باش بەتتەپسىرالتكوير (81)

تەپسىر التكوير — At-Takwir (81)

مەككىلىك · 29 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

إِذَا ٱلشَّمْسُ كُوِّرَتْ ﴿١﴾

قۇياشنىڭ جىسمى يىغىلىپ، نۇرى ئۆچكەن چاغدا،

وَإِذَا ٱلنُّجُومُ ٱنكَدَرَتْ ﴿٢﴾

يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ، نۇرى ئۆچكەن چاغدا،

وَإِذَا ٱلْجِبَالُ سُيِّرَتْ ﴿٣﴾

تاغلار ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىلغان چاغدا،

وَإِذَا ٱلْعِشَارُ عُطِّلَتْ ﴿٤﴾

قىيامەت بولىدىغان ۋاقىتتا ئىگىلىرى ئالاھىدە پەخىر قىلىدىغان ئېسىل بوغاز تۆگىلەرمۇ سەل قارىلىپ تاشلىنىدۇ

وَإِذَا ٱلْوُحُوشُ حُشِرَتْ ﴿٥﴾

ياۋايى ھايۋانلار ئىنسانلار بىلەن بىر يەرگە توپلانغان چاغدا،

وَإِذَا ٱلْبِحَارُ سُجِّرَتْ ﴿٦﴾

دېڭىزلار ئوت بولۇپ يانغان چاغدا

وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتْ ﴿٧﴾

جانلار ئۆز قاياشلىرىغا قوشۇلۇپ، پاجىر پاجىر بىلەن، تەقۋادار تەقۋادار بىلەن بىر يەرگە كەلگەن چاغدا

وَإِذَا ٱلْمَوْءُۥدَةُ سُئِلَتْ ﴿٨﴾

بأى ذنب قتلت

بِأَىِّ ذَنۢبٍۢ قُتِلَتْ ﴿٩﴾

تىرىك پېتى كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن ئاللاھ: سېنى ئۆلتۈرگەنلەر قايسى گۇناھىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈردى؟ دەپ سورىغان چاغدا

وَإِذَا ٱلصُّحُفُ نُشِرَتْ ﴿١٠﴾

ھەر كىم ئۆزىنىڭ نامە - ئەمەللىرىنى ئوقۇسۇن ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ نامە - ئەمەل دەپتەرلىرى ئېچىلغان چاغدا. بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ كُشِطَتْ ﴿١١﴾

ئاسمان قوينىڭ تېرىسى سويۇلغاندەك سويۇپ ئېچىلغان چاغدا

وَإِذَا ٱلْجَحِيمُ سُعِّرَتْ ﴿١٢﴾

دوزاخقا ئوت يېقىلغان چاغدا

وَإِذَا ٱلْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ ﴿١٣﴾

جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا

عَلِمَتْ نَفْسٌۭ مَّآ أَحْضَرَتْ ﴿١٤﴾

مۇشۇ ئىشلار يۈز بەرگەن چاغدا ھەر كىم ئاشۇ كۈن ئۈچۈن ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى بىلىدۇ

فَلَآ أُقْسِمُ بِٱلْخُنَّسِ ﴿١٥﴾

ئاللاھ تائالا كېچىدە چىقىشتىن بۇرۇن يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلدى

ٱلْجَوَارِ ٱلْكُنَّسِ ﴿١٦﴾

ئۇلار تاڭ ئاتقان چاغدا خۇددى كېيىكلەر ئۇۋىلىرىغا كىرگىنىگە ئوخشاش غائىب بولىدىغان ئوربىتلىرىدا ماڭغۇچى يۇلتۇزلاردۇر

وَٱلَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ ﴿١٧﴾

كېلىش ئالدىدا تۇرغان كېچىنىڭ ئەۋۋىلى بىلەن، كېتىش ئالدىدا تۇرغان كېچىنىڭ ئاخىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن

وَٱلصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ ﴿١٨﴾

نۇر چېچىشقا باشلىغان تاڭ بىلەن قەسەم قىلىمەن. إ نه لقول رسول كريم

إِنَّهُۥ لَقَوْلُ رَسُولٍۢ كَرِيمٍۢ ﴿١٩﴾

شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامىدۇركى، ئۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنچلىك پەرىشتە جىبرىئىل يەتكۈزدى، ئۇنىڭغا ئاللاھمۇ ئىشەنچ قىلىدۇ

ذِى قُوَّةٍ عِندَ ذِى ٱلْعَرْشِ مَكِينٍۢ ﴿٢٠﴾

ئۇ كۈچلۈكتۇر، ئەرشنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مەرتىۋىگە ئىگىدۇر. بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر م طاع ثم أمين

مُّطَاعٍۢ ثَمَّ أَمِينٍۢ ﴿٢١﴾

ئاسماندىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ۋەھىي يەتكۈزۈشتە ئىشەنچلىكتۇر. وما صاحبكم بمج نون

وَمَا صَاحِبُكُم بِمَجْنُونٍۢ ﴿٢٢﴾

سىلەر ئەقللىقلىقىنى، ئامانەتچانلىقىنى ۋە راستچىللىقىنى بىلىدىغان ھەمراھىڭلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەر يالغاندىن بىلجىرلىغاندەك مەجنۇن ئەمەس

وَلَقَدْ رَءَاهُ بِٱلْأُفُقِ ٱلْمُبِينِ ﴿٢٣﴾

ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئەسلى يارىتىلغان قىياپىتىدە روشەن ئۇپۇقتا كۆردى

وَمَا هُوَ عَلَى ٱلْغَيْبِ بِضَنِينٍۢ ﴿٢٤﴾

ئۇ سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشكە بېخىللىق قىلىدىغان بېخىل ئەمەس ھەمدە كاھىنلارغا ئوخشاش ھەق ئالمايدۇ. وما هو بقول شيطن ر جيم

وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَـٰنٍۢ رَّجِيمٍۢ ﴿٢٥﴾

بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەس. فأ ين تذهبون

فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ ﴿٢٦﴾

مۇشۇنچىۋالا دەلىل - پاكىتلاردىن كېيىنمۇ يەنە قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن قايسى ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىسىلەر؟ إن هو إ ل اذكر للعلمين

إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌۭ لِّلْعَـٰلَمِينَ ﴿٢٧﴾

قۇرئان كەرىم پەقەت ئىنسانلار ۋە جىنلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە نېئمەتلىرىنى) ئەسلىتىش ھەم ۋەز - نەسىھەتتۇر

لِمَن شَآءَ مِنكُمْ أَن يَسْتَقِيمَ ﴿٢٨﴾

ئاراڭلاردىن كىمكى ھەق يولىدا مېڭىشنى خالىغانلار ئۈچۈن نەسىھەتتۇر

وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٢٩﴾

سىلەر مەيلى توغرا يولدا بولۇش، مەيلى باشقا ئىشلار بولسۇن، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ شۇنداق بولۇشىنى خالىغاندىلا ئاندىن سىلەر خالايسىلەر. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp

ئۆگىنىش · التكوير — At-Takwir

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل