باش بەتتەپسىرالفجر (89)

تەپسىر الفجر — Al-Fajr (89)

مەككىلىك · 30 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

وَٱلْفَجْرِ ﴿١﴾

ئاللاھ تائالا تاڭ بىلەن قەسەم قىلدى. وليال عشر

وَلَيَالٍ عَشْرٍۢ ﴿٢﴾

زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كېچىسى بىلەن قەسەم قىلدى

وَٱلشَّفْعِ وَٱلْوَتْرِ ﴿٣﴾

جۈپ ۋە تاق نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلدى

وَٱلَّيْلِ إِذَا يَسْرِ ﴿٤﴾

كېلىپ، دۋاملىشىپ، كەتكەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى. بۇ قەسەملەرنىڭ جاۋابى: سىلەرگە چوقۇم ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ، دېگەن سۆزدۇر. هل فى ذلك قسم لذى حجر

هَلْ فِى ذَٰلِكَ قَسَمٌۭ لِّذِى حِجْرٍ ﴿٥﴾

يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئەقىل ئىگىسىنى قانائەتلەندۈرلەيدىغان قەسەم بارمۇ؟ ألم تر كيف فعل ربك بعاد

أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِعَادٍ ﴿٦﴾

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇد قەۋمى بولغان ئاد پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغاندا ئۇلارنى قانداق قىلىۋەتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟

إِرَمَ ذَاتِ ٱلْعِمَادِ ﴿٧﴾

ئاد بولسا ئۇلارنىڭ بوۋىسى ئۇزۇن بويلۇق ئىرەمگە نىسبەت بېرىلگەن قەبىلىدۇر

ٱلَّتِى لَمْ يُخْلَقْ مِثْلُهَا فِى ٱلْبِلَـٰدِ ﴿٨﴾

بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلىپ باقمىغان ئىدى

وَثَمُودَ ٱلَّذِينَ جَابُوا۟ ٱلصَّخْرَ بِٱلْوَادِ ﴿٩﴾

شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارىڭنىڭ سالىھ قەۋمى بولغان سەمۇدنى قانداق جازالىغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ ئۇلار تاغلاردىكى قورام تاشلارنى كېسىپ، تاش ئۆيلەرنى ياسايتتى بەت ۱ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَفِرْعَوْنَ ذِى ٱلْأَوْتَادِ ﴿١٠﴾

پەرۋەردىگارىڭنىڭ يەنە كىشىلەرنى قوزۇقلار بىلەن ئازابلايدىغان پىرئەۋننى قانداق جازالىغانلىقىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟

ٱلَّذِينَ طَغَوْا۟ فِى ٱلْبِلَـٰدِ ﴿١١﴾

بۇلارنىڭ ھەممىسى زومىگەرلىك ۋە زۇلۇمدا چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، ھەممىسى شەھەرلەردە ھەددىدىن ئاشقان ئىدى

فَأَكْثَرُوا۟ فِيهَا ٱلْفَسَادَ ﴿١٢﴾

ئۇلار كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىقنى كۆپ قىلدى. فصب عليهم ربك سوط عذاب

فَصَبَّ عَلَيْهِمْ رَبُّكَ سَوْطَ عَذَابٍ ﴿١٣﴾

شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازابىنى تېتىتىپ، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋەتتى

إِنَّ رَبَّكَ لَبِٱلْمِرْصَادِ ﴿١٤﴾

ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ ياخشىلىق قىلغانلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلاش، يامانلىق قىلغانلارنى دوزاخ بىلەن جازالاش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ

فَأَمَّا ٱلْإِنسَـٰنُ إِذَا مَا ٱبْتَلَىٰهُ رَبُّهُۥ فَأَكْرَمَهُۥ وَنَعَّمَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّىٓ أَكْرَمَنِ ﴿١٥﴾

ئىنسان تەبىئىتى شۇنداق: يەنى رەببى ئۇنى سىناپ، ئەزىز قىلىپ، مال - دۇنيا، بالا - چاقا ۋە يۈز - ئابروي ئاتا قىلسا، ئىنسان بۇنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن: مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ھۆرمىتىگە لا يىق بولغىنىم ئۈچۈن پەۋەردىگارىم مېنى ھۆرمەتلىدى، دەيدۇ

وَأَمَّآ إِذَا مَا ٱبْتَلَىٰهُ فَقَدَرَ عَلَيْهِ رِزْقَهُۥ فَيَقُولُ رَبِّىٓ أَهَـٰنَنِ ﴿١٦﴾

ناۋادا ئۇنى سىناپ، رىزقىنى تار قىلىپ قويسا، بۇنى پەرۋەردىگارىنىڭ نەزىرىدىكى خارلىق دەپ ئويلاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن: پەرۋەردىگارىم مېنى خارلىدى، دەيدۇ

كَلَّا ۖ بَل لَّا تُكْرِمُونَ ٱلْيَتِيمَ ﴿١٧﴾

ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،، يەنى ئەمەلىي ئەھۋال بۇ ئىنسان خىيال قىلغاندەك، راھەت - پاراغەتكە ئېرىشىش ئاللاھنىڭ بەندىسىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ دەلىلى ئەمەس. بەلكى سىلەر ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزىقنىڭ بىر قىسمىنى يېتىملارغا بەرمەيسىلەر

وَلَا تَحَـٰٓضُّونَ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلْمِسْكِينِ ﴿١٨﴾

بىر - بىرىڭلارنى يېگۈدەك بىر نەرسە تاپالمايدىغان كەمبەغەللەرگە تائام بېرىشكە تەۋسىيە قىلىشمايسىلەر. م

وَتَأْكُلُونَ ٱلتُّرَاثَ أَكْلًۭا لَّمًّۭا ﴿١٩﴾

بىچارە ئاياللار ۋە يېتىملەرنىڭ ھەقلىرىنى سىلەرگە ھالال بولۇش - بولماسلىقىغا قارىماي ھە دەپ يەيسىلەر. بەت ۲ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ب م

وَتُحِبُّونَ ٱلْمَالَ حُبًّۭا جَمًّۭا ﴿٢٠﴾

مال - دۇنيانى تولىمۇ ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئاللاھ يولىدا مال چىقىم قىلىشقا بېخىللىق قىلىسىلەر. ك ك

كَلَّآ إِذَا دُكَّتِ ٱلْأَرْضُ دَكًّۭا دَكًّۭا ﴿٢١﴾

بۇنداق قىلىش سىلەرگە راۋا بولمايدۇ. زېمىن ئارقىمۇ-ئارقا قاتتىق تەۋرىتىلگەن چاغدا. ف ف

وَجَآءَ رَبُّكَ وَٱلْمَلَكُ صَفًّۭا صَفًّۭا ﴿٢٢﴾

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن، پەرىشتىلەرمۇ سەپ - سەپ بولۇپ تىزىلغان چاغدا

وَجِا۟ىٓءَ يَوْمَئِذٍۭ بِجَهَنَّمَ ۚ يَوْمَئِذٍۢ يَتَذَكَّرُ ٱلْإِنسَـٰنُ وَأَنَّىٰ لَهُ ٱلذِّكْرَىٰ ﴿٢٣﴾

ئۇ كۈندە جەھەننەم كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ يەتمىش مىڭ ھالقىسى بار بولۇپ، ھەر بىر ھالقىنى يەتمىش مىڭ پەرىشتە تۇتۇپ، سۆرەپ ماڭىدۇ. ئۇ كۈندە ئىنسان سەلقارىغان ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ. لېكىن ئۇ كۈنكى ئەسلەشنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟ چۈنكى ئۇ ئەمەل كۈنى ئەمەس، بەلكى دۇنيادا قىلغاننىڭ جازا - مۇكاپاتىنى كۆرىدىغان كۈندۇر. يقول يليتنى قدمت لحياتى

يَقُولُ يَـٰلَيْتَنِى قَدَّمْتُ لِحَيَاتِى ﴿٢٤﴾

ئىنسان قاتتىق پۇشايماندىن: كاشكى ھەقىقىي ھايات بولغان ئاخىرەت ھاياتىغا ئەسقاتىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسامچۇ؟ دەيدۇ. فيومئذ لا يعذب عذابه أحد

فَيَوْمَئِذٍۢ لَّا يُعَذِّبُ عَذَابَهُۥٓ أَحَدٌۭ ﴿٢٥﴾

ئۇ كۈندە ھېچكىم ئاللاھ ئازابلىغانغا ئوخشاش ئازابلىيالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئازابى ئەڭ قاتتىق ۋە داۋاملىقتۇر. ولا يوثق وثاقه أحد

وَلَا يُوثِقُ وَثَاقَهُۥٓ أَحَدٌۭ ﴿٢٦﴾

ھېچكىم ئاللاھ كاپىرلارنى باغلىغانغا ئوخشاش زەنجىرلەردە باغلىيالمايدۇ

يَـٰٓأَيَّتُهَا ٱلنَّفْسُ ٱلْمُطْمَئِنَّةُ ﴿٢٧﴾

مۇئمىنگە جېنى ئېلىنىدىغان چاغدا ۋە قىيامەت كۈنى مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەي ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئارام تاپقۇچى جان!

ٱرْجِعِىٓ إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةًۭ مَّرْضِيَّةًۭ ﴿٢٨﴾

ئېرىشكەن مول مۇكاپاتلاردىن مەمنۇن بولغان، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭ ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا رازىلىققا ئېرىشكەن ھالدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقىن

فَٱدْخُلِى فِى عِبَـٰدِى ﴿٢٩﴾

مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىمنىڭ سىپىگە قوشۇلغىن. بەت ۳ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَٱدْخُلِى جَنَّتِى ﴿٣٠﴾

ئۇلار بىلەن بىرگە مەن ئۇلارغا تەييارلىغان جەننىتىمگە كىرگىن. بەت ۴ دىن ۴ moc.hgelp

ئۆگىنىش · الفجر — Al-Fajr

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل