وَٱلْمُرْسَلَـٰتِ عُرْفًۭا ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا ئاتنىڭ يالىسىدەك توختىماي (لەرزان چىقىپ تۇرىدىغان) شاماللار بىلەن قەسەم قىلدى
باش بەت›تەپسىر›المرسلات (77)
مەككىلىك · 50 ئايەت
وَٱلْمُرْسَلَـٰتِ عُرْفًۭا ﴿١﴾
ئاللاھ تائالا ئاتنىڭ يالىسىدەك توختىماي (لەرزان چىقىپ تۇرىدىغان) شاماللار بىلەن قەسەم قىلدى
فَٱلْعَـٰصِفَـٰتِ عَصْفًۭا ﴿٢﴾
ھەممە نەرسىنى ئۇچۇرۇپ قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەم قىلدى
وَٱلنَّـٰشِرَٰتِ نَشْرًۭا ﴿٣﴾
يامغۇرنى تارىتىدىغان شاماللار بىلەن قەسەم قىلدى
فَٱلْفَـٰرِقَـٰتِ فَرْقًۭا ﴿٤﴾
ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن چۈشكەن پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى
فَٱلْمُلْقِيَـٰتِ ذِكْرًا ﴿٥﴾
عذرا أو نذرا
عُذْرًا أَوْ نُذْرًا ﴿٦﴾
ئاللاھ بەندىلەرگە ئۆزرە قالدۇرماسلىق ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي ئېلىپ چۈشىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلدى. إ نما توعدون لوقع
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَٰقِعٌۭ ﴿٧﴾
ھەقىقەتەن ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات قاتارلىق سىلەر ۋەدە قىلىنىۋاتقان ئىشلار شەكسىز يۈز بېرىدۇ
فَإِذَا ٱلنُّجُومُ طُمِسَتْ ﴿٨﴾
يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلۈپ، يورۇقلۇقى يوقالغان چاغدا،
وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ فُرِجَتْ ﴿٩﴾
،پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا
وَإِذَا ٱلْجِبَالُ نُسِفَتْ ﴿١٠﴾
تاغلار ئورۇنلىرىدىن يۇلۇنۇپ، تىتىلىپ توزانغا ئايلانغان چاغدا، بەت ۱ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَإِذَا ٱلرُّسُلُ أُقِّتَتْ ﴿١١﴾
پەيغەمبەرلەر بېكىتىلگەن ۋاقىت ئۈچۈن توپلانغان چاغدا، لأى يوم أجلت
لِأَىِّ يَوْمٍ أُجِّلَتْ ﴿١٢﴾
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگە گۇۋاھ بولۇشى ئۈچۈن كاتتا كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى
لِيَوْمِ ٱلْفَصْلِ ﴿١٣﴾
يەنى بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى. ئۇ كۈندە ھەقىقەت باتىلدىن، بەختلىك بەختسىزدىن ئايرىلىدۇ
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ ﴿١٤﴾
ئى پەيغەمبەر! ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ ويل يومئذ للمكذبين
وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿١٥﴾
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن
أَلَمْ نُهْلِكِ ٱلْأَوَّلِينَ ﴿١٦﴾
بىز ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟
ثُمَّ نُتْبِعُهُمُ ٱلْـَٔاخِرِينَ ﴿١٧﴾
ئاندىن كېيىنكىلەردىن ئۇلارغا ئەگەشكەن ئىنكارچىلارنىمۇ خۇددى ئاشۇلارنى ھالاك قىلغىنىمىزدەك ھالاك قىلدۇق
كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِٱلْمُجْرِمِينَ ﴿١٨﴾
مەزكۇر ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانغا ئوخشاش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى گۇناھكارلارنىمۇ ھالاك قىلىمىز. ويل يومئذ للمكذبين
وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿١٩﴾
ئۇ كۈندە ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ گۇناھكارلارنى ئازاب بىلەن تەھدىت سېلىشىنى ئىنكار قىلغانلارغا بولسۇن
أَلَمْ نَخْلُقكُّم مِّن مَّآءٍۢ مَّهِينٍۢ ﴿٢٠﴾
ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى مەنىيدىن ئىبارەت ئەرزىمەس سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟ بەت ۲ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر فجعلنه فى قرار م كين
فَجَعَلْنَـٰهُ فِى قَرَارٍۢ مَّكِينٍ ﴿٢١﴾
إ لى قدر م علوم
إِلَىٰ قَدَرٍۢ مَّعْلُومٍۢ ﴿٢٢﴾
ئاشۇ ئەرزىمەس سۇنى مەلۇم مۇددەتكىچە، يەنى ھامىلدارلىق مۇددىتىگىچە پۇختا ئورۇنغا، يەنى ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا ئورۇنلاشتۇردۇق
فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ ٱلْقَـٰدِرُونَ ﴿٢٣﴾
بوۋاقنىڭ قانداقلىقى، تەقدىرى، رەڭگى ۋە باشقا ئىشلارنى بەلگىلىدۇق. بىز ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىگە قادىر بولغۇچىلارمىز. ويل يومئذ للمكذبين
وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿٢٤﴾
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن
أَلَمْ نَجْعَلِ ٱلْأَرْضَ كِفَاتًا ﴿٢٥﴾
زېمىننى ئىنسانلارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟
أَحْيَآءًۭ وَأَمْوَٰتًۭا ﴿٢٦﴾
زېمىن ئۈستىدە ئولتۇراقلىشىپ، ئاۋات قىلىدىغان تىرىك ئىنسانلارنىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە دەپنە قىلىنغان ئۆلۈك ئىنسانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
وَجَعَلْنَا فِيهَا رَوَٰسِىَ شَـٰمِخَـٰتٍۢ وَأَسْقَيْنَـٰكُم مَّآءًۭ فُرَاتًۭا ﴿٢٧﴾
بىز زېمىندا مۇستەھكەم، يۈكسەك تاغلارنى ياراتتۇقكى، ئۇ تاغلار زېمىننى تەۋرەپ كېتىشتىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەي ئىنسانلار! بىز سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق. ئاشۇلارنى ياراتقان زات سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشتىن ئاجىز ئەمەس. ويل يومئذ للمكذبين
وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿٢٨﴾
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن
ٱنطَلِقُوٓا۟ إِلَىٰ مَا كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ ﴿٢٩﴾
پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا دېيىلىدۇكى، ئەي ئىنكارچىلار! سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان ئازاب تەرەپكە مېڭىڭلار
ٱنطَلِقُوٓا۟ إِلَىٰ ظِلٍّۢ ذِى ثَلَـٰثِ شُعَبٍۢ ﴿٣٠﴾
دوزاخنىڭ تۈتۈنلىرىدىن شەكىللەنگەن ئۈچ شاخلىق سايە تەرەپكە بېرىڭلار
لَّا ظَلِيلٍۢ وَلَا يُغْنِى مِنَ ٱللَّهَبِ ﴿٣١﴾
ئۇنىڭدا سايىنىڭ سالقىنلىقىمۇ يوق، دوزاخنىڭ يالقۇنى ۋە ھارارىتىنىڭ سىلەرگە كېلىشىنىمۇ توسالمايدۇ. بەت ۳ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
إِنَّهَا تَرْمِى بِشَرَرٍۢ كَٱلْقَصْرِ ﴿٣٢﴾
ھەقىقەتەن ئوت ئۇچقۇنلار چاچىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئۇچقۇن چوڭلۇقتا كاتتا ئوردىغا ئوخشايدۇ. كأنه جملت صفر
كَأَنَّهُۥ جِمَـٰلَتٌۭ صُفْرٌۭ ﴿٣٣﴾
گوياكى ئۇ چاچقان ئۇ ئۇچقۇنلار قارىلىقى ۋە چوڭلۇقىدا قارا تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ. ويل يومئذ للمكذبين
وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿٣٤﴾
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. هذا يوم لا ينطقون
هَـٰذَا يَوْمُ لَا يَنطِقُونَ ﴿٣٥﴾
بۇ كۈندە ئۇلار ھېچ نەرسىنى سۆزلىيەلمەيدۇ. ولا يؤذن لهم فيعتذرون
وَلَا يُؤْذَنُ لَهُمْ فَيَعْتَذِرُونَ ﴿٣٦﴾
ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە گۇناھلىرىنى ئاقلاپ پەرۋەردىگارىغا باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ويل يومئذ للمكذبين
وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿٣٧﴾
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن
هَـٰذَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ ۖ جَمَعْنَـٰكُمْ وَٱلْأَوَّلِينَ ﴿٣٨﴾
بۇ پۈتۈن خالايىقلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر. بىز سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى بىر تۈزلەڭلىككە يىغىمىز. فإن كان لكم كيد فكيدون
فَإِن كَانَ لَكُمْ كَيْدٌۭ فَكِيدُونِ ﴿٣٩﴾
ئەگەر سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشقا چارە - تەدبىرىڭلار بولسا، قېنى شۇ چارەڭلەرنى ئىشقا سېلىپ بېقىڭلار. ويل يومئذ للمكذبين
وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿٤٠﴾
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى ظِلَـٰلٍۢ وَعُيُونٍۢ ﴿٤١﴾
ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار جەننەتنىڭ بۈك - باراقسان دەرەخلىرىنىڭ سايىسىدا، ئېقىپ تۇرىدىغان تاتلىق سۇلۇق بۇلاقلارنىڭ بويىدا ياشايدۇ. بەت ۴ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر وفوكه مما يشتهون
وَفَوَٰكِهَ مِمَّا يَشْتَهُونَ ﴿٤٢﴾
ئۇلار كۆڭۈللىرى تارتقان مېۋىلەردىن يەيدۇ
كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ هَنِيٓـًٔۢا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ ﴿٤٣﴾
ئۇلارغا دېيىلىدۇكى، دۇنيادا قىلغان سالىھ ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن زىيانسىز بولغان پاك يېمەكلىكلەردىن يەڭلار، سىڭىشلىك شاراپلارنى ئىچىڭلار
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ ﴿٤٤﴾
ھەقىقەتەن بىز بارلىق ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنى سىلەرنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك مۇكاپاتلايمىز. ويل يومئذ للمكذبين
وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿٤٥﴾
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. كلوا وتمتعوا قليلا إ نكم م جرمون
كُلُوا۟ وَتَمَتَّعُوا۟ قَلِيلًا إِنَّكُم مُّجْرِمُونَ ﴿٤٦﴾
ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارغا دېيىلىدۇكى، سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا يەپ - ئىچىپ، دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋىتىنى سۈرۈڭلار. سىلەر ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق سەۋەبلىك گۇناھقا پاتتىڭلار. ويل يومئذ للمكذبين
وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿٤٧﴾
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق قىيامەت كۈنىدىكى جازانى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱرْكَعُوا۟ لَا يَرْكَعُونَ ﴿٤٨﴾
ناۋادا بۇ ئىنكارچىلارغا: ناماز ئوقۇڭلار دېيىلسە، ناماز ئوقۇمايدۇ. ويل يومئذ للمكذبين
وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿٤٩﴾
ئاشۇ كۈندىكى ھالاكەت، ئازاب ۋە زىيانكارلىق ھۆكۈم قىلىنىدىغان كۈننى ئىنكار قىلغۇچىلارغا بولسۇن. فبأى حديث بعده يؤمنون
فَبِأَىِّ حَدِيثٍۭ بَعْدَهُۥ يُؤْمِنُونَ ﴿٥٠﴾
ئۇلار پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە، ئۇنىڭدىن باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ بەت ۵ دىن ۵ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس