باش بەتتەپسىرص (38)

تەپسىر ص — Saad (38)

مەككىلىك · 88 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

صٓ ۚ وَٱلْقُرْءَانِ ذِى ٱلذِّكْرِ ﴿١﴾

بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا ئۆتتى. كىشىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىگە مەنپەئەت بېرىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەرىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەقىقىي ئەھۋال مۇشرىكلار ئويلىغاندەك ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس

بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ فِى عِزَّةٍۢ وَشِقَاقٍۢ ﴿٢﴾

لېكىن كاپىرلار ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن باش تارتىپ، مۇھەممەد بىلەن قارشىلىشىش ۋە دۈشمەنلىشىش پوزىتسىيەسىدە بولدى. كم أهلكنا من قبلهم من قرن فنادوا ولا ت حين مناص

كَمْ أَهْلَكْنَا مِن قَبْلِهِم مِّن قَرْنٍۢ فَنَادَوا۟ وَّلَاتَ حِينَ مَنَاصٍۢ ﴿٣﴾

بىز ئۇلاردىن ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان نۇرغۇن ئاھالىلەرنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئازاب كەلگەندە پەرياد قىلىشتى. بىراق بۇ ۋاقىت ئۇلار ئازابتىن قۇتۇلىدىغان، پەرياد قىلىش ئەسقاتىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى

وَعَجِبُوٓا۟ أَن جَآءَهُم مُّنذِرٌۭ مِّنْهُمْ ۖ وَقَالَ ٱلْكَـٰفِرُونَ هَـٰذَا سَـٰحِرٌۭ كَذَّابٌ ﴿٤﴾

ئۇلار ناۋادا ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسىدا ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىتىدىغان بىرەر پەيغەمبەرنىڭ كىلىشىدىن ھەيران قېلىشتى. كاپىرلار مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ راستلىقىنىڭ دەلىل - پاكىتلىرىنى كۆرگەندە: بۇ ئادەم كىشىلەرنىڭ كۆزىنى باغلايدىغان سېھىرگەردۇر، ئۇ ئۆزىنى ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي كېلىدىغان پەيغەمبەر دېگەن دەۋاسىدا يالغانچىدۇر، دېيىشتى

أَجَعَلَ ٱلْـَٔالِهَةَ إِلَـٰهًۭا وَٰحِدًا ۖ إِنَّ هَـٰذَا لَشَىْءٌ عُجَابٌۭ ﴿٥﴾

ئۇلار يەنە: بۇ ئادەم بىر قانچە ئىلاھنى پەقەت بىرلا ئىلاھ قىلامدىكەن؟ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقمىكەن؟ شەكسىزكى ئۇنىڭ بۇ قىلىقى تولىمۇ ھەيران قالارلىق، دېيىشتى

وَٱنطَلَقَ ٱلْمَلَأُ مِنْهُمْ أَنِ ٱمْشُوا۟ وَٱصْبِرُوا۟ عَلَىٰٓ ءَالِهَتِكُمْ ۖ إِنَّ هَـٰذَا لَشَىْءٌۭ يُرَادُ ﴿٦﴾

ئۇلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى ۋە كاتتىلىرى ئەگەشكۈچىلىرىگە: بۇرۇندىن مېڭىپ كەلگەن يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، مۇھەممەدنىڭ دىنىغا كىرگۈچى بولماڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرۇڭلار. شەكسىزكى مۇھەممەد سىلەرنى چاقىرغان بىر ئىلاھقا قۇلچىلىق قىلىش ئىشى، ئۇ ئۆزى بىزدىن ئۈستۈن بولۇۋېلىپ، بىزنىڭ ئۆزىگە ئەگەشكۈچى بولۇشىمىز ئۈچۈن ئالدىن پىلانلىغان ئىشتۇر، دېگىنىچە يۈرۈپ كېتىشتى

مَا سَمِعْنَا بِهَـٰذَا فِى ٱلْمِلَّةِ ٱلْـَٔاخِرَةِ إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا ٱخْتِلَـٰقٌ ﴿٧﴾

بىز مۇھەممەد چاقىرىۋاتقان «ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش» دېگەن گەپنى نە ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزدىن، نە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن ئاڭلاپ باقمىغان. بىز مۇھەممەدتىن ئاڭلىغان بۇ گەپ يالغان ۋە بوھتاندىن باشقا نەرسە ئەمەس

أَءُنزِلَ عَلَيْهِ ٱلذِّكْرُ مِنۢ بَيْنِنَا ۚ بَلْ هُمْ فِى شَكٍّۢ مِّن ذِكْرِى ۖ بَل لَّمَّا يَذُوقُوا۟ عَذَابِ ﴿٨﴾

قۇرئان كەرىم بىزنىڭ ئىچىمىزدىن پەقەت ئۇنىڭغىلا چۈشۈپ، بىزدەك ئاقسۆڭەك، مۆتىۋەرلەرگە چۈشمەسلىكى توغرىمۇ؟ بۇ مۇشرىكلار ساڭا نازىل بولغان ۋەھىيدىن گۇماندىدۇر. ئۇلار تېخى ئاللاھنىڭ ئازابىنى تېتىمىغاچقا شۇنداق پەرۋاسىزلىق قىلىدۇ. ناۋادا ئاللاھنىڭ ئازابىنى تېتىغان بولسىدى، ھەرگىزمۇ ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا، بەت ۱ دىن ۱۱ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر شېرىك كەلتۈرۈشكە ۋە ساڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىدە گۇمان قىلىشقا پېتىنالمىغان بولاتتى

أَمْ عِندَهُمْ خَزَآئِنُ رَحْمَةِ رَبِّكَ ٱلْعَزِيزِ ٱلْوَهَّابِ ﴿٩﴾

بۇ يالغانچى مۇشرىكلارنىڭ يېنىدا ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب پەرۋەردىگارىڭنىڭ پەزلى - مەرھەمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟ ئاللاھ خالىغان كىشىگە خالىغىنىنى بېرىدۇ. پەيغەمبەرلىكمۇ ئۇنىڭ پەزلى - مەرھەمىتىنىڭ خەزىنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىمۇ ئۆزى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ، ئۆزلىرى خالىغان كىشىگە بېرىپ، خالىغىنىغا بەرمەسلىك ھوقۇقى يوق

أَمْ لَهُم مُّلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ فَلْيَرْتَقُوا۟ فِى ٱلْأَسْبَـٰبِ ﴿١٠﴾

ياكى ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئۇلارنىڭ قولىدىمۇ؟ ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بېرىش - بەرمەسلىك ھوقۇقى بولار ئىدى. ئۇلار مۇشۇنداق بىلجىرلىغان ئىكەن، بېرىش - بەرمەسلىكتە ئۆزلىرى خالىغان قارارنى چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاسمانغا چىقالايدىغاننىڭ ئامالىنى قىلىپ باقسۇن قېنى؟ ئۇلار ھەرگىز بۇنداق قىلالمايدۇ

جُندٌۭ مَّا هُنَالِكَ مَهْزُومٌۭ مِّنَ ٱلْأَحْزَابِ ﴿١١﴾

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان بۇ كىشىلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان قوشۇنلارغا ئوخشاش مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم قوشۇندۇر

كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍۢ وَعَادٌۭ وَفِرْعَوْنُ ذُو ٱلْأَوْتَادِ ﴿١٢﴾

بۇ ئىنكارچىلار تۇنجى ئىنكارچى ئەمەس. ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىمۇ ئىنكار قىلغان ئىدى، ئادمۇ ئىنكار قىلغان ئىدى. كىشىلەرنى قوزۇقلارغا قېقىپ قىينايدىغان پىرئەۋنمۇ ئىنكار قىلغان ئىدى

وَثَمُودُ وَقَوْمُ لُوطٍۢ وَأَصْحَـٰبُ لْـَٔيْكَةِ ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلْأَحْزَابُ ﴿١٣﴾

سەمۇد قەۋمىمۇ ئىنكار قىلدى، لۇت قەۋمىمۇ ئىنكار قىلدى، شۇئەيب قەۋمىمۇ ئىنكار قىلدى. ئەنە شۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە كاپىر بولۇشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان گۇرۇھلاردۇر

إِن كُلٌّ إِلَّا كَذَّبَ ٱلرُّسُلَ فَحَقَّ عِقَابِ ﴿١٤﴾

بۇ گۇرۇھلاردىن ھەر كىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلماي قالمىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى لا يىق بولۇپ، گەرچە كېچىكىپ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ئازابى كەلدى

وَمَا يَنظُرُ هَـٰٓؤُلَآءِ إِلَّا صَيْحَةًۭ وَٰحِدَةًۭ مَّا لَهَا مِن فَوَاقٍۢ ﴿١٥﴾

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان بۇ ئادەملەر پەقەت ئىككىنچى قېتىملىق سۈر پۈۋلىنىشىنى كۈتىدۇكى، ئۇ چاغدا قايتىش بولمايدۇ، ئۇلار ناۋادا پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان پېتى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇلارغا ئازاب چۈشىدۇ

وَقَالُوا۟ رَبَّنَا عَجِّل لَّنَا قِطَّنَا قَبْلَ يَوْمِ ٱلْحِسَابِ ﴿١٦﴾

ئۇلار مەسخىرە قىلىشىپ: ئەي رەببىمىز! قىيامەت كېلىشتىن بۇرۇن مۇشۇ دۇنيادىلا بىزگە تېگىشلىك ئازابنى كەلتۈرگىن، دېيىشتى. بەت ۲ دىن ۱۱ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

ٱصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَٱذْكُرْ عَبْدَنَا دَاوُۥدَ ذَا ٱلْأَيْدِ ۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ ﴿١٧﴾

ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلارنىڭ سېنى خاپا قىلىدىغان گەپلەرنى دېگەنلىكىگە سەۋر قىلغىن، دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشتا كۈچلۈك، ئاللاھقا تائەت قىلىشتا سەۋرچان بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن. چۈنكى ئۇ ئاللاھقا كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ھەمدە ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئەمەلنى كۆپ قىلغۇچى ئىدى

إِنَّا سَخَّرْنَا ٱلْجِبَالَ مَعَهُۥ يُسَبِّحْنَ بِٱلْعَشِىِّ وَٱلْإِشْرَاقِ ﴿١٨﴾

شەكسىزكى بىز داۋۇدقا تاغلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. داۋۇد ئەتىگەن - ئاخشاملىرى تەسبىھ ئېيتسا،ل ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاغلارمۇ تەسبىھ ئېيتاتتى

وَٱلطَّيْرَ مَحْشُورَةًۭ ۖ كُلٌّۭ لَّهُۥٓ أَوَّابٌۭ ﴿١٩﴾

بىز ھاۋادىكى قۇشلارنىمۇ بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ھەر بىر قۇش ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەسبىھ ئېيتىدۇ

وَشَدَدْنَا مُلْكَهُۥ وَءَاتَيْنَـٰهُ ٱلْحِكْمَةَ وَفَصْلَ ٱلْخِطَابِ ﴿٢٠﴾

بىز ئۇنىڭغا ھەيۋەت، كۈچ - قۇۋۋەت ۋە دۈشمەنلىرىگە قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق. ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىشلىرىدا توغرا قىلىش قابىلىيىتىنى بەردۇق. ئۇنىڭغا مەقسىتىنى تولۇق ئىپادىلىيەلەيدىغان نوتۇق قابىلىيىتى ۋە گەپ - سۆز ھەم ھۆكۈم قىلىشتا ئۆتكۈر پاساھەت ئاتا قىلدۇق

۞ وَهَلْ أَتَىٰكَ نَبَؤُا۟ ٱلْخَصْمِ إِذْ تَسَوَّرُوا۟ ٱلْمِحْرَابَ ﴿٢١﴾

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئارتىلىپ چۈشكەن ئىككى دەۋاگەرنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟

إِذْ دَخَلُوا۟ عَلَىٰ دَاوُۥدَ فَفَزِعَ مِنْهُمْ ۖ قَالُوا۟ لَا تَخَفْ ۖ خَصْمَانِ بَغَىٰ بَعْضُنَا عَلَىٰ بَعْضٍۢ فَٱحْكُم بَيْنَنَا بِٱلْحَقِّ وَلَا تُشْطِطْ وَٱهْدِنَآ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلصِّرَٰطِ ﴿٢٢﴾

ئەينى چاغدا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا ئۇشتۇمتۇت كىردى، شۇنىڭ بىلەن داۋۇد ئۇلارنىڭ بۇنداق بىنورمال ئۇسۇلدا ئۇشتۇمتۇت كىرگەنلىكىدىن چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار داۋۇدنىڭ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى سېزىپ: قورقمىغىن، بىز بىر - بىرىمىزگە زۇلۇم قىلغان دەۋاگەرلەرمىز. ئارىمىزدا ئادىل ھۆكۈم قىلغىن. ناۋادا سەن ھۆكۈم قىلساڭ بىزگە زۇلۇم قىلمايسەن. بىزگە توغرا بولغان يولنى كۆرسەتكىن، دېيىشتى

إِنَّ هَـٰذَآ أَخِى لَهُۥ تِسْعٌۭ وَتِسْعُونَ نَعْجَةًۭ وَلِىَ نَعْجَةٌۭ وَٰحِدَةٌۭ فَقَالَ أَكْفِلْنِيهَا وَعَزَّنِى فِى ٱلْخِطَابِ ﴿٢٣﴾

دەۋاگەرلەرنىڭ بىرى داۋۇدقا: بۇ ئادەم مېنىڭ قېرىندىشىم بولىدۇ، ئۇنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بولسا بىر ساغلىقىم بار. قېرىندىشىم مەندىن ئاشۇ بىر ساغلىقنىمۇ ئۆزىگە بېرىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇ مېنى دەلىلدە يېڭىپ قويدى، دېدى

قَالَ لَقَدْ ظَلَمَكَ بِسُؤَالِ نَعْجَتِكَ إِلَىٰ نِعَاجِهِۦ ۖ وَإِنَّ كَثِيرًۭا مِّنَ ٱلْخُلَطَآءِ لَيَبْغِى بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَقَلِيلٌۭ مَّا هُمْ ۗ وَظَنَّ دَاوُۥدُ أَنَّمَا فَتَنَّـٰهُ فَٱسْتَغْفَرَ رَبَّهُۥ وَخَرَّ رَاكِعًۭا وَأَنَابَ ۩ ﴿٢٤﴾

داۋۇد ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، دەۋاگەرگە قاراپ مۇنداق دېدى: قېرىندىشىڭ سېنىڭ بىر ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ ساڭا راستتىنلا ئۇۋال قىپتۇ. نۇرغۇن شېرىكلەر بىر - بىرىنىڭ ھەققىنى ئېلىۋېلىپ، ئىنساپسىزلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزئارا ئۆكتەملىك قىلىشىدۇ. لېكىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ شېرىكلىرىگە ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇۋال قىلمايدۇ. ھالبۇكى بۇنداق سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ئىنتايىن ئاز. داۋۇد بۇ دەۋا ئارقىلىق بىزنىڭ ئۆزىنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. ئاندىن رەببىدىن مەغپىرەت تىلەپ، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن سەجدىگە يىقىلىپ، تەۋبە قىلدى. بەت ۳ دىن ۱۱ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فَغَفَرْنَا لَهُۥ ذَٰلِكَ ۖ وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَـَٔابٍۢ ﴿٢٥﴾

بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى بۇ خاتالىقىنى كەچۈردۇق. شەكسىزكى ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە (رەھمىتىمىزگە) يېقىن قىلىنغانلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى نەتىجە بار

يَـٰدَاوُۥدُ إِنَّا جَعَلْنَـٰكَ خَلِيفَةًۭ فِى ٱلْأَرْضِ فَٱحْكُم بَيْنَ ٱلنَّاسِ بِٱلْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ ٱلْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَضِلُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌۭ شَدِيدٌۢ بِمَا نَسُوا۟ يَوْمَ ٱلْحِسَابِ ﴿٢٦﴾

ئەي داۋۇد! ھەقىقەتەن بىز سېنى يەر يۈزىدە دىنىي ۋە دۇنيالىق ھۆكۈملەرنى چىقىرىدىغان خەلىپە قىلدۇق. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىنىڭدا ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ياكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ياكى ئاراڭلاردىكى بىرەر دۈشمەنلىك تۈپەيلىدىن ئىككى دەۋاگەرنىڭ بىرىگە ئېغىپ كېتىش ئارقىلىق ھاۋايى - ھەۋەسكە ئەگەشمىگىن. بولمىسا ھاۋايى - ھەۋەس سېنى ئاللاھنىڭ توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرگە ھېساب بېرىدىغان كۈننى ئۇنتۇپ قالغانلىقلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بار. چۈنكى ئۇلار ھېساب بېرىدىغان كۈننى ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن قورققان بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماسلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى

وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَآءَ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا بَـٰطِلًۭا ۚ ذَٰلِكَ ظَنُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ۚ فَوَيْلٌۭ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِنَ ٱلنَّارِ ﴿٢٧﴾

بىز ئاسماننى ۋە زېمىننى بىكارغا ياراتمىدۇق. بۇ پەقەت كاپىلارنىڭ گۇمانىدۇر. مۇشۇنداق گۇماندا بولغان كاپىرلار ناۋادا ئۆزلىرىنىڭ كۇپرىسى ۋە ئاللاھقا بولغان يامان گۇمانى بىلەن ئۆلۈپلا كەتسە، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا دوزاخ ئازابىدىن ۋاي!

أَمْ نَجْعَلُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ كَٱلْمُفْسِدِينَ فِى ٱلْأَرْضِ أَمْ نَجْعَلُ ٱلْمُتَّقِينَ كَٱلْفُجَّارِ ﴿٢٨﴾

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلغانلارغا ئوخشاش قىلمايمىز، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلارغا گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۆمگەن كاپىر ۋە مۇناپىقلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايمىز. چۈنكى ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش زۇلۇم بولۇپ، ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لا يىق كەلمەيدىغان ئىشتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە ئاللاھ تائالا تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق مۇكاپاتلىسا، بەدبەخت كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق جازالايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەرگىزمۇ باراۋەر بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى جازا - مۇكاپاتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ

كِتَـٰبٌ أَنزَلْنَـٰهُ إِلَيْكَ مُبَـٰرَكٌۭ لِّيَدَّبَّرُوٓا۟ ءَايَـٰتِهِۦ وَلِيَتَذَكَّرَ أُو۟لُوا۟ ٱلْأَلْبَـٰبِ ﴿٢٩﴾

شەكسىزكى بۇ قۇرئان كەرىم بىز ساڭا نازىل قىلغان كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ ياخشىلىقى ۋە پايدىسى ئىنتايىن كۆپتۇر. بۇ كىتابنى بىز ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئويلىنىپ، مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئۆتكۈر ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق

وَوَهَبْنَا لِدَاوُۥدَ سُلَيْمَـٰنَ ۚ نِعْمَ ٱلْعَبْدُ ۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌ ﴿٣٠﴾

بىز داۋۇدنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نېئمەت ۋە مەرھەمەت قىلىپ ئوغلى سۇلايماننى بەردۇق. سۇلايمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە - ھە!؟ شەكسىزكى ئۇ ئاللاھقا كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ۋە كۆپ يۈزلەنگۈچىدۇر

إِذْ عُرِضَ عَلَيْهِ بِٱلْعَشِىِّ ٱلصَّـٰفِنَـٰتُ ٱلْجِيَادُ ﴿٣١﴾

ئۆز ۋاقتىدىكى ۋەقەلىكنى ئەسلىگىنكى، نامازدىگەر ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېسىل، يۈگۈرۈك، بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ، ئۈچ پۇتىغا تايىنىپ تۇرىدىغان ئاتلار كۆرسىتىلدى. ئاشۇ ئېسىل ئاتلار ئۇنىڭغا تاكى كۈن پاتقانغا قەدەر كۆرسىتىلدى. بەت ۴ دىن ۱۱ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فَقَالَ إِنِّىٓ أَحْبَبْتُ حُبَّ ٱلْخَيْرِ عَن ذِكْرِ رَبِّى حَتَّىٰ تَوَارَتْ بِٱلْحِجَابِ ﴿٣٢﴾

سۇلايمان ئېيتتى: مەن مال - دۇنيانىڭ مۇھەببىتىنى رەببىمنىڭ زىكرىدىن ئۈستۈن كۆرۈپتىمەن، ھەتتا قۇياش پېتىپ، ئەسىر نامىزىدىن كېچىكىپ قالدىم

رُدُّوهَا عَلَىَّ ۖ فَطَفِقَ مَسْحًۢا بِٱلسُّوقِ وَٱلْأَعْنَاقِ ﴿٣٣﴾

ئۇ ئاتلارنى يېنىمغا قايتۇرۇپ ئەكېلىڭلار. ئۇلار ئاتلارنى سۇلايماننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، سۇلايمان قىلىچ بىلەن ئۇ ئاتلارنىڭ پاچاقلىرىغا ۋە بويۇنلىرىغا چېپىشقا باشلىدى. ولقد فتنا سليمن وألقينا عل كرسيه جسدا ثم أناب

وَلَقَدْ فَتَنَّا سُلَيْمَـٰنَ وَأَلْقَيْنَا عَلَىٰ كُرْسِيِّهِۦ جَسَدًۭا ثُمَّ أَنَابَ ﴿٣٤﴾

بىز سۇلايماننى سىناپ، پادىشاھلىق تەختىنىڭ ئۈستىگە ئىنسان سۈرىتىدە بىر شەيتاننى تاشلىدۇق، ئۇ شەيتان ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى قىسقا ۋاقىت ئىدارە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ سۇلايمانغا پادىشاھلىقىنى قايتۇرۇپ بەردى ۋە شەيتانلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزدى

قَالَ رَبِّ ٱغْفِرْ لِى وَهَبْ لِى مُلْكًۭا لَّا يَنۢبَغِى لِأَحَدٍۢ مِّنۢ بَعْدِىٓ ۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْوَهَّابُ ﴿٣٥﴾

سۇلايمان ئېيتتى: ئەي پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، ماڭا خاس بولغان بىر پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىنكى، مەندىن كېيىن ھېچكىمگە ئۇنداق پادىشاھلىق نېسىپ بولمىسۇن. ئەي رەببىم! سەن ھەقىقەتەن كۆپ بەرگۈچى ۋە ئىلتىپاتىڭ كاتتا زات سەن

فَسَخَّرْنَا لَهُ ٱلرِّيحَ تَجْرِى بِأَمْرِهِۦ رُخَآءً حَيْثُ أَصَابَ ﴿٣٦﴾

شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا شامالنىمۇ بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن شۇنداق لەرزان چىقاتتىكى، شۇنچىۋالا كۈچلۈك ۋە سۈرئىتى تېز بولسىمۇ باشقا نەرسىلەرنى تەۋرىتىپ قويمايتتى. سۇلايمان نەگە بارماقچى بولسا شۇ يەرگە ئاپىراتتى

وَٱلشَّيَـٰطِينَ كُلَّ بَنَّآءٍۢ وَغَوَّاصٍۢ ﴿٣٧﴾

بىز ئۇنىڭغا شەيتانلارنىمۇ بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شەيتانلار ئۇنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلاتتى. شەيتانلارنىڭ ئىچىدە بىناكارلار ۋە غەۋۋاسلار بار بولۇپ، غەۋۋاسلار دېڭىزلارغا شۇڭغۇپ، ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى سۈزۈپ چىقاتتى

وَءَاخَرِينَ مُقَرَّنِينَ فِى ٱلْأَصْفَادِ ﴿٣٨﴾

شەيتانلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر ئوچۇم باشتۇڭلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارمۇ سۇلايمانغا بويسۇندۇرۇلغان ئىدى. يەنى ئۇلار زەنجىر - كېشەنلەر بىلەن باغلانغان بولۇپ، قىمىر قىلالمايتتى

هَـٰذَا عَطَآؤُنَا فَٱمْنُنْ أَوْ أَمْسِكْ بِغَيْرِ حِسَابٍۢ ﴿٣٩﴾

ئەي سۇلايمان! بۇ بىزنىڭ تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىپ ساڭا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتلىرىمىزدۇر. ئەمدى ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭ خالىغان كىشىگە بەرسەڭ، خالىغىنىڭغا بەرمىسەڭ بولىدۇ. سەن بېرىپ - بەرمىگەنلىكىڭگە قارىتا سوراققا تارتىلمايسەن. وإن له عندنا لزلف وحسن مٔاب

وَإِنَّ لَهُۥ عِندَنَا لَزُلْفَىٰ وَحُسْنَ مَـَٔابٍۢ ﴿٤٠﴾

سۇلايمان بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھەقىقەتەن يېقىن بەندىلەردىن ئىدى، ئۇنىڭ ئاخىرى قايتىدىغان جايىمۇ گۈزەل بولىدۇكى، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتۇر. بەت ۵ دىن ۱۱ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَٱذْكُرْ عَبْدَنَآ أَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّى مَسَّنِىَ ٱلشَّيْطَـٰنُ بِنُصْبٍۢ وَعَذَابٍ ﴿٤١﴾

ئەي پەيغەمبەر! بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھقا يالۋۇرۇپ: ھەقىقەتەن شەيتان ماڭا قىينايدىغان جاپالارنى سالدى، دېدى

ٱرْكُضْ بِرِجْلِكَ ۖ هَـٰذَا مُغْتَسَلٌۢ بَارِدٌۭ وَشَرَابٌۭ ﴿٤٢﴾

بىز ئۇنىڭغا: پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن، دېدۇق. ئۇ يەرنى تېپىۋېدى، يەردىن ئىچكىلى ۋە يۇيۇنغىلى بولىدىغان سۇ ئېتىلىپ چىقتى. ئەييۇب (شۇ سۇنى ئىچىپ، يۇيۇنغاندىن كېيىن) ئۇنىڭدىكى كېسەل ۋە ئەزىيەتلەر يوقالدى

وَوَهَبْنَا لَهُۥٓ أَهْلَهُۥ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةًۭ مِّنَّا وَذِكْرَىٰ لِأُو۟لِى ٱلْأَلْبَـٰبِ ﴿٤٣﴾

بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭدىكى كېسەلگە شىپالىق بەردۇق، بالا - چاقىلىرىنىمۇ (يېڭىدىن) بەردۇق، ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ ۋە سەۋرچانلىقىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ئىلگىرىكىدىن يەنە بىر ھەسسە كۆپ بالا ۋە نەۋرىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۆتكۈر ئەقىل ئىگىلىرى سەۋرنىڭ ئاقىۋىتى قۇتۇلۇش ۋە مۇكاپات بولىدىغانلىقىدىن ئىبرەت ئالسۇن!

وَخُذْ بِيَدِكَ ضِغْثًۭا فَٱضْرِب بِّهِۦ وَلَا تَحْنَثْ ۗ إِنَّا وَجَدْنَـٰهُ صَابِرًۭا ۚ نِّعْمَ ٱلْعَبْدُ ۖ إِنَّهُۥٓ أَوَّابٌۭ ﴿٤٤﴾

ئەييۇب ئايالىغا ئاچچىقلانغان چاغدا ئۇنى يۈز قامچا ئۇرىدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى. بىز ئۇنىڭغا: -ئەي ئەييۇب!- قولۇڭغا بىر باغلام شاخنى ئېلىپ، قەسىمىڭدىن چىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئايالىڭنى ئۇرغىن، قىلغان قەسىمىڭنىمۇ بۇزمىغىن، دېدۇق. ئەييۇب بىر باغلام شاخنى ئېلىپ ئايالىنى ئۇردى. شەكسىزكى بىز ئۇنى مۇپتىلا قىلغان سىناقلارغا سەۋرچان ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇ نېمىدېگەن ياخشى بەندە - ھە! شەكسىزكى ئۇ ئاللاھقا كۆپ قايتقۇچى ۋە كۆپ تەۋبە قىلغۇچى ئىدى

وَٱذْكُرْ عِبَـٰدَنَآ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ أُو۟لِى ٱلْأَيْدِى وَٱلْأَبْصَـٰرِ ﴿٤٥﴾

ئەي پەيغەمبەر! بىز پەيغەمبەرلىككە تاللىغان بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبلارنى ئەسلىگىن. ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشتا ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشتە كۈچلۈك، ھەقىقەتنى تونۇشتا پاراسەتلىك كىشىلەر ئىدى

إِنَّآ أَخْلَصْنَـٰهُم بِخَالِصَةٍۢ ذِكْرَى ٱلدَّارِ ﴿٤٦﴾

شەكسىزكى بىز ئۇلارغا خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنىڭ ئاخىرەتنىڭ زىكرى بىلەن ئاۋات بولۇشى، ياخشى ئەمەللەرگە ۋە ئىنسانلارنى ئەمەل قىلىشقا چاقىرىشقا تەييار بولۇشىدۇر

وَإِنَّهُمْ عِندَنَا لَمِنَ ٱلْمُصْطَفَيْنَ ٱلْأَخْيَارِ ﴿٤٧﴾

شەكسىزكى ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا تائەت - ئىبادىتىمىزگە تاللانغان ھەمدە بىز يۈكلىگەن ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ،لكىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاللىغان بەندىلىرىمىزدىندۇر

وَٱذْكُرْ إِسْمَـٰعِيلَ وَٱلْيَسَعَ وَذَا ٱلْكِفْلِ ۖ وَكُلٌّۭ مِّنَ ٱلْأَخْيَارِ ﴿٤٨﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، ئۇلارنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە مەدھىيىلىگىن. چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لا يىق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ تاللانغان بەندىلىرىدىندۇر. بەت ۶ دىن ۱۱ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

هَـٰذَا ذِكْرٌۭ ۚ وَإِنَّ لِلْمُتَّقِينَ لَحُسْنَ مَـَٔابٍۢ ﴿٤٩﴾

بۇ، مۇشۇ كىشىلەرنى قۇرئان كەرىمدە گۈزەل مەدھىيەلەر بىلەن ئەسلەشتۇر. شەكسىزكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغان بەندىلەر ئۈچۈن ئاخىرەتتە گۈزەل نەتىجە بار

جَنَّـٰتِ عَدْنٍۢ مُّفَتَّحَةًۭ لَّهُمُ ٱلْأَبْوَٰبُ ﴿٥٠﴾

بۇ گۈزەل نەتىجە بولسا قىيامەت كۈنى ئۇلار كىرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئۇلارنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن ئالدىنئالا ئېچىلىپ تۇرىدۇ. متكٔين فيها يدعون فيها بفكهةكثيرة وشراب

مُتَّكِـِٔينَ فِيهَا يَدْعُونَ فِيهَا بِفَـٰكِهَةٍۢ كَثِيرَةٍۢ وَشَرَابٍۢ ﴿٥١﴾

ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن بېزەلگەن تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، خىزمەتكارلىرىدىن كۆڭۈللىرى تارتقان تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئىچىملىكلەرنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ

۞ وَعِندَهُمْ قَـٰصِرَٰتُ ٱلطَّرْفِ أَتْرَابٌ ﴿٥٢﴾

ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان جۈپتلەر بار بولۇپ، ئۇلار ياشتا ھەمتەڭلەردۇر

هَـٰذَا مَا تُوعَدُونَ لِيَوْمِ ٱلْحِسَابِ ﴿٥٣﴾

ئەي تەقۋادارلار! مانا بۇ سىلەر قىيامەت كۈنى بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن بېرىلىشى ۋەدە قىلىنغان ياخشى مۇكاپاتلاردۇر. إن هذا لرزقنا ما له من نفاد

إِنَّ هَـٰذَا لَرِزْقُنَا مَا لَهُۥ مِن نَّفَادٍ ﴿٥٤﴾

شەكسىزكى بىز تىلغا ئالغان بۇ مۇكاپات بىز قىيامەت كۈنى تەقۋادارلارغا بېرىدىغان رىزىق بولۇپ، ئۇ ئىزچىل داۋاملىشىدۇ، ئۈزۈلۈپ ياكى تۈگەپ قالمايدۇ

هَـٰذَا ۚ وَإِنَّ لِلطَّـٰغِينَ لَشَرَّ مَـَٔابٍۢ ﴿٥٥﴾

مانا بۇ تەقۋادارلارنىڭ بىز تىلغا ئالغان مۇكاپاتىدۇر. شەكسىزكى كۇپرى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرگە تەقۋادارلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان جازا بېرىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئەڭ يامان ئاقىۋەت بار

جَهَنَّمَ يَصْلَوْنَهَا فَبِئْسَ ٱلْمِهَادُ ﴿٥٦﴾

بۇ جازا بولسا جەھەننەم بولۇپ، جەھەننەم ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالىدۇ، ئۇلار جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى ۋە يالقۇنىنى تېتىيدۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئوتتىن تۆشەكلەر سېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تۆشىكى نېمىدېگەن يامان! هذا فليذوقوه حميم وغس اق

هَـٰذَا فَلْيَذُوقُوهُ حَمِيمٌۭ وَغَسَّاقٌۭ ﴿٥٧﴾

بۇ ئازاب ھارارىتى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن قايناق سۇ، دوزىخىيلارنىڭ دوزاختا ئازابلانغان بەدەنلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان قان - يىرىڭلارنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. بۇ دوزىخىيلارنىڭ ئىچىملىكى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قىلچە قاندۇرالمايدۇ. بەت ۷ دىن ۱۱ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَءَاخَرُ مِن شَكْلِهِۦٓ أَزْوَٰجٌ ﴿٥٨﴾

ئۇلارغا بۇ ئازابلاردىن سىرت يەنە باشقا تۈرلۈك ئازابلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئاخىرەتتە شۇ ئازابلار بىلەن ئازابلىنىدۇ

هَـٰذَا فَوْجٌۭ مُّقْتَحِمٌۭ مَّعَكُمْ ۖ لَا مَرْحَبًۢا بِهِمْ ۚ إِنَّهُمْ صَالُوا۟ ٱلنَّارِ ﴿٥٩﴾

دوزىخىيلار دوزاخقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇددى دەتالاش قىلغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش تىل - ئاھانەتلەر يۈز بېرىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىدىن ئادا - جۇدا بولىدۇ. ئۇلاردىن بىر بۆلۈكى: دوزىخىيلاردىن بۇ بىر ئوچۇم كىشىلەر سىلەر بىلەن بىرگە دوزاخقا كىرىدۇ، دەيدۇ. ئاندىن ئۇلار قارشى تەرەپكە جاۋابەن: ئۇلار قارشى ئېلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ دوزاخ ئازابىدىن بىزنىڭ تېتىغىنىمىزنىڭ ئوخشىشىنى تېتىيدۇ

قَالُوا۟ بَلْ أَنتُمْ لَا مَرْحَبًۢا بِكُمْ ۖ أَنتُمْ قَدَّمْتُمُوهُ لَنَا ۖ فَبِئْسَ ٱلْقَرَارُ ﴿٦٠﴾

ئەگەشكەن گۇرۇھ ئەگەشتۈرگۈچى كاتتىلىرىغا: ئەي يولباشچى كاتتىلار! بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر. چۈنكى سىلەر بىزنى قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ئازدۇرۇش ئارقىلىق مۇشۇنداق دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولۇشىمىزغا سەۋەبچى بولدۇڭلار. بۇ نېمىدېگەن يامان جاي! ھەممىڭلارنىڭ جايى جەھەننەمنىڭ ئوتى ئىكەنغۇ، دەيدۇ!

قَالُوا۟ رَبَّنَا مَن قَدَّمَ لَنَا هَـٰذَا فَزِدْهُ عَذَابًۭا ضِعْفًۭا فِى ٱلنَّارِ ﴿٦١﴾

ئەگەشكۈچىلەر: ئەي رەببىمىز! بىزگە ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن بىزنى ئازدۇرۇۋەتكەنلەرگە دوزاخ ئازابىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ بەرگىن، دەيدۇ

وَقَالُوا۟ مَا لَنَا لَا نَرَىٰ رِجَالًۭا كُنَّا نَعُدُّهُم مِّنَ ٱلْأَشْرَارِ ﴿٦٢﴾

ھەددىدىن ئاشقان تەكەببۇرلار: بىز نېمىشقا دۇنيادىكى ۋاقىتتا ئازابقا لا يىق دەپ ئويلايدىغان بەدبەختلەرنى دوزاختا يېنىمىزدا كۆرمەيمىز؟

أَتَّخَذْنَـٰهُمْ سِخْرِيًّا أَمْ زَاغَتْ عَنْهُمُ ٱلْأَبْصَـٰرُ ﴿٦٣﴾

ئەجىبا بىزنىڭ مەسخىرىلىرىمىز، ئۇلارنى مازاق قىلىشلىرىمىز خاتا بولۇپ، ئۇلار ئازابقا لا يىق كىشىلەر ئەمەسمىدى ياكى بىزنىڭ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشلىرىمىز توغرا بولۇپ، ئۇلار دوزاخقا كىرگەن بولسىمۇ بىز ئۇلارنى كۆرمەي قالدۇقمۇ؟ دېيىشىدۇ. ق

إِنَّ ذَٰلِكَ لَحَقٌّۭ تَخَاصُمُ أَهْلِ ٱلنَّارِ ﴿٦٤﴾

شەكسىزكى بىز سىلەرگە ئېيتقان قىيامەت كۈنىدىكى كاپىرلارنىڭ ئۆزئارا قىلىشىدىغان ئاشۇ دەتالاشلىرى ئەلۋەتتە ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭدا قىلچە گۇمان ۋە شەك يوق

قُلْ إِنَّمَآ أَنَا۠ مُنذِرٌۭ ۖ وَمَا مِنْ إِلَـٰهٍ إِلَّا ٱللَّهُ ٱلْوَٰحِدُ ٱلْقَهَّارُ ﴿٦٥﴾

ئەي مۇھەممەد! قەۋمىڭدىن كاپىر بولغانلارغا ئېيتقىنكى: مەن پەقەت سىلەرنىڭ كۇپرىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار سەۋەبلىك بېشىڭلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى كەپقېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. بۇ دۇنيادا ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لا يىق ھېچبىر ئىلاھ مەۋجۇت ئەمەس. ئاللاھ تائالا كاتتىلىقى، گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە يەككە - يېگانە زاتتۇركى، ئۇ ھەر نەرسىنى بويسۇندۇرغان، ھەر نەرسە ئۇنىڭغا باش ئېگىدىغان، ھەممىدىن كۈچلۈك زاتتۇر

رَبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ٱلْعَزِيزُ ٱلْغَفَّـٰرُ ﴿٦٦﴾

ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇ پادىشاھلىقىدا غالىب، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدىغان، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچى زاتتۇر. بەت ۸ دىن ۱۱ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر قل هو نبؤا عظيم

قُلْ هُوَ نَبَؤٌا۟ عَظِيمٌ ﴿٦٧﴾

ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلارغا ئېيتقىنكى: شەكسىزكى قۇرئان كەرىم شانۇ-شەۋكەتلىك خەۋەردۇر. أ نتم عنه معرضون

أَنتُمْ عَنْهُ مُعْرِضُونَ ﴿٦٨﴾

سىلەر بۇ كاتتا خەۋەردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايسىلەر

مَا كَانَ لِىَ مِنْ عِلْمٍۭ بِٱلْمَلَإِ ٱلْأَعْلَىٰٓ إِذْ يَخْتَصِمُونَ ﴿٦٩﴾

ئەگەر ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلىش ئارقىلىق بىلدۈرمىگەن بولسا، مېنىڭ ئادەمنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە پەرىشتىلەر ئارىسىدا بولۇنغان پاراڭلاردىن خەۋرىم يوق ئىدى

إِن يُوحَىٰٓ إِلَىَّ إِلَّآ أَنَّمَآ أَنَا۠ نَذِيرٌۭ مُّبِينٌ ﴿٧٠﴾

شەكسىزكى ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلىپ، مېنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئىكەنلىكىمنى ئۇقتۇردى

إِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَـٰٓئِكَةِ إِنِّى خَـٰلِقٌۢ بَشَرًۭا مِّن طِينٍۢ ﴿٧١﴾

ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: شەكسىزكى مەن لا يدىن ئىنسان يارىتىمەن، ئۇ بولسا ئادەمدۇر. فإذا سو يته ونفخت فيه من ر وحى فقعوا له سجدين

فَإِذَا سَوَّيْتُهُۥ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِن رُّوحِى فَقَعُوا۟ لَهُۥ سَـٰجِدِينَ ﴿٧٢﴾

مەن ئۇنى تولۇق يارىتىپ، قەددى - قامىتىنى مۇكەممەل قىلىپ، ئۇنىڭغا روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار

فَسَجَدَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ ﴿٧٣﴾

پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ھەممىسى ھۆرمەت سەجدىسىگە باردى، ئۇلاردىن ھېچكىم قالماي، ھەممەيلەن ئادەمگە سەجدە قىلىشتى

إِلَّآ إِبْلِيسَ ٱسْتَكْبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ ﴿٧٤﴾

لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە چوڭچىلىق قىلىش ئارقىلىق كاپىرلاردىن بوپكەتتى

قَالَ يَـٰٓإِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَن تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَىَّ ۖ أَسْتَكْبَرْتَ أَمْ كُنتَ مِنَ ٱلْعَالِينَ ﴿٧٥﴾

ئاللاھ ئېيتتى: ئەي ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توستى؟ سېنى سەجدە قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق توسۇپ قالدىمۇ ياكى سەن ئەزەلدىن پەرۋەردىگارىڭغا تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان، چوڭچى بىرىمىدىڭ؟

قَالَ أَنَا۠ خَيْرٌۭ مِّنْهُ ۖ خَلَقْتَنِى مِن نَّارٍۢ وَخَلَقْتَهُۥ مِن طِينٍۢ ﴿٧٦﴾

ئىبلىس: مەن ئادەمدىن ياخشى. چۈنكى سەن مېنى ئوتتىن، ئۇنى بولسا لا يدىن ياراتتىڭ، دېدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئوتنىڭ ماددىسى لا يدىن ئۇلۇغراق ئىدى. بەت ۹ دىن ۱۱ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

قَالَ فَٱخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌۭ ﴿٧٧﴾

ئاللاھ ئىبلىسقا: جەننەتتىن چىق، ھەقىقەتەن سەن دەرگاھىمدىن قوغلاندىڭ، دېدى

وَإِنَّ عَلَيْكَ لَعْنَتِىٓ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلدِّينِ ﴿٧٨﴾

شەكسىزكى قىيامەت كۈنى سەن جەننەتتىنمۇ قوغلىنىشقا مەھكۇمسەن، دېدى

قَالَ رَبِّ فَأَنظِرْنِىٓ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ ﴿٧٩﴾

ئىبلىس: ماڭا مۆھلەت بەرگىن، تاكى بەندىلىرىڭنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈنگە قەدەر مېنىڭ جېنىمنى ئالمىغىن، دېدى

قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ ٱلْمُنظَرِينَ ﴿٨٠﴾

إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْوَقْتِ ٱلْمَعْلُومِ ﴿٨١﴾

ئاللاھ: ساڭا ھالاكىتىڭ بېكىتىلگەن مۇئەييەن ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلدى، دېدى. قال فبعز تك لأ غوين هم أ جمعين

قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ ﴿٨٢﴾

ئىبلىس ئېيتتى: سېنىڭ قۇدرىتىڭ ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن چوقۇم پۈتۈن ئادەمزاتنى ئازدۇرۇۋېتىمەن

إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ ٱلْمُخْلَصِينَ ﴿٨٣﴾

لېكىن سەن مېنىڭ ئازدۇرۇشۇمدىن ساقلاپ قالغان ھەمدە يالغۇز ئۆزۈڭنىڭ قۇلچىلىقىغا تاللىغان بەندىلىرىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا

قَالَ فَٱلْحَقُّ وَٱلْحَقَّ أَقُولُ ﴿٨٤﴾

ئاللاھ تائالا ئېيتتى: مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى دەيمەن، ھەقتىن باشقىنى دېمەيمەن. لأملأ ن جهن م منك ومم نتبعك منهم أ جمعين

لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنكَ وَمِمَّن تَبِعَكَ مِنْهُمْ أَجْمَعِينَ ﴿٨٥﴾

قىيامەت كۈنى جەھەننەمنى سەن ۋە پۈتكۈل ئادەمزات ئىچىدىن كۇپرىدا ساڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن توشقۇزىمەن

قُلْ مَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍۢ وَمَآ أَنَا۠ مِنَ ٱلْمُتَكَلِّفِينَ ﴿٨٦﴾

ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا: مەن سىلەرگە نەسىھەت قىلغىنىم ئۈچۈن مۇكاپات بېرىڭلار دېمەيمەن. مەن بۇيرۇلغانغا بىر نەرسىلەرنى قېتىش ئارقىلىق يالغاننى توقۇغۇچىلاردىن ئەمەسمەن، دېگىن. إ ن هو إ ل اذكر للعلمين

إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌۭ لِّلْعَـٰلَمِينَ ﴿٨٧﴾

قۇرئان كەرىم ئىنسانلار ۋە جىنلارغا ۋەز - نەسىھەتتۇر. بەت ۱۰ دىن ۱۱ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ولتعلمن نبأه بعد حين

وَلَتَعْلَمُنَّ نَبَأَهُۥ بَعْدَ حِينٍۭ ﴿٨٨﴾

بۇ قۇرئان خەۋەر قىلغان ئىشلارنىڭ راستلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي، يەنى ئۆلگەن چېغىڭلاردا چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر. بەت ۱۱ دىن ۱۱ moc.hgelp

ئۆگىنىش · ص — Saad

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل