باش بەتتەپسىرالتين (95)

تەپسىر التين — At-Tin (95)

مەككىلىك · 8 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

وَٱلتِّينِ وَٱلزَّيْتُونِ ﴿١﴾

ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن زېمىندىكى ئەنجۈر بىلەن ھەمدە ئۇ ئۆسىدىغان جاي بىلەن، زەيتۇن بىلەن ھەمدە ئۇ ئۆسىدىغان جاي بىلەن قەسەم قىلدى. وطور سينين

وَطُورِ سِينِينَ ﴿٢﴾

پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناجات قىلىشقان جاي سىنا تېغى بىلەن قەسەم قىلدى

وَهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ ٱلْأَمِينِ ﴿٣﴾

كىرىۋالغان كىشى خاتىرجەملىككە ئېرىشىدىغان ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن ھۆرمەتلىك شەھەر مەككە بىلەن قەسەم قىلدى

لَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ فِىٓ أَحْسَنِ تَقْوِيمٍۢ ﴿٤﴾

ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى ئەڭ مۇكەممەل قامەت ۋە ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق. ثم رددنه أ س فل سفلين

ثُمَّ رَدَدْنَـٰهُ أَسْفَلَ سَـٰفِلِينَ ﴿٥﴾

ئاندىن ئۇنى مۇشۇ دۇنيادا قېرىلىق ۋە ئاجىزلىققا قايتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن گوياكى ئۇ تەبىئىتى بۇزۇۋېتىپ، دوزاخقا بارغاندا بەدىنى ھېچ نېمىگە ئەسقاتمىغاندەك بەدىنىدىن پايدىلىنالمايدۇ

إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فَلَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍۢ ﴿٦﴾

لېكىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار قېرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا داۋاملىق ئۈزۈلمەيدىغان مۇكاپات بار بولۇپ، ئۇ مۇكاپات جەننەتتۇر. چۈنكى ئۇلار تەبىئىتىنى پاكلىغان كىشىلەر ئىدى. بەت ۱ دىن ۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فَمَا يُكَذِّبُكَ بَعْدُ بِٱلدِّينِ ﴿٧﴾

ئەي ئىنسان! سەن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئالامەتلىرىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە سېنى جازا - مۇكاپات كۈنىنى ئىنكار قىلىشقا نېمە قىستىدى؟

أَلَيْسَ ٱللَّهُ بِأَحْكَمِ ٱلْحَـٰكِمِينَ ﴿٨﴾

ئاللاھ تائالا -قىيامەت كۈنىنى جازا - مۇكاپات كۈنى قىلىش ئارقىلىق- ئەڭ توغرا ھەم ئەڭ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا ياخشى مۇكاپات، يامانلىق قىلغۇچىغا جازا بەرمەي تاشلاپ قويۇشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ بەت ۲ دىن ۲ moc.hgelp

ئۆگىنىش · التين — At-Tin

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل