باش بەتتەپسىرالأعلى (87)

تەپسىر الأعلى — Al-A'laa (87)

مەككىلىك · 19 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

سَبِّحِ ٱسْمَ رَبِّكَ ٱلْأَعْلَى ﴿١﴾

پۈتكۈل مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن بولغان پەرۋەردىگارىڭنى زىكرى قىلغان ۋە ئۇلۇغلىغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ تەسبىھ ئېيتقىن

ٱلَّذِى خَلَقَ فَسَوَّىٰ ﴿٢﴾

ئۇ ئىنساننى بېجىرىم شەكىلدە ياراتتى ۋە قامىتىنى راۋرۇس قىلدى

وَٱلَّذِى قَدَّرَ فَهَدَىٰ ﴿٣﴾

ئۇ پۈتكۈل خالايىقنىڭ جىنسلىرىنى، تۈرلىرىنى ۋە سۈپەتلىرىنى بېكىتتى ھەمدە ھەر قانداق مەخلۇقنى ئۆزىگە مۇناسىپ ۋە ماس تەرەپكە يېتەكلىدى

وَٱلَّذِىٓ أَخْرَجَ ٱلْمَرْعَىٰ ﴿٤﴾

ئۇ زېمىندىن چارىپايلىرىڭلارنى باقىدىغان ئوت - چۆپلەرنى چىقاردى

فَجَعَلَهُۥ غُثَآءً أَحْوَىٰ ﴿٥﴾

ئاندىن ئۇ ئوت - چۆپلەر ھۆل ياشىرىپ بولغاندىن كېيىن قارامتۇل قۇرۇق ئوت - خەسكە ئايلاندۇردى

سَنُقْرِئُكَ فَلَا تَنسَىٰٓ ﴿٦﴾

ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ، قەلبىڭگە توپلاپ بېرىمىز، ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسەن. شۇڭ سەن ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قىلغىنىڭدەك، جىبرىئىل بىلەن تەڭ ئوقۇمىغىن

إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُ ۚ إِنَّهُۥ يَعْلَمُ ٱلْجَهْرَ وَمَا يَخْفَىٰ ﴿٧﴾

لېكىن ئاللاھ بىرەر ھېكمەت تۈپەيلىدىن سېنىڭ ئۇنتۇپ قېلىشىڭنى خالىغان ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قالىسەن. شەكسىزكى ئاللاھ بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ئاشكارىنى ۋە مەخپىينى بىلىدۇ، بۇ ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ونيسرك لليسر

وَنُيَسِّرُكَ لِلْيُسْرَىٰ ﴿٨﴾

بىز ساڭا جەننەتكە كىرىشكە ۋەسىلە بولىدىغان ئەمەللەردىن ئاللاھ رازى بولىدىغانلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىمىز

فَذَكِّرْ إِن نَّفَعَتِ ٱلذِّكْرَىٰ ﴿٩﴾

بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئان ئارقىلىق كىشىلەرگە نەسىھەت قىلغىن، ئۇلار ۋەز - نەسىھەتكە قۇلاقلا سالىدىكەن، ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن. سيذك ر من يخش

سَيَذَّكَّرُ مَن يَخْشَىٰ ﴿١٠﴾

سېنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرىڭنى ئاللاھتىن قورقىدىغان ئادەم قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋەز - نەسىھەتتىن مەنپەئەت ئالىدۇ

وَيَتَجَنَّبُهَا ٱلْأَشْقَى ﴿١١﴾

كاپىر ۋەز - نەسىھەتتىن يىراق تۇرىدۇ ۋە قاچىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاخىرەتتە دوزاخقا كىرىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ بەدبەخت ئىنساندۇر

ٱلَّذِى يَصْلَى ٱلنَّارَ ٱلْكُبْرَىٰ ﴿١٢﴾

ئاخىرەتتە ئۇلۇغ ئوتقا كىرىدىغان كىشى ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ ۋە مەڭگۈ ئازابىنى چېكىدۇ. ثم لا يموت فيها ولا يحي

ثُمَّ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ ﴿١٣﴾

ئاندىن ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈپ بىراقلا ئازابتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدۇ يا تۈزۈكرەك ياشىيالمايدۇ. قد أفلح من تزك

قَدْ أَفْلَحَ مَن تَزَكَّىٰ ﴿١٤﴾

شېرىكتىن ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن پاكلانغان ئادەم كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتتى. بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَذَكَرَ ٱسْمَ رَبِّهِۦ فَصَلَّىٰ ﴿١٥﴾

ئۇ پەرۋەردىگارى يولغا قويغان شەكىلدە ئۇنى زىكىر قىلاتتى ھەمدە نامازنى تەلەپكە لا يىق رەۋىشتە ئادا قىلاتتى

بَلْ تُؤْثِرُونَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا ﴿١٦﴾

بەلكى سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئالدىغا قويىسىلەر، ئۇنى ئاخىرەتتىن ئارتۇق كۆرىسىلەر، ھالبۇكى ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرقلەر بار

وَٱلْـَٔاخِرَةُ خَيْرٌۭ وَأَبْقَىٰٓ ﴿١٧﴾

ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ھەمدە ئۇنىڭدىكى مال - ماتا ۋە نازۇ-نېئمەتلەردىن كۆپ ياخشى ھەم ئارتۇقتۇر. چۈنكى ئاخىرەتتە قەتئىي ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر بار

إِنَّ هَـٰذَا لَفِى ٱلصُّحُفِ ٱلْأُولَىٰ ﴿١٨﴾

شەكسىزكى بىز سىلەرگە سۆزلەپ بەرگەن بۇ ئىشلار ۋە خەۋەرلەر قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان سەھىپىلەردۇر. ص حف إ برهيم وموس

صُحُفِ إِبْرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ ﴿١٩﴾

ئۇ بولسا ئىبراھىم ۋە مۇساغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەردۇر. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp

ئۆگىنىش · الأعلى — Al-A'laa

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل