وَٱلنَّـٰزِعَـٰتِ غَرْقًۭا ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ جېنىنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئالىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى
باش بەت›تەپسىر›النازعات (79)
مەككىلىك · 46 ئايەت
وَٱلنَّـٰزِعَـٰتِ غَرْقًۭا ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ جېنىنى ناھايىتى قوپاللىق بىلەن سىلكىپ ئالىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى
وَٱلنَّـٰشِطَـٰتِ نَشْطًۭا ﴿٢﴾
يەنە مۇئمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئاۋايلاپ، ئاستا ئالىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى
وَٱلسَّـٰبِحَـٰتِ سَبْحًۭا ﴿٣﴾
ئاسمان ۋە زېمىندىن ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تەخىرسىز ئېلىپ چۈشىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى
فَٱلسَّـٰبِقَـٰتِ سَبْقًۭا ﴿٤﴾
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ئالدىرايدىغان بىر قسىىم پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى
فَٱلْمُدَبِّرَٰتِ أَمْرًۭا ﴿٥﴾
بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغان پەرىشتىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلدى. ئاللاھ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بەندىلەرنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن چوقۇم قايتا تىرگۈزىدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى
يَوْمَ تَرْجُفُ ٱلرَّاجِفَةُ ﴿٦﴾
ئۇ كۈندە تۇنجى سۈر چېلىنىشى بىلەن تەڭ زېمىن تەۋرەپ كېتىدۇ
تَتْبَعُهَا ٱلرَّادِفَةُ ﴿٧﴾
ئارقىدىنلا ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنىدۇ. قلوب يومئذ واجفة
قُلُوبٌۭ يَوْمَئِذٍۢ وَاجِفَةٌ ﴿٨﴾
ئۇ كۈندە كاپىرلار ۋە پاسىقلارنىڭ دىللىرىنى قورقۇنچ باسىدۇ. أ بص رها خشعة
أَبْصَـٰرُهَا خَـٰشِعَةٌۭ ﴿٩﴾
بۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدىن بىچارىلىكنىڭ ئالامىتى چىقىپلا تۇرىدۇ
يَقُولُونَ أَءِنَّا لَمَرْدُودُونَ فِى ٱلْحَافِرَةِ ﴿١٠﴾
ئۇلار: بىز ئۆلگەندىن كېيىن قايتا ھاياتلىققا قايتامدۇق؟ بەت ۱ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر أءذا كنا عظما ن خرة
أَءِذَا كُنَّا عِظَـٰمًۭا نَّخِرَةًۭ ﴿١١﴾
بىز چىرىپ، كېرەكسىز سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە قايتامدۇق؟ دېيىشەتتى. قالوا تلك إ ذا كرة خاسرة
قَالُوا۟ تِلْكَ إِذًۭا كَرَّةٌ خَاسِرَةٌۭ ﴿١٢﴾
ئۇلار: ناۋادا بىز قايتىپ قالساق، ئۇ تولىمۇ زىيانلىق، ساھىبى ئالدانغان بىر قايتىش بولىدۇ، دېيىشەتتى. فإ ن ما هى زج رة وحدة
فَإِنَّمَا هِىَ زَجْرَةٌۭ وَٰحِدَةٌۭ ﴿١٣﴾
قايتا تىرگۈزۈش ئىشى ئىنتايىن قولاي بولۇپ، ئۇ پەقەت سۈر چېلىشقا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتە تەرەپتىن كېلىدىغان بىرلا ئاۋازدۇر
فَإِذَا هُم بِٱلسَّاهِرَةِ ﴿١٤﴾
بۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار زېمىننىڭ قاتلاملىرىدىكى ئۆلۈك ھالىتىدىن كېيىن تىرىكلەرگە ئايلىنىدۇ
هَلْ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ ﴿١٥﴾
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا مۇسانىڭ پەرۋەردىگارى ھەمدە دۈشمىنى پىرئەۋن بىلەن بولغان ۋەقەلىكىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
إِذْ نَادَىٰهُ رَبُّهُۥ بِٱلْوَادِ ٱلْمُقَدَّسِ طُوًى ﴿١٦﴾
ئۆز ۋاقىتدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا تۇۋا ناملىق پاك بىر ۋادىدا نىدا قىلدى
ٱذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ ﴿١٧﴾
ئاللاھ تائالا مۇساغا ئېيتتى: پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ زۇلۇم ۋە كۆرەڭلەشتە ھەددىدىن تولىمۇ ئاشتى
فَقُلْ هَل لَّكَ إِلَىٰٓ أَن تَزَكَّىٰ ﴿١٨﴾
ئۇنىڭغا: - ئەي پىرئەۋن!- كۇپرى ۋە گۇناھلاردىن پاك بولۇشنى خالامسەن؟ وأهديك إ لى ربك فتخ ش
وَأَهْدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخْشَىٰ ﴿١٩﴾
سېنى ياراتقان ۋە پەرۋىش قىلغان پەرۋەردىگارىڭنى تونۇشقا يېتەكلەيمەن، (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن، ئاندىن ئۇنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىسەن، ئۇنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىسەن، دېگىن
فَأَرَىٰهُ ٱلْـَٔايَةَ ٱلْكُبْرَىٰ ﴿٢٠﴾
مۇسا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى، ئۇ بولسا قول ۋە ھاسا ئىدى. بەت ۲ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر فكذ ب وعص
فَكَذَّبَ وَعَصَىٰ ﴿٢١﴾
پىرئەۋننىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى پەقەت بۇ مۆجىزىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىش بولدى. ثم أ دبر يسعى
ثُمَّ أَدْبَرَ يَسْعَىٰ ﴿٢٢﴾
ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن توغرا دىنغا ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ۋە ھەقكە قارشى تۇرۇشتا بوشاشمىدى. فحشر فناد
فَحَشَرَ فَنَادَىٰ ﴿٢٣﴾
پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا غالىب كېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە قەۋمىنى توپلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
فَقَالَ أَنَا۠ رَبُّكُمُ ٱلْأَعْلَىٰ ﴿٢٤﴾
مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن، شۇڭا سىلەر مەندىن باشقا بىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار بولمايدۇ
فَأَخَذَهُ ٱللَّهُ نَكَالَ ٱلْـَٔاخِرَةِ وَٱلْأُولَىٰٓ ﴿٢٥﴾
ئاللاھ ئۇنى دۇنيادا دېڭىزغا غەرق قىلىۋېتىش ئارقىلىق، ئاخىرەتتە بولسا ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىش ئارقىلىق جازالىدى
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَعِبْرَةًۭ لِّمَن يَخْشَىٰٓ ﴿٢٦﴾
شەكسىزكى بىز پىرئەۋنگە بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەرگەن جازايىمىزدا ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت بار. دېمەك بۇنداق ئادەم پەند - نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلىدۇ
ءَأَنتُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمِ ٱلسَّمَآءُ ۚ بَنَىٰهَا ﴿٢٧﴾
ئەي ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار! ئاللاھقا سىلەرنى يوقتىن بار قىلىش قىيىنمۇ ياكى ئاسماننى بەرپا قىلىشمۇ؟ رفع سمكها فسوىها
رَفَعَ سَمْكَهَا فَسَوَّىٰهَا ﴿٢٨﴾
ئاللاھ ئاسماننىڭ ئالامىتىنى ئۇنىڭ تولىمۇ يۈكسەكلىكىدە قىلدى. ئاندىن ئۇنى چەك كەتمىگەن، يېرىلىپ كەتمىگەن، ئەيىبسىز ھالەتتە تەكشى قىلدى. وأغطش ليلها وأخرج ض حىها
وَأَغْطَشَ لَيْلَهَا وَأَخْرَجَ ضُحَىٰهَا ﴿٢٩﴾
ئاسماننىڭ قۇياشى پاتقاندا ئۇنىڭ كېچىسىنى قاراڭغۇ قىلدى، ئەتىگىنى پارلىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ نۇرىنى ئاشكارا قىلدى
وَٱلْأَرْضَ بَعْدَ ذَٰلِكَ دَحَىٰهَآ ﴿٣٠﴾
ئاللاھ ئاسماننى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن زېمىننى يايدى ھەمدە ئۇنىڭدا تۈرلۈك مەنپەئەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. بەت ۳ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
أَخْرَجَ مِنْهَا مَآءَهَا وَمَرْعَىٰهَا ﴿٣١﴾
ئۇنىڭدىن سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى چىقاردى، چارىپايلار يايلايدىغان ئوت - چۆپلەرنى ئۆستۈردى
وَٱلْجِبَالَ أَرْسَىٰهَا ﴿٣٢﴾
تاغلارنى زېمىن ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلدى. متعا ل كم ولأنعمكم
مَتَـٰعًۭا لَّكُمْ وَلِأَنْعَـٰمِكُمْ ﴿٣٣﴾
ئەي ئىنسانلار! ئاشۇنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ ۋە چارىپايلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. مۇشۇلارنى ياراتقان زات ئۇلاردىن يېڭىدىن يارىتىشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ
فَإِذَا جَآءَتِ ٱلطَّآمَّةُ ٱلْكُبْرَىٰ ﴿٣٤﴾
ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغان چاغدا ھەممە نەرسىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ ۋە قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ
يَوْمَ يَتَذَكَّرُ ٱلْإِنسَـٰنُ مَا سَعَىٰ ﴿٣٥﴾
قىيامەت بولغاندا ئىنسان ئىلگىرى قىلغان پۈتۈن ياخشىلىق ۋە يامانلىقلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ
وَبُرِّزَتِ ٱلْجَحِيمُ لِمَن يَرَىٰ ﴿٣٦﴾
جەھەننەم كەلتۈرۈلۈپ، كۆزى كۆرىدىغان ئادەملەرگە ئوپئوچۇق كۆرۈنىدۇ. فأم امن طغى
فَأَمَّا مَن طَغَىٰ ﴿٣٧﴾
ئازغۇنلۇقتا چەكتىن ئاشقان،
وَءَاثَرَ ٱلْحَيَوٰةَ ٱلدُّنْيَا ﴿٣٨﴾
ئۆتكۈنچى دۇنيا ھاياتىنى مەڭگۈلۈك ئاخىرەت ھاياتىدىن ئارتۇق كۆرگەن ئادەمگە كەلسەك،
فَإِنَّ ٱلْجَحِيمَ هِىَ ٱلْمَأْوَىٰ ﴿٣٩﴾
ئۇنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ
وَأَمَّا مَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ وَنَهَى ٱلنَّفْسَ عَنِ ٱلْهَوَىٰ ﴿٤٠﴾
فَإِنَّ ٱلْجَنَّةَ هِىَ ٱلْمَأْوَىٰ ﴿٤١﴾
پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتىن قورققان، نەپسىنى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە بېرىلىشتىن تىزگىنلىگەن ئادەمنىڭ بارار جايى جەننەت بولىدۇ. بەت ۴ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
يَسْـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلسَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَىٰهَا ﴿٤٢﴾
ئەي پەيغەمبەر! قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كاززاپلار سەندىن: قىيامەت قاچان بولىدۇ؟ دەپ سورىشىدۇ
فِيمَ أَنتَ مِن ذِكْرَىٰهَآ ﴿٤٣﴾
سېنىڭ ئۇنى دەپ بېرىدىغان ئىلمىڭ يوق، چۈنكى بۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئەمەس. سېنىڭ ئىشىڭ پەقەتلا شۇ كۈن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشتۇر
إِلَىٰ رَبِّكَ مُنتَهَىٰهَآ ﴿٤٤﴾
قىيامەتنىڭ ئىلمى يالغۇز پەرۋەردىگارىڭغا ئائىتتۇر
إِنَّمَآ أَنتَ مُنذِرُ مَن يَخْشَىٰهَا ﴿٤٥﴾
سەن پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، چۈنكى قورقىدىغان ئادەم سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇڭدىن پايدىلىنالايدۇ
كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَهَا لَمْ يَلْبَثُوٓا۟ إِلَّا عَشِيَّةً أَوْ ضُحَىٰهَا ﴿٤٦﴾
ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە گويا ئۆزلىرىنى دۇنيا ھاياتلىرىدا پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەكلا ئويلايدۇ. بەت ۵ دىن ۵ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس