باش بەتتەپسىرالمطففين (83)

تەپسىر المطففين — Al-Mutaffifin (83)

مەككىلىك · 36 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

وَيْلٌۭ لِّلْمُطَفِّفِينَ ﴿١﴾

ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەر ھالاك بولسۇن ۋە زىيان تارتسۇن!

ٱلَّذِينَ إِذَا ٱكْتَالُوا۟ عَلَى ٱلنَّاسِ يَسْتَوْفُونَ ﴿٢﴾

ئۇلار باشقىلاردىن ئۆلچەپ ئالغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىرىنى تولۇق، قىلچە كەم قىلماي ئالىدۇ. وإذا كالوهم أو و زنوهم يخسرون

وَإِذَا كَالُوهُمْ أَو وَّزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ ﴿٣﴾

باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە ئۆلچەم ۋە تارازىدا كەم بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپ ھىجرەت قىلىپ كەلگەن چاغدا مەدىنىلىكلەرنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق ئىدى

أَلَا يَظُنُّ أُو۟لَـٰٓئِكَ أَنَّهُم مَّبْعُوثُونَ ﴿٤﴾

مۇشۇنداق ناچار قىلمىشنى قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تەرەپكە تىرىلىپ بارىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەمدۇ؟ ليوم عظيم

لِيَوْمٍ عَظِيمٍۢ ﴿٥﴾

بۈيۈك كۈندىكى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن تىرىلىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەمدۇ؟ ئۇ كۈندە قىيىنچىلىق ۋە قورقۇنچ بار

يَوْمَ يَقُومُ ٱلنَّاسُ لِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٦﴾

ئۇ كۈندە ئىنسانلار پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىش ئۈچۈن تىك تۇرىدۇ

كَلَّآ إِنَّ كِتَـٰبَ ٱلْفُجَّارِ لَفِى سِجِّينٍۢ ﴿٧﴾

ئەمەلىي ئەھۋال سىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلمەيدىغان ئىش يوق. شەكسىزكى كاپىرلار ۋە مۇناپىقلاردىن گۇناھكارلار ئەلۋەتتە ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى زىيانكارلىق ئىچىدىدۇر

وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا سِجِّينٌۭ ﴿٨﴾

ئەي پەيغەمبەر! سىججىننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ كتب م رقوم

كِتَـٰبٌۭ مَّرْقُومٌۭ ﴿٩﴾

شەكسىزكى، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان، ئۆچۈپ كەتمەيدىغان، قوشۇپمۇ قويۇلمايدىغان، كەممۇ قىلىنمايدىغان دەپتەردۇر. بەت ۱ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ويل يومئذ للمكذبين

وَيْلٌۭ يَوْمَئِذٍۢ لِّلْمُكَذِّبِينَ ﴿١٠﴾

ئۇ كۈندە ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

ٱلَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوْمِ ٱلدِّينِ ﴿١١﴾

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بۇ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان ئۇ كۈننى ئۇلار ئىنكار قىلىشىدۇ

وَمَا يُكَذِّبُ بِهِۦٓ إِلَّا كُلُّ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ ﴿١٢﴾

ئۇ كۈننى پەقەت ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچى ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى كۆپ قىلغۇچىلا ئىنكار قىلىدۇ

إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ءَايَـٰتُنَا قَالَ أَسَـٰطِيرُ ٱلْأَوَّلِينَ ﴿١٣﴾

ئۇنىڭغا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگىنىدە: بۇ ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھېكايىلىرى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن ئەمەس، دەيدۇ

كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ ﴿١٤﴾

ئەمەلىي ئەھۋال بۇ ئىنكارچىلار ئويلىغاندەك ئەمەس. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ئەقىللىرىدىن ئۈستۈن كېلىپ، ئۇنى يېپىۋالغان، شۇڭا ئۇلار قەلبلىرى بىلەن ھەقنى كۆرەلمىدى

كَلَّآ إِنَّهُمْ عَن رَّبِّهِمْ يَوْمَئِذٍۢ لَّمَحْجُوبُونَ ﴿١٥﴾

دەرۋەقە ئۇلار قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىنمۇ مەھرۇم قىلىنىدۇ

ثُمَّ إِنَّهُمْ لَصَالُوا۟ ٱلْجَحِيمِ ﴿١٦﴾

ئاندىن ئۇلار چوقۇم دوزاخقا كىرىپ، ئۇنىڭ ھارارىتىنى تېتىيدۇ

ثُمَّ يُقَالُ هَـٰذَا ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ ﴿١٧﴾

ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارغا كايىش تەرىقىسىدە: سىلەر دۇچار بولغان بۇ ئازابنى دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا پەيغەمبىرىڭلار خەۋەر بەرگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ

كَلَّآ إِنَّ كِتَـٰبَ ٱلْأَبْرَارِ لَفِى عِلِّيِّينَ ﴿١٨﴾

ھەقىقىي ئەھۋال سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەسكى، سىلەردىن ھېساب ئېلىنمايدىغان، جازا - مۇكاپات بېرىلمەيدىغان ئىش يوق. شەكسىزكى ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ نامە - ئەمەل دەپتىرى ئىللىييوندا بولىدۇ

وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا عِلِّيُّونَ ﴿١٩﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئىللىييوننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ بەت ۲ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر كتب م رقوم

كِتَـٰبٌۭ مَّرْقُومٌۭ ﴿٢٠﴾

شەكسىزكى (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى يېزىلغان، ئۆچۈپ كەتمەيدىغان، قوشۇپمۇ قويۇلمايدىغان، كەممۇ قىلىنمايدىغان دەپتەردۇر

يَشْهَدُهُ ٱلْمُقَرَّبُونَ ﴿٢١﴾

بۇ كىتابقا ھەر ئاسماندىكى ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ

إِنَّ ٱلْأَبْرَارَ لَفِى نَعِيمٍ ﴿٢٢﴾

شەكسىزكى ياخشىلىق ۋە تائەت - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلغۇچى قىيامەت كۈنى ئەلۋەتتە ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ

عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ ﴿٢٣﴾

ئۇلار ئېسىل بېزەلگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە پەرۋەردىگارىغا ھەمدە دىللارنى شادلاندۇرىدىغان نېئمەتلەرگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ

تَعْرِفُ فِى وُجُوهِهِمْ نَضْرَةَ ٱلنَّعِيمِ ﴿٢٤﴾

ئۇلارنى كۆرگىنىڭدە يۈزلىرىدە باياشاتلىقنىڭ گۈزەللىكى جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن. يسقون من ر حيق م ختوم

يُسْقَوْنَ مِن رَّحِيقٍۢ مَّخْتُومٍ ﴿٢٥﴾

خىزمەتكارلىرى ئۇلارغا ئاغزى پىچەتلەنگەن شارابلارنى سۇنىدۇ

خِتَـٰمُهُۥ مِسْكٌۭ ۚ وَفِى ذَٰلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ ٱلْمُتَنَـٰفِسُونَ ﴿٢٦﴾

ئۇ شاراب تامامەن تۈگىگەنگە قەدەر ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. بەسلىشىدىغانلار ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلىش، ئۇنى غەزەبلەندۈرىدىغان ئىشنى قىلماسلىق بىلەن مانا مۇشۇنداق ئېسىل مۇكاپاتلار ئۈچۈن بەسلەشسۇن. ومزاجه من تسنيم

وَمِزَاجُهُۥ مِن تَسْنِيمٍ ﴿٢٧﴾

بۇ پىچەتلەنگەن شارابقا تەسنىم دېگەن بۇلاقنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان

عَيْنًۭا يَشْرَبُ بِهَا ٱلْمُقَرَّبُونَ ﴿٢٨﴾

تەسنىم دېگەن ئەڭ ئالىي جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئۇنىڭدىن سۈزۈڭ ھەم ساپ ھالەتتە ئىچىدۇ. باشقا مۇئمىنلەرمۇ ئۇنىڭ ئارىلاشما ھالەتتىكى سۈيىدىن ئىچىدۇ

إِنَّ ٱلَّذِينَ أَجْرَمُوا۟ كَانُوا۟ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يَضْحَكُونَ ﴿٢٩﴾

شەكسىزكى كۇپۇرلۇق قىلىش ئارقىلىق جىنايەت قىلغان گۇناھكارلار مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى. بەت ۳ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر وإ ذا مر وا بهم يتغامزون

وَإِذَا مَرُّوا۟ بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ ﴿٣٠﴾

كاپىرلار مۇئمىنلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىدە ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش مەقسىتىدە ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى

وَإِذَا ٱنقَلَبُوٓا۟ إِلَىٰٓ أَهْلِهِمُ ٱنقَلَبُوا۟ فَكِهِينَ ﴿٣١﴾

ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتقىنىدا ئۆزلىرىنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىۋالغانلىقىغا خۇشال بولغان ھالدا قايتىشاتتى

وَإِذَا رَأَوْهُمْ قَالُوٓا۟ إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ لَضَآلُّونَ ﴿٣٢﴾

ئۇلار مۇسۇلمانلارنى كۆرگىنىدە: بۇلار ئۆز ئاتىلىرىنىڭ دىنىنى تاشلاپ شەكسىز ھەق يولدىن ئاداشقانلاردۇر، دېيىشەتتى

وَمَآ أُرْسِلُوا۟ عَلَيْهِمْ حَـٰفِظِينَ ﴿٣٣﴾

ئۇلار بۇنداق دەيدىغانغا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل قىلغىنى يوق

فَٱلْيَوْمَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مِنَ ٱلْكُفَّارِ يَضْحَكُونَ ﴿٣٤﴾

خۇددى كاپىرلار دۇنيادا مۇئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلگەندەك، قىيامەت كۈنى بولغاندا ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرمۇ كاپىرلارنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالىغا قاراپ كۈلىدۇ

عَلَى ٱلْأَرَآئِكِ يَنظُرُونَ ﴿٣٥﴾

مۇئمىنلەر چىرايلىق بېزەلگەن كارىۋاتلار ئۈستىدە ئاللاھ تائالا ئۆزلىرىگە تەييارلىغان ئۈزۈلمەس نېئمەتلەرگە قاراپ] ئولتۇرىدۇ

هَلْ ثُوِّبَ ٱلْكُفَّارُ مَا كَانُوا۟ يَفْعَلُونَ ﴿٣٦﴾

كاپىرلار دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا خورلىغۇچى ئازاب بىلەن چوقۇم جازالىنىدۇ. بەت ۴ دىن ۴ moc.hgelp

ئۆگىنىش · المطففين — Al-Mutaffifin

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل