هَلْ أَتَىٰ عَلَى ٱلْإِنسَـٰنِ حِينٌۭ مِّنَ ٱلدَّهْرِ لَمْ يَكُن شَيْـًۭٔا مَّذْكُورًا ﴿١﴾
ئىنسان ئەسلىدە يوق بولۇپ، تىلغىمۇ ئېلىنمايدىغان ئۇزۇن بىر مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن
باش بەت›تەپسىر›الإنسان (76)
مەدىنىلىك · 31 ئايەت
هَلْ أَتَىٰ عَلَى ٱلْإِنسَـٰنِ حِينٌۭ مِّنَ ٱلدَّهْرِ لَمْ يَكُن شَيْـًۭٔا مَّذْكُورًا ﴿١﴾
ئىنسان ئەسلىدە يوق بولۇپ، تىلغىمۇ ئېلىنمايدىغان ئۇزۇن بىر مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن
إِنَّا خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ مِن نُّطْفَةٍ أَمْشَاجٍۢ نَّبْتَلِيهِ فَجَعَلْنَـٰهُ سَمِيعًۢا بَصِيرًا ﴿٢﴾
ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ئەر ۋە ئايالنىڭ ئارىلاشما مەنىيسىدىن ياراتتۇق. بىز ئۇنى بىر بۆلۈك ئەمەللەرنى يۈكلەش ئارقىلىق سىنايمىز. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا بىز يۈكلىگەن ئەمەللەرنى بەجا كەلتۈرسۇن دەپ قۇلاق، كۆز ئاتا قىلدۇق
إِنَّا هَدَيْنَـٰهُ ٱلسَّبِيلَ إِمَّا شَاكِرًۭا وَإِمَّا كَفُورًا ﴿٣﴾
ھەقىقەتەن بىز ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىرىمىزنىڭ تىلىغا ئارقىلىق توغرا يولنى كۆرسەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا گۇمراھلىق يولى روشەن بولدى. ئىنسان ئاشۇنىڭدىن كېيىن يا توغرا يولدا مېڭىپ، ئاللاھقا شۈكرى قىلغۇچى مۇئمىن بەندە بولىدۇ، ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىنكار قىلغۇچى كاپىر بەندە بولىدۇ
إِنَّآ أَعْتَدْنَا لِلْكَـٰفِرِينَ سَلَـٰسِلَا۟ وَأَغْلَـٰلًۭا وَسَعِيرًا ﴿٤﴾
ھەقىقەتەن بىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا زەنجىرلەرنى تەييارلىدۇق، ئۇلار شۇ زەنجىرلەر بىلەن دوزاخقا يالاپ ئاپىرىلىدۇ. يەنە (بويۇنلىرىغا) سېلىنىدىغان تاقاقلارنى ۋە يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق
إِنَّ ٱلْأَبْرَارَ يَشْرَبُونَ مِن كَأْسٍۢ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا ﴿٥﴾
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغۇچى مۇئمىنلەر قىيامەت كۈنى كاپۇر ئارىلاشتۇرۇلغان، خۇشبۇي شاراپلار تولدۇرۇلغان جاملاردىن (تۈرلۈك شاراپلارنى) ئىچىدۇ
عَيْنًۭا يَشْرَبُ بِهَا عِبَادُ ٱللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفْجِيرًۭا ﴿٦﴾
ئىتائەتمەنلەرگە تەييارلانغان بۇ شاراپ ئېلىشقا ناھايىتى قولاي بۇلاقلاردىن ئېقىپ چىقىدىغان بولۇپ، ناھايىتى كۆپ، سىڭىپ كەتمەيدۇ، ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرى ئۇنىڭدىن قېنىپ ئىچىدۇ، خالىغان يەرلەرگە ئېقىتىپ ئاپىرالايدۇ
يُوفُونَ بِٱلنَّذْرِ وَيَخَافُونَ يَوْمًۭا كَانَ شَرُّهُۥ مُسْتَطِيرًۭا ﴿٧﴾
بۇ شاراپلارنى ئىچىدىغان بەندىلەرنىڭ سۈپەتلىرى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان قىيامەت كۈنىدىن قورقىدۇ
وَيُطْعِمُونَ ٱلطَّعَامَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ مِسْكِينًۭا وَيَتِيمًۭا وَأَسِيرًا ﴿٨﴾
ئۇلار يېمەكلىكلەرنى ئۆزلىرى موھتاج ھەم كۆڭلى تارتىدىغان تۇرۇپمۇ يوقسۇللار، يېتىملەر ۋە ئەسىرلەردىن ئىبارەت موھتاجلارغا بېرىدۇ. بەت ۱ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ ٱللَّهِ لَا نُرِيدُ مِنكُمْ جَزَآءًۭ وَلَا شُكُورًا ﴿٩﴾
ئۇلار ئاجىز - مىسكىنلەرگە پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپلا تائام بېرىدىغانلىقىدىن كۆڭلىدە خۇرسەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار يوقسۇللارغا تائام بەرگەنلىكىگە قارىتا ئۇلاردىن مۇكاپات ۋە مەدھىيە كۈتمەيدۇ. إنا نخاف من ر بنا يوما عبوسا قمطريرا
إِنَّا نَخَافُ مِن رَّبِّنَا يَوْمًا عَبُوسًۭا قَمْطَرِيرًۭا ﴿١٠﴾
ھەقىقەتەن بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن كېلىدىغان بىر كۈندىن قورقىمىز. ئۇ كۈننىڭ دەھشىتى ۋە قورقۇنچىسىدىن بەختسىزلەرنىڭ يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ
فَوَقَىٰهُمُ ٱللَّهُ شَرَّ ذَٰلِكَ ٱلْيَوْمِ وَلَقَّىٰهُمْ نَضْرَةًۭ وَسُرُورًۭا ﴿١١﴾
ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز پەزلى بىلەن ئاشۇ بۈيۈك كۈننىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنى ئىززەتلەش ۋە خۇرسەن قىلىش يۈزىسىدىن يۈزلىرىگە نۇر ھەم گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. وجزىهم بما صبروا جنة وحريرا
وَجَزَىٰهُم بِمَا صَبَرُوا۟ جَنَّةًۭ وَحَرِيرًۭا ﴿١٢﴾
ئۇلار تائەت - ئىبادەتلەرگە چىدامچان بولغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا سەۋرچان بولغانلىقى، گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى راھەت - پاراغەتتە ياشايدىغان جەننەت ۋە يىپەك كىيىملەر بىلەن مۇكاپاتلايدۇ
مُّتَّكِـِٔينَ فِيهَا عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ ۖ لَا يَرَوْنَ فِيهَا شَمْسًۭا وَلَا زَمْهَرِيرًۭا ﴿١٣﴾
ئۇلار جەننەتتە چىرايلىق زىننەتلەنگەن تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇ جەننەتتە نە قۇياش نۇرىنىڭ، نە قاتتىق سوغۇقنىڭ بىئارام قىلغانلىقىنى كۆرمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار قىززىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس مۇقىم سايە ئاستىدا بولىدۇ. ودانيةعليهم ظللها وذللت قطوفها تذليلا
وَدَانِيَةً عَلَيْهِمْ ظِلَـٰلُهَا وَذُلِّلَتْ قُطُوفُهَا تَذْلِيلًۭا ﴿١٤﴾
جەننەت دەرەخلىرىنىڭ سايىلىرى ئۇلارغا يېقىن، مېۋىلىرىمۇ قولىنى سوزغان ئادەم ئالالايدىغان دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالماقچى بولغانلار يېنى ياتقان، ئولتۇرغان ۋە ئۈرە تۇرغان ھەر قانداق ھالەتتە ئاسانلا ئالالايدۇ. ويطاف عليهم بٔانية من فض ة وأكواب كانت قواريرا
وَيُطَافُ عَلَيْهِم بِـَٔانِيَةٍۢ مِّن فِضَّةٍۢ وَأَكْوَابٍۢ كَانَتْ قَوَارِيرَا۠ ﴿١٥﴾
قواريرامن فض ة قد روها تقديرا
قَوَارِيرَا۟ مِن فِضَّةٍۢ قَدَّرُوهَا تَقْدِيرًۭا ﴿١٦﴾
خىزمەتچىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا (تۈرلۈك يېمەكلىكلەر تىزىلغان) كۈمۈش قاچىلارنى ۋە مەي تولدۇرۇلغان شىشىدەك سۈزۈك جاملارنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ساقىلار ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا يارىشا، ئېشىپمۇ قالمايدىغان، كەملەپمۇ قالمايدىغان، ئۆلچەملىك ھالەتتە ئاپىرىدۇ. ويسقون فيها كأسا كان مزاجها زنجبيلا
وَيُسْقَوْنَ فِيهَا كَأْسًۭا كَانَ مِزَاجُهَا زَنجَبِيلًا ﴿١٧﴾
بۇ ھۆرمەتلىك بەندىلەرگە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان شاراپلار تولدۇرۇلغان جاملار سۇنۇلىدۇ. عينا فيها تسم سلسبيلا
عَيْنًۭا فِيهَا تُسَمَّىٰ سَلْسَبِيلًۭا ﴿١٨﴾
ئۇلار جەننەتتىكى سەلسەبىل دېيىلىدىغان بۇلاقتىن ئىچىدۇ. بەت ۲ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
۞ وَيَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَٰنٌۭ مُّخَلَّدُونَ إِذَا رَأَيْتَهُمْ حَسِبْتَهُمْ لُؤْلُؤًۭا مَّنثُورًۭا ﴿١٩﴾
جەننەتتە ئۇلارنى داۋاملىق ياش پېتى تۇرىدىغان غىلمانلار ئايلىنىپ يۈرۈپ خىزمىتىنى قىلىدۇ. ئۇلارنى كۆرگىنىڭدە چىرايلىرىنىڭ گۈزەللىكى، رەڭگىنىڭ كۆركەملىكى، سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ھەر يەردە پەرۋانە بولۇپ يۈرگەنلىكىدىن چېچىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن. وإذا رأيت ثم رأيت نعيما وملكا كبيرا
وَإِذَا رَأَيْتَ ثَمَّ رَأَيْتَ نَعِيمًۭا وَمُلْكًۭا كَبِيرًا ﴿٢٠﴾
قاچانكى جەننەتتىكى (راھەت - پاراغەت ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتلەرگە) قارايدىغان بولساڭ، تەسۋىرلىگۈسىز نازۇنېئمەتلەرنى ۋە ھېچبىر پادىشاھلىق تەڭلىشەلمەيدىغان شاھانە پادىشاھلىقنى كۆرىسەن
عَـٰلِيَهُمْ ثِيَابُ سُندُسٍ خُضْرٌۭ وَإِسْتَبْرَقٌۭ ۖ وَحُلُّوٓا۟ أَسَاوِرَ مِن فِضَّةٍۢ وَسَقَىٰهُمْ رَبُّهُمْ شَرَابًۭا طَهُورًا ﴿٢١﴾
ئۇلارنىڭ ئۇچىلىرىدا يۇمشاق يىپەكتىن ۋە قېلىن يىپەكتىن تەييارلانغان ناھايىتى ئېسىل، شاھانە كىيىملەر بولىدۇ. (بىلەكلىرىگە) كۈمۈش بىلەيزۈكلەرنى تاقايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن خالىي شاراپلارنى ئىلتىپات قىلىدۇ
إِنَّ هَـٰذَا كَانَ لَكُمْ جَزَآءًۭ وَكَانَ سَعْيُكُم مَّشْكُورًا ﴿٢٢﴾
ئۇلارغا ئىززەتلەش يۈزىسىدىن: شەكسىزكى سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ نازۇنېئمەتلەر سىلەرنىڭ سالىھ ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. ئەمەللىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولدى، دېيىلىدۇ
إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ ٱلْقُرْءَانَ تَنزِيلًۭا ﴿٢٣﴾
ئەي پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى ساڭا بىر قېتىمدىلا نازىل قىلمىدۇق
فَٱصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تُطِعْ مِنْهُمْ ءَاثِمًا أَوْ كَفُورًۭا ﴿٢٤﴾
ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يوليورۇقلىرىغا سەۋر قىلغىن، گۇناھقا چاقىرىدىغان ھېچبىر ئاسىيغا ۋە كۇپۇرلۇققا چاقىرىدىغان ھېچبىر كاپىرغا ئىتائەت قىلمىغىن
وَٱذْكُرِ ٱسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةًۭ وَأَصِيلًۭا ﴿٢٥﴾
ئەتىگەندە ئوقۇلىدىغان بامدات نامىزىنى، پىشىن نامىزىنى ۋە كەچتە ئوقۇلىدىغان ئەسىر نامازلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنى ياد ئەتكىن
وَمِنَ ٱلَّيْلِ فَٱسْجُدْ لَهُۥ وَسَبِّحْهُ لَيْلًۭا طَوِيلًا ﴿٢٦﴾
كېچىلىكتە ئوقۇلىدىغان شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى ئوقۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا تەھەججۈد نامازلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭنى ياد ئەتكىن
إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ يُحِبُّونَ ٱلْعَاجِلَةَ وَيَذَرُونَ وَرَآءَهُمْ يَوْمًۭا ثَقِيلًۭا ﴿٢٧﴾
ھەقىقەتەن بۇ مۇشرىكلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، دۇنياغا قاتتىق ھېرىسمەنلىكىدىن كەلگۈسىدىكى قىيامەت كۈنى بىلەن كارى بولمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئىنتايىن ئېغىر بىر كۈنكى، ئۇنىڭدا تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلەر بار. بەت ۳ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
نَّحْنُ خَلَقْنَـٰهُمْ وَشَدَدْنَآ أَسْرَهُمْ ۖ وَإِذَا شِئْنَا بَدَّلْنَآ أَمْثَـٰلَهُمْ تَبْدِيلًا ﴿٢٨﴾
بىز ئۇلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ بۇغۇملىرى، ھەر قايسى ئەزالىرى ۋە باشقا پۈتۈن بەدەن قۇرۇلمىلىرىنى مەزمۇت قىلدۇق. ناۋادا بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى كەلتۈرۈشنى خالىساق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشقا قادىرمىز
إِنَّ هَـٰذِهِۦ تَذْكِرَةٌۭ ۖ فَمَن شَآءَ ٱتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلًۭا ﴿٢٩﴾
ھەقىقەتەن بۇ سۈرە پەند - نەسىھەتتۇر. شۇڭا كىمكى رەببىنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان يول تۇتۇشنى خالىسا تۇتسۇن
وَمَا تَشَآءُونَ إِلَّآ أَن يَشَآءَ ٱللَّهُ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًۭا ﴿٣٠﴾
سىلەرنىڭ ئاللارنىڭ رازىلىقىغا يول ئېلىشنى خالىشىڭلار ئاللاھ سىلەردىن شۇنى خالىغاندىلا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. چۈنكى بارچە ئىش ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق، نېمىنىڭ پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە يوليورۇقلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر
يُدْخِلُ مَن يَشَآءُ فِى رَحْمَتِهِۦ ۚ وَٱلظَّـٰلِمِينَ أَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًۢا ﴿٣١﴾
ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رەھمىتىگە ئېلىپ، ئىمانغا ۋە سالىھ ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئاللاھ ئاخىرەتتە دەرتلىك ئازاب تەييارلىدى، ئۇ بولسا دوزاخ ئازابىدۇر. بەت ۴ دىن ۴ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس