وَٱلضُّحَىٰ ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلى بىلەن قەسەم قىلدى
باش بەت›تەپسىر›الضحى (93)
مەككىلىك · 11 ئايەت
وَٱلضُّحَىٰ ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلى بىلەن قەسەم قىلدى
وَٱلَّيْلِ إِذَا سَجَىٰ ﴿٢﴾
قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان)، كىشىلەر ھەرىكەتتىن توختىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى. ما ود عك ربك وما قل
مَا وَدَّعَكَ رَبُّكَ وَمَا قَلَىٰ ﴿٣﴾
ئەي پەيغەمبەر! ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتا مۇشرىكلار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنى يوق، شۇنداقلا سېنى يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق
وَلَلْـَٔاخِرَةُ خَيْرٌۭ لَّكَ مِنَ ٱلْأُولَىٰ ﴿٤﴾
ساڭا نىسبەتەن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭغا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك نېئمەت بار
وَلَسَوْفَ يُعْطِيكَ رَبُّكَ فَتَرْضَىٰٓ ﴿٥﴾
ئاللاھ چوقۇم ساڭا ۋە ئۈممىتىڭگە سىلەر مەمنۇن بولغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ساۋاب - مۇكاپاتلارنى بېرىدۇ. ألم يجدك يتيما فٔاو
أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًۭا فَـَٔاوَىٰ ﴿٦﴾
ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىم ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، ساڭا پاناھلىنىدىغان جاي بەردى. يەنى بوۋاڭ ئابدۇلمۇتتەلىب، ئۇنىڭدىن كېيىن تاغاڭ ئەبۇتالىب ساڭا مېھرىبانلىق قىلدى. ل
وَوَجَدَكَ ضَآلًّۭا فَهَدَىٰ ﴿٧﴾
سېنىڭ كىتاب نېمە، ئىمان نېمە بىلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىپ، ساڭا بىلمىگەننى ئۆگەتتى. بەت ۱ دىن ۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَوَجَدَكَ عَآئِلًۭا فَأَغْنَىٰ ﴿٨﴾
سېنى يوقسۇل بىلىپ، بىھاجەت قىلدى
فَأَمَّا ٱلْيَتِيمَ فَلَا تَقْهَرْ ﴿٩﴾
شۇڭا كىچىك تۇرۇپ دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان يېتىمگە قاتتىق مۇئامىلە قىلما، ئۇنى خارلىما
وَأَمَّا ٱلسَّآئِلَ فَلَا تَنْهَرْ ﴿١٠﴾
مۇھتاج بوپقالغان سائىلغا قوپاللىق قىلما. وأ م ابنعمة ربك فحدث
وَأَمَّا بِنِعْمَةِ رَبِّكَ فَحَدِّثْ ﴿١١﴾
ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ، باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىن. بەت ۲ دىن ۲ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس