وَٱلشَّمْسِ وَضُحَىٰهَا ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا قۇياش بىلەن قەسەم قىلدى، شۇنداقلا قۇياش مەشرىق تەرەپتىن چىققاندىن كېيىنكى كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلدى
باش بەت›تەپسىر›الشمس (91)
مەككىلىك · 15 ئايەت
وَٱلشَّمْسِ وَضُحَىٰهَا ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا قۇياش بىلەن قەسەم قىلدى، شۇنداقلا قۇياش مەشرىق تەرەپتىن چىققاندىن كېيىنكى كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلدى
وَٱلْقَمَرِ إِذَا تَلَىٰهَا ﴿٢﴾
قۇياش پاتقاندىن كېيىنلا چىققان چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەم قىلدى
وَٱلنَّهَارِ إِذَا جَلَّىٰهَا ﴿٣﴾
نۇرى ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئاشكارا قىلغان ۋاقىتتىكى كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلدى
وَٱلَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰهَا ﴿٤﴾
يەر يۈزىنى يېپىپ، قاراڭغۇ قىلىۋەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى
وَٱلسَّمَآءِ وَمَا بَنَىٰهَا ﴿٥﴾
ئاسمان بىلەن ھەمدە ئاسماننى پۇختا بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلدى
وَٱلْأَرْضِ وَمَا طَحَىٰهَا ﴿٦﴾
زېمىن بىلەن ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن يېيىلىشى بىلەن قەسەم قىلدى. ونفس وما سو ها
وَنَفْسٍۢ وَمَا سَوَّىٰهَا ﴿٧﴾
ھەر قانداق جان بىلەن ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقانلىقى بىلەن قەسەم قىلدى. بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر فأ لهمها فجورها وتقوها
فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَىٰهَا ﴿٨﴾
ئاللاھ تائالا نەپسكە نېمىنىڭ ساقلىنىشقا تېگىشلىك يامان ئىش، نېمىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى تەلىم - تەربىيەسىز چۈشەندۈردى. قد أفلح من زك ىها
قَدْ أَفْلَحَ مَن زَكَّىٰهَا ﴿٩﴾
ئۆز نەپسىنى پەزىلەتلىك ئىشلار بىلەن زىننەتلەپ، رەزىللىكلەردىن تازىلاش ئارقىلىق پاكلىغان كىشى مەقسىتىگە چوقۇم يېىتدۇ. وقد خاب من دس ىها
وَقَدْ خَابَ مَن دَسَّىٰهَا ﴿١٠﴾
نەپسىنى گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۆمدۈرۈش بىلەن كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ
كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَىٰهَآ ﴿١١﴾
سەمۇد گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىشتا ھەددىدىن ئېشىش ئارقىلىق پەيغەمبىرى سالىھنى ئىنكار قىلدى
إِذِ ٱنۢبَعَثَ أَشْقَىٰهَا ﴿١٢﴾
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ بەدبەخت ئادىمى قەۋمىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئورنىدىن تۇردى
فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ ٱللَّهِ نَاقَةَ ٱللَّهِ وَسُقْيَـٰهَا ﴿١٣﴾
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ تۆگىسىنى ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە سۇ ئىچكىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، دېدى. فكذ بوه فعقروها فدمدم عليهم رب هم بذنبهم فسو ها
فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُم بِذَنۢبِهِمْ فَسَوَّىٰهَا ﴿١٤﴾
ئاندىن ئۇلار بۇ تۆگىنىڭ ئىشىدا پەيغەمبىرىنى يالغانغا چىقىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن تۆگىنى ئۇلارنىڭ ئەڭ بەدبەخت ئادىمى ئۆلتۈرۈۋەتتى، باشقىلار بولسا ئۇنىڭ قىلغىنىغا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھتا ئورتاق بولدى. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئازابىنى چۈشۈردى. يەنى ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن قاتتىق بىر ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىۋەتتى ھەمدە ئۇلارغا ئوخشاشلا ھالاكەت جازاسى بەردى. بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ولا يخاف عقبها
وَلَا يَخَافُ عُقْبَـٰهَا ﴿١٥﴾
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا چۈشۈرگەن ھالاك قىلىش ئازابىنىڭ مەسئۇلىيتىدىن قورقمايدۇ. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس