باش بەتتەپسىرعبس (80)

تەپسىر عبس — Abasa (80)

مەككىلىك · 42 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

عَبَسَ وَتَوَلَّىٰٓ ﴿١﴾

پەيغەمبەر (ئەلەيھىسسالام) چىرايىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرۈۋالدى

أَن جَآءَهُ ٱلْأَعْمَىٰ ﴿٢﴾

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەما كىشى بولۇپ، ئۆزىگە توغرا يولنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ كاتتىلىرىنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئۈمىد قىلىپ شۇلار بىلەن مەشغۇل ئىدى

وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُۥ يَزَّكَّىٰٓ ﴿٣﴾

ئەي پەيغەمبەر! سەن نېمە بىلىسەن؟ بۇ ئەما كىشى گۇناھلىرىدىن پاكلىنىشى مۇمكىن

أَوْ يَذَّكَّرُ فَتَنفَعَهُ ٱلذِّكْرَىٰٓ ﴿٤﴾

ياكى سەندىن ئاڭلىغان ۋەز - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، مەنپەئەتلىنىپ قېلىشى مۇمكىن

أَمَّا مَنِ ٱسْتَغْنَىٰ ﴿٥﴾

مال - مۈلكىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىمان ئېيتىشتىن بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، فأنت له تصد

فَأَنتَ لَهُۥ تَصَدَّىٰ ﴿٦﴾

سەن ئۇنىڭغا بېرىلىپ، يۈزلىنىپ كېتىسەن، وما عليك أ ل ايز كى

وَمَا عَلَيْكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ ﴿٧﴾

ئۇ ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ گۇناھلىرىدىن پاكلانمىسا ساڭا نېمە زىيىنى بولاتتى؟

وَأَمَّا مَن جَآءَكَ يَسْعَىٰ ﴿٨﴾

وهو يخش

وَهُوَ يَخْشَىٰ ﴿٩﴾

ياخشىلىق ئىزدەپ، پەرۋەردىگارىدىن قورققان ھالدا قېشىڭغا كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، فأ نت عنه تله

فَأَنتَ عَنْهُ تَلَهَّىٰ ﴿١٠﴾

سەن بولساڭ مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنى دەپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسەن. بەت ۱ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

كَلَّآ إِنَّهَا تَذْكِرَةٌۭ ﴿١١﴾

ئەسلى ئىش بۇنداق ئەمەس، پەقەتلا ئۇ قوبۇل قىلىدىغان كىشىگە ۋەز - نەسىھەت ۋە ئەسلىتىشتۇر

فَمَن شَآءَ ذَكَرَهُۥ ﴿١٢﴾

ئاللاھ تائالادىن پەند - نەسىھەت قوبۇل قىلىشىنى خالىغان كىشى بۇ قۇرئاندىكى ئايەتلەردىن پەند -نەسىھەت ئالىدۇ. فى ص حف م كرمة

فِى صُحُفٍۢ مُّكَرَّمَةٍۢ ﴿١٣﴾

دېمەك بۇ قۇرئان پەرىشتىلەرنىڭ قېشىدىكى ئۇلۇغ سەھىپىلەرگە پۈتۈلگەندۇر. م رفوعة م طه رة

مَّرْفُوعَةٍۢ مُّطَهَّرَةٍۭ ﴿١٤﴾

ئۇ يۈكسەك مەرتىۋىگە كۆتۈرۈلگەن، كىر ۋە نىجاسەت يەتكۈزۈشكە بولمايدىغان پاك سەھىپىلەردۇر. بأ يدى سفرة

بِأَيْدِى سَفَرَةٍۢ ﴿١٥﴾

ئۇ پەرىشتىلەردىن تاللانغان ئەلچىلەرنىڭ قوللىرىدىدۇر. كرام بررة

كِرَامٍۭ بَرَرَةٍۢ ﴿١٦﴾

ئۇ ئەلچىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك، ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلىرى كۆپتۇر

قُتِلَ ٱلْإِنسَـٰنُ مَآ أَكْفَرَهُۥ ﴿١٧﴾

كاپىر ئىنسانغا لەنەت قىلىندى. ئۇنىڭ ئاللاھقا كاپىر بولۇشى نېمىدېگەن قەبىھ!. من أى شىء خلقه

مِنْ أَىِّ شَىْءٍ خَلَقَهُۥ ﴿١٨﴾

ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتىكى، يەر يۈزىدە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھقا كاپىر بولسۇن؟ من نطفة خلقه فقد ره

مِن نُّطْفَةٍ خَلَقَهُۥ فَقَدَّرَهُۥ ﴿١٩﴾

ئاللاھ ئۇنى ئەرزىمەس سۇدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنى (بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ) پەيدىن - پەي ياراتتى

ثُمَّ ٱلسَّبِيلَ يَسَّرَهُۥ ﴿٢٠﴾

مۇشۇ باسقۇچلاردىن كېيىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىقىش يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. بەت ۲ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ثم أماته فأقبره

ثُمَّ أَمَاتَهُۥ فَأَقْبَرَهُۥ ﴿٢١﴾

ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئۆمۈر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى ۋاپات تاپقۇزدى ھەمدە ئۇ تاكى قايتا تىرگۈزۈلگەنگە قەدەر قەبرىنى تۇرىدىغان جاي قىلدى

ثُمَّ إِذَا شَآءَ أَنشَرَهُۥ ﴿٢٢﴾

ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرگۈزىدۇ

كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَآ أَمَرَهُۥ ﴿٢٣﴾

ئەمەلىي ئەھۋال بۇ كاپىر گۇمان قىلغاندەك ئەمەسكى، ئۇ تېخىچە ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغىنى يوق، ئاللاھ ۋاجىب قىلغان پەرزلەرنى ئادا قىلغىنى يوق

فَلْيَنظُرِ ٱلْإِنسَـٰنُ إِلَىٰ طَعَامِهِۦٓ ﴿٢٤﴾

ئاللاھقا كاپىر بولغان ئىنسان ئۆزى يەۋاتقان يېمەكلىكنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىگە قاراپ باقسۇن!. ب

أَنَّا صَبَبْنَا ٱلْمَآءَ صَبًّۭا ﴿٢٥﴾

ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ئاسماندىن كۈچ بىلەن مول ياغقان يامغۇردىندۇر. ق

ثُمَّ شَقَقْنَا ٱلْأَرْضَ شَقًّۭا ﴿٢٦﴾

ئاندىن بىز زېمىننى ياردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەر يېرىپ چىقتى. ب فأنبتنا فيها ح ا

فَأَنۢبَتْنَا فِيهَا حَبًّۭا ﴿٢٧﴾

بىز زېمىندا بۇغداي، قوناق ۋە باشقا دانلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈردۇق. وعنبا وقض با

وَعِنَبًۭا وَقَضْبًۭا ﴿٢٨﴾

زېمىندا يەنە ئۈزۈم ھەمدە چارىپايلىرىڭلارغا يەم بولسۇن ئۈچۈن ئوتياشلارنى ئۆستۈردۇق. وزيتونا ونخلا

وَزَيْتُونًۭا وَنَخْلًۭا ﴿٢٩﴾

زەيتۇننى ۋە خورمىنى ئۆستۈردۇق

وَحَدَآئِقَ غُلْبًۭا ﴿٣٠﴾

دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. بەت ۳ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ب وفكهة وأ ا

وَفَـٰكِهَةًۭ وَأَبًّۭا ﴿٣١﴾

مېۋىلەرنى ھەمدە چارىپايلىرىڭلارنى ئوتلىتىدىغان ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. م تعا ل كم ولأنعمكم

مَّتَـٰعًۭا لَّكُمْ وَلِأَنْعَـٰمِكُمْ ﴿٣٢﴾

بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ۋە چارىپايلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر

فَإِذَا جَآءَتِ ٱلصَّآخَّةُ ﴿٣٣﴾

ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندىكى قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك قاتتىق ئاۋاز كەلگەن چاغدا

يَوْمَ يَفِرُّ ٱلْمَرْءُ مِنْ أَخِيهِ ﴿٣٤﴾

ئۇ كۈندە ئىنسان ئۆز قېرىندىشىدىن قاچىدۇ. وأ مه وأ بيه

وَأُمِّهِۦ وَأَبِيهِ ﴿٣٥﴾

ئانىسىدىنمۇ، ئاتىسىدىنمۇ قاچىدۇ. وصحبته وبنيه

وَصَـٰحِبَتِهِۦ وَبَنِيهِ ﴿٣٦﴾

خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ

لِكُلِّ ٱمْرِئٍۢ مِّنْهُمْ يَوْمَئِذٍۢ شَأْنٌۭ يُغْنِيهِ ﴿٣٧﴾

ئاشۇ كۈندىكى قايغۇنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھەر كىمنىڭ باشقىلارغا قاراشقا ئىمكانىيەت بەرمەيدىغان ھالى بولىدۇ. وجوه يومئ ذ م سفرة

وُجُوهٌۭ يَوْمَئِذٍۢ مُّسْفِرَةٌۭ ﴿٣٨﴾

ئۇ كۈندە بەختلىك كىشىلەرنىڭ يۈزلىرى (خۇشاللىقتىن) نۇرلۇق بولىدۇ. ضاحكة م ستبشرة

ضَاحِكَةٌۭ مُّسْتَبْشِرَةٌۭ ﴿٣٩﴾

ئاللاھ تەييارلىغان رەھمەتتىن خۇشال بولۇپ كۈلىدۇ. ووجوه يومئذ عليها غبرة

وَوُجُوهٌۭ يَوْمَئِذٍ عَلَيْهَا غَبَرَةٌۭ ﴿٤٠﴾

ئۇ كۈندە بەدبەختلەرنىڭ يۈزلىرى توپا - چاڭ بېسىپ كەتكەندەك بوپكېتىدۇ. بەت ۴ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ترهقها قترة

تَرْهَقُهَا قَتَرَةٌ ﴿٤١﴾

نۇرغۇن يۈزلەر قارىداپ كەتكەن بولىدۇ

أُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْكَفَرَةُ ٱلْفَجَرَةُ ﴿٤٢﴾

مۇشۇ ھالەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر كۇپۇرلۇق بىلەن گۇناھكارلىقنى بىللە قىلغان كىشىلەردۇر. بەت ۵ دىن ۵ moc.hgelp

ئۆگىنىش · عبس — Abasa

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل