باش بەتتەپسىرالنبأ (78)

تەپسىر النبأ — An-Naba (78)

مەككىلىك · 40 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

عَمَّ يَتَسَآءَلُونَ ﴿١﴾

ئۇ مۇشرىكلار، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەندىن كېيىن نېمە ھەققىدە سورىشىدۇ؟

عَنِ ٱلنَّبَإِ ٱلْعَظِيمِ ﴿٢﴾

ئۇلار بىر - بىرىدىن چوڭ بىر خەۋەر ھەققىدە سورىشىدۇ. ئۇ چوڭ خەۋەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان مۇشۇ قۇرئاننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدۇر

ٱلَّذِى هُمْ فِيهِ مُخْتَلِفُونَ ﴿٣﴾

بۇ قۇرئاننى ئۇلار سېھىر، شېئىر، رەمماللىق، ئىلگىرىكىلەردىن قالغان ئەپسانە دېگەندەك خىلمۇخىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتى. كلا سيعلمون

كَلَّا سَيَعْلَمُونَ ﴿٤﴾

ئەمەلىي ئەھۋال ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس. قۇرئاننى ئىنكار قىلغان بۇ كاززاپلار ئىنكارلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېچىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىدۇ. ثم كلا سيعلمون

ثُمَّ كَلَّا سَيَعْلَمُونَ ﴿٥﴾

كەلگۈسىدە بۇ ئىش ئۇلارغا ئېنىق بولىدۇ

أَلَمْ نَجْعَلِ ٱلْأَرْضَ مِهَـٰدًۭا ﴿٦﴾

بىز زېمىننى ئۇلار ئۈچۈن ياشىغىلى بولىدىغان بىسات قىلمىدۇقمۇ؟

وَٱلْجِبَالَ أَوْتَادًۭا ﴿٧﴾

تاغلارنى زېمىنىڭ تەۋرەپ كېتىشىدىن ساقلايدىغان قوزۇقنىڭ ئورنىدا قىلمىدۇقمۇ؟ وخلقنكم أ زوجا

وَخَلَقْنَـٰكُمْ أَزْوَٰجًۭا ﴿٨﴾

ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى تۈرلەر ھالىتىدە ياراتتۇقكى، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ بار. وجعلنا نومكم سباتا

وَجَعَلْنَا نَوْمَكُمْ سُبَاتًۭا ﴿٩﴾

ئۇيقۇڭلارنى ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئىش - پائالىيەتتىن ئۈزگۈچى قىلدۇق

وَجَعَلْنَا ٱلَّيْلَ لِبَاسًۭا ﴿١٠﴾

خۇددى لىباس ئەۋرەتلىرىڭلارنى ياپقىنىغا ئوخشاش، كېچىنى ئۆز قاراڭغۇلۇقى بىلەن سىلەرنى ياپىدىغان سۈترە قىلدۇق. بەت ۱ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَجَعَلْنَا ٱلنَّهَارَ مَعَاشًۭا ﴿١١﴾

كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىش ۋە رىزىق ئىزدەش مەيدانى قىلدۇق. وبنينا فوقكم سبعا شدادا

وَبَنَيْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعًۭا شِدَادًۭا ﴿١٢﴾

ئۈستۈ ڭلاردا قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم، پۇختا يەتتە قات ئاسماننى بىنا قىلدۇق. وجعلنا سراجا وهاجا

وَجَعَلْنَا سِرَاجًۭا وَهَّاجًۭا ﴿١٣﴾

قۇياشنى يورۇقى ۋە نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك چىراق قىلدۇق

وَأَنزَلْنَا مِنَ ٱلْمُعْصِرَٰتِ مَآءًۭ ثَجَّاجًۭا ﴿١٤﴾

ۋاقتى كەلگەندە بۇلۇتتىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق. ب لنخرج به ح اونباتا

لِّنُخْرِجَ بِهِۦ حَبًّۭا وَنَبَاتًۭا ﴿١٥﴾

بۇ، تۈرلۈك زىرائەتلەرنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىپ بېرىشىمىز ئۈچۈندۇر. وجنت ألفافا

وَجَنَّـٰتٍ أَلْفَافًا ﴿١٦﴾

بىز ئۇ ئارقىلىق دەل - دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرى بىر - بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن، ئىنتايىن بولۇق باغلارنى چىقىرىپ بېرىمىز

إِنَّ يَوْمَ ٱلْفَصْلِ كَانَ مِيقَـٰتًۭا ﴿١٧﴾

شەكسىزكى خالايىقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈن ۋاقتى ئېنىق بېكىتىلگەن بىر كۈندۇركى، ئۇنىڭدا قەتئىي كېچىكىپ قېلىش يوق

يَوْمَ يُنفَخُ فِى ٱلصُّورِ فَتَأْتُونَ أَفْوَاجًۭا ﴿١٨﴾

پەرىشتە ئىككىنچى قېتىم سۈرنى پۈۋلىگەن چاغدا -ئەي ئىنسانلار- سىلەر توپ - توپ بولۇپ كېلىسىلەر

وَفُتِحَتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتْ أَبْوَٰبًۭا ﴿١٩﴾

ئاسمان ئېچىلىپ، ئۇنىڭ ئوچۇق ئىشىكلەرگە ئوخشاش تۆشۈكلىرى بولىدۇ

وَسُيِّرَتِ ٱلْجِبَالُ فَكَانَتْ سَرَابًا ﴿٢٠﴾

تاغلار ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، نىھايەت ئۇچۇپ يۈرگەن توزانغا ئايلىنىپ، سەرابتەك بوپكېتىدۇ. بەت ۲ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر إ ن جهن م كانت مرصادا

إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتْ مِرْصَادًۭا ﴿٢١﴾

شەكسىزكى جەھەننەم (كاپىرلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ. للط غين مٔابا

لِّلطَّـٰغِينَ مَـَٔابًۭا ﴿٢٢﴾

جەھەننەم زالىملارنىڭ ئاخىرى قايتىدىغان جايىدۇر

لَّـٰبِثِينَ فِيهَآ أَحْقَابًۭا ﴿٢٣﴾

ئۇلار جەھەننەمدە چەكسىز ئۇزۇن زامان قالىدۇ. لا يذوقون فيها بردا ولا شرابا

لَّا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرْدًۭا وَلَا شَرَابًا ﴿٢٤﴾

ئۇلار جەھەننەمدە دوزاخ يالقۇنىنىڭ ھارارىتىنى سوۋۇتىدىغان سالقىن ھاۋاغا ئېرىشەلمەيدۇ، يەنە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىرەر ئىچىملىكنى تېتىيالمايدۇ. إ ل احميما وغس اقا

إِلَّا حَمِيمًۭا وَغَسَّاقًۭا ﴿٢٥﴾

ئۇلار پەقەت ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قايناق سۇ ۋە دوزىخىيلارنىڭ بەدەنلىرىدىن ئېچىقىپ چىقىدىقان قان - يېرىڭ ئارىلاشمىلىرىنىلا ئىچىدۇ

جَزَآءًۭ وِفَاقًا ﴿٢٦﴾

بۇ، ئۇلارنىڭ كۇپرىسى ۋە ئازغۇنلۇقلىرىغا مۇۋاپىق جازادۇر. إن هم كانوا لا يرجون حسابا

إِنَّهُمْ كَانُوا۟ لَا يَرْجُونَ حِسَابًۭا ﴿٢٧﴾

ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنىڭ قىيامەتتە ئۆزلىرىدىن ھېساب ئېلىشىدىن قورقمايتتى. چۈنكى ئۇلار قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەيتتى. ئەگەر ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشتىن قورققان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولاتتى. وكذ بوا بٔايتنا كذ ابا

وَكَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا كِذَّابًۭا ﴿٢٨﴾

ئۇلار يەنە بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلاتتى. وكل شىء أح ص ينهكتبا

وَكُلَّ شَىْءٍ أَحْصَيْنَـٰهُ كِتَـٰبًۭا ﴿٢٩﴾

بىز ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئەمىلىنى خاتىرلەپ، ساناپ تۇرغان ئىدۇق. يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەل دەپتەرلىرىگە پۈتۈلگەندۇر. فذوقوا فلن نزيدكم إ ل اعذابا

فَذُوقُوا۟ فَلَن نَّزِيدَكُمْ إِلَّا عَذَابًا ﴿٣٠﴾

ئەي زالىملار! بۇ ئۈزلۈكسىز ئازابنى تېتىڭلار. بىز سىلەرنىڭ ئازابىڭلارغا پەقەت ئازابنىلا قوشىمىز. بەت ۳ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر إن للمتقين مفازا

إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ مَفَازًا ﴿٣١﴾

پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۆزلىرى ئۈمىد قىلغان جەننەتكە ئېرىشىدۇ

حَدَآئِقَ وَأَعْنَـٰبًۭا ﴿٣٢﴾

ئۇ نېئمەتەلەر بوستانلىق ۋە ئۈزۈمزار باغلاردۇر. وكواعب أ ترابا

وَكَوَاعِبَ أَتْرَابًۭا ﴿٣٣﴾

كۆكسى كۆتۈرۈلگەن، تەڭتۇش قىزلاردۇر. وكأ سا دهاقا

وَكَأْسًۭا دِهَاقًۭا ﴿٣٤﴾

شاراپ تولدۇرۇلغان جاملاردۇر. لا يسمعون فيها لغوا ولا كذبا

لَّا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًۭا وَلَا كِذَّٰبًۭا ﴿٣٥﴾

ئۇلار جەننەتتە ھېچبىر بىكار گەپ ئاڭلىمايدۇ، يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار بىر - بىرىگە يالغان گەپ قىلمايدۇ

جَزَآءًۭ مِّن رَّبِّكَ عَطَآءً حِسَابًۭا ﴿٣٦﴾

مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ بەرگەن يېتەرلىك مۇكاپاتتۇر

رَّبِّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ٱلرَّحْمَـٰنِ ۖ لَا يَمْلِكُونَ مِنْهُ خِطَابًۭا ﴿٣٧﴾

ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ شەپقەتچىسىدۇركى، زېمىندىكى ياكى ئاسماندىكى ھەر كىم ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچبىر سوئال سورىيالمايدۇ. ف

يَوْمَ يَقُومُ ٱلرُّوحُ وَٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ صَفًّۭا ۖ لَّا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَقَالَ صَوَابًۭا ﴿٣٨﴾

ئۇ كۈندە جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ - سەپ بولۇپ تۇرىدۇ، شاپائەت قىلىش ھەققىدە ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلمىغان ۋە پەقەت تەۋھىد كەلىمىسىگە ئوخشاش توغرا سۆزنى دېمىگەن ھېچكىمنىڭ شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ

ذَٰلِكَ ٱلْيَوْمُ ٱلْحَقُّ ۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ مَـَٔابًا ﴿٣٩﴾

سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن ئاشۇ كۈن يۈز بېرىشىدە قىلچە شەك بولمىغان كۈندۇر. شۇڭا كىم شۇ كۈندە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى خالىسا، پەرۋەردىگارى رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلسۇن!

إِنَّآ أَنذَرْنَـٰكُمْ عَذَابًۭا قَرِيبًۭا يَوْمَ يَنظُرُ ٱلْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ ٱلْكَافِرُ يَـٰلَيْتَنِى كُنتُ تُرَٰبًۢا ﴿٤٠﴾

ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى بىز سىلەرنى يېقىندا يۈز بېرىدىغان ئازابتىن ئاگاھلاندۇردۇق. بۇ كۈندە ئىنسان دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارايدۇ ۋە كاپىر بولغان ئادەم ئازابتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىپ: كاشكى مەنمۇ قىيامەت كۈنى: تۇپراققا ئايلىنىپ كەت، دېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ قاتارىدا تۇپراققا ئايلىنىپ كەتسەمچۇ! دەيدۇ. بەت ۴ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر بەت ۵ دىن ۵ moc.hgelp

ئۆگىنىش · النبأ — An-Naba

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل