باش بەتتەپسىرالبروج (85)

تەپسىر البروج — Al-Burooj (85)

مەككىلىك · 22 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلْبُرُوجِ ﴿١﴾

ئاللاھ تائالا قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سەييارىلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلدى

وَٱلْيَوْمِ ٱلْمَوْعُودِ ﴿٢﴾

پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى توپلايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلدى. وشاهد ومشهود

وَشَاهِدٍۢ وَمَشْهُودٍۢ ﴿٣﴾

ئۆز ئۈممىتىگە گۇۋاھچى بولىدىغان پەيغەمبەرگە ئوخشاش ھەر بىر گۇۋاھچى بىلەن، ئۆز پەيغەمبىرىگە گۇۋاھچى بولىدىغان ئۈممەتكە ئوخشاش ھەر بىر گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى بىلەن قەسەم قىلدى

قُتِلَ أَصْحَـٰبُ ٱلْأُخْدُودِ ﴿٤﴾

زېمىندا چوڭ خەندەكلەرنى كولىغانلارغا لەنەت بولسۇن!

ٱلنَّارِ ذَاتِ ٱلْوَقُودِ ﴿٥﴾

ئۇ ئورەكلەرگە ئوتلار يېقىلغان بولۇپ، ئۇلار مۇئمىنلەرنى تىرىك پېتى ئوت ئورەكلىرىگە تاشلايتتى. إذ هم عليها قعود

إِذْ هُمْ عَلَيْهَا قُعُودٌۭ ﴿٦﴾

ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئوتقا تولغان ئاشۇ ئورەكلەرگە (تاشلانغان مۇئمىنلەرنىڭ نالە - پەريادلىرىنى) تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇشاتتى

وَهُمْ عَلَىٰ مَا يَفْعَلُونَ بِٱلْمُؤْمِنِينَ شُهُودٌۭ ﴿٧﴾

ئۇلارمۇ نەخ مەيداندا بولغاچقا ئۆزلىرنىڭ مۇئمىنلەرگە قىلغان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشاتتى

وَمَا نَقَمُوا۟ مِنْهُمْ إِلَّآ أَن يُؤْمِنُوا۟ بِٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَمِيدِ ﴿٨﴾

بۇ كاپىرلار مۇئمىنلەرگە پەقەت ئۇلارنىڭ ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەر ئىشتا مەدھىيەگە لا يىق بولغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىشقان ئىدى. بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

ٱلَّذِى لَهُۥ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍۢ شَهِيدٌ ﴿٩﴾

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ

إِنَّ ٱلَّذِينَ فَتَنُوا۟ ٱلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا۟ فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ ٱلْحَرِيقِ ﴿١٠﴾

شەكسىزكى مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى يالغۇز ئاللاھقا بولغان ئىمانىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئوت بىلەن قىينىغان، ئاندىن كېيىن گۇناھلىرىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلمىغانلار قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ، ئۇلار دۇنيادا مۇئمىنلەرنى كۆيدۈرگەنلىكلىرىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە دوزاخنىڭ ئوتىمۇ ئۇلارنى كۆيدۈرىدۇ

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ لَهُمْ جَنَّـٰتٌۭ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ ۚ ذَٰلِكَ ٱلْفَوْزُ ٱلْكَبِيرُ ﴿١١﴾

شەكسىزكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا سارايلىرى ۋە دەرەخلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ مۇكاپات ھېچنېمە تەڭ كەلمەيدىغان كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر. إن بطش ربك لشديد

إِنَّ بَطْشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ ﴿١٢﴾

ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ زالىمغا -مەلۇم مەزگىل مۆھلەت بەرگەن تەقدىردىمۇ- ئۇنى جازالاشقا ئەلۋەتتە كۈچى يېتىدۇ. إ نه هو يبدئ ويعيد

إِنَّهُۥ هُوَ يُبْدِئُ وَيُعِيدُ ﴿١٣﴾

شەكسىزكى ئۇ يارىتىش ۋە ئازابنى دەسلەپتىمۇ يوقتىن بار قىلىدۇ ھەم قايتا قىلالايدۇ

وَهُوَ ٱلْغَفُورُ ٱلْوَدُودُ ﴿١٤﴾

ئۇ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شەكسىزكى ئۇ تەقۋادار دوستلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ

ذُو ٱلْعَرْشِ ٱلْمَجِيدُ ﴿١٥﴾

ئۇ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر. فعال لما يريد

فَعَّالٌۭ لِّمَا يُرِيدُ ﴿١٦﴾

ئۇ خالىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش، خالىغان كىشىنى جازالاشتىن ئىبارەت ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلغۇچىدۇر، ئۇنى مەجبۇرلىغۇچى يوقتۇر. بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

هَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ٱلْجُنُودِ ﴿١٧﴾

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا ھەقكە قارشى تۇرۇش ھەمدە باشقىلارنى ئۇنىڭدىن توسۇش ئۈچۈن توپلانغان لەشكەرلەرنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ فرعون وثمود

فِرْعَوْنَ وَثَمُودَ ﴿١٨﴾

يەنى پىرئەۋننىڭ ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان سەمۇدنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟

بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فِى تَكْذِيبٍۢ ﴿١٩﴾

بۇلارنىڭ ئىمان ئيېتىشىغا توسالغۇ بولغان نەرسە ئۇلارغا ئىنكارچى ئۈممەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھالاكىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېتىپ كەلمىگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى يالغانغا چىقىرىشىدۇ

وَٱللَّهُ مِن وَرَآئِهِم مُّحِيطٌۢ ﴿٢٠﴾

ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچنەرسە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. بل هوقرءان م جيد

بَلْ هُوَ قُرْءَانٌۭ مَّجِيدٌۭ ﴿٢١﴾

قۇرئان ئىنكارچىلار ئېيتقاندەك شېئىر ياكى قاپىيەلىك سۆز ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. فى لوح م حفوظ

فِى لَوْحٍۢ مَّحْفُوظٍۭ ﴿٢٢﴾

ئۆزگەرتىلىشتىن، بۇرمىلىنىشتىن، كەم - زىيادە قىلىنىشتىن ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp

ئۆگىنىش · البروج — Al-Burooj

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل