باش بەتتەپسىرالغاشية (88)

تەپسىر الغاشية — Al-Ghaashiya (88)

مەككىلىك · 26 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

هَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلْغَـٰشِيَةِ ﴿١﴾

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا قورقۇنچلۇق ھالەتلىرى ئىنسانلارنى تەرەپ - تەرەپتىن قورشىۋالغان قىيامەتنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ وجوه يومئ ذ خشعة

وُجُوهٌۭ يَوْمَئِذٍ خَـٰشِعَةٌ ﴿٢﴾

قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلار يا بەدبەخت بولىدۇ يا بەختلىك بولىدۇ. بەدبەختلەرنىڭ چىرايلىرى ناھايىتى بىچارە، خار بولىدۇ. عاملة ن اصبة

عَامِلَةٌۭ نَّاصِبَةٌۭ ﴿٣﴾

بەدبەختلەر سۆرىلىپ تۇرىدىغان زەنجىرلەر ۋە باغلىنىدىغان كىشەنلەر سەۋەبىدىن چارچاپ ھالىدىن كەتكۈچىلەردۇر. تص ل نارا حامية

تَصْلَىٰ نَارًا حَامِيَةًۭ ﴿٤﴾

ئاشۇ ئادەملەر ھارارىتى قاتتىق بولغان قىززىق ئوتقا كىرىدۇ. تسق من عين ءانية

تُسْقَىٰ مِنْ عَيْنٍ ءَانِيَةٍۢ ﴿٥﴾

تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇلاقنىڭ سۈيىدىن سۇغىرىلىدۇ. ليس لهم طعام إل امن ضريع

لَّيْسَ لَهُمْ طَعَامٌ إِلَّا مِن ضَرِيعٍۢ ﴿٦﴾

ئۇلار غىزالىنىدىغانغا شىبرىق دەپ ئاتىلىدىغان، قۇرۇغاندا زەھەرگە ئايلىنىدىغان ئەڭ نىجىس، ئەڭ سېسىق بىر خىل ئۆسۈملۈكتىن باشقا ھېچقاندا يېمەكلىك بولمايدۇ. ل ايسمن ولا يغنى من جوع

لَّا يُسْمِنُ وَلَا يُغْنِى مِن جُوعٍۢ ﴿٧﴾

ئۇ ئۆسۈملۈك يېگۈچىنى يا سەمرىتمەيدۇ، يا ئاچلىقىنى پەسەيتمەيدۇ. وجوه يومئ ذ ن اعمة

وُجُوهٌۭ يَوْمَئِذٍۢ نَّاعِمَةٌۭ ﴿٨﴾

ئۇ كۈندە نۇرغۇن بەختلىك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھۇزۇر - ھالاۋەت ۋە شاد - خۇراملىققا چۆمىدۇ. لسعيها راضية

لِّسَعْيِهَا رَاضِيَةٌۭ ﴿٩﴾

ئۇلار دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن مەمنۇن بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنىڭ ھەسسىلىنىپ ساقلانغانلىقىنى بىلىدۇ. بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر فى جنة عالية

فِى جَنَّةٍ عَالِيَةٍۢ ﴿١٠﴾

ئالى ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان جەننەتتە بولىدۇ. ل اتسمع فيها لغية

لَّا تَسْمَعُ فِيهَا لَـٰغِيَةًۭ ﴿١١﴾

جەننەتتە چەكلەنگەن سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئاساسسىز، بىكار گەپمۇ ئاڭلىمايدۇ. فيها عين جارية

فِيهَا عَيْنٌۭ جَارِيَةٌۭ ﴿١٢﴾

بۇ جەننەتتە سۇلىرى ئېتىلىپ چىقىپ، داۋاملىق ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بار بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆزلىرى خالىغىنىچە بەھرىمەن بولىدۇ. فيها سرر م رفوعة

فِيهَا سُرُرٌۭ مَّرْفُوعَةٌۭ ﴿١٣﴾

ئۇ جەننەتتە ئېگىز كارىۋاتلار بار. وأ ك واب م وضوعة

وَأَكْوَابٌۭ مَّوْضُوعَةٌۭ ﴿١٤﴾

ئىچىملىك ئۈچۈن قاتار تىزىلغان قەدەھلەر بار. ونمارق مص فوفة

وَنَمَارِقُ مَصْفُوفَةٌۭ ﴿١٥﴾

يانمۇيان، رەتلىك تىزىلغان ياستۇقلار بار. وزرابى مبثوثة

وَزَرَابِىُّ مَبْثُوثَةٌ ﴿١٦﴾

ھەممە يەردە سېلىنغان بىساتلار بار

أَفَلَا يَنظُرُونَ إِلَى ٱلْإِبِلِ كَيْفَ خُلِقَتْ ﴿١٧﴾

ئۇلار ئاللاھنىڭ تۆگىنى قانداق ياراتقانلىقىغا ۋە ئۇنى ئادەمزاتقا بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىگە تەپەككۇر نەزىرى بىلەن قارىمامدۇ؟

وَإِلَى ٱلسَّمَآءِ كَيْفَ رُفِعَتْ ﴿١٨﴾

ئۇلار ئاسماننىڭ قانداق ئېگىز بىنا قىلىنغانلىقىغا قارىمامدۇكى، ئاسمان ئۇلارنىڭ ئۈستىدە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلانغان بىر ئۆگزە ھالىتىدە بولدى. بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَإِلَى ٱلْجِبَالِ كَيْفَ نُصِبَتْ ﴿١٩﴾

تاغلارنىڭ قانداق تىكلىنىپ، زېمىننىڭ ئىنسانلارنى تەۋرىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن شۇ تاغلار ئارقىلىق قانداق مۇقىملاشتۇرۇلغانلىقىغا قارىمامدۇ؟

وَإِلَى ٱلْأَرْضِ كَيْفَ سُطِحَتْ ﴿٢٠﴾

زېمىننىڭ قانداق يېيىلغانلىقىغا ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدە يەرلىشىشى ئۈچۈن قانداق تەييارلانغانلىقىغا قارىمامدۇ؟

فَذَكِّرْ إِنَّمَآ أَنتَ مُذَكِّرٌۭ ﴿٢١﴾

ئەي پەيغەمبەر! بۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلغىن، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتقىن. سەن پەقەت ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىسەن. سەندىن پەقەت ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشتىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇلارنى ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلىش ئىشىغا كەلسەك، بۇ ئىش يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. لست عليهم بمصيطر

لَّسْتَ عَلَيْهِم بِمُصَيْطِرٍ ﴿٢٢﴾

سەن ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلاشقا مەسئۇل ئەمەسسەن. إل امن تولى وكفر

إِلَّا مَن تَوَلَّىٰ وَكَفَرَ ﴿٢٣﴾

لېكىن ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كاپىر بولغان ئادەمگە كەلسەك،

فَيُعَذِّبُهُ ٱللَّهُ ٱلْعَذَابَ ٱلْأَكْبَرَ ﴿٢٤﴾

ئاللاھ قىيامەت كۈنى بۇنداق ئادەمنى جەھەننەمگە مەڭگۈلۈك مەھكۇم قىلىش ئارقىلىق ئەڭ قاتتىق ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ

إِنَّ إِلَيْنَآ إِيَابَهُمْ ﴿٢٥﴾

ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ. ثم إن علينا حسابهم

ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا حِسَابَهُم ﴿٢٦﴾

ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىش پەقەت بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر، سېنىڭ ياكى قانداقتۇر باشقا بىرىنىڭ بۇنداق ھوقۇقى بولمايدۇ. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp

ئۆگىنىش · الغاشية — Al-Ghaashiya

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل