باش بەتتەپسىرالليل (92)

تەپسىر الليل — Al-Lail (92)

مەككىلىك · 21 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

وَٱلَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰ ﴿١﴾

ئاللاھ تائالا قاراڭغۇلۇقى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىنى قاپلىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى

وَٱلنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ ﴿٢﴾

تاڭ يورۇپ، ئاشكارا بولغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلدى

وَمَا خَلَقَ ٱلذَّكَرَ وَٱلْأُنثَىٰٓ ﴿٣﴾

ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنسنى يارىتىشى بىلەن قەسەم قىلدى. إن سعيكم لشت

إِنَّ سَعْيَكُمْ لَشَتَّىٰ ﴿٤﴾

ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار خىلمۇخىلدۇر. يەنى ئەمەللىرىڭلاردىن ياخشىلىقلارمۇ بار بولۇپ، بۇنداق ئەمەللەر جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر، يامانلىقلارمۇ بار بولۇپ، بۇنداق ئەمەللەر دوزاخقا كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر

فَأَمَّا مَنْ أَعْطَىٰ وَٱتَّقَىٰ ﴿٥﴾

زاكات، نەپىقە ۋە كاپپارەت دېگەندەك بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مالنى بەرگەن ھەمدە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلانغان،

وَصَدَّقَ بِٱلْحُسْنَىٰ ﴿٦﴾

شۇنداقلا ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپاتلارغا ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك، فسنيسره لليسر

فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلْيُسْرَىٰ ﴿٧﴾

بۇ بۇنداق ئادەمگە ياخشى ئەمەللەرنى ۋە ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىشنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىمىز. بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَأَمَّا مَنۢ بَخِلَ وَٱسْتَغْنَىٰ ﴿٨﴾

مېلىغا بېخىللىق قىلىپ، بېرىشكە تېگىشلىك مالنىمۇ بەرمىگەن ھەمدە ئۆز مېلى ئارقىلىق ئاللاھتىن ئۆزىنى بىھاجەت ساناپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچنەرسە تىلىمىگەن،

وَكَذَّبَ بِٱلْحُسْنَىٰ ﴿٩﴾

ھەمدە ئاللاھ تائالا ئۆز يولىدا سەرپ قىلىنغان ماللارنىڭ بەدىلىگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپاتلارنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، فسنيسره للعسر

فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلْعُسْرَىٰ ﴿١٠﴾

بۇنداق ئادەمگە بىز يامان ئەمەللەرنى قولايلاشتۇرۇپ، ياخشىلىق قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىمىز

وَمَا يُغْنِى عَنْهُ مَالُهُۥٓ إِذَا تَرَدَّىٰٓ ﴿١١﴾

بۇ ئادەم ھالاك بولۇپ، دوزاخقا كىرگەن چاغدا ئۇنىڭ بېخىللىق قىلىپ چىڭ تۇتقان مال - مۈلكى ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ. إن علينا للهد

إِنَّ عَلَيْنَا لَلْهُدَىٰ ﴿١٢﴾

شەكسىزكى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز توغرا يولنى خاتا يولدىن ئېنىق ئايرىپ بېرىشتۇر

وَإِنَّ لَنَا لَلْـَٔاخِرَةَ وَٱلْأُولَىٰ ﴿١٣﴾

ئاخىرەت ۋە بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇركى، بىز ئىككىلىسىدە ئۆزىمىز خالىغاننى قىلىمىز. بىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقى يوق. فأنذرتكم نارا تلظ

فَأَنذَرْتُكُمْ نَارًۭا تَلَظَّىٰ ﴿١٤﴾

ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھقا ئاسىي بولغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم. بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

لَا يَصْلَىٰهَآ إِلَّا ٱلْأَشْقَى ﴿١٥﴾

بۇ ئوتنىڭ ھارارىتىنى پەقەت كاپىر بولغان بەدبەخت ئادەملا تېتىيدۇ

ٱلَّذِى كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ ﴿١٦﴾

ئۇ پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدۇر

وَسَيُجَنَّبُهَا ٱلْأَتْقَى ﴿١٧﴾

ئەڭ تەقۋادار بولغان ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئوتتىن يىراق قىلىنىدۇ

ٱلَّذِى يُؤْتِى مَالَهُۥ يَتَزَكَّىٰ ﴿١٨﴾

ئۇ گۇناھلاردىن پاكلىنىش ئۈچۈن مېلىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ

وَمَا لِأَحَدٍ عِندَهُۥ مِن نِّعْمَةٍۢ تُجْزَىٰٓ ﴿١٩﴾

ئۇ مېلىنى بىراۋنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن سەرپ قىلمايدۇ

إِلَّا ٱبْتِغَآءَ وَجْهِ رَبِّهِ ٱلْأَعْلَىٰ ﴿٢٠﴾

ئۇ مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق پەقەت مەخلۇقاتلىرىدىن يۈكسەك بولغان پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلەيدۇ. ولسوف يرض

وَلَسَوْفَ يَرْضَىٰ ﴿٢١﴾

ئۇ ئاللاھ بەرگەن ئېسىل مۇكاپاتلاردىن چوقۇم مەمنۇن بولىدۇ. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp

ئۆگىنىش · الليل — Al-Lail

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل