەن قەسەم قىلدى
وَأَنتَ حِلٌّۢ بِهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ ﴿٢﴾
ئەي پەيغەمبەر! ئۆلۈمگە لا يىق بولغانلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىشقا لا يىق بولغانلارنى ئەسىر ئېلىشتىن ئىبارەت سەن بۇ شەھەردە قىلغان ئىشلار ساڭا ھالالدۇر. ووالد وما ولد
وَوَالِدٍۢ وَمَا وَلَدَ ﴿٣﴾
ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى بىلەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەۋلادلار بىلەن قەسەم قىلدى
لَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ فِى كَبَدٍ ﴿٤﴾
بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ئىچىگە ياراتتۇق. چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيادا جاپا چېكىدۇ. أ يحسب أن لن يقدر عليه أحد
أَيَحْسَبُ أَن لَّن يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌۭ ﴿٥﴾
ئىنسان گۇناھ - مەئسىيەت قىلسا ئۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىمۇ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ يقول أهلكت مالا لبدا
يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًۭا لُّبَدًا ﴿٦﴾
ئۇ: مەن ئۈستى - ئۈستىلەپ ئىنتايىن كۆپ مال سەرپ قىلدىم، دەيدۇ. أ يحسب أن لم يره أحد
أَيَحْسَبُ أَن لَّمْ يَرَهُۥٓ أَحَدٌ ﴿٧﴾
بۇ ماختانچاق ئۆزى سەرپ قىلغان ماللارنى ئاللاھ كۆرمەي قالىدۇ، ئۆزىدىن مال - مۈلكلىرىنى نەدىن تاپقانلىقى ۋە نەگە سەرپ قىلغانلىقى ھەققىدە ھېساب ئالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ألم نجعل له عينين
أَلَمْ نَجْعَل لَّهُۥ عَيْنَيْنِ ﴿٨﴾
بىز ئۇنىڭغا كۆرىدىغان ئىككى كۆز بەرمىدۇقمۇ؟ ولسانا وشفتين
وَلِسَانًۭا وَشَفَتَيْنِ ﴿٩﴾
گەپ قىلىدىغان بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك بەرمىدۇقمۇ؟
وَهَدَيْنَـٰهُ ٱلنَّجْدَيْنِ ﴿١٠﴾
بىز ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى تونۇتمۇدۇقمۇ؟
فَلَا ٱقْتَحَمَ ٱلْعَقَبَةَ ﴿١١﴾
ئۇ ئۆزى بىلەن جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان داۋاندىن ئېشىپ، ئۇنى بېسىپ ئۆتۈشى تەلەپ قىلىنغۇچىدۇر
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلْعَقَبَةُ ﴿١٢﴾
ئەي پەيغەمبەر! جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغان داۋاننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلىسەن؟ فك رقبة
فَكُّ رَقَبَةٍ ﴿١٣﴾
داۋان ئېشىش ئەر ياكى ئايال قۇللارنى ئازاد قىلىشتۇر. أو إطعم فى يوم ذى مسغبة
أَوْ إِطْعَـٰمٌۭ فِى يَوْمٍۢ ذِى مَسْغَبَةٍۢ ﴿١٤﴾
ياكى يېمەكلىك كەمدىن - كەم تېپىلىدىغان ئاچارچىلىق كۈنلىرىدە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان يېتىمگە تاماق بېرىشتۇر. يتيما ذا مقربة
يَتِيمًۭا ذَا مَقْرَبَةٍ ﴿١٥﴾
يەنى دادىسى يوق، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان سەبىي بالىلارغا تاماق بېرىشتۇر. بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر أو مسكينا ذا متربة
أَوْ مِسْكِينًۭا ذَا مَتْرَبَةٍۢ ﴿١٦﴾
ياكى ھېچ نەرسىسى يوق كەمبەغەلگە تاماق بېرىشتۇر
ثُمَّ كَانَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلصَّبْرِ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلْمَرْحَمَةِ ﴿١٧﴾
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئۆزئارا تائەت - ئىبادەتلەردە چىڭ تۇرۇشقا، گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە بالا - قازالارغا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك بولۇشقا تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەردىن بولۇشتۇر
أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْمَيْمَنَةِ ﴿١٨﴾
يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان ئاشۇ كىشىلەر نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلاردۇر
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا هُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلْمَشْـَٔمَةِ ﴿١٩﴾
پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزگە كاپىر بولغانلار نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلىدىغانلاردۇر. عليهم نار م ؤصدة
عَلَيْهِمْ نَارٌۭ مُّؤْصَدَةٌۢ ﴿٢٠﴾
ئۇلار قىيامەت كۈنى ئىشىكلىرى تاقاق ھالەتتىكى دوزاخقا سولىنىپ، شۇ جايدا ئازابلىنىدۇ. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس