باش بەتتەپسىرالانفطار (82)

تەپسىر الانفطار — Al-Infitaar (82)

مەككىلىك · 19 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنفَطَرَتْ ﴿١﴾

پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا

وَإِذَا ٱلْكَوَاكِبُ ٱنتَثَرَتْ ﴿٢﴾

يۇلتۇزلار چېچىلغان ھالەتتە تۆكۈلگەن چاغدا

وَإِذَا ٱلْبِحَارُ فُجِّرَتْ ﴿٣﴾

دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ، ئارىلىشىپ كەتكەن چاغدا

وَإِذَا ٱلْقُبُورُ بُعْثِرَتْ ﴿٤﴾

ئۆلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان چاغدا. علمت نفس م اقد مت وأخ رت

عَلِمَتْ نَفْسٌۭ مَّا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ ﴿٥﴾

ئاشۇ چاغدا ھەر كىم ئىلگىرى قىلغان ھەمدە قىلماي قالغان ئەمەللىرىنى بىلىدۇ

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلْإِنسَـٰنُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ ٱلْكَرِيمِ ﴿٦﴾

ئەي پەرۋەردىگارىغا كاپىر بولغان ئىنسان! سېنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا نېمە مەجبۇرلىدى؟ ئۆز ۋاقىتدا ئۇ ساڭا مۆھلەت بېرىپ، مەرھەمەت يۈزىسىدىن سېنى جازالاشقا ئالدىرىمىغان ئىدىغۇ!

ٱلَّذِى خَلَقَكَ فَسَوَّىٰكَ فَعَدَلَكَ ﴿٧﴾

ئۇ سېنى يوقتىن بار قىلىپ، ئەزالىرىڭنى ساپ - ساق ھالەتتە نورمال قىلدى. بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فِىٓ أَىِّ صُورَةٍۢ مَّا شَآءَ رَكَّبَكَ ﴿٨﴾

ئاللاھ سېنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ياراتتى، ئۇ ساڭا نېئمەت ئاتا قىلدى. چۈنكى ئۇ سېنى ئېشەك، مايمۇن، ئىت ياكى باشقا بىر ھايۋاننىڭ شەكلىدە يارىتىپ قويمىدى

كَلَّا بَلْ تُكَذِّبُونَ بِٱلدِّينِ ﴿٩﴾

ئەي ئالدانغۇچىلار! ئەمەلىي ئەھۋال سىلەر خىيال قىلغاندەك ئەمەس. بەلكى سىلەر جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر. وإن عليكم لحفظين

وَإِنَّ عَلَيْكُمْ لَحَـٰفِظِينَ ﴿١٠﴾

شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ئەمەللىرىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بار. كراما كتبين

كِرَامًۭا كَـٰتِبِينَ ﴿١١﴾

ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىكتۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدىغان كاتىبلاردۇر. يعلمون ما تفعلون

يَعْلَمُونَ مَا تَفْعَلُونَ ﴿١٢﴾

ئۇلار سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنى بىلىپ، يېزىپ تۇرىدۇ

إِنَّ ٱلْأَبْرَارَ لَفِى نَعِيمٍۢ ﴿١٣﴾

شەكسىزكى ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى قىيامەتتە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ

وَإِنَّ ٱلْفُجَّارَ لَفِى جَحِيمٍۢ ﴿١٤﴾

شەكسىزكى گۇناھكارلار يالقۇنجاپ يېنىپ تۇرىدىغان دوزاختا بولىدۇ. بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

يَصْلَوْنَهَا يَوْمَ ٱلدِّينِ ﴿١٥﴾

ئۇلار جازا - مۇكاپات كۈنى دوزاخقا كىرىپ، دوزاخنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ

وَمَا هُمْ عَنْهَا بِغَآئِبِينَ ﴿١٦﴾

ئۇلار دوزاختىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلدِّينِ ﴿١٧﴾

ئەي پەيغەمبەر! جازا - مۇكاپات كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

ثُمَّ مَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلدِّينِ ﴿١٨﴾

جازا - مۇكاپات كۈنىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

يَوْمَ لَا تَمْلِكُ نَفْسٌۭ لِّنَفْسٍۢ شَيْـًۭٔا ۖ وَٱلْأَمْرُ يَوْمَئِذٍۢ لِّلَّهِ ﴿١٩﴾

ئۇ كۈندە ھېچكىم ھېچكىمگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇ كۈندە پۈتۈن ئىشلار يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇ ئۆزى خالىغانچە ئىدارە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۇنداق ھوقۇقى بولمايدۇ. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp

ئۆگىنىش · الانفطار — Al-Infitaar

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل