وَٱلسَّمَآءِ وَٱلطَّارِقِ ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا ئاسمان بىلەن ۋە كېچىدە چىقىدىغان يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلدى
باش بەت›تەپسىر›الطارق (86)
مەككىلىك · 17 ئايەت
وَٱلسَّمَآءِ وَٱلطَّارِقِ ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا ئاسمان بىلەن ۋە كېچىدە چىقىدىغان يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلدى
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلطَّارِقُ ﴿٢﴾
ئەي پەيغەمبەر! بۇ كاتتا يۇلتۇزنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
ٱلنَّجْمُ ٱلثَّاقِبُ ﴿٣﴾
ئۇ ئۆتكۈر نۇرى بىلەن ئاسماننىمۇ تېشىۋېتىدىغان يۇلتۇزدۇر. إن كل نفس لم اعليها حافظ
إِن كُلُّ نَفْسٍۢ لَّمَّا عَلَيْهَا حَافِظٌۭ ﴿٤﴾
ھەر قانداق بىر جانغا ئاللاھ بىر پەرىشتىنى ۋەكىل قىلغان بولۇپ، ئۇ پەرىشتە قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى نازارەت قىلىدۇ
فَلْيَنظُرِ ٱلْإِنسَـٰنُ مِمَّ خُلِقَ ﴿٥﴾
ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە مەخلۇقنىڭ ئاجىزلىقىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۆزىنى نېمىدىن ياراتقانلىقى ھەققىدە ئويلانسۇن!
خُلِقَ مِن مَّآءٍۢ دَافِقٍۢ ﴿٦﴾
ئاللاھ ئىنساننى ئېتىلىپ چىقىپ، بالىياتقۇغا تۆكۈلىدىغان سۇدىن ياراتتى
يَخْرُجُ مِنۢ بَيْنِ ٱلصُّلْبِ وَٱلتَّرَآئِبِ ﴿٧﴾
بۇ سۇ ئەر كىشىنىڭ ئومۇرتقا سۆڭىكى بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر إ نه عل رجعه لقادر
إِنَّهُۥ عَلَىٰ رَجْعِهِۦ لَقَادِرٌۭ ﴿٨﴾
ئۆز ۋاقتىدا ئىنساننى ئاشۇ ئەرزىمەس سۇدىن ياراتقان ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر
يَوْمَ تُبْلَى ٱلسَّرَآئِرُ ﴿٩﴾
ئۇ كۈندە بارچە سىرلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئاندىن دىللارغا يوشۇرۇنغان نىيەتلەر، ئېتىقادلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق ئىشلار ئاشكارا بولۇپ، ياخشى ياماندىن ئايرىلىدۇ. فما له من قوة ولا ناصر
فَمَا لَهُۥ مِن قُوَّةٍۢ وَلَا نَاصِرٍۢ ﴿١٠﴾
ئۇ كۈندە ئىنساننى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالايدىغان ھېچبىر كۈچ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلەيدىغان ھېچبىر ياردەمچى بولمايدۇ
وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلرَّجْعِ ﴿١١﴾
ئاللاھ تائالا يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەم قىلدى. چۈنكى ئاللاھ شۇ بۇلۇت ئارقىلىق پات - پات يامغۇر ياغدۇرۇپ تۇرىدۇ. ع
وَٱلْأَرْضِ ذَاتِ ٱلصَّدْعِ ﴿١٢﴾
ئاللاھ ئۆسۈملۈكلەر، مېۋىلەر ۋە دەل - دەرەخلەر يېرىپ چىقىدىغان زېمىن بىلەن قەسەم قىلدى. إ نه لقول فص ل
إِنَّهُۥ لَقَوْلٌۭ فَصْلٌۭ ﴿١٣﴾
شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە ھەق بىلەن باتىلنىڭ، راست بىلەن يالغاننىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدىغان سۆزدۇر
وَمَا هُوَ بِٱلْهَزْلِ ﴿١٤﴾
ئۇ ئويۇن، چاقچاق ئەمەس، بەلكى چىن ھەقىقەتتۇر. بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر إ ن هم يكيدون كيدا
إِنَّهُمْ يَكِيدُونَ كَيْدًۭا ﴿١٥﴾
شەكسىزكى پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار پەيغەمبىرىنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلىش ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ سۇيىقەستلەرنى قىلىدۇ. وأ كيد كيدا
وَأَكِيدُ كَيْدًۭا ﴿١٦﴾
مەن دىننى غالىب قىلىش ھەمدە باتىلنى بەربات قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن
فَمَهِّلِ ٱلْكَـٰفِرِينَ أَمْهِلْهُمْ رُوَيْدًۢا ﴿١٧﴾
ئەي پەيغەمبەر! بۇ كاپىرلارغا مۆھلەت بەرگىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن، ئۇلارنىڭ ئازابى ۋە ھالاك قىلىنىشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس