باش بەتتەپسىرالصافات (37)

تەپسىر الصافات — As-Saaffaat (37)

مەككىلىك · 182 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

وَٱلصَّـٰٓفَّـٰتِ صَفًّۭا ﴿١﴾

ئىبادەتكە تۇرغانلىرىدا زىچ سەپ تۈزۈپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

فَٱلزَّٰجِرَٰتِ زَجْرًۭا ﴿٢﴾

بۇلۇتلارنى توسۇپ، ئاللاھ يامغۇر يېغىشىنى خالىغان يەرگە ئېلىپ بارىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى،

فَٱلتَّـٰلِيَـٰتِ ذِكْرًا ﴿٣﴾

ئاللاھنىڭ كالامىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى. إ ن إلهكم لوحد

إِنَّ إِلَـٰهَكُمْ لَوَٰحِدٌۭ ﴿٤﴾

ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى سىلەرنىڭ بەرھەق مەبۇدۇڭلار ئەلۋەتتە يەككە - يېگانە، شېرىكى يوق ئاللاھ تائالادۇر

رَّبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَرَبُّ ٱلْمَشَـٰرِقِ ﴿٥﴾

ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، يىل بويى چىقىپ، پېتىۋاتقان قۇياشنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر

إِنَّا زَيَّنَّا ٱلسَّمَآءَ ٱلدُّنْيَا بِزِينَةٍ ٱلْكَوَاكِبِ ﴿٦﴾

شەكسىزكى بىز ئاسمانلار ئىچىدىن زېمىنغا ئەڭ يېقىن بولغىنىنى كۆركەم زىننەتلەر بىلەن بېزىدۇق، ئۇ زىننەتلەر قارىماققا بەئەينى چاقناپ تۇرغان جاۋاھىراتلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان يۇلتۇزلاردۇر. وحفظا من كل شيطن م ارد

وَحِفْظًۭا مِّن كُلِّ شَيْطَـٰنٍۢ مَّارِدٍۢ ﴿٧﴾

بىز دۇنيا ئاسمىنىنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان ھەر قانداق ئىسيانكار شەيتاندىن قوغدىدۇق، ئۇلار شۇ يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ

لَّا يَسَّمَّعُونَ إِلَى ٱلْمَلَإِ ٱلْأَعْلَىٰ وَيُقْذَفُونَ مِن كُلِّ جَانِبٍۢ ﴿٨﴾

بۇ شەيتانلار ئاسماندىكى پەرىشتىلەرگە پەرۋەردىگارى ئۆزىنىڭ شەرىئىتى ۋە تەقدىر قىلغان ئىشلارنى ئېيتقان چاغدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلار ھەر تەرەپتىن ئېتىلىدۇ

دُحُورًۭا ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌۭ وَاصِبٌ ﴿٩﴾

بۇنداق قىلىشىمىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزدىن قوغلاش، پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىۋېلىشىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈندۇر. ئاخىرەتتە ئۇلارغا ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان دەرتلىك ئازاب بار. بەت ۱ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

إِلَّا مَنْ خَطِفَ ٱلْخَطْفَةَ فَأَتْبَعَهُۥ شِهَابٌۭ ثَاقِبٌۭ ﴿١٠﴾

لېكىن شەيتانلاردىن ئوغرىلىقچە گەپ تىڭشايدىغانلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇ شەيتان ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالغىنى پەرىشتىلەر ئۆز - ئارا قىلىشقان، ئەمما تېخىچە زېمىن ئەھلىگە يېتىپ بارمىغان پاراڭلاردىندۇر. ئاندىن يورۇق يۇلتۇز ئۇنى قوغلاپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. شەيتان بەزىدە بۇ گەپلەرنى يورۇق يۇلتۇز كۆيدۈرۈۋېتىشتىن بۇرۇن ھەمراھلىرىغا ئېتىۋېلىپ، ئۇ گەپلەر كاھىنلارنىڭ قۇلىقىغىچە يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا يەنە يۈز يالغاننى قېتىپ ساختىپەزلىك قىلىدۇ

فَٱسْتَفْتِهِمْ أَهُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَم مَّنْ خَلَقْنَآ ۚ إِنَّا خَلَقْنَـٰهُم مِّن طِينٍۢ لَّازِبٍۭ ﴿١١﴾

ئەي مۇھەممەد! قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىرلاردىن سوراپ باققىن: ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمىكەن ياكى ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ھەم زور بولغان ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە پەرىشتىلەرنى يارىتىشمۇ؟ بىز ئۇلارنى يېپىشقاق لا يدىن ياراتتۇق. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇلار قانداقسىگە قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغاندۇ؟ ھالبۇكى ئۇلار يېپىشقاق لا يدىن ئىبارەت ئىنتايىن ئاجىز بىر مەخلۇقتىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر. بل عجبت ويسخرون

بَلْ عَجِبْتَ وَيَسْخَرُونَ ﴿١٢﴾

ئەي مۇھەممەد! بەلكى سەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن ۋە مەخلۇقاتلىرىنى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدىن، مۇشرىكلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشلىرىدىن ئەجەبلىنىدىغانسەن. بۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە بولغان ئىنكارىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن سېنىڭ قايتا تىرىلىش ھەققىدە دېگەنلىرىڭنىمۇ مەسخىرە قىلىشىدۇ. وإ ذا ذكروا لا يذكرون

وَإِذَا ذُكِّرُوا۟ لَا يَذْكُرُونَ ﴿١٣﴾

بۇ مۇشرىكلار نۇرغۇنلىغان پەند - نەسىھەتلەر بىلەن نەسىھەت قىلىنسىمۇ ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە مەنپەئەتلەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار قەلبلىرى تولىمۇ قېتىپ كەتكەن كىشىلەردۇر. وإ ذا رأ وا ءاية يستسخرون

وَإِذَا رَأَوْا۟ ءَايَةًۭ يَسْتَسْخِرُونَ ﴿١٤﴾

ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىغا ئىسپات بولىدىغان مۆجىزىلەردىن بىرەرىنى كۆرسە تېخىمۇ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭدىن ھەيرەتتە بولىدۇ

وَقَالُوٓا۟ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا سِحْرٌۭ مُّبِينٌ ﴿١٥﴾

ئۇلار: مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن بۇ نەرسە پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر، دېدى. أءذا متنا وكنا ترابا وعظما أءنا لمبعوثون

أَءِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًۭا وَعِظَـٰمًا أَءِنَّا لَمَبْعُوثُونَ ﴿١٦﴾

بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، چىرىپ، كۇكۇم تالقان بولۇپ كەتسەكمۇ يەنە شۇنىڭدىن كېيىن قايتا تىرىلىمىزمۇ؟ شەكسىزكى بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتۇر

أَوَءَابَآؤُنَا ٱلْأَوَّلُونَ ﴿١٧﴾

ياكى بىزنىڭ ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرىلەمدۇ؟ دەيدۇ. قل نعم وأنتم دخرون

قُلْ نَعَمْ وَأَنتُمْ دَٰخِرُونَ ﴿١٨﴾

ئەي مۇھەممەد! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: ئەلۋەتتە، سىلەر تۇپراققا ئايلىنىپ، چىرىپ كەتكىنىڭلاردىن كېيىن قايتا تىرگۈزۈلىسىلەر. سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئەجداتلىرىڭلارمۇ تىرگۈزۈلىدۇ، سىلەر ھەممىڭلار خارۇزار بولغان ھالدا تىرگۈزۈلىسىلەر. بەت ۲ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر فإنما هى زجرة وحدة فإذا هم ينظرون

فَإِنَّمَا هِىَ زَجْرَةٌۭ وَٰحِدَةٌۭ فَإِذَا هُمْ يَنظُرُونَ ﴿١٩﴾

قايتا تىرىلىش پەقەت سۈرگە بىر قېتىم پۈۋلەشتۇر (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق پۈۋلەش). بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيامەتنىڭ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلىرىگە قاراپ، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى نېمە قىلىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ

وَقَالُوا۟ يَـٰوَيْلَنَا هَـٰذَا يَوْمُ ٱلدِّينِ ﴿٢٠﴾

قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلار: ۋاي ھالاك بولدۇق، بۇ ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدىغان ھېساب - كىتاب كۈنى ئىكەن، دېيىشىدۇ

هَـٰذَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ ٱلَّذِى كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ ﴿٢١﴾

ئۇلارغا جاۋابەن: بۇ بەندىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم قىلىنىدىغان بىر كۈندۇركى، سىلەر دۇنيادىكى ۋاقتىڭلاردا بۇ كۈننى ئىنكار قىلىپ، يالغانغا چىقارغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ

۞ ٱحْشُرُوا۟ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ وَأَزْوَٰجَهُمْ وَمَا كَانُوا۟ يَعْبُدُونَ ﴿٢٢﴾

مِن دُونِ ٱللَّهِ فَٱهْدُوهُمْ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلْجَحِيمِ ﴿٢٣﴾

ئۇ كۈندە پەرىشتىلەرگە: شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرى تۈپەيلى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان زالىملارنى ۋە ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشتىكى ھەمداشلىرىنى، ئۇلارنىڭ يالغانلىرىنى تەشۋىق قىلىشىپ بېرىدىغانلارنىمۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنىمۇ توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارغا دوزاخنىڭ يولىنى تونۇتۇپ، شۇ تەرەپكە يالاپ ئېلىپ مېڭىڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى شۇدۇر، دېيىلىدۇ

وَقِفُوهُمْ ۖ إِنَّهُم مَّسْـُٔولُونَ ﴿٢٤﴾

ئۇلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ھېساب ئۈچۈن توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاخقا يالاپ ئېلىپ بېرىڭلار. ما لكم لا تناصرون

مَا لَكُمْ لَا تَنَاصَرُونَ ﴿٢٥﴾

ئۇلارغا كايىلىپ: نېمىشقا دۇنيادا ھەمكارلاشقىنىڭلاردەك، بىر - بىرىڭلارغا ياردەم بەرمەيسىلەر؟ بۇتلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلاتتىڭلارغۇ؟ دېيىلىدۇ

بَلْ هُمُ ٱلْيَوْمَ مُسْتَسْلِمُونَ ﴿٢٦﴾

ئۇلار بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە باش ئەگكەن ھالدا بويسۇنغۇچىلاردۇر، ئۇلار تولىمۇ ئاجىز بولغانلىقى ھەمدە تەدبىرىمۇ ئاز بولغانلىقتىن بىر - بىرىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ

وَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍۢ يَتَسَآءَلُونَ ﴿٢٧﴾

ئۇلار بىر - بىرىگە قارىشىپ تاپا - تەنە قىلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە تاپا - تەنە ۋە دەتالاشلار قىلچە ئەسقاتمايدىغان چاغدا دەتالاش قىلىشىدۇ. بەت ۳ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

قَالُوٓا۟ إِنَّكُمْ كُنتُمْ تَأْتُونَنَا عَنِ ٱلْيَمِينِ ﴿٢٨﴾

ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: ئەي كاتتىۋاشلار! شەكسىزكى سىلەر بىزگە دىن ۋە ھەق تەرەپتىن كېلىپ، كۇپرىنى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى ھەمدە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ، پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن نەپرەتلەندۈرەتتىڭلارغۇ، دەيدۇ. قالوا بل لم تكونوا مؤمنين

قَالُوا۟ بَل لَّمْ تَكُونُوا۟ مُؤْمِنِينَ ﴿٢٩﴾

ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە: بۇ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە سىلەر كۇپرى ئۈستىدە بولۇپ، مۇئمىن بولمىغان ئىدىڭلار. بەلكى سىلەر ئىنكار قىلغۇچى ئىدىڭلار، دەيدۇ

وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيْكُم مِّن سُلْطَـٰنٍۭ ۖ بَلْ كُنتُمْ قَوْمًۭا طَـٰغِينَ ﴿٣٠﴾

بىز سىلەرنى كۇپرىغا، شېرىككە ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، بىزنىڭ سىلەرنى مەجبۇرلاپ ئۇ ئىشلارنى قىلدۇرغىدەك كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇقتا چەكتىن ئاشقان كىشىلەر ئىدىڭلار

فَحَقَّ عَلَيْنَا قَوْلُ رَبِّنَآ ۖ إِنَّا لَذَآئِقُونَ ﴿٣١﴾

بىزگە ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ: «چوقۇمكى جەھەننەمنى سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن سۆزىدىكى تەھدىتى ھەقلىق بولدى. شۇ سەۋەبتىن بىز شەكسىز پەرۋەردىگارىمىز تەھدىت قىلغان ئازابنى تېتىيمىز. فأ غوينكم إنا كنا غوين

فَأَغْوَيْنَـٰكُمْ إِنَّا كُنَّا غَـٰوِينَ ﴿٣٢﴾

بىز سىلەرنى ئازغۇنلۇققا ۋە كۇپرىغا چاقىردۇق، چۈنكى بىز توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلەر ئىدۇق

فَإِنَّهُمْ يَوْمَئِذٍۢ فِى ٱلْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ ﴿٣٣﴾

ئەگەشكەنلەر ۋە ئەگەشتۈرگەنلەر قىيامەت كۈنىدىكى ئازابتا ئورتاقتۇر

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِٱلْمُجْرِمِينَ ﴿٣٤﴾

بىز بۇلارغا ئازابنى تېتىتقىنىمىزدەك، ئۇلاردىن باشقا جىنايەتچىلەرگىمۇ تېتىتىمىز

إِنَّهُمْ كَانُوٓا۟ إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا ٱللَّهُ يَسْتَكْبِرُونَ ﴿٣٥﴾

شەكسىزكى بۇ مۇشرىكلارغا دۇنيادىكى ۋاقىتتا: ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى ئىش قىلىشنى تاشلاڭلار دېيىلسە، ئۇلار ھەقتىن باش تارتىپ، چوڭچىلىق قىلىپ باتىل چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلاتتى

وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُوٓا۟ ءَالِهَتِنَا لِشَاعِرٍۢ مَّجْنُونٍۭ ﴿٣٦﴾

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسىغا باھانە قىلىپ: بىز بىر ساراڭ شائىرنىڭ گېپىنى دەپ ئىلاھلىرىمىزغا چوقۇنۇشنى تاشلايمىزمۇ؟ دېيىشەتتى. ئۇلار بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەقسەت قىلاتتى. بەت ۴ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

بَلْ جَآءَ بِٱلْحَقِّ وَصَدَّقَ ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿٣٧﴾

ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر بوھتان قىلدى، چۈنكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ساراڭمۇ ئەمەس، شائىرمۇ ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ بىلىشكە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئەگىشىشكە چاقىرىدىغان قۇرئاننى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەۋھىد ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەستىقلىدى، ئۇلارغا ھېچنەرسىدە قارشى چىقمىدى

إِنَّكُمْ لَذَآئِقُوا۟ ٱلْعَذَابِ ٱلْأَلِيمِ ﴿٣٨﴾

ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۇپرىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار سەۋەبلىك قىيامەت كۈنى چوقۇم بىئارام قىلغۇچى ئازابنى تېتىيسىلەر. وما تجزون إل اما كنتم تعملون

وَمَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ ﴿٣٩﴾

ئەي مۇشرىكلار! سىلەر پەقەت دۇنيادا ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىشتىن ئىبارەت ئۆز قىلمىشلىرىڭلارغا قارىتا جازالىنىسىلەر

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلْمُخْلَصِينَ ﴿٤٠﴾

ئىبادەتتە ئىخلاسمەنلىك ئاتا قىلىنغان، ھەمدە قۇلچىلىقنى ئاللاھقا خالىس قىلغان ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرى بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ

أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ رِزْقٌۭ مَّعْلُومٌۭ ﴿٤١﴾

ئەنە شۇ ئىخلاسمەن بەندىلەرگە ئاللاھ تائالا لەززەتلىكلىكى، ياخشىلىقى ۋە داۋاملىقلىقى مەلۇم بولغان رىزىقلارنى ئاتا قىلغان كىشىلەردۇر

فَوَٰكِهُ ۖ وَهُم مُّكْرَمُونَ ﴿٤٢﴾

ئۇلارغا ئەڭ ياخشى ۋە لەززەتلىك مېۋىلەردىن رىزىق بېرىلگەنلىكىمۇ مۇشۇ رىزىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلار بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ ھەمدە كەرەملىك ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىدۇ

فِى جَنَّـٰتِ ٱلنَّعِيمِ ﴿٤٣﴾

ئۇلار مۇقىم نېئمەتلىك جەننەتلەردە ئېرىشكەن ئاشۇ نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، يوقىلىپ كەتمەيدۇ. عل سرر م تقبلين

عَلَىٰ سُرُرٍۢ مُّتَقَـٰبِلِينَ ﴿٤٤﴾

ئۇلار ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل قويۇلغان كارىۋاتلار ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. يطاف عليهم بكأس من م عين

يُطَافُ عَلَيْهِم بِكَأْسٍۢ مِّن مَّعِينٍۭ ﴿٤٥﴾

ئۇلارغا سۈزۈكلۈكى خۇددى ئېقىن سۇغا ئوخشايدىغان شاراپلار تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ

بَيْضَآءَ لَذَّةٍۢ لِّلشَّـٰرِبِينَ ﴿٤٦﴾

ئۇ شاراپنىڭ رەڭگى ئاق بولۇپ، ئۇنى ئىچكەن ئادەم تولۇق لەززەتكە ئېرىشىدۇ. بەت ۵ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر لا فيها غول ولا هم عنها ينزفون

لَا فِيهَا غَوْلٌۭ وَلَا هُمْ عَنْهَا يُنزَفُونَ ﴿٤٧﴾

ئۇ شاراپ دۇنيانىڭ ھاراقلىرىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا بىھوش قىلىدىغان مەستلىك بولمايدۇ. ئۇنى ئىچكەن ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، ئۇنى ئىچكۈچىنىڭ تېنى ساغلام، ئەقلى - ھوشى جايىدا بولىدۇ

وَعِندَهُمْ قَـٰصِرَٰتُ ٱلطَّرْفِ عِينٌۭ ﴿٤٨﴾

جەننەتتە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىپپەتلىك ئاياللار بار بولۇپ، ئۇ ئاياللار ئۆز ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدۇ، ئۇلار گۈزەل كۆزلۈك ساھىبجاماللاردۇر. كأن هن بيض م كنون

كَأَنَّهُنَّ بَيْضٌۭ مَّكْنُونٌۭ ﴿٤٩﴾

ئۇلار ئازراق سېرىقلىق ئارىلاشقان رەڭلىرىنىڭ ئاقلىقىدا پۇختا ساقلانغان ئاق قۇشقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارغا ئىلگىرى ھېچقانداق قول تېگىپ باقمىغان

فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍۢ يَتَسَآءَلُونَ ﴿٥٠﴾

جەننەت ئەھلى بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ، كەچمىشلىرى ۋە دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ

قَالَ قَآئِلٌۭ مِّنْهُمْ إِنِّى كَانَ لِى قَرِينٌۭ ﴿٥١﴾

بۇ مۇئمىنلەردىن بىرى: مېنىڭ دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بىر يېقىنىم بار ئىدى، دەيدۇ

يَقُولُ أَءِنَّكَ لَمِنَ ٱلْمُصَدِّقِينَ ﴿٥٢﴾

ئۇ ماڭا قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، مەسخىرىلىك ھالدا: دوستۇم، سەن ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىدىغانلىقى ھەققىدە راست دەۋاتامسەن؟دەيتتى. أءذا متنا وكنا ترابا وعظما أءنا لمدينون

أَءِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًۭا وَعِظَـٰمًا أَءِنَّا لَمَدِينُونَ ﴿٥٣﴾

بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، چىرىگەن سۆڭەك بوپكەتسەكمۇ يەنە قايتا تىرگۈزۈلۈپ، دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىمىزگە قارىتا جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىمىزمۇ؟ دەيتتى. قال هل أنتم م ط لعون

قَالَ هَلْ أَنتُم مُّطَّلِعُونَ ﴿٥٤﴾

ئۇنىڭ مۇئمىن دوستى جەننەتتىكى يارەنلىرىگە: بېرى كېلىڭلار، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان ئاشۇ دوستنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى، دەيدۇ

فَٱطَّلَعَ فَرَءَاهُ فِى سَوَآءِ ٱلْجَحِيمِ ﴿٥٥﴾

ئۇ بوينىنى سوزۇپ قاراپ، دوستىنىڭ جەھەننەمنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ

قَالَ تَٱللَّهِ إِن كِدتَّ لَتُرْدِينِ ﴿٥٦﴾

دەيدۇكى: ھەي بۇرادەر! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنى كۇپرىغا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشقا چاقىرىپ، دوزاخقا كىرىش بىلەن مېنىمۇ تۈگەشتۈرگىلى تاس قاپتىكەنسەن. بەت ۶ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَلَوْلَا نِعْمَةُ رَبِّى لَكُنتُ مِنَ ٱلْمُحْضَرِينَ ﴿٥٧﴾

ئەگەر ئاللاھ تائالا ئىمانغا يېتەكلەپ، مۇۋەپپەق قىلمىغان بولسا، ئەلۋەتتە مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ئازابقا دۇچار بولاركەنمەن. أفما نحن بميتين

أَفَمَا نَحْنُ بِمَيِّتِينَ ﴿٥٨﴾

بىز جەننەتكە كىرگەنلەر ئەمدى ئۆلمەيمىزمۇ؟

إِلَّا مَوْتَتَنَا ٱلْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ ﴿٥٩﴾

بىزگە دۇنيادىكى ئۆلۈمدىن باشقا ئۆلۈم يوق. بەلكى بىز ئەمدى جەننەتتە مەڭگۈ قالىمىز. بىز كاپىرلار ئازابلانغاندەك ئازابلانمايمىز

إِنَّ هَـٰذَا لَهُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ ﴿٦٠﴾

شەكسىزكى جەننەتكە كىرىش، ئۇنىڭدا مەڭگۈ قېلىش ھەمدە دوزاختىن ئامان بولۇشتىن ئىبارەت پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بەرگەن مۇكاپات ئەلۋەتتە كاتتا غەلىبىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچبىر زەپەر تەڭ كەلمەيدۇ

لِمِثْلِ هَـٰذَا فَلْيَعْمَلِ ٱلْعَـٰمِلُونَ ﴿٦١﴾

ئەمەل قىلغۇچىلار مانا مۇشۇنداق كاتتا مۇكاپات ئۈچۈن ئەمەل قىلسۇن. چۈنكى بۇ مۇتلەق پايدا تاپىدىغان تىجارەتتۇر

أَذَٰلِكَ خَيْرٌۭ نُّزُلًا أَمْ شَجَرَةُ ٱلزَّقُّومِ ﴿٦٢﴾

مەرتىۋە ۋە كۈتۈلۈش جەھەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىشتا ئىخلاسمەن بولغان بەندىلىرىگە تەييارلىغان ئاشۇ نېئمەتلەر ياخشى ھەم ئەۋزەلمۇ ياكى قۇرئاندا لەنەت ئوقۇلغان، كاپىرلارنىڭ يېمەكلىكى بولغان، نە ئاچلىققا، نە سەمرىشكە ئەسقاتمايدىغان زەققۇم دەرىخىمۇ؟ إنا جعلنها فتنة للظ لمين

إِنَّا جَعَلْنَـٰهَا فِتْنَةًۭ لِّلظَّـٰلِمِينَ ﴿٦٣﴾

شەكسىزكى بىز بۇ دەرەخنى زالىملار كۇپرىسى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن جازالىنىدىغان بىر جازا قىلدۇقكى، بۇ چاغدا ئۇلار: چوقۇم ئوت دەرەخنى يەيدۇ، ئاندىن ئۇ ئوتتا بىر نەرسە ئۈنۈشى مۇمكىن ئەمەس، دەيدۇ

إِنَّهَا شَجَرَةٌۭ تَخْرُجُ فِىٓ أَصْلِ ٱلْجَحِيمِ ﴿٦٤﴾

شەكسىزكى زەققۇم دەرىخى ئەڭ ناچار ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەرىدىن چىقىدىغان بىر دەرەختۇر

طَلْعُهَا كَأَنَّهُۥ رُءُوسُ ٱلشَّيَـٰطِينِ ﴿٦٥﴾

ئۇنىڭدىن چىققان مېۋىمۇ ناھايىتى كۆرۈمسىز بولۇپ، خۇددى شەيتانلارنىڭ بېشىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشىنىڭ سەتلىكى تەمىنىڭمۇ بەتتاملىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ، ئۇنىڭ مېۋىسىنىڭ تەمىمۇ ناچار دېگەنلىكتۇر

فَإِنَّهُمْ لَـَٔاكِلُونَ مِنْهَا فَمَالِـُٔونَ مِنْهَا ٱلْبُطُونَ ﴿٦٦﴾

شەكسىزكى كاپىرلار ئۇنىڭ ئاچچىق ۋە كۆرۈمسىز مېۋىلىرىدىن يەپ، ئېچىرقاپ كەتكەن قوساقلىرىنى لىق تولدۇرىدۇ. بەت ۷ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ثم إن لهم عليها لشوبا من حميم

ثُمَّ إِنَّ لَهُمْ عَلَيْهَا لَشَوْبًۭا مِّنْ حَمِيمٍۢ ﴿٦٧﴾

ئۇلار ئۇنىڭ مېۋىلىرىدىن يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا يېرىڭ - زەرداپ ئارىلاشتۇرۇلغان قايناق سۇ بېرىلىدۇ

ثُمَّ إِنَّ مَرْجِعَهُمْ لَإِلَى ٱلْجَحِيمِ ﴿٦٨﴾

ئاندىن كېيىن ئۇلار يەنە جەھەننەم ئازابىغا قايتۇرۇلىدۇ. دېمەك ئۇلار بىر ئازابتىن يەنە بىر ئازابقا يۆتكىلىدۇ

إِنَّهُمْ أَلْفَوْا۟ ءَابَآءَهُمْ ضَآلِّينَ ﴿٦٩﴾

شەكسىزكى بۇ كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - ئەجدادلىرىنى ھىدايەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن ھالەتتە بىلدى، شۇنىڭ بىلەن ھېچبىر دەلىل - پاكىتسىز ئۇلارنى دوراپ مېڭىشتى

فَهُمْ عَلَىٰٓ ءَاثَـٰرِهِمْ يُهْرَعُونَ ﴿٧٠﴾

ئۇلار ئازغۇنلۇقتا ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىزىدىن ئالدىراپ ماڭدى

وَلَقَدْ ضَلَّ قَبْلَهُمْ أَكْثَرُ ٱلْأَوَّلِينَ ﴿٧١﴾

شەكسىزكى ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېزىپ كەتكەن ئىدى. ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ قەۋمىڭ ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. ولقد أرسلنا فيهم م نذرين

وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا فِيهِم مُّنذِرِينَ ﴿٧٢﴾

بىز ئىلگىرىكى ئاشۇ ئۈممەتلەر ئىچىگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئاندىن ئۇلار كاپىر بولدى

فَٱنظُرْ كَيْفَ كَانَ عَـٰقِبَةُ ٱلْمُنذَرِينَ ﴿٧٣﴾

ئەي پەيغەمبەر! پەيغەمبەرلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن. شەكسىزكى ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ كۇپرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن دوزاخقا كىرىش ھەمدە ئۇنىڭدا مەڭگۈ قېلىش بولدى

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلْمُخْلَصِينَ ﴿٧٤﴾

لېكىن ئاللاھقا بولغان ئىمانىدا ئىخلاسمەن بولغان كىشىلەر بۇ ئىنكارچى كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى بولغان ئازابتىن قۇتۇلىدۇ

وَلَقَدْ نَادَىٰنَا نُوحٌۭ فَلَنِعْمَ ٱلْمُجِيبُونَ ﴿٧٥﴾

شەكسىزكى پەيغەمبىرىمىز نۇھ ئۆزىنى ئىنكار قىلغان قەۋمىگە بەددۇئا قىلغان چاغدا بىزگە دۇئا قىلغان ئىدى. بىز نېمىدېگەن ياخشى ئىجابەت قىلغۇچىلارمىز. بىز ئۇنىڭ ئۇلارغا قىلغان بەددۇئاسىنى ھەقىقەتەن تېز ئىجابەت قىلدۇق

وَنَجَّيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥ مِنَ ٱلْكَرْبِ ٱلْعَظِيمِ ﴿٧٦﴾

بىز ئۇنى، ئائىلە - تاۋابىئاتىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى قەۋمىنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ھەمدە ئۇنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغانلارغا ئەۋەتىلگەن توپاندا غەرق بوپكېتىشتىن ساقلاپ قالدۇق. بەت ۸ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَجَعَلْنَا ذُرِّيَّتَهُۥ هُمُ ٱلْبَاقِينَ ﴿٧٧﴾

بىز نۇھنىڭ ئائىلىسىنى ۋە مۇئمىن ئەگەشكۈچىلىرىنىلا قۇتۇلدۇردۇق. ئۇنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغانلارنى غەرق قىلىۋەتتۇق

وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ ﴿٧٨﴾

بىز كېيىنكى ئۈممەتلەرگە نۇھنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇقكى، ئۇلار ئۇنى مەدھىيىلەيدۇ

سَلَـٰمٌ عَلَىٰ نُوحٍۢ فِى ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٧٩﴾

كېيىنكى ئۈممەتلەر نۇھنىڭ يامان گېپىنى قىلماستىن، ئامان - ئېسەنلىك تىلەيدۇ

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ ﴿٨٠﴾

شەكسىزكى بىز نۇھنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، ياخشىلارغىمۇ يالغۇز ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلغان تائەت - ئىبادەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىمىز

إِنَّهُۥ مِنْ عِبَادِنَا ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿٨١﴾

شەكسىزكى نۇھ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى

ثُمَّ أَغْرَقْنَا ٱلْـَٔاخَرِينَ ﴿٨٢﴾

ئاندىن كېيىن بىز توپان بالاسى ئەۋەتكەن كىشىلەرنى تەلتۆكۈس غەرق قىلىۋەتتۇق، ئۇلاردىن ھېچكىم ئامان قالمىدى

۞ وَإِنَّ مِن شِيعَتِهِۦ لَإِبْرَٰهِيمَ ﴿٨٣﴾

شەكسىزكى ئىبراھىمنىڭ ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىشى بىلەن دىنىغا قوشۇلغانلار ئۇنىڭ دىنىغا تەۋە كىشىلەردىندۇر

إِذْ جَآءَ رَبَّهُۥ بِقَلْبٍۢ سَلِيمٍ ﴿٨٤﴾

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا شېرىكتىن ساغلام، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا كۆيۈنگۈچى قەلب بىلەن كەلگەن ئىدى. إذ قال لأبيه وقومه ماذا تعبدون

إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِۦ مَاذَا تَعْبُدُونَ ﴿٨٥﴾

ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەر ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كايىپ: ئاللاھنى قويۇپ نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟

أَئِفْكًا ءَالِهَةًۭ دُونَ ٱللَّهِ تُرِيدُونَ ﴿٨٦﴾

ئاللاھنى قويۇپ ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇۋاتامسىلەر؟ بەت ۹ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فَمَا ظَنُّكُم بِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٨٧﴾

ھەي خالايىق! ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن باشقىغا چوقۇنغان پېتى ئۇنىڭغا ئۇچرىشىپ قالساڭلار، نېمىمۇ دەرسىلەر؟ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلار دەپ قارايسىلەر؟ دېدى

فَنَظَرَ نَظْرَةًۭ فِى ٱلنُّجُومِ ﴿٨٨﴾

ئىبراھىم قەۋمى بىلەن بىرگە (ئۇلارنىڭ دىنىي مۇراسىمىغا) چىقىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىرەر باھانە تېپىشنى ئويلاپ يۇلتۇزلارغا كۆز يۈگۈرتتى. فقال إنى سقيم

فَقَالَ إِنِّى سَقِيمٌۭ ﴿٨٩﴾

ئاندىن قەۋمى بىلەن بىرگە مۇراسىمغا چىقماسلىققا ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتتى. فتولوا عنه مدبرين

فَتَوَلَّوْا۟ عَنْهُ مُدْبِرِينَ ﴿٩٠﴾

ئاندىن ئۇلار ئىبراھىمنى تاشلاپ كېتىشتى

فَرَاغَ إِلَىٰٓ ءَالِهَتِهِمْ فَقَالَ أَلَا تَأْكُلُونَ ﴿٩١﴾

شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا مۇنۇلارنى ئېيتتى: مۇشرىكلار سىلەرگە تەييارلىغان يېمەكلىكتىن يېمەمسىلەر؟ ما لكم لا تنطقون

مَا لَكُمْ لَا تَنطِقُونَ ﴿٩٢﴾

نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟ نېمىشقا سوئال سورىغۇچىغا ئىنكاس بىلدۈرمەيسىلەر؟ ئاللاھنى قويۇپ مۇشۇنداق نەرسىگىمۇ چوقۇنىلامدۇ؟

فَرَاغَ عَلَيْهِمْ ضَرْبًۢا بِٱلْيَمِينِ ﴿٩٣﴾

ئاندىن ئىبراھىم ئۇلارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۇلارنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن كۈچەپ ئۇرۇشقا باشلىدى

فَأَقْبَلُوٓا۟ إِلَيْهِ يَزِفُّونَ ﴿٩٤﴾

ئارقىدىنلا بۇ بۇتلارنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ئىبراھىمنىڭ قېشىغا ئالدىراپ كېلىشتى. قال أتعبدون ما تنحتون

قَالَ أَتَعْبُدُونَ مَا تَنْحِتُونَ ﴿٩٥﴾

ئىبراھىم تەمكىنلىك بىلەن ئۇلارغا تىكىلىپ، ئۇلارغا كايىغان ھالدا مۇنداق دېدى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئويۇپ ياسىغان مۇشۇ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتامسىلەر؟

وَٱللَّهُ خَلَقَكُمْ وَمَا تَعْمَلُونَ ﴿٩٦﴾

ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنىمۇ ياراتقان بولۇپ، مۇشۇ بۇتلارمۇ سىلەرنىڭ ياسىغان نەرسىلىرىڭلاردىن بىرىدۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، پەقەت ئاللاھ تائالالا قۇلچىلىق قىلىنىشقا ۋە ئۇنىڭغا باشقا ھېچنەرسە شېرىك كەلتۈرۈلمەسلىككە لا يىقتۇر. بەت ۱۰ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

قَالُوا۟ ٱبْنُوا۟ لَهُۥ بُنْيَـٰنًۭا فَأَلْقُوهُ فِى ٱلْجَحِيمِ ﴿٩٧﴾

ئۇلار ئىبراھىمغا پاكىت بىلەن تاقابىل تۇرالماي، كۈچكە تايانماقچى بولۇشۇپ، ئىبراھىمنى قانداق قىلىش توغرىسىدا ئۆز - ئارا مەسلىھەتلىشىپ: ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، ئاندىن ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ، ئوت يېقىڭلار. ئاندىن ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار، دېدى

فَأَرَادُوا۟ بِهِۦ كَيْدًۭا فَجَعَلْنَـٰهُمُ ٱلْأَسْفَلِينَ ﴿٩٨﴾

ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنى كۆزدىن يوقىتىپ، بىراقلا قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولۇشتى. نەتىجىدە بىز ئىبراھىمغا ئوتنى سالقىن ۋە زىيانسىز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى زىيان تارتقۇزدۇق. وقال إنى ذاهب إلى ربى سيهدين

وَقَالَ إِنِّى ذَاهِبٌ إِلَىٰ رَبِّى سَيَهْدِينِ ﴿٩٩﴾

ئىبراھىم ئېيتتى: شەكسىزكى مەن پەرۋەردىگارىمغا لا يىقىدا قۇلچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قەۋمىمنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىمەن. چوقۇمكى پەرۋەردىگارىم ماڭا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ياخشى بولىدىغان يولنى كۆرسىتىدۇ

رَبِّ هَبْ لِى مِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ ﴿١٠٠﴾

ئەي رەببىم، ماڭا مۇساپىرچىلىقتا قەۋمىمنىڭ ئورنىدا غەمخورلۇق قىلىدىغان سالىھ بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىن. فبش رنه بغلم حليم

فَبَشَّرْنَـٰهُ بِغُلَـٰمٍ حَلِيمٍۢ ﴿١٠١﴾

بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر خەۋەرنى يەتكۈزدۇق. ئۇنىڭغا چوڭ بولغۇچە ياشايدىغان ھەم ئېغىر - بېسىق بولىدىغان بىر بالىسى بولىدىغانلىقىدىن خۇشبېشارەت بەردۇق. بۇ بالا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىدى

فَلَمَّا بَلَغَ مَعَهُ ٱلسَّعْىَ قَالَ يَـٰبُنَىَّ إِنِّىٓ أَرَىٰ فِى ٱلْمَنَامِ أَنِّىٓ أَذْبَحُكَ فَٱنظُرْ مَاذَا تَرَىٰ ۚ قَالَ يَـٰٓأَبَتِ ٱفْعَلْ مَا تُؤْمَرُ ۖ سَتَجِدُنِىٓ إِن شَآءَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلصَّـٰبِرِينَ ﴿١٠٢﴾

ئىسمائىل چوڭىيىپ، داداىسىنىڭ ئىش - كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغاندا دادىسى ئىبراھىم بىر چۈش كۆردى. پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ۋەھىي ئىدى. ئىبراھىم ئوغلىغا كۆرگەن چۈشىنىڭ تەبىرىنى يېشىپ: ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ (يەنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلۇپ) چۈش كۆرۈپتىمەن. سەن بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ دېدى. ئىسمائىل دادىسىغا جاۋابەن: ئەي ئاتا! ئاللاھ مېنى بوغۇزلاشقا بۇيرۇغان بولسا، شۇنداق قىلغىن. مېنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە مەمنۇنىيەت بىلەن سەۋر قىلىدىغانلاردىن ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن، دېدى

فَلَمَّآ أَسْلَمَا وَتَلَّهُۥ لِلْجَبِينِ ﴿١٠٣﴾

ئاتا - بالا ئىككىسى ئاللاھقا باش ئېگىپ، ئەمرىگە بويسۇنغاچقا، ئىبراھىم ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى يېنىچە ياتقۇزدى

وَنَـٰدَيْنَـٰهُ أَن يَـٰٓإِبْرَٰهِيمُ ﴿١٠٤﴾

ئىبراھىم ئوغلىنى بوغۇزلاش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەمشىلىۋاتقاندا بىز ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلدۇق: ئەي ئىبراھىم! بەت ۱۱ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

قَدْ صَدَّقْتَ ٱلرُّءْيَآ ۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ ﴿١٠٥﴾

سەن ئوغلۇڭ ئىسمائىلنى بوغۇزلاشتا قەتئىي نىيەتكە كېلىش ئارقىلىق چۈشۈڭدە كۆرگەنلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ. شەكسىزكى بىز - سېنى بۇ بۈيۈك سىناقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك - ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلاپ، سىناقلاردىن ۋە ئېغىر كۈنلەردىن قۇتۇلدۇرىمىز

إِنَّ هَـٰذَا لَهُوَ ٱلْبَلَـٰٓؤُا۟ ٱلْمُبِينُ ﴿١٠٦﴾

شەكسىزكى بۇ ئەلۋەتتە ئوپئوچۇق بىر سىناق ئىدى. ئىبراھىم بۇ سىناقتىن شەكسىز ئۆتتى. وفدينه بذب ح عظيم

وَفَدَيْنَـٰهُ بِذِبْحٍ عَظِيمٍۢ ﴿١٠٧﴾

بىز ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا بوغۇزلاش ئۈچۈن چوڭ بىر قوچقارنى بەردۇق

وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ ﴿١٠٨﴾

كېيىنكى ئۈممەتلەر ئىچىدە ئىبراھىمنىڭ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق

سَلَـٰمٌ عَلَىٰٓ إِبْرَٰهِيمَ ﴿١٠٩﴾

ئىبراھىمغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! ھەر قانداق زىيان ۋە ئاپەتتىن ئامان قېلىشى ئۈچۈن تىلەكلەر ياغسۇن!

كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ ﴿١١٠﴾

بىز ئىبراھىمنىڭ ئىتائىتىگە قارىتا مۇكاپات بەرگىنىمىزدەك، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ مۇكاپاتلايمىز

إِنَّهُۥ مِنْ عِبَادِنَا ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿١١١﴾

شەكسىزكى ئىبراھىم ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىق ۋەزىپىسىنى لا يىقىدا بەجا كەلتۈرىدىغان مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىني ئىدى

وَبَشَّرْنَـٰهُ بِإِسْحَـٰقَ نَبِيًّۭا مِّنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ ﴿١١٢﴾

بىز ئۇنىڭغا كەلگۈسىدە پەيغەمبەر ۋە سالىھ بەندە بولىدىغان يەنە بىر پەرزەنت بىلەن خۇشبېشارەت بەردۇقكى، ئۇ ئىسھاق ئىدى. بۇ، ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا كۆرسەتكەن ئىتائەتمەنلىكىنىڭ مۇكاپاتىدۇر

وَبَـٰرَكْنَا عَلَيْهِ وَعَلَىٰٓ إِسْحَـٰقَ ۚ وَمِن ذُرِّيَّتِهِمَا مُحْسِنٌۭ وَظَالِمٌۭ لِّنَفْسِهِۦ مُبِينٌۭ ﴿١١٣﴾

بىز ئۇنىڭغا ۋە ئوغلى ئىسھاققا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، كۆپلىگەن نېئمەتلەرنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكىمۇ شۇ نېئمەتلەردىن بىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ياخشى بەندە بولىدىغانلىرىمۇ، كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئوچۇق - ئاشكارا زۇلۇم قىلىدىغانلىرىمۇ بار. ولقد مننا عل موس وهرون

وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَـٰرُونَ ﴿١١٤﴾

شەكسىزكى بىز مۇساغا ۋە قېرىندىشى ھارۇنغا پەيغەمبەرلىكنى ئىلتىپات قىلدۇق. بەت ۱۲ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَنَجَّيْنَـٰهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ ٱلْكَرْبِ ٱلْعَظِيمِ ﴿١١٥﴾

بىز ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەمى بەنىي ئىسرائىلنى پىرئەۋننىڭ ئېكسپىلاتاتسىيەسىدىن ھەمدە غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلدۇردۇق

وَنَصَرْنَـٰهُمْ فَكَانُوا۟ هُمُ ٱلْغَـٰلِبِينَ ﴿١١٦﴾

بىز ئۇلارغا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىگە قارشى ياردەم بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى

وَءَاتَيْنَـٰهُمَا ٱلْكِتَـٰبَ ٱلْمُسْتَبِينَ ﴿١١٧﴾

بىز مۇساغا ۋە قېرىندىشى ھارۇنغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن چۈشۈرۈلگەن روشەن كىتاب تەۋراتنى بەردۇقكى، ئۇنىڭدا قىلچە چۈشىنىكسىزلىك يوق

وَهَدَيْنَـٰهُمَا ٱلصِّرَٰطَ ٱلْمُسْتَقِيمَ ﴿١١٨﴾

بىز ئۇلارنى قىلچە ئەگرىلىك بولمىغان تۈپتۈز يولغا باشلىدۇق. ئۇ يول بولسا ياراتقۇچى زاتنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان ئىسلام يولىدۇر

وَتَرَكْنَا عَلَيْهِمَا فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ ﴿١١٩﴾

بىز كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭمۇ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق. سلمعل موس وهرون

سَلَـٰمٌ عَلَىٰ مُوسَىٰ وَهَـٰرُونَ ﴿١٢٠﴾

ئۇلارغا ئاللاھ تەرەپتىن سالاملار ۋە مەدھىيەلەر بولسۇن! ھەر قانداق يامانلىقتىن ئامان بولۇشلىرى ئۈچۈن تىلەكلەر ياغسۇن!

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ ﴿١٢١﴾

شەكسىزكى بىز مۇسا ۋە ھارۇننى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، رەببىگە ئىتائەتمەن بولۇش ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىمۇ شۇنداق مۇكاپاتلايمىز

إِنَّهُمَا مِنْ عِبَادِنَا ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿١٢٢﴾

شەكسىزكى مۇسا بىلەن ھارۇن ئاللاھ كۆرسەتكەن بويىچە ئەمەل قىلىدىغان مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى

وَإِنَّ إِلْيَاسَ لَمِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿١٢٣﴾

شەكسىزكى ئىلياسمۇ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن بىرىدۇركى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك نېئمىتىنى بەردى

إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِۦٓ أَلَا تَتَّقُونَ ﴿١٢٤﴾

ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆزى پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن قەۋمى بەنىي ئىسرائىلغا: ئەي قەۋمىم! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقمامسلەر؟ تەۋھىد ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ بىرىدۇر. چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقمامسىلەركى، شېرىك شۇ چەكلىمىلەردىن بىرىدۇر. بەت ۱۳ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

أَتَدْعُونَ بَعْلًۭا وَتَذَرُونَ أَحْسَنَ ٱلْخَـٰلِقِينَ ﴿١٢٥﴾

ئاللاھنى قويۇپ بەئلى دېگەن بۇتۇڭلارغا چوقۇنامسىلەر؟ ئەمەلىيەتتە سىلەر ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچى بولغان ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنى تاشلاۋاتىسىلەر؟

ٱللَّهَ رَبَّكُمْ وَرَبَّ ءَابَآئِكُمُ ٱلْأَوَّلِينَ ﴿١٢٦﴾

ئۇ ئاللاھ سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. نە پايدا، نە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلار ئەمەس، بەلكى پەقەت ئاللاھلا قۇلچىلىق قىلىشقا ھەقىقىي لا يىقتۇر. فكذ بوه فإن هم لمحضرون

فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ ﴿١٢٧﴾

ئىلياسنىڭ قەۋمىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن باشقا نەرسە بولمىدى. ئۇلار ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلْمُخْلَصِينَ ﴿١٢٨﴾

لېكىن ئۇنىڭ قەۋمى ئىچىدىن مۇئمىن بولۇپ، ئىبادەتلىرىدە ئاللاھقا ئىخلاسمەن بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. بۇنداق كىشىلەر ئازابقا تاشلىنىشتىن قۇتۇلغۇچىلاردۇر

وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ ﴿١٢٩﴾

بىز كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭمۇ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق

سَلَـٰمٌ عَلَىٰٓ إِلْ يَاسِينَ ﴿١٣٠﴾

ئىلياسقا ئاللاھنىڭ سالامى ۋە مەدھىيەسى بولسۇن!

إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ ﴿١٣١﴾

شەكسىزكى بىز مۇسا ۋە ھارۇننى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، رەببىگە ئىتائەتمەن بولۇپ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنىمۇ شۇنداق مۇكاپاتلايمىز

إِنَّهُۥ مِنْ عِبَادِنَا ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿١٣٢﴾

شەكسىزكى ئىلياس پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىمانىدا ھەقىقىي راستچىل، مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى

وَإِنَّ لُوطًۭا لَّمِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿١٣٣﴾

شەكسىزكى، لۇت ئاللاھ تائالا ئۆز قەۋمىگە خۇشبېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن ئىدى. إ ذ نجينه وأ هله أ جمعين

إِذْ نَجَّيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥٓ أَجْمَعِينَ ﴿١٣٤﴾

ئۆز ۋاقتىدىكى ئىشنى ئەسلىگىنكى، بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تەۋەلىكىنى قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن ئازابتىن ساقلاپ قالدۇق. بەت ۱۴ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

إِلَّا عَجُوزًۭا فِى ٱلْغَـٰبِرِينَ ﴿١٣٥﴾

پەقەت ئۇنىڭ ئايالى قەۋمىگە ئوخشاش كاپىر بولغاچقا، ئۇنىڭغىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب كەلدى

ثُمَّ دَمَّرْنَا ٱلْـَٔاخَرِينَ ﴿١٣٦﴾

ئاندىن ئۇنىڭ قەۋمىدىن ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمىگەنلەرنى ھالاك قىلدۇق. وإ نكم لتمر ون عليهم م ص بحين

وَإِنَّكُمْ لَتَمُرُّونَ عَلَيْهِم مُّصْبِحِينَ ﴿١٣٧﴾

ئەي مەككە ئاھالىسى! شەكسىزكى سىلەر شامغا ماڭغاندا سەپەر جەريانىدا سەھەردە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىدىن ئۆتۈپ تۇرىسىلەر

وَبِٱلَّيْلِ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ ﴿١٣٨﴾

شۇنداقلا ئۇ جايدىن كېچىدىمۇ ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. بۇ ھەقتە ئويلىنىپ، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، كاپىر بولۇپ، ئىلگىرى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان قەبىھ قىلمىشلارنى قىلغاندىن كېيىن ئۇلار دۇچار بولغان يامان ئاقىۋەتتىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟

وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿١٣٩﴾

شەكسىزكى بەندىمىز يۇنۇس ئاللاھ تائالا ئۆز قەۋملىرىگە خۇشبېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن ئىدى

إِذْ أَبَقَ إِلَى ٱلْفُلْكِ ٱلْمَشْحُونِ ﴿١٤٠﴾

ئەينى چاغدا ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ رۇخسىتىسىز قەۋمىدىن قېچىپ، يولۇچىلار ۋە يۈك - تاقلار بىلەن تولغان كېمىگە چىقتى

فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ ٱلْمُدْحَضِينَ ﴿١٤١﴾

كېمە بەك لىق بولۇپ كەتكەنلىكتىن چۆكۈپ كېتىشكە تاس قالدى. شۇنىڭ بىلەن كېمىدىكىلەر يولۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بەزى كىشىلەرنى تاشلىۋېتىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى. يۇنۇسمۇ دېڭىزغا تاشلىنىدىغانلاردىن بىرى بوپقېلىپ، ئۇلار ئۇنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى

فَٱلْتَقَمَهُ ٱلْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌۭ ﴿١٤٢﴾

ئۇلار ئۇنى دېڭىزغا تاشلىغاندا چوڭ بىر بېلىق ئۇنى تۇتۇپلا يۇتۇۋەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ رۇخسىتىسىز دېڭىزغا بارغانلىقى ئۈچۈن مالامەت قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغان ئىدى

فَلَوْلَآ أَنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلْمُسَبِّحِينَ ﴿١٤٣﴾

يۇنۇس بېشىغا بۇ كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھنى كۆپ ئەسلەيدىغانلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدىكى ۋاقتىدىمۇ ئاللاھقا كۆپ تەسبىھ ئېيتمىغان بولسا ئىدى،

لَلَبِثَ فِى بَطْنِهِۦٓ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ ﴿١٤٤﴾

ئەلۋەتتە قىيامەتكە قەدەر بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ قالاتتى. چۈنكى بېلىقنىڭ قارنى ئۇنىڭ قەبرىسى بولاتتى. بەت ۱۵ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

۞ فَنَبَذْنَـٰهُ بِٱلْعَرَآءِ وَهُوَ سَقِيمٌۭ ﴿١٤٥﴾

شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى بېلىقنىڭ قارنىدىن چىقىرىپ، دەل - دەرەخ ۋە قۇرۇلۇشلار بولمىغان بىر جايغا تاشلىدۇق. ئۇ بېلىقنىڭ قارنىدا مەلۇم ۋاقىت تۇرغان بولغاچقا بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. وأنبتنا عليه ش جرة من يقطين

وَأَنۢبَتْنَا عَلَيْهِ شَجَرَةًۭ مِّن يَقْطِينٍۢ ﴿١٤٦﴾

بىز ئاشۇ ئاق يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ۋە مېۋىسىنى يېگىلى بولىدىغان بىر خىل كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. وأرسلنه إ لى مائة ألف أو يزيدون

وَأَرْسَلْنَـٰهُ إِلَىٰ مِا۟ئَةِ أَلْفٍ أَوْ يَزِيدُونَ ﴿١٤٧﴾

بىز ئۇنى يۈز مىڭ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. فٔامنوا فمتعنهم إ لى حين

فَـَٔامَنُوا۟ فَمَتَّعْنَـٰهُمْ إِلَىٰ حِينٍۢ ﴿١٤٨﴾

ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بېكىتىلگەن ئەجىلى توشقانغا قەدەر ئۇلارنى ھاياتىي دۇنيادا قالدۇردى

فَٱسْتَفْتِهِمْ أَلِرَبِّكَ ٱلْبَنَاتُ وَلَهُمُ ٱلْبَنُونَ ﴿١٤٩﴾

ئەي مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلاردىن مۇنداق ئىنكار سوئالىنى سوراپ باققىن: سىلەر ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇللارنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلامسىلەر؟ بۇ قانداق تەقسىمات؟

أَمْ خَلَقْنَا ٱلْمَلَـٰٓئِكَةَ إِنَـٰثًۭا وَهُمْ شَـٰهِدُونَ ﴿١٥٠﴾

ئۇلار قانداقمۇ پەرىشتىلەرنى چىشى جىنسلىق دەپ بىلجىرلايدۇ؟ ئۇلار ئۇ پەرىشتىلەر يارىتىلغان يەردە يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسا؟

أَلَآ إِنَّهُم مِّنْ إِفْكِهِمْ لَيَقُولُونَ ﴿١٥١﴾

وَلَدَ ٱللَّهُ وَإِنَّهُمْ لَكَـٰذِبُونَ ﴿١٥٢﴾

ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بۆھتان قىلىپ، ئۇ زاتقا بالا نىسبەت بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىدا يالغانچى ئىكەنلىكى مۇشرىكلارنىڭ يالغانلىرىدىندۇر

أَصْطَفَى ٱلْبَنَاتِ عَلَى ٱلْبَنِينَ ﴿١٥٣﴾

ئاللاھ تائالا ئۆزىگە سىلەر ياقتۇرىدىغان ئوغۇللارنى قويۇپ، سىلەر ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى تاللىدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئىش يوق. ما لكم كيف تحكمون

مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ ﴿١٥٤﴾

ئەي مۇشرىكلار! نېمىشقا قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىپ، ئوغۇللارنى ئۆزۈڭلارغا خاس قىلىدىغان بۇنداق يولسىز ھۆكۈمنى چىقىرىسىلەر!؟. بەت ۱۶ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر أ فلا تذك رون

أَفَلَا تَذَكَّرُونَ ﴿١٥٥﴾

ئۆزۈڭلارنىڭ بۇ بۇزۇق ئېتىقادىنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىلكىنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟ چۈنكى سىلەر ئويلانغان بولساڭلار، ھەرگىزمۇ بۇنداق گەپنى دېمەيتتىڭلار. أم لكم سلطن م بين

أَمْ لَكُمْ سُلْطَـٰنٌۭ مُّبِينٌۭ ﴿١٥٦﴾

ياكى سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە بىرەر كىتابتىن ياكى پەيغەمبەردىن روشەن دەلىل - پاكىتىڭلار بارمۇ؟ فأ توا بكتبكم إ نكنتم صدقين

فَأْتُوا۟ بِكِتَـٰبِكُمْ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ ﴿١٥٧﴾

ئەگەر سىلەر مۇشۇ بىلجىرلاشلىرىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرنىڭ بۇنداق دېيىشىڭلارغا سەۋەب بولغان پاكىت بار كىتابىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار

وَجَعَلُوا۟ بَيْنَهُۥ وَبَيْنَ ٱلْجِنَّةِ نَسَبًۭا ۚ وَلَقَدْ عَلِمَتِ ٱلْجِنَّةُ إِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ ﴿١٥٨﴾

مۇشرىكلار ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە كۆرۈنمەيدىغان پەرىشتىلەر ئارىسىدا بىر نەسەب مۇناسىۋىتى بار دېيىشتى. چۈنكى ئۇلار پەرىشىتلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ بىلجىرلاشتى. ھالبۇكى پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ چوقۇم مۇشرىكلارنى ھېساب ئېلىش ئۈچۈن توپلايدىغانلىقىنى بىلەتتى

سُبْحَـٰنَ ٱللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ ﴿١٥٩﴾

ئاللاھ تائالا مۇشرىكلار ئېيتقاندەك بالىسى بولۇش، شېرىكى بولۇش دېگەندەك نالايىق سۈپەتلەردىن پاك ھەم مۇقەددەستۇر

إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلْمُخْلَصِينَ ﴿١٦٠﴾

لېكىن ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى ئاللاھنى پەقەت ئۇنىڭ زاتىغا ماس كېلىدىغان ئۇلۇغلۇق ۋە مۇكەممەللىك سۈپەتلىرى بىلانلا سۈپەتلەيدۇ. فإنكم وما تعبدون

فَإِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ ﴿١٦١﴾

مَآ أَنتُمْ عَلَيْهِ بِفَـٰتِنِينَ ﴿١٦٢﴾

ئەي مۇشرىكلار! شەكسىزكى سىلەر ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار ھەق دىندىن ھېچكىمنى ئازدۇرۇۋېتەلمەيسىلەر

إِلَّا مَنْ هُوَ صَالِ ٱلْجَحِيمِ ﴿١٦٣﴾

لېكىن ئاللاھ دوزىخىي بولۇشىنى پۈتۈۋەتكەن كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىدۇ - دە، ئۇلار كاپىر بولۇپ، دوزاخقا كىرىدۇ. بىراق سىلەر ۋە سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشقا قىلچە سالاھىيىتىڭلار توشمايدۇ

وَمَا مِنَّآ إِلَّا لَهُۥ مَقَامٌۭ مَّعْلُومٌۭ ﴿١٦٤﴾

پەرىشتىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا بولغان قۇلچىلىقلىرىنى ھەمدە مۇشرىكلارنىڭ بىلجىرلاشلىرىدىن ئادا - جۇدا ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشىپ: بىزدىن ھەر بىرىمىزنىڭ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىشتا مۇئەييەن ئورنى بار. بەت ۱۷ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَإِنَّا لَنَحْنُ ٱلصَّآفُّونَ ﴿١٦٥﴾

وَإِنَّا لَنَحْنُ ٱلْمُسَبِّحُونَ ﴿١٦٦﴾

شەكسىزكى بىز پەرىشتىلەر ئاللاھقا قۇلچىقلىق قىلىش ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغۇچىلارمىز. شەكسىزكى بىز ئاللاھنى نالايىق سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلارمىز، دەيدۇ. وإ نكانوا ليقولون

وَإِن كَانُوا۟ لَيَقُولُونَ ﴿١٦٧﴾

لَوْ أَنَّ عِندَنَا ذِكْرًۭا مِّنَ ٱلْأَوَّلِينَ ﴿١٦٨﴾

لَكُنَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلْمُخْلَصِينَ ﴿١٦٩﴾

فَكَفَرُوا۟ بِهِۦ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ ﴿١٧٠﴾

مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن: كاشكى بىزنىڭمۇ تەۋراتقا ئوخشاش ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىرەر كىتابىمىز بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۈچۈن خالىس ئىبادەت قىلغان بولاتتۇق، دېيىشەتتى. ھالبۇكى ئۇلار بۇ سۆزلىرىدە يالغانچىلاردۇر. چۈنكى دەرۋەقە ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كەلسە ئۇلار ئۇنىڭغا كاپىر بولۇشتى. ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان قاتتىق ئازابنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ

وَلَقَدْ سَبَقَتْ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿١٧١﴾

إِنَّهُمْ لَهُمُ ٱلْمَنصُورُونَ ﴿١٧٢﴾

وَإِنَّ جُندَنَا لَهُمُ ٱلْغَـٰلِبُونَ ﴿١٧٣﴾

پەيغەمبەرلىرىمىزگە ئاللاھنىڭ روشەن پاكىت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىشى بىلەن دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەمدە بۇ غەلىبىنىڭ ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىدىغان ئەسكەرلىرىمىزگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزىمىز ئىلگىرىلا دېيىلىپ بولغان. فتول عنهمحت حين

فَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍۢ ﴿١٧٤﴾

ئەي پەيغەمبەر! بۇ تەرسا مۇشرىكلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. ئۇلارغا ئازاب كېلىدىغان ۋاقىتنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. وأبصرهم فسوف يبصرون

وَأَبْصِرْهُمْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ ﴿١٧٥﴾

ئۇلارغا ئازاب كېلىدىغان ۋاقىتقىچىلىك ئۇلارنى كۈتكىن. ئۇلار ئۆزلىرىگە چۈشىنىش ئەسقاتمايدىغان ۋاقىتتا چۈشىنىپ يېتىدۇ. أ فبعذابنا يستعجلون

أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ ﴿١٧٦﴾

بۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئازابىنى ئالدىرىتىۋاتامدۇ؟ بەت ۱۸ دىن ۱۹ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمْ فَسَآءَ صَبَاحُ ٱلْمُنذَرِينَ ﴿١٧٧﴾

ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشكەن سەباھ، ئۇلار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان ئەتتىگەن! وتول عنهمحت حين

وَتَوَلَّ عَنْهُمْ حَتَّىٰ حِينٍۢ ﴿١٧٨﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارغا پەرۋا قىلمىغىن. وأبصر فسوف يبصرون

وَأَبْصِرْ فَسَوْفَ يُبْصِرُونَ ﴿١٧٩﴾

سەنمۇ كۈتكىن، ئۇلارمۇ كۈتسۇن، ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە جازاسى قانداق بولىدىكىن قېنى؟

سُبْحَـٰنَ رَبِّكَ رَبِّ ٱلْعِزَّةِ عَمَّا يَصِفُونَ ﴿١٨٠﴾

ئەي مۇھەممەد! كۈچ - قۇۋۋەت ئىگىسى بولغان رەببىڭنى مۇشرىكلار سۈپەتلىگەن كەمچىلىكلەردىن پاك ۋە مۇقەددەس دەپ بىلگىن

وَسَلَـٰمٌ عَلَى ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿١٨١﴾

بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى ۋە مەدھىيەسى بولسۇن!

وَٱلْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٨٢﴾

پۈتۈن مەدھىيە ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئۇ مەدھىيەگە لا يىقتۇر، ئۇ جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا رەب يوقتۇر. بەت ۱۹ دىن ۱۹ moc.hgelp

ئۆگىنىش · الصافات — As-Saaffaat

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل