طسٓمٓ ﴿١﴾
سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان
باش بەت›تەپسىر›الشعراء (26)
مەككىلىك · 227 ئايەت
طسٓمٓ ﴿١﴾
سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۈزۈك تاۋۇشلار ھەققىدىكى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان
تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱلْكِتَـٰبِ ٱلْمُبِينِ ﴿٢﴾
بۇ توغرىنى خاتادىن ئايرىپ بېرىدىغان قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر. لعلك بخع نفسك ألا يكونوامؤمنين
لَعَلَّكَ بَـٰخِعٌۭ نَّفْسَكَ أَلَّا يَكُونُوا۟ مُؤْمِنِينَ ﴿٣﴾
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىۋېلىشىغا ھېرىسمەنلىكىڭدىن (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىغا) قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويۇشۇڭ مۇمكىن
إِن نَّشَأْ نُنَزِّلْ عَلَيْهِم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ ءَايَةًۭ فَظَلَّتْ أَعْنَـٰقُهُمْ لَهَا خَـٰضِعِينَ ﴿٤﴾
ئەگەر بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە چۈرۈشنى خالىساق ئىدۇق، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتۇق. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا تۆۋەنچىلىك بىلەن بويسۇنغان بولاتتى. لېكىن بىز ئۇلارنى غەيىبكە ئىشىنەمدۇ - يوق، سىناش ئۈچۈن ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدۇق
وَمَا يَأْتِيهِم مِّن ذِكْرٍۢ مِّنَ ٱلرَّحْمَـٰنِ مُحْدَثٍ إِلَّا كَانُوا۟ عَنْهُ مُعْرِضِينَ ﴿٥﴾
ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ راستلىقىنى ئۇقتۇرىدىغان يېڭى ۋەز - نەسىھەت نازىل قىلىنسا، ئۇلار ئۇنى ئاڭلاپ، ئىشىنىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ
فَقَدْ كَذَّبُوا۟ فَسَيَأْتِيهِمْ أَنۢبَـٰٓؤُا۟ مَا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ ﴿٦﴾
ئۇلار راستتىنلا پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن قۇرئاننى ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار مەسخىرە قىلىشقان خەۋەرلەر چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ ھەم ئۇلارغا ئازاب كېلىدۇ
أَوَلَمْ يَرَوْا۟ إِلَى ٱلْأَرْضِ كَمْ أَنۢبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوْجٍۢ كَرِيمٍ ﴿٧﴾
كۇپرىسىدا چىڭ تۇرغان بۇ ئادەملەر زېمىنغا قاراپ باقمىدىمۇ؟ بىز زېمىندا مەنزىرىسى كۆركەم، پايدىسى كۆپ تۈرلۈك - تۈمەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇققۇ؟
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةًۭ ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ ﴿٨﴾
ھەقىقەتەن زېمىننىڭ تۈرلۈك - تۈمەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشىدە شۇ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەن زاتنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىگە روشەن دەلىل - پاكىتلار بار، ئەمما ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ ﴿٩﴾
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ، ئۇ بەندىلىرىگە تولىمۇ مېھرىباندۇر. بەت ۱ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَإِذْ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱئْتِ ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ ﴿١٠﴾
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نىدا قىلىپ، ئۇنى ئاللاھقا كاپىر بولۇش ھەمدە مۇسانىڭ قەۋمىنى قۇل قىلىش ئارقىلىق زالىم بولغان بىر قەۋمنىڭ يېنىغا بېرىشقا بۇيرۇدى
قَوْمَ فِرْعَوْنَ ۚ أَلَا يَتَّقُونَ ﴿١١﴾
ئۇلار پىرئەۋننىڭ قەۋمى بولۇپ، مۇسا سىلىق ھەم مۇلايىملىق بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى بەجە كەلتۈرۈشكە ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا بۇيرۇيدۇ
قَالَ رَبِّ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يُكَذِّبُونِ ﴿١٢﴾
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! ئۇلارغا مەن سېنىڭ ئەمرىڭنى يەتكۈزسەم مېنى يالغانغا چىقىرىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ويضيق صدرى ولا ينطلق لسانى فأرسل إلى هرون
وَيَضِيقُ صَدْرِى وَلَا يَنطَلِقُ لِسَانِى فَأَرْسِلْ إِلَىٰ هَـٰرُونَ ﴿١٣﴾
ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىممۇ سۆزدىن تۇتۇلىدۇ، شۇڭا ماڭا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى قېرىندىشىم ھارۇننىڭ قېشىغا ئەۋەتكىن. ولهم على ذنب فأخاف أن يقتلون
وَلَهُمْ عَلَىَّ ذَنۢبٌۭ فَأَخَافُ أَن يَقْتُلُونِ ﴿١٤﴾
مەن بىر قىبتىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھكارمەن، شۇڭا ئۇلارنىڭمۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن
قَالَ كَلَّا ۖ فَٱذْهَبَا بِـَٔايَـٰتِنَآ ۖ إِنَّا مَعَكُم مُّسْتَمِعُونَ ﴿١٥﴾
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئېيتتى: ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، يەنى ئۇلار سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا سەن قېرىندىشىڭ ھارۇن بىلەن بىرگە ئىككىڭلارنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇقتۇرىدىغان مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىرگە، سىلەرگە ياردەم بېرىپ ھەم قوللاپ تۇرىمەن، سىلەرنىڭ دېگەنلىرىڭلارنىمۇ، سىلەرگە دېيىلگەننىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمەن. بىز سىلەرنىڭ دېيىشكەنلىرىڭلاردىن ھېچنەرسىنى قولدىن بېرىپ قويمايمىز
فَأْتِيَا فِرْعَوْنَ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولُ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٦﴾
ئىككىڭلار پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: بىز بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ ساڭا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىز
أَنْ أَرْسِلْ مَعَنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ﴿١٧﴾
ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن قويۇۋەتكىن، دەڭلار. قال ألم نربك فينا وليدا ولبثت فينا من عمرك سنين
قَالَ أَلَمْ نُرَبِّكَ فِينَا وَلِيدًۭا وَلَبِثْتَ فِينَا مِنْ عُمُرِكَ سِنِينَ ﴿١٨﴾
پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز سېنى كىچىكىڭدىن بېقىپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ بىر قانچە يىل يېنىمىزدا تۇردۇڭ. ئەمدى پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشىڭغا نېمە سەۋەب بولدى؟ بەت ۲ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَفَعَلْتَ فَعْلَتَكَ ٱلَّتِى فَعَلْتَ وَأَنتَ مِنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ ﴿١٩﴾
سەن ئۆز جەمەتىڭگە يان بېسىپ، بىر قىبتىينى ئۆلتۈرۈپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىدىڭمۇ؟ ئەمەلىيەتتە سەن مېنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىمىغا تۇزكورلۇق قىلدىڭ
قَالَ فَعَلْتُهَآ إِذًۭا وَأَنَا۠ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ ﴿٢٠﴾
مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ: مەن ئۇ ئادەمنى ماڭا ۋەھىي كېلىشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئۇ چاغدا مەن نادانلاردىن ئىدىم، دېدى
فَفَرَرْتُ مِنكُمْ لَمَّا خِفْتُكُمْ فَوَهَبَ لِى رَبِّى حُكْمًۭا وَجَعَلَنِى مِنَ ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿٢١﴾
مەن ئۇنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بەدىلىگە سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن قورقۇپ قېچىپ كەتتىم، ئاندىن پەرۋەردىگارىم ماڭا ئىلىم ئاتا قىلدى ھەمدە مېنى كىشىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى
وَتِلْكَ نِعْمَةٌۭ تَمُنُّهَا عَلَىَّ أَنْ عَبَّدتَّ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ﴿٢٢﴾
توغرا، سەن مېنى ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلغاندەك قۇل قىلماستىن بېقىپ چوڭ قىلىپ قويغىنىڭ ئۈچۈن مىننەت قىلىۋاتىسەن. لېكىن سېنىڭ بۇ قىلغىنىڭ مېنىڭ سېنى دەۋەت قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ
قَالَ فِرْعَوْنُ وَمَا رَبُّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٢٣﴾
پىرئەۋن مۇساغا: مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى دېگىنىڭ نېمە؟ سەن ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى دەيسەن، دېدى
قَالَ رَبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَآ ۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ ﴿٢٤﴾
مۇسا پىرئەۋنگە جاۋابەن: مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى دېگىنىم ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ شۇ نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغان بولساڭلار يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار، دېدى. قال لمن حوله ألا تستمعون
قَالَ لِمَنْ حَوْلَهُۥٓ أَلَا تَسْتَمِعُونَ ﴿٢٥﴾
پىرئەۋن ئەتراپىدا تۇرغان قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا: مۇسانىڭ بەرگەن جاۋابىنى ھەم ئۇنىڭ يالغانچلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر؟ دېدى
قَالَ رَبُّكُمْ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلْأَوَّلِينَ ﴿٢٦﴾
مۇسا ئۇلارغا: ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەم ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، دېدى
قَالَ إِنَّ رَسُولَكُمُ ٱلَّذِىٓ أُرْسِلَ إِلَيْكُمْ لَمَجْنُونٌۭ ﴿٢٧﴾
پىرئەۋن ئېيتتى: ئۆزىنى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم چوقۇم ساراڭ، ئۇ قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالمايدۇ. بەت ۳ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
قَالَ رَبُّ ٱلْمَشْرِقِ وَٱلْمَغْرِبِ وَمَا بَيْنَهُمَآ ۖ إِن كُنتُمْ تَعْقِلُونَ ﴿٢٨﴾
مۇسا ئېيتتى: مەن سىلەرنى چاقىرىۋاتقان ئاللاھ تائالا مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار بولسىدى بۇلارنى چۈشىنەتتىڭلار
قَالَ لَئِنِ ٱتَّخَذْتَ إِلَـٰهًا غَيْرِى لَأَجْعَلَنَّكَ مِنَ ٱلْمَسْجُونِينَ ﴿٢٩﴾
پىرئەۋن مۇسا بىلەن داۋلىلىشىشتىن ئاجىز كەلگەندىن كېيىن: ئەگەر مەندىن باشقا بىرەر مەبۇدقا چوقۇنىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن، دېدى. قال أولو جئتك بشىء م بين
قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكَ بِشَىْءٍۢ مُّبِينٍۢ ﴿٣٠﴾
مۇسا پىرئەۋنگە: مەن ساڭا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەنلىرىمدە راستچىل ئىكەنلىكىمنى ئېنىق ئۇقتۇرىدىغان پاكىتلارنى كەلتۈرگەن تۇرسام، يەنە مېنى زىندانغا تاشلامسەن؟ دېدى
قَالَ فَأْتِ بِهِۦٓ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ ﴿٣١﴾
پىرئەۋن ئېيتتى: ئەگەر دېگەنلىرىڭدە راستچىل بولساڭ، ئۆزۈڭنىڭ راستچىللىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلىڭنى كەلتۈرۈپ باقمامسەن؟ فألق عصاه فإذا هى ثعبان م بين
فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِىَ ثُعْبَانٌۭ مُّبِينٌۭ ﴿٣٢﴾
مۇسا ھاسىسىنى يەرگە تاشلىغان ئىدى، ئۇ ھاسا بىردىنلا ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق بىر يىلانغا ئايلاندى
وَنَزَعَ يَدَهُۥ فَإِذَا هِىَ بَيْضَآءُ لِلنَّـٰظِرِينَ ﴿٣٣﴾
مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋېدى، ئۇنىڭدا قىلچە ئالىلىق يوق، ھەممەيلەنگە ئوخشاش تامامەن ئاپئاق، نۇرلۇق بولۇپ كۆرۈندى. قال للملإ حوله إن هذا لسحرعليم
قَالَ لِلْمَلَإِ حَوْلَهُۥٓ إِنَّ هَـٰذَا لَسَـٰحِرٌ عَلِيمٌۭ ﴿٣٤﴾
پىرئەۋن ئەتراپىدىكى قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ئېيتتى: بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن. يريد أن يخرجكم من أرضكم بسح ره فماذا تأ مرون
يُرِيدُ أَن يُخْرِجَكُم مِّنْ أَرْضِكُم بِسِحْرِهِۦ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ ﴿٣٥﴾
ئۇ ئۆزىنىڭ سېھرىسى ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق چارە قوللىنىمىز؟ بۇ ھەقتە ماڭا مەسلىھەت بېرىڭلار
قَالُوٓا۟ أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَٱبْعَثْ فِى ٱلْمَدَآئِنِ حَـٰشِرِينَ ﴿٣٦﴾
ئۇلار پىرئەۋنگە ئېيتتى: ئۇنىڭ بىلەن قېرىندىشىنىڭ ئىشىنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمىگىن. (ئالدى بىلەن) مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە سېھىرگەرلەرنى يىغىدىغان چاپارمەنلەرنى ئەۋەتكىن. يأ توك بكل سحار عليم
يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَحَّارٍ عَلِيمٍۢ ﴿٣٧﴾
ئۇلار سېھىر ئىلمىنى بىلىدىغان ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن. بەت ۴ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
فَجُمِعَ ٱلسَّحَرَةُ لِمِيقَـٰتِ يَوْمٍۢ مَّعْلُومٍۢ ﴿٣٨﴾
پىرئەۋن مۇسا بىلەن بەسلىشىش ئۈچۈن كېلىشكەن ۋاقىتتا بېكىتىلگەن ئورۇنغا سېھىرگەرلىرىنى توپلىدى. وقيل للناس هل أنتم م جتمعون
وَقِيلَ لِلنَّاسِ هَلْ أَنتُم مُّجْتَمِعُونَ ﴿٣٩﴾
كىشىلەرگە دېيىلدىكى: ھەممىڭلار كېلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇتۇپ چىققۇچى مۇسامۇ ياكى سېھىرگەرلەرمۇ چوقۇم كۆرىسىلەر
لَعَلَّنَا نَتَّبِعُ ٱلسَّحَرَةَ إِن كَانُوا۟ هُمُ ٱلْغَـٰلِبِينَ ﴿٤٠﴾
ئەگەر سېھىرگەرلەر مۇسانى يېڭىۋالسا شۇلارنىڭ دىنىغا ئەگىشىشىمىز مۇمكىن
فَلَمَّا جَآءَ ٱلسَّحَرَةُ قَالُوا۟ لِفِرْعَوْنَ أَئِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِن كُنَّا نَحْنُ ٱلْغَـٰلِبِينَ ﴿٤١﴾
سېھىرگەرلەر مۇسانى يېڭىۋېلىشنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈشۈپ پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: ئەگەر بىز مۇسانى يىڭىۋالساق، بىزگە ماددىي ياكى مەنىۋى مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟ دېيىشتى
قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ إِذًۭا لَّمِنَ ٱلْمُقَرَّبِينَ ﴿٤٢﴾
پىرئەۋن ئۇلارغا: شۇنداق، ئەگەر مۇسانى يېڭەلىسەڭلار، مەن سىلەرگە يۇقىرى ئۇنۋانلارنى بېرىپ، يېقىن ئادەملىرىمدىن قىلىۋالىمەن، دېدى
قَالَ لَهُم مُّوسَىٰٓ أَلْقُوا۟ مَآ أَنتُم مُّلْقُونَ ﴿٤٣﴾
مۇسا ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ ھەم ئۆزىدىكى نەرسىنىڭ سېھىر ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۇلارغا: سىلەر تاشلىماقچى بولغان ئارغامچا ۋە ھاسىلىرىڭلارنى تاشلاڭلار، دېدى
فَأَلْقَوْا۟ حِبَالَهُمْ وَعِصِيَّهُمْ وَقَالُوا۟ بِعِزَّةِ فِرْعَوْنَ إِنَّا لَنَحْنُ ٱلْغَـٰلِبُونَ ﴿٤٤﴾
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئارغامچىلىرى بىلەن ھاسىلىرىنى تاشلاشتى ھەمدە ئۇلارنى تاشلاۋېتىپ: پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز چوقۇم ئۇتۇپ چىققۇچىلارمىز، مۇسا بولسا مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر، دېيىشتى. فألق موس عصاه فإذا هى تلقف ما يأ فكون
فَأَلْقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِىَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ ﴿٤٥﴾
ئارقىدىن مۇسامۇ ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ھاسا بىردىنلا ئەجدىھاغا ئايلىنىپ، كۈتۈلمىگەندە سېھىرگەرلەرنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئوتتۇرىغا تاشلىغان نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى
فَأُلْقِىَ ٱلسَّحَرَةُ سَـٰجِدِينَ ﴿٤٦﴾
سېھىرگەرلەر مۇسانىڭ ھاسىسىنىڭ ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا تاشلىغان سېھىرلەرنى يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سەجدىگە يىقىلىشتى
قَالُوٓا۟ ءَامَنَّا بِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٤٧﴾
ئۇلار بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، دېدى. بەت ۵ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر رب موس وهرون
رَبِّ مُوسَىٰ وَهَـٰرُونَ ﴿٤٨﴾
ئۇلار مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق، دېدى
قَالَ ءَامَنتُمْ لَهُۥ قَبْلَ أَنْ ءَاذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُۥ لَكَبِيرُكُمُ ٱلَّذِى عَلَّمَكُمُ ٱلسِّحْرَ فَلَسَوْفَ تَعْلَمُونَ ۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُم مِّنْ خِلَـٰفٍۢ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ ﴿٤٩﴾
وأ رجلكم من خلف ولأ صلبنكم أ جمعين پىرئەۋن سېھىرگەرلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىغا قاتتىق غەزەبلىنىپ: مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلارما؟ مۇسا چوقۇم سىلەرگە سېھىرگەرلىكنى ئۆگەتكەن پىرىڭلار ئىكەن. سىلەر بىرلىشىپ مىسىرلىقلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ كويىدا بولۇۋېتىپسىلەر. سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىپ قالىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ قول - پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم ئوڭ - چەپ قىلىپ، يەنى ئوڭ پۇتۇڭلارنى سول قولۇڭلار بىلەن، ياكى سول پۇتۇڭلارنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن قوشۇپ كېسىۋېتىمەن، شۇنداقلا ھەممىڭلارنى خورما ياغاچلىرى (دىن ياسالغان دار)غا ئاسىمەن، سىلەردىن ھېچكىمنى ساق قويمايمەن، دېدى
قَالُوا۟ لَا ضَيْرَ ۖ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ ﴿٥٠﴾
سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە ئېيتتى: سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى چېپىش، ئېسىش دېگەندەك تەھدىتلىرىڭنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى سېنىڭ ئازابىڭ ھامان يوقىلىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز. ئۇ بىزنى چوقۇم مەڭگۈلۈك رەھمىتىگە كىرگۈزىدۇ
إِنَّا نَطْمَعُ أَن يَغْفِرَ لَنَا رَبُّنَا خَطَـٰيَـٰنَآ أَن كُنَّآ أَوَّلَ ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿٥١﴾
بىز ھەممىدىن بۇرۇن مۇساغا ئىمان ئېيتىپ، ئۇنى تەستىقلىغانلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىلگىرى قىلىپ سالغان گۇناھلىرىمىزنى يوققا چىقىرىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
۞ وَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِىٓ إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ ﴿٥٢﴾
بىز مۇساغا ۋەھىي قىلىپ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى بۇيرۇدۇق. چۈنكى پىرئەۋن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن چاپارمەنلىرى بىلەن چوقۇم قوغلاپ كېلەتتى
فَأَرْسَلَ فِرْعَوْنُ فِى ٱلْمَدَآئِنِ حَـٰشِرِينَ ﴿٥٣﴾
پىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مىسىردىن يولغا چىققانلىقىنى بىلىپلا ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئەتراپتىكى شەھەرلەرگە لەشكەر توپلاش ئۈچۈن چاپارمەنلەرنى ئەۋەتتى
إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ لَشِرْذِمَةٌۭ قَلِيلُونَ ﴿٥٤﴾
پىرئەۋن ئۇلارنى مەنسىتمىگە ھالدا ئېيتتى: ئۇلار پەقەت ئازغىنە بىر ئوچۇم كىشىلەردۇر
وَإِنَّهُمْ لَنَا لَغَآئِظُونَ ﴿٥٥﴾
ھەقىقەتەن ئۇلار بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرىدىغان ئىشنى قىلدى. وإنا لجميع حذرون
وَإِنَّا لَجَمِيعٌ حَـٰذِرُونَ ﴿٥٦﴾
بىز ھەقىقەتەن سەگەكلىك بىلەن تۇرىدىغان كىشىلەرمىز. بەت ۶ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر فأخرجنهم من جنت وعيون
فَأَخْرَجْنَـٰهُم مِّن جَنَّـٰتٍۢ وَعُيُونٍۢ ﴿٥٧﴾
بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىنى مول ھوسۇللۇق باغلىرى، سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلىرى بار بولغان مىسىر زېمىدىن چىقاردۇق. وكنوز ومقام كريم
وَكُنُوزٍۢ وَمَقَامٍۢ كَرِيمٍۢ ﴿٥٨﴾
مىسىرنىڭ يەنە بايلىققا تولغان خەزىنىلىرى ۋە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرى بار
كَذَٰلِكَ وَأَوْرَثْنَـٰهَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ﴿٥٩﴾
پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ تەۋەلىكىنى مۇشۇنداق باياشاتلىقتىن چىقارغىنىمىزدەك، ئۇلاردىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىنى شام زېمىنىدا مۇشۇنداق باياشاتلىققا ئىگە قىلدۇق. فأ تبعوهم م شرقين
فَأَتْبَعُوهُم مُّشْرِقِينَ ﴿٦٠﴾
پىرئەۋن قەبىلىسى بىلەن بىرگە قۇياش كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئىسرائىل ئەۋلادىنى قوغلاپ چىقتى
فَلَمَّا تَرَٰٓءَا ٱلْجَمْعَانِ قَالَ أَصْحَـٰبُ مُوسَىٰٓ إِنَّا لَمُدْرَكُونَ ﴿٦١﴾
پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن مۇسا ۋە قەۋمىنى قوغلاپ چىقىپ، ئىككىلا تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرەلەيدىغان دەرىجىدە يېقىنلىشىپ قالغاندا مۇسانىڭ ئادەملىرى: پىرئەۋن بىلەن لەشكەرلىرى بىزگە يېتىشىۋالىدىغان بولدى، بىز ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغان تۇرساق، دېيىشتى
قَالَ كَلَّآ ۖ إِنَّ مَعِىَ رَبِّى سَيَهْدِينِ ﴿٦٢﴾
مۇسا قەۋمىگە: بۇ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك بولمايدۇ. پەرۋەردىگارىم چوقۇم مەنتەرەپتە تۇرۇپ، ماڭا ياردەم بېرىدۇ، ئۇ ماڭا چوقۇم چىقىش يولىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى
فَأَوْحَيْنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱضْرِب بِّعَصَاكَ ٱلْبَحْرَ ۖ فَٱنفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرْقٍۢ كَٱلطَّوْدِ ٱلْعَظِيمِ ﴿٦٣﴾
بىز مۇساغا ۋەھىي قىلىپ: ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن، دەپ بۇيرۇدۇق. مۇسا دەرھال دېڭىزغا ئۇرۋېدى، دېڭىزنىڭ سۈيى يېرىلىپ، ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى يولغا ئۆزگەردى. دېڭىزدىن يېرىلغان ھەر بىر پارچە سۇ چوڭلۇقتا ۋە مۇستەھكەملىكتە بىر تامچىمۇ ئېقىپ كەتمەيدىغان بەھەيۋەت تاغقا ئوخشايتتى
وَأَزْلَفْنَا ثَمَّ ٱلْـَٔاخَرِينَ ﴿٦٤﴾
پىرئەۋن بىلەن لەشكەرلىرىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردۇق، نىھايەت ئۇلار دېڭىزغا كىرگەندە ئۇنى ماڭغىلى بولىدىغان يول، دەپ ئويلاپ قېلىشتى. وأنجينا موس ومن م عه أجمعين
وَأَنجَيْنَا مُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُۥٓ أَجْمَعِينَ ﴿٦٥﴾
بىز مۇسانى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇتۇلدۇردۇق، ئۇلاردىن ھېچكىم غەرق بولۇپ كەتمىدى
ثُمَّ أَغْرَقْنَا ٱلْـَٔاخَرِينَ ﴿٦٦﴾
ئاندىن پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتۇق. بەت ۷ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةًۭ ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ ﴿٦٧﴾
شەكسىزكى مۇساغا دېڭىزنىڭ يېرىلىشىدا ھەم ئۇنىڭ قۇتۇلۇپ، پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ھالاك بولۇشىدا ئەلۋەتتە مۇسانىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بار. پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ ﴿٦٨﴾
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇر، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدۇ، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر
وَٱتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ إِبْرَٰهِيمَ ﴿٦٩﴾
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسىسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن. إذ قال لأبيه وقومه ما تعبدون
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِۦ مَا تَعْبُدُونَ ﴿٧٠﴾
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە: ئاللاھنى قويۇپ نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟ دېدى. قالوا نعبد أصناما فنظل لها عكفين
قَالُوا۟ نَعْبُدُ أَصْنَامًۭا فَنَظَلُّ لَهَا عَـٰكِفِينَ ﴿٧١﴾
قەۋمى ئۇنىڭغا: بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىمىز ھەم ئۇلارغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرىمىز، دېيىشتى. قال هل يسمعونكم إذ تدعون
قَالَ هَلْ يَسْمَعُونَكُمْ إِذْ تَدْعُونَ ﴿٧٢﴾
ئىبراھىم ئۇلارغا ئېيتتى: بۇتلىرىڭلارغا دۇئا قىلغىنىڭلاردا ئۇلار دۇئايىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟ أو ينفعونكم أو يضر ون
أَوْ يَنفَعُونَكُمْ أَوْ يَضُرُّونَ ﴿٧٣﴾
ئىتائەت قىلساڭلار پايدا، ئاسىيلىق قىلساڭلار زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟
قَالُوا۟ بَلْ وَجَدْنَآ ءَابَآءَنَا كَذَٰلِكَ يَفْعَلُونَ ﴿٧٤﴾
ئۇلار ئېيتتى: ئۇلارغا دۇئا قىلساق دۇئالىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ، ئىتائەت قىلساق پايدا، ئاسىيلىق قىلساق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۇق. ئاندىن بىزمۇ شۇلارغا ئەگەشتۇق. قال أفرءيتم م اكنتم تعبدون
قَالَ أَفَرَءَيْتُم مَّا كُنتُمْ تَعْبُدُونَ ﴿٧٥﴾
ئىبراھىم ئېيتتى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟
أَنتُمْ وَءَابَآؤُكُمُ ٱلْأَقْدَمُونَ ﴿٧٦﴾
سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلار چوقۇنغىنى نېمە؟ بەت ۸ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر و
فَإِنَّهُمْ عَدُوٌّۭ لِّىٓ إِلَّا رَبَّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٧٧﴾
ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ دۈشمەنلىرىمدۇر، چۈنكى ئۇلار ساختا ئىلاھلاردۇر. پەقەت بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالالا مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر
ٱلَّذِى خَلَقَنِى فَهُوَ يَهْدِينِ ﴿٧٨﴾
ئۇ مېنى ياراتقان زاتتۇر، ئۇ مېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا باشلايدۇ
وَٱلَّذِى هُوَ يُطْعِمُنِى وَيَسْقِينِ ﴿٧٩﴾
ئۇ يەككە - يېگانىدۇركى، ئاچ قالسام يېمەك بېرىدۇ، ئۇسسۇز قالسام ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ. وإ ذا مرضت فهو يشفين
وَإِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ ﴿٨٠﴾
ئاغرىپ قالسام ماڭا يالغۇز ئاللاھ شىپالىق بېرىدۇ، ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا شىپالىق بەرگۈچى يوق
وَٱلَّذِى يُمِيتُنِى ثُمَّ يُحْيِينِ ﴿٨١﴾
ئۇ يەككە - يېگانە زاتتۇركى، ئەجىلىم توشقاندا مېنى ۋاپات تاپقۇزىدۇ، ئۆلگىنىمدىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ
وَٱلَّذِىٓ أَطْمَعُ أَن يَغْفِرَ لِى خَطِيٓـَٔتِى يَوْمَ ٱلدِّينِ ﴿٨٢﴾
مەن يېگانە ئاللاھتىن قىيامەت كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
رَبِّ هَبْ لِى حُكْمًۭا وَأَلْحِقْنِى بِٱلصَّـٰلِحِينَ ﴿٨٣﴾
ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا دىندا توغرا چۈشەنچە ئاتا قىلغىن، مېنى مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بولغان ياخشىلارنىڭ قاتارىغا قوشقىن، مېنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە كىرگۈزگىن
وَٱجْعَل لِّى لِسَانَ صِدْقٍۢ فِى ٱلْـَٔاخِرِينَ ﴿٨٤﴾
مەندىن كېيىن كېلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن
وَٱجْعَلْنِى مِن وَرَثَةِ جَنَّةِ ٱلنَّعِيمِ ﴿٨٥﴾
مېنى مۇئمىن بەندىلىرىڭ راھەت - پاراغەتتە ياشايدىغان جەننەتنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ئىگە قىلغىن، مېنى شۇ جايلاردا تۇرغۇزغىن
وَٱغْفِرْ لِأَبِىٓ إِنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ ﴿٨٦﴾
ئاتامنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن شېرىك سەۋەبىدىن توغرا يولدىن ئېزىپ كەتتى. ئىبراھىم ئاتىسىنىڭ دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەققىدە ياخشى دۇئا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولۇپ، دۇئا قىلمايدىغان بولدى. بەت ۹ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ولا تخزنى يوم يبعثون
وَلَا تُخْزِنِى يَوْمَ يُبْعَثُونَ ﴿٨٧﴾
ھېساب ئۈچۈن خالايىقلارنى تىرىلدۈرىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن. يوم لا ينفع مال ولا بنون
يَوْمَ لَا يَنفَعُ مَالٌۭ وَلَا بَنُونَ ﴿٨٨﴾
ئۇ كۈندە ئىنساننىڭ دۇنيادا توپلىغان مال - مۈلۈك ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىدىغان ئوغۇللار ئەسقاتمايدۇ
إِلَّا مَنْ أَتَى ٱللَّهَ بِقَلْبٍۢ سَلِيمٍۢ ﴿٨٩﴾
پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شېرىك، نىپاق، رىيا ۋە مەنمەنچىلىك بولمىغان ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرگە ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان مال - مۈلكى ۋە ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ئوغۇللىرى ئەسقاتىدۇ
وَأُزْلِفَتِ ٱلْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ ﴿٩٠﴾
جەننەت پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ
وَبُرِّزَتِ ٱلْجَحِيمُ لِلْغَاوِينَ ﴿٩١﴾
مەھشەردە توغرا دىندىن ئېزىپ كەتكەن ئازغۇنلارغا دوزاخ ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ. وقيل لهم أين ما كنتم تعبدون
وَقِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ تَعْبُدُونَ ﴿٩٢﴾
ئۇلارغا قاتتىق كايىپ دېيىلىدۇكى: سىلەر دۇنيادا ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىڭلار قېنى؟
مِن دُونِ ٱللَّهِ هَلْ يَنصُرُونَكُمْ أَوْ يَنتَصِرُونَ ﴿٩٣﴾
سىلەر ئاللاھنى قويۇپ شۇلارغا چوقۇناتتىڭلارغۇ؟ ئەمدى ئۇلار سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇش ئارقىلىق ياردەم قىلالامدۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە بولسىمۇ ياردەم بېرەلەمدۇ؟
فَكُبْكِبُوا۟ فِيهَا هُمْ وَٱلْغَاوُۥنَ ﴿٩٤﴾
ئۇلار ۋە ئۇلارنى ئازدۇرغانلار دوزاخقا ئۈستى - ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ. وجنود إ بليس أجمعون
وَجُنُودُ إِبْلِيسَ أَجْمَعُونَ ﴿٩٥﴾
ئىبلىسنىڭ ياردەمچى شەيتانلىرىمۇ ھەممىسى دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئۇلاردىن ھېچكىم چەتتە قالمايدۇ. قالوا وهم فيها يختصمون
قَالُوا۟ وَهُمْ فِيهَا يَخْتَصِمُونَ ﴿٩٦﴾
ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنغان ۋە ئاللاھنى قويۇپ شېرىكلەرنى تۇتۇۋالغان مۇشرىكلار ئۆزلىرى چوقۇنغان بۇتلىرى بىلەن تاكاللىشىپ مۇنداق دەيدۇ: بەت ۱۰ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
تَٱللَّهِ إِن كُنَّا لَفِى ضَلَـٰلٍۢ مُّبِينٍ ﴿٩٧﴾
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنمىز
إِذْ نُسَوِّيكُم بِرَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٩٨﴾
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەڭ قىلىپ، خۇددى شۇنىڭغا چوقۇنغاندەك چوقۇنۇپتىكەنمىز
وَمَآ أَضَلَّنَآ إِلَّا ٱلْمُجْرِمُونَ ﴿٩٩﴾
بىزنى ھەق يولدىن ئازدۇرۇۋەتكىنى پەقەت ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرغان جىنايەتچىلەردۇر. فما لنا من شفعين
فَمَا لَنَا مِن شَـٰفِعِينَ ﴿١٠٠﴾
ئەمدى بىزگە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر يوق. ولا صديق حميم
وَلَا صَدِيقٍ حَمِيمٍۢ ﴿١٠١﴾
بىزگە چاپان ياپىدىغان ۋە بىزگە شاپائەت قىلىدىغان سەمىمىي دوستمۇ يوق
فَلَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةًۭ فَنَكُونَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿١٠٢﴾
كاشكى بىز ھاياتىي دۇنياغا قايتالىغان بولساق، ئاللاھقا ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولاتتۇق
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةًۭ ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ ﴿١٠٣﴾
ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسىسى ۋە كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدىكى بايانلاردا ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت باردۇر. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ ﴿١٠٤﴾
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇر، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدۇ، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر
كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿١٠٥﴾
نۇھنىڭ قەۋمى نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان ۋاقتىدا بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى. إذ قال لهم أخوهم نوح ألا تتقون
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ نُوحٌ أَلَا تَتَّقُونَ ﴿١٠٦﴾
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ بەت ۱۱ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر إنى لكم رسول أمين
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌۭ ﴿١٠٧﴾
مەن شەكسىزكى سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلاردۇرمەن، ئاللاھ مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغىنىغا قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ ﴿١٠٨﴾
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٠٩﴾
مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ ﴿١١٠﴾
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
۞ قَالُوٓا۟ أَنُؤْمِنُ لَكَ وَٱتَّبَعَكَ ٱلْأَرْذَلُونَ ﴿١١١﴾
نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي نۇھ! سېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېچىدە دۆلەتمەن، كاتتىباشلار بولمىسا، بىز يەنە ساڭا ئىمان ئېيتىپ، دىنىڭغا ئەمەل قىلىمىزمۇ؟ دېيىشتى. قال وما علمى بما كانوا يعملون
قَالَ وَمَا عِلْمِى بِمَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ ﴿١١٢﴾
نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېيتتى: مەن ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھېسابلاپ تۇرۇشقا مۇئەككەل ئەمەسمەن
إِنْ حِسَابُهُمْ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّى ۖ لَوْ تَشْعُرُونَ ﴿١١٣﴾
ئۇلارنىڭ ھېسابىنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ ئالىدۇ. ئەگەر بىلگەن بولساڭلار، ھەرگىز ئۇنداق دېمەيتتىڭلار
وَمَآ أَنَا۠ بِطَارِدِ ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿١١٤﴾
مەن سىلەرنى ئىمان ئېيتىپ قالارمىكىن دەپ سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ئاساسەن مۇئمىنلەرنى سورۇنۇمدىن قوغلىۋەتمەيمەن. إ ن أنا إ ل انذير م بين
إِنْ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٌۭ مُّبِينٌۭ ﴿١١٥﴾
مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەنكى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن
قَالُوا۟ لَئِن لَّمْ تَنتَهِ يَـٰنُوحُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلْمَرْجُومِينَ ﴿١١٦﴾
نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي نۇھ! ئەگەر سەن بىزنى چاقىرىۋاتقان ئىشتىن توختىمىساڭ، چوقۇم تىل - ئاھانەتكە قېلىپ، تاش كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىسەن. بەت ۱۲ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر قال رب إن قومى كذبون
قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوْمِى كَذَّبُونِ ﴿١١٧﴾
نۇھ پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلىپ ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم ھەقىقەتەن مېنى ئىنكار قىلدى، سېنىڭ دەرگاھىڭدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمىدى
فَٱفْتَحْ بَيْنِى وَبَيْنَهُمْ فَتْحًۭا وَنَجِّنِى وَمَن مَّعِىَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿١١٨﴾
مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىنكى، ئۇلار ئازغۇنلۇقىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھۆكۈم ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسۇن. مېنى ۋە مەن بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قەۋمىمنىڭ كاپىرلىرىنى ھالاك قىلغان ئازابتىن قۇتۇلدۇرغىن
فَأَنجَيْنَـٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ فِى ٱلْفُلْكِ ٱلْمَشْحُونِ ﴿١١٩﴾
بىز نۇھنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلار بىلەن لىق تولغان كېمىدە ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇردۇق
ثُمَّ أَغْرَقْنَا بَعْدُ ٱلْبَاقِينَ ﴿١٢٠﴾
ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن نۇھنىڭ قەۋمىدىن قېپقالغانلىرىنى ھالاك غەرق قىلىۋەتتۇق
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةًۭ ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ ﴿١٢١﴾
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نۇھ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ۋەقەلىكىدە، شۇنداقلا نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنىڭ ھالاك قىلىنىشىدا پەند - نەسىھەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ ﴿١٢٢﴾
ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ رەببىڭ شەكسىز غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر
كَذَّبَتْ عَادٌ ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿١٢٣﴾
ئاد خەلقى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقتىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى. إذ قال لهم أخوهم هود ألا تتقون
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ هُودٌ أَلَا تَتَّقُونَ ﴿١٢٤﴾
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ إنى لكم رسول أمين
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌۭ ﴿١٢٥﴾
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ ﴿١٢٦﴾
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. بەت ۱۳ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٢٧﴾
مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. أتبنون بكل ريع ءاية تعبثون
أَتَبْنُونَ بِكُلِّ رِيعٍ ءَايَةًۭ تَعْبَثُونَ ﴿١٢٨﴾
سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن - تاماشىنىڭ ئالامىتى قىلىپ بۇ دۇنيا ياكى ئۇ دۇنيالىقىڭلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغان بىنالارنى سالامسىلەر؟ وتتخذون مصانع لعل كم تخلدون
وَتَتَّخِذُونَ مَصَانِعَ لَعَلَّكُمْ تَخْلُدُونَ ﴿١٢٩﴾
گوياكى سىلەر بۇ دۇنيادا مەڭگۈ قېلىپ، بۇ جايدىن يۆتكەلمەيدىغاندەك پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟ وإ ذا بطشتم بطشتم جبارين
وَإِذَا بَطَشْتُم بَطَشْتُمْ جَبَّارِينَ ﴿١٣٠﴾
ئەگەر (بىراۋغا) ئۆلۈم جازاسى ياكى كالتەكلەش جازاسى بەرسەڭلار، قىلچە رەھىم قىلماستىن زالىملارچە جازالايسىلەر
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ ﴿١٣١﴾
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
وَٱتَّقُوا۟ ٱلَّذِىٓ أَمَدَّكُم بِمَا تَعْلَمُونَ ﴿١٣٢﴾
ئۆزۈڭلارمۇ بىلىدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇڭلار. أمد كم بأ نعم وبنين
أَمَدَّكُم بِأَنْعَـٰمٍۢ وَبَنِينَ ﴿١٣٣﴾
ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى ۋە ئوغۇللارنى بەردى. وجنت وعيون
وَجَنَّـٰتٍۢ وَعُيُونٍ ﴿١٣٤﴾
باغ - بوستانلارنى ۋە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى
إِنِّىٓ أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍۢ ﴿١٣٥﴾
ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت كاتتا كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن
قَالُوا۟ سَوَآءٌ عَلَيْنَآ أَوَعَظْتَ أَمْ لَمْ تَكُن مِّنَ ٱلْوَٰعِظِينَ ﴿١٣٦﴾
قەۋمى ئۇنىڭغا: سەن بىزگە نەسىھەت قىلساڭمۇ - قىلمىساڭمۇ بەرىبىر، چۈنكى بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، ئۆز دىنىمىزدىنمۇ قايتمايمىز، دېدى. بەت ۱۴ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
إِنْ هَـٰذَآ إِلَّا خُلُقُ ٱلْأَوَّلِينَ ﴿١٣٧﴾
بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ دىنى، ئادىتى ۋە ئەخلاقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. وما نحن بمعذ بين
وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ ﴿١٣٨﴾
بىز جازالانمايمىز
فَكَذَّبُوهُ فَأَهْلَكْنَـٰهُمْ ۗ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةًۭ ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ ﴿١٣٩﴾
ئۇلار پەيغەمبىرى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ئاندىن بىز ئۇلارنى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قاتتىق بوران بىلەن ھالاك قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئاشۇ ھالاكەتتە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ ﴿١٤٠﴾
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر
كَذَّبَتْ ثَمُودُ ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿١٤١﴾
سەمۇد خەلقى ئۆز پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى. إذ قال لهم أخوهم صلح ألا تتقون
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ صَـٰلِحٌ أَلَا تَتَّقُونَ ﴿١٤٢﴾
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى سالىھ ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ إنى لكم رسول أمين
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌۭ ﴿١٤٣﴾
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ ﴿١٤٤﴾
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ئىتائەت قىلىڭلار
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٤٥﴾
مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەت ۱۵ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
أَتُتْرَكُونَ فِى مَا هَـٰهُنَآ ءَامِنِينَ ﴿١٤٦﴾
فى جنت وعيون
فِى جَنَّـٰتٍۢ وَعُيُونٍۢ ﴿١٤٧﴾
سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟ وزروع ونخل طلعها هضيم
وَزُرُوعٍۢ وَنَخْلٍۢ طَلْعُهَا هَضِيمٌۭ ﴿١٤٨﴾
سىلەر مۇشۇ يەرلەردە باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن ۋە كۆپ ياخشىلىقلاردىن بەھرىمان بولۇپ، ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قېلىشنى ئويلامسىلەر؟
وَتَنْحِتُونَ مِنَ ٱلْجِبَالِ بُيُوتًۭا فَـٰرِهِينَ ﴿١٤٩﴾
سىلەر تاغلارنى تېشىشكە ماھىر بولغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ تاغلارنى تېشىپ، ئولتۇرىدىغان ئۆيلەرنى ياسامسىلەر؟
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ ﴿١٥٠﴾
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
وَلَا تُطِيعُوٓا۟ أَمْرَ ٱلْمُسْرِفِينَ ﴿١٥١﴾
گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلىدىغانلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماڭلار
ٱلَّذِينَ يُفْسِدُونَ فِى ٱلْأَرْضِ وَلَا يُصْلِحُونَ ﴿١٥٢﴾
ئۇلار گۇناھ - مەئسىيەت تارقىتىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى تۈزىمەيدۇ
قَالُوٓا۟ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلْمُسَحَّرِينَ ﴿١٥٣﴾
قەۋمى ئۇنىڭغا: سەن ھەقىقەتەن قايتا - قايتا سېھىرلىنىپ، ساراڭ بوپقاپسەن، دېدى
مَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٌۭ مِّثْلُنَا فَأْتِ بِـَٔايَةٍ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ ﴿١٥٤﴾
سەنمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان، سېنىڭ پەيغەمبەر بولغۇدەك بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق. ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دېگەن گېپىڭدە راستچىل بولساڭ، پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن. قال هذه ناقة لها شرب ولكم شرب يوم م علوم
قَالَ هَـٰذِهِۦ نَاقَةٌۭ لَّهَا شِرْبٌۭ وَلَكُمْ شِرْبُ يَوْمٍۢ مَّعْلُومٍۢ ﴿١٥٥﴾
سالىھ ئۇلارغا ئېيتتى: (سىلەرنىڭ مۆجىزە كەلتۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلغىنىڭلارغا قارىتا) ئاللاھ تائالا بىر ئالامەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئالامەت ئاللاھ تائالا قورام تاشتىن چىقىرىپ بەرگەن چىشى تۆگىدۇركى، ئۇنى كۆرۈپ، تۇتۇپ باققىلى بولىدۇ. (سىلەر ئىچىۋاتقان) سۇدىن مۇشۇ تۆگىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق نېسىۋىسى بار، سىلەرنىڭمۇ مەلۇم نېسىۋەڭلار بار. سىلەرنىڭ نۆۋىتىڭلار كەلگەن كۈندە تۆگە سۇ ئىچمەيدۇ، تۆگىنىڭ نۆۋىتى كەلگەن كۈندە سىلەر ئىچمەيسىلەر. بەت ۱۶ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوٓءٍۢ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَظِيمٍۢ ﴿١٥٦﴾
ئۇ تۆگىنى ئۇرۇش ياكى بوغۇزلاش ئارقىلىق يامانلىق قىلماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، شۇ سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىسىلەر. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئازاب كەلگەن كۈندە سىلەرنى شۇ ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ. فعقروها فأ ص بحوا ندمين
فَعَقَرُوهَا فَأَصْبَحُوا۟ نَـٰدِمِينَ ﴿١٥٧﴾
ئۇلار تۆگىنى بوغۇزلاشقا تىل بىرىكتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى تۆگىنى بوغۇزلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىگە چوقۇم ئازاب كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدى، لېكىن ئازابنى كۆرگەندە قىلغان پۇشايماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ
فَأَخَذَهُمُ ٱلْعَذَابُ ۗ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةًۭ ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ ﴿١٥٨﴾
ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب ئۇلارنى تۇتتى، ئۇ ئازاب يەر تەۋرەش ۋە كۈچلۈك ئاۋاز ئىدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سالىھ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ۋەقەلىكىدە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن كاتتا ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ ﴿١٥٩﴾
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىم قىلغۇچىدۇر
كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿١٦٠﴾
لۇت قەۋمى لۇتنى ئىنكار قىلغانلىق تۈپەيلىدىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى. إذ قال لهم أخوهم لوط ألا تتقون
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ لُوطٌ أَلَا تَتَّقُونَ ﴿١٦١﴾
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى لۇت ئۇلارغا ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ إنى لكم رسول أمين
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌۭ ﴿١٦٢﴾
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ ﴿١٦٣﴾
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٦٤﴾
مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەت ۱۷ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
أَتَأْتُونَ ٱلذُّكْرَانَ مِنَ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٦٥﴾
سىلەر ئىنسانلاردىن ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرامسىلەر؟
وَتَذَرُونَ مَا خَلَقَ لَكُمْ رَبُّكُم مِّنْ أَزْوَٰجِكُم ۚ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ عَادُونَ ﴿١٦٦﴾
پەرۋەردىگارىڭلار شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ئاياللىرىڭلارنى تاشلامسىلەر؟ سىلەر مۇشۇنداق ناچار قىلمىشىڭلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قەۋمسىلەر
قَالُوا۟ لَئِن لَّمْ تَنتَهِ يَـٰلُوطُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلْمُخْرَجِينَ ﴿١٦٧﴾
قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي لۇت! ئەگەر سەن بىزنى بۇ ئىشتىن چەكلەشتىن ۋە بىزنى ئەيىبلەشتىن توختىمىساڭ، سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر يۇرتىمىزدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىلىسىلەر، دېدى
قَالَ إِنِّى لِعَمَلِكُم مِّنَ ٱلْقَالِينَ ﴿١٦٨﴾
لۇت ئۇلارغا ئېيتتى: مەن سىلەرنىڭ بۇ يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىمەن. رب نجنى وأهلى مما يعملون
رَبِّ نَجِّنِى وَأَهْلِى مِمَّا يَعْمَلُونَ ﴿١٦٩﴾
لۇت يەنە پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! مۇشۇلارنىڭ ناچار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلار دۇچار بولىدىغان ئازابتىن مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتۇلدۇرغىن. فنج ينه وأ هله أ جمعين
فَنَجَّيْنَـٰهُ وَأَهْلَهُۥٓ أَجْمَعِينَ ﴿١٧٠﴾
شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى ھەم تەۋەلىرىنى تولۇق قۇتۇلدۇردۇق
إِلَّا عَجُوزًۭا فِى ٱلْغَـٰبِرِينَ ﴿١٧١﴾
لېكىن ئۇنىڭ ئايالى كاپىر بولغانلىقتىن ھالاك بولغۇچىلار بىلەن بىرگە كەتتى
ثُمَّ دَمَّرْنَا ٱلْـَٔاخَرِينَ ﴿١٧٢﴾
لۇت ئۆز تەۋەلىرىنى ئېلىپ سەدۇم شەھىرىدىن چېقىپ كەتكەندىن كېيىن قەۋمىنىڭ قالغانلىرىنى ئېچىنىشلىق ھالاك قىلدۇق
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِم مَّطَرًۭا ۖ فَسَآءَ مَطَرُ ٱلْمُنذَرِينَ ﴿١٧٣﴾
بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن خۇددى يامغۇر ياغدۇرغاندەك تاش ياغدۇردۇق. بۇلارنىڭ يامغۇرى نېمىدېگەن يامان! لۇت ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇلار يەنە مۇشۇنداق ناچار قىلمىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشتىن ئەسكەرتكەن ئىدى
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةًۭ ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ ﴿١٧٤﴾
شەكسىزكى يۇقىرىدا لۇت قەۋمىنىڭ ناچار قىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئازابتا ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت ئالىدىغانلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. بەت ۱۸ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ ﴿١٧٥﴾
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
كَذَّبَ أَصْحَـٰبُ لْـَٔيْكَةِ ٱلْمُرْسَلِينَ ﴿١٧٦﴾
مەديەن شەھىرىگە يېقىن جايدىكى بۈك - باراقسان ئورمانلىققا جايلاشقان كەنتتىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى. إذ قال لهم شعيب ألا تتقون
إِذْ قَالَ لَهُمْ شُعَيْبٌ أَلَا تَتَّقُونَ ﴿١٧٧﴾
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟ إنى لكم رسول أمين
إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌۭ ﴿١٧٨﴾
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن
فَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ ﴿١٧٩﴾
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
وَمَآ أَسْـَٔلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِىَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٨٠﴾
مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان
۞ أَوْفُوا۟ ٱلْكَيْلَ وَلَا تَكُونُوا۟ مِنَ ٱلْمُخْسِرِينَ ﴿١٨١﴾
كىشىلەرگە بىر نەرسە ساتقاندا تولۇق (تارتىپ) بېرىڭلار، ئۆلچەمدە كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار
وَزِنُوا۟ بِٱلْقِسْطَاسِ ٱلْمُسْتَقِيمِ ﴿١٨٢﴾
باشقىلارغا بىر نەرسە تارتىپ بەرگەندە توغرا تارازىدا تارتىڭلار
وَلَا تَبْخَسُوا۟ ٱلنَّاسَ أَشْيَآءَهُمْ وَلَا تَعْثَوْا۟ فِى ٱلْأَرْضِ مُفْسِدِينَ ﴿١٨٣﴾
كىشىلەرنىڭ ھەققىنى كەم بەرمەڭلار، گۇناھ - مەئسىيەت قىلىش ئارقىلىق زېمىندا بۇزۇقچىلىقنى كۆپەيتىۋەتمەڭلار
وَٱتَّقُوا۟ ٱلَّذِى خَلَقَكُمْ وَٱلْجِبِلَّةَ ٱلْأَوَّلِينَ ﴿١٨٤﴾
سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئازابى بېشىڭلارغا كېلىشتىن بۇرۇن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بەت ۱۹ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
قَالُوٓا۟ إِنَّمَآ أَنتَ مِنَ ٱلْمُسَحَّرِينَ ﴿١٨٥﴾
شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا ئېيتتى: ھەقىقەتەن سەن قايتا - قايتا سېھىرلىنىپ، سېھىر ئەقلىڭنى يېڭىپ، سېنى ئەقىلسىز قىپ قويۇپتۇ
وَمَآ أَنتَ إِلَّا بَشَرٌۭ مِّثْلُنَا وَإِن نَّظُنُّكَ لَمِنَ ٱلْكَـٰذِبِينَ ﴿١٨٦﴾
سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان، چۈنكى سېنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق. ئۇنداق بولغانىكەن، سەن قانداقسىگە پەيغەمبەر بوپقالىسەن؟ ھەقىقەتەن بىز سېنىڭ ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دەۋېلىشىڭدا يالغانچى دەپ ئويلايمىز
فَأَسْقِطْ عَلَيْنَا كِسَفًۭا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّـٰدِقِينَ ﴿١٨٧﴾
ئەگەر دەۋايىڭدا راستچىل بولساڭ، بىزگە ئاسماندىن بىر پارچە (ئازاب) چۈشۈرگىن
قَالَ رَبِّىٓ أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ ﴿١٨٨﴾
شۇئەيب ئۇلارغا: پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ شېرىك ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، دېدى
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمْ عَذَابُ يَوْمِ ٱلظُّلَّةِ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ ﴿١٨٩﴾
ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولدى. يەنى، بىر كۈنى قاتتىق ئىسسىق بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا بۇلۇت سايە تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئوت يېغىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ھەقىقەتەن ئۇلار ھالاك بولغان كۈن دەھشەتلىك بىر كۈن بولدى
إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَةًۭ ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ ﴿١٩٠﴾
ھەقىقەتەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شۇئەيب قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىش ۋەقەلىكىدە ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ ﴿١٩١﴾
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەدىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
وَإِنَّهُۥ لَتَنزِيلُ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٩٢﴾
شەكسىزكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر
نَزَلَ بِهِ ٱلرُّوحُ ٱلْأَمِينُ ﴿١٩٣﴾
قۇرئاننى ئىشەنچلىك پەرىشتە جىبرىئىل ئېلىپ چۈشتى
عَلَىٰ قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ ٱلْمُنذِرِينَ ﴿١٩٤﴾
ئەي پەيغەمبەر! ئۇ سېنىڭ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەرلەردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن قۇرئاننى دىلىڭغا ئېلىپ چۈشتى. بەت ۲۰ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر بلسان عربى م بين
بِلِسَانٍ عَرَبِىٍّۢ مُّبِينٍۢ ﴿١٩٥﴾
جىبرىئىل ئۇنى ئوچۇق ئەرەب تىلىدا ئېلىپ چۈشتى
وَإِنَّهُۥ لَفِى زُبُرِ ٱلْأَوَّلِينَ ﴿١٩٦﴾
ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. يەنى ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلارمۇ بۇ قۇرئاندىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن
أَوَلَمْ يَكُن لَّهُمْ ءَايَةً أَن يَعْلَمَهُۥ عُلَمَـٰٓؤُا۟ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ﴿١٩٧﴾
ئابدۇللاھ ئىبنى سالامدەك بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ ساڭا نازىل بولغان قۇرئاننىڭ ھەقلىقىنى بىلگەنلىكى بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارغا سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولمامدۇ؟
وَلَوْ نَزَّلْنَـٰهُ عَلَىٰ بَعْضِ ٱلْأَعْجَمِينَ ﴿١٩٨﴾
فقرأه عليهم م اكانوا به مؤمنين
فَقَرَأَهُۥ عَلَيْهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ مُؤْمِنِينَ ﴿١٩٩﴾
ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىرىگە نازىل قىلغان بولساق، ئاندىن ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ: بىز بۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيمىز، دېيىشى مۇقەررەر. شۇڭا ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا نازىل بولغانلىقىدىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتسۇن
كَذَٰلِكَ سَلَكْنَـٰهُ فِى قُلُوبِ ٱلْمُجْرِمِينَ ﴿٢٠٠﴾
ئەنە شۇنىڭدەك، ئىنكارچىلىق ۋە كۇپۇرلۇقنى جىنايەتچىلەرنىڭ دىللىرىغا سالىمىز
لَا يُؤْمِنُونَ بِهِۦ حَتَّىٰ يَرَوُا۟ ٱلْعَذَابَ ٱلْأَلِيمَ ﴿٢٠١﴾
ئۇلار تاكى دەرتلىك ئازابنى كۆرمىگۈچە كۇپۇرلۇق ھالىتىدىن ئۆزگەرمەيدۇ ھەم ئىمان ئېيتمايدۇ. فيأتيهم بغتة وهم لا يشعرون
فَيَأْتِيَهُم بَغْتَةًۭ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ ﴿٢٠٢﴾
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئازاب ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ - دە، ئۆزلىرىگە ئازابنىڭ كەلگەنلىكىنى تۇيماي قالىدۇ. فيقولوا هل نحن منظرون
فَيَقُولُوا۟ هَلْ نَحْنُ مُنظَرُونَ ﴿٢٠٣﴾
ئۇلارغا ئازاب ئۇشتۇمتۇت كەلگەندە قاتتىق ھەسرەتلەنگەنلىكتىن: بىزگە ئاللاھقا تەۋبە قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۆھلەت بېرىلمەمدۇ؟ دەيدۇ. أ فبعذابنا يستعجلون
أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ ﴿٢٠٤﴾
بۇ كاپىرلار: سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە تاكى ئاسمان ئۈستىمىزگە پارچە بولۇپ چۈشمىگۈچە بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەپ بىزنىڭ ئازابىمىزنى ئالدىرىتىۋاتامدۇ؟ بەت ۲۱ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر أفرءيت إ نم تعنهم سنين
أَفَرَءَيْتَ إِن مَّتَّعْنَـٰهُمْ سِنِينَ ﴿٢٠٥﴾
ئەي پەيغەمبەر، ئېيتىپ باققىنا! سەن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىمىغان بۇ كاپىرلارنى ئۇزۇن يىللار نېئمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە، ئۇلار بەھرىمەن بولغان نېئمەتلەر ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايدۇ
ثُمَّ جَآءَهُم مَّا كَانُوا۟ يُوعَدُونَ ﴿٢٠٦﴾
ئەي پەيغەمبەر، ئېيتىپ باققىنا! سەن ئېلىپ كەلگەن قۇرئانغا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ كاپىرلارنى ئۇزۇن يىللار نېئمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە، (ئۇلار بەھرىمەن بولغان نېئمەتلەر ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسۇپ قالالمايدۇ)
مَآ أَغْنَىٰ عَنْهُم مَّا كَانُوا۟ يُمَتَّعُونَ ﴿٢٠٧﴾
ئۇلار دۇنيادا ئېرىشكەن نېئمەتلەر نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ ئۇ نېئمەتلەر ئاللىبۇرۇن ئۈزۈلۈپ، ئۇلار ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغان تۇرسا؟
وَمَآ أَهْلَكْنَا مِن قَرْيَةٍ إِلَّا لَهَا مُنذِرُونَ ﴿٢٠٨﴾
بىز قانداق بىر ئۈممەتنى ھالاك قىلساق، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ھەمدە كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغاندىن كېيىن ھالاك قىلدۇق. ذكر وما كنا ظلمين
ذِكْرَىٰ وَمَا كُنَّا ظَـٰلِمِينَ ﴿٢٠٩﴾
بۇ ئۇلارغا پەند - نەسىھەت ۋە ئەسلىتىشتۇر. بىز پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، كىتابلارنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باھانە - سەۋەب كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغاندىن كېيىن ئۇلارنى ئازابلاشتا زۇلۇم قىلغۇچى بولمىدۇق
وَمَا تَنَزَّلَتْ بِهِ ٱلشَّيَـٰطِينُ ﴿٢١٠﴾
بۇ قۇرئاننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىغا شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق. وما ينبغى لهم وما يستطيعون
وَمَا يَنۢبَغِى لَهُمْ وَمَا يَسْتَطِيعُونَ ﴿٢١١﴾
قۇرئاننى ئۇنىڭ دىلىغا شەيتانلارنىڭ ئېلىپ چۈشۈشى لا يىق ئەمەس ھەم ئۇلارمۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ
إِنَّهُمْ عَنِ ٱلسَّمْعِ لَمَعْزُولُونَ ﴿٢١٢﴾
ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلالماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلار قۇرئاننىڭ ئاسماندىكى ئورنىدىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇلار ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىپ، قانداق ئېلىپ چۈشەلەيدۇ؟
فَلَا تَدْعُ مَعَ ٱللَّهِ إِلَـٰهًا ءَاخَرَ فَتَكُونَ مِنَ ٱلْمُعَذَّبِينَ ﴿٢١٣﴾
ئاللاھقا باشقا ھېچقانداق مەبۇدنى شېرىك قىلغان ھالدا ئىبادەت قىلمىغىن، بولمىسا مۇشۇ سەۋەبلىك ئازابلانغۇچىلاردىن بوپقالىسەن. بەت ۲۲ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَأَنذِرْ عَشِيرَتَكَ ٱلْأَقْرَبِينَ ﴿٢١٤﴾
ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭنى ئاگاھلاندۇرۇشتا ئەڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭدىن باشلىغىن. ئۇلار شېرىك ئۈستىدە قېلىپ ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولمىسۇن
وَٱخْفِضْ جَنَاحَكَ لِمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿٢١٥﴾
ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلەرگە مېھىر - شەپقەت كۆرسىتىش يۈزىسىدىن سۆز - ھەرىكەتتە مۇلايىم بولغىن
فَإِنْ عَصَوْكَ فَقُلْ إِنِّى بَرِىٓءٌۭ مِّمَّا تَعْمَلُونَ ﴿٢١٦﴾
ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش ھەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنمىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلاردىن ۋە ئاسىيلىقىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن
وَتَوَكَّلْ عَلَى ٱلْعَزِيزِ ٱلرَّحِيمِ ﴿٢١٧﴾
سەن بارلىق ئىشلىرىڭدا دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدىغان، ھەممىدىن غالىب، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا رەھىمدىل بولغان زاتقا تايانغىن
ٱلَّذِى يَرَىٰكَ حِينَ تَقُومُ ﴿٢١٨﴾
ئۇ سېنى نامازغا تۇرغىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ
وَتَقَلُّبَكَ فِى ٱلسَّـٰجِدِينَ ﴿٢١٩﴾
ئۇ سېنىڭ نامازخانلار ئىچىدە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكەلگىنىڭنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا سېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ
إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ ﴿٢٢٠﴾
ھەقىقەتەن ئاللاھ سېنىڭ قۇرئاندىن ئوقۇغانلىرىڭنى، نامازدىكى زىكىر - تەسبىھلىرىڭنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، نېيىتىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
هَلْ أُنَبِّئُكُمْ عَلَىٰ مَن تَنَزَّلُ ٱلشَّيَـٰطِينُ ﴿٢٢١﴾
(ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا ئېيتقىنكى)، سىلەر بۇ قۇرئاننى ئېلىپ چۈشكەن، دەپ بىلجىرلاۋاتقان شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ تنزل عل كل أفاك أثيم
تَنَزَّلُ عَلَىٰ كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍۢ ﴿٢٢٢﴾
شەيتانلار ھەر بىر يالغانچى، گۇناھكار، ئاسىي رەمباللارغا چۈشىدۇ
يُلْقُونَ ٱلسَّمْعَ وَأَكْثَرُهُمْ كَـٰذِبُونَ ﴿٢٢٣﴾
شەيتانلار پەرىشتىلەرنىڭ (دېيىشكەنلىرىنى) ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋېلىپ، كاھىن دوستلىرىغا تاشلايدۇ. كاھىنلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغانچىلاردۇر. ئۇلار بىر ئېغىز راست سۆزگە يۈز يالغاننى قوشىدۇ. بەت ۲۳ دىن ۲۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَٱلشُّعَرَآءُ يَتَّبِعُهُمُ ٱلْغَاوُۥنَ ﴿٢٢٤﴾
سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەگىشىدۇ، دەپ بىلجىرلاۋاتقان شائىرلار توغرا، تۈپتۈز يولدىن چەتنەپ كەتكەنلەر بولۇپ، ئۇلار شېئىرلارنى ئوقۇيدۇ. ألم ترأن هم فى كل واد يهيمون
أَلَمْ تَرَ أَنَّهُمْ فِى كُلِّ وَادٍۢ يَهِيمُونَ ﴿٢٢٥﴾
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا قارىمامسەن؟ ئۇلار ھەر بىر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ، گاھ ماختايدۇ، گاھ ئەيىبلەيدۇ، گاھ باشقا نەرسىلەرنى دەيدۇ. وأن هم يقولون ما لا يفعلون
وَأَنَّهُمْ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ ﴿٢٢٦﴾
ئۇلار يالغان ئېيتىپ، ئۆزلىرى قىلمىغاننى بىز قىلدۇق، دەيدۇ
إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ وَذَكَرُوا۟ ٱللَّهَ كَثِيرًۭا وَٱنتَصَرُوا۟ مِنۢ بَعْدِ مَا ظُلِمُوا۟ ۗ وَسَيَعْلَمُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓا۟ أَىَّ مُنقَلَبٍۢ يَنقَلِبُونَ ﴿٢٢٧﴾
منقلب ينقلبون پەقەت شائىرلار ئىچىدىن ھەسسان ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ نەگە قايتىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىدۇ، ئۇلار بۈيۈك تۇرۇش ۋە ئىنچىكە ھېسابقا قايتۇرۇلىدۇ. بەت ۲۴ دىن ۲۴ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس