باش بەتتەپسىرالحاقة (69)

تەپسىر الحاقة — Al-Haaqqa (69)

مەككىلىك · 52 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

ٱلْحَآقَّةُ ﴿١﴾

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننىڭ بېشىغا چوقۇم كېلىدىغان قايتا تىرىلىپ قوپۇش ۋاقتىنى ئەسلىتىدۇ

مَا ٱلْحَآقَّةُ ﴿٢﴾

ئاندىن ئاللاھ تائالا: قىيامەت نېمىدۇر؟ دېگەن سوئال بىلەن قىيامەتنىڭ كاتتىلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ

وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلْحَآقَّةُ ﴿٣﴾

قىيامەتنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

كَذَّبَتْ ثَمُودُ وَعَادٌۢ بِٱلْقَارِعَةِ ﴿٤﴾

دەھشىتىدىن پۈتۈن ئىنسانلار قورقۇپ كېتىدىغان قىيامەتنى، سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇد ۋە ھۇدنىڭ قەۋمى ئاد ئىنكار قىلدى

فَأَمَّا ثَمُودُ فَأُهْلِكُوا۟ بِٱلطَّاغِيَةِ ﴿٥﴾

سەمۇد قەۋمىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قاتتىقلىقى ۋە قورقۇنچلۇقلۇقىدا چېكىگە يەتكەن ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلدى. وأم اعاد فأهلكوا بريح صرصر عاتية

وَأَمَّا عَادٌۭ فَأُهْلِكُوا۟ بِرِيحٍۢ صَرْصَرٍ عَاتِيَةٍۢ ﴿٦﴾

ئاد قەۋمىنى بولسا، ئاللاھ تائالا ناھايىتى قاتتىق سوغۇق شامال بىلەن ھالاك قىلدى

سَخَّرَهَا عَلَيْهِمْ سَبْعَ لَيَالٍۢ وَثَمَـٰنِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومًۭا فَتَرَى ٱلْقَوْمَ فِيهَا صَرْعَىٰ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ خَاوِيَةٍۢ ﴿٧﴾

ئاللاھ ئۇلارغا يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي بوران ئەۋەتكەن بولۇپ، بوران ئۇلارنى ئۆيلىرىنىڭ بوسۇغىلىرىدىلا ھالاك قىلدى. سەن ئۇ قەۋمنى ئۆز دىيارلىرىدا ھالاك بولغان ھالدا، ھالاكەتتىن كېيىن خۇددى چىرىپ قېلىپ يەرگە چۈشكەن خورما كۆتەكلىرىگە ئوخشاش يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن. فهل تر لهم من باقية

فَهَلْ تَرَىٰ لَهُم مِّنۢ بَاقِيَةٍۢ ﴿٨﴾

ئۇلارغا ئازاب كەلگەندىن كېيىن ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ ساق قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟

وَجَآءَ فِرْعَوْنُ وَمَن قَبْلَهُۥ وَٱلْمُؤْتَفِكَـٰتُ بِٱلْخَاطِئَةِ ﴿٩﴾

پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەر ھەمدە ئاھالىسى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەن لۇت قەۋمى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئىبارەت خاتا قىلمىشلارنى قىلدى. بەت ۱ دىن ۶ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر فعصوا رسول ربهم فأ خذهم أخذة ر ابية

فَعَصَوْا۟ رَسُولَ رَبِّهِمْ فَأَخَذَهُمْ أَخْذَةًۭ رَّابِيَةً ﴿١٠﴾

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋېتىدىغان ئازاب بىلەن جازالىدى

إِنَّا لَمَّا طَغَا ٱلْمَآءُ حَمَلْنَـٰكُمْ فِى ٱلْجَارِيَةِ ﴿١١﴾

شەكسىزكى سۇ بەك يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەن چاغدا بىز سىلەر پۇشتىدا بولغان ئەجدادلىرىڭلارنى نۇھ ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن ياسىغان كېمىگە سالدۇق. ئاندىن ئۇ كېمە سىلەرگە قاتناش ۋاستىسى بولدى

لِنَجْعَلَهَا لَكُمْ تَذْكِرَةًۭ وَتَعِيَهَآ أُذُنٌۭ وَٰعِيَةٌۭ ﴿١٢﴾

بىز نۇھنىڭ كېمىسىنىڭ ۋەقەلىكىنى كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدىغانغا دەلىل قىلدۇق. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇنى ئاڭلاپ ئېسىدە تۇتىدىغانلار ئېسىدە تۇتسۇن

فَإِذَا نُفِخَ فِى ٱلصُّورِ نَفْخَةٌۭ وَٰحِدَةٌۭ ﴿١٣﴾

سۈر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە ئىككىنچى قېتىملىق سۈرنى بىر چالغاندا،

وَحُمِلَتِ ٱلْأَرْضُ وَٱلْجِبَالُ فَدُكَّتَا دَكَّةًۭ وَٰحِدَةًۭ ﴿١٤﴾

زېمىن ۋە تاغلار ئورۇنلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر - بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلۇپ، كۇكۇم - تالقان بوپكېتىدۇ

فَيَوْمَئِذٍۢ وَقَعَتِ ٱلْوَاقِعَةُ ﴿١٥﴾

ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا كەلگەن كۈندە قىيامەت قايىم بولىدۇ

وَٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَهِىَ يَوْمَئِذٍۢ وَاهِيَةٌۭ ﴿١٦﴾

ئۇ كۈندە پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلىدۇ. ئۇ كۈندە يەنە ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان ئاسمان ئاجىزلاپ قالىدۇ

وَٱلْمَلَكُ عَلَىٰٓ أَرْجَآئِهَا ۚ وَيَحْمِلُ عَرْشَ رَبِّكَ فَوْقَهُمْ يَوْمَئِذٍۢ ثَمَـٰنِيَةٌۭ ﴿١٧﴾

پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ. بۇ بۈيۈك كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى مۇقەررەب پەرىشتىلەردىن سەككىز پەرىشتە باشلىرى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. يومئذ تعرضون لا تخف منكم خافية

يَوْمَئِذٍۢ تُعْرَضُونَ لَا تَخْفَىٰ مِنكُمْ خَافِيَةٌۭ ﴿١٨﴾

ئەي ئىنسانلار! بۈ كۈندە ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھقا توغرىلىنىسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچ بىر مەخپىيەتلىكىڭلار ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، بەلكى ئاللاھ ئۇنى بىلگۈچىدۇر ۋە خەۋەرداردۇر. بەت ۲ دىن ۶ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فَأَمَّا مَنْ أُوتِىَ كِتَـٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَيَقُولُ هَآؤُمُ ٱقْرَءُوا۟ كِتَـٰبِيَهْ ﴿١٩﴾

إنى ظننت أنى ملق حسابيه

إِنِّى ظَنَنتُ أَنِّى مُلَـٰقٍ حِسَابِيَهْ ﴿٢٠﴾

نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر خۇشاللىق ۋە خۇرسەنلىكتىن: بۇ مېنىڭ نامە - ئەمال كىتابىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭلار. مەن ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ۋاقتىمدا ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ، چىنپۈتكەن ئىدىم، دەيدۇ. فهو فى عيشة ر اضية

فَهُوَ فِى عِيشَةٍۢ رَّاضِيَةٍۢ ﴿٢١﴾

ئۇ مەڭگۈلۈك نازۇ-نېئمەتلەرنى كۆرگەنلىكتىن كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ. فى جنة عالية

فِى جَنَّةٍ عَالِيَةٍۢ ﴿٢٢﴾

ئالى ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولغان جەننەتتە بولىدۇ. قطوفها دانية

قُطُوفُهَا دَانِيَةٌۭ ﴿٢٣﴾

ئۇ جەننەتنىڭ مېۋىلىرى ئالماقچى بولغانلارغا يېقىن بولىدۇ

كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ هَنِيٓـًٔۢا بِمَآ أَسْلَفْتُمْ فِى ٱلْأَيَّامِ ٱلْخَالِيَةِ ﴿٢٤﴾

ئۇلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن: يەڭلار، ئىچىڭلار، (جەننەتتىكى بۇ يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەر) سىلەرگە زىيان قىلمايدۇ. سىلەر دۇنيادا ئۆتكەن كۈنلىرىڭلاردا سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ. وأم امن أوتى كتبه بشماله فيقول يليتنى لم أوت كتبيه

وَأَمَّا مَنْ أُوتِىَ كِتَـٰبَهُۥ بِشِمَالِهِۦ فَيَقُولُ يَـٰلَيْتَنِى لَمْ أُوتَ كِتَـٰبِيَهْ ﴿٢٥﴾

نامە - ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەنلەر قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقتىن دەيدۇكى، كاشكى ماڭا نامە - ئەمالىم بېرىلمىسە بوپتىكەن. چۈنكى ئۇنىڭغا ماڭا ئازاب كەلتۈرىدىغان يامان ئەمەللەر توشۇپ كېتىپتۇ. ولم أدر ما حسابيه

وَلَمْ أَدْرِ مَا حِسَابِيَهْ ﴿٢٦﴾

كاشكى مەن ھېسابىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسامچۇ!

يَـٰلَيْتَهَا كَانَتِ ٱلْقَاضِيَةَ ﴿٢٧﴾

كاشكى مېنىڭ ئۆلىمىم مەڭگۈ تىرىلمەيدىغان ئۆلۈم بولسىچۇ!

مَآ أَغْنَىٰ عَنِّى مَالِيَهْ ۜ ﴿٢٨﴾

مال - مۈلكۈم مەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمىدى. بەت ۳ دىن ۶ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر هلك عنى سلطنيه

هَلَكَ عَنِّى سُلْطَـٰنِيَهْ ﴿٢٩﴾

ئەمدى مېنىڭ دەلىل - پاكىتىم ھەمدە مەن تايىنىپ كەلگەن كۈچ - قۇۋۋەت ۋە يۈز - ئابرۇي ھەممىسى يوق بولدى. خذوه فغلوه

خُذُوهُ فَغُلُّوهُ ﴿٣٠﴾

ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئېيتىدۇ: ئى پەرىشتىلەر! بۇنى تۇتۇپ، بوينىغا تاقاق سېلىڭلار

ثُمَّ ٱلْجَحِيمَ صَلُّوهُ ﴿٣١﴾

ئاندىن ئۇنى ئوتنىڭ ھارارىتىنى تېتىشى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلاڭلار

ثُمَّ فِى سِلْسِلَةٍۢ ذَرْعُهَا سَبْعُونَ ذِرَاعًۭا فَٱسْلُكُوهُ ﴿٣٢﴾

ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاپ دوزاخقا تاشلاڭلار

إِنَّهُۥ كَانَ لَا يُؤْمِنُ بِٱللَّهِ ٱلْعَظِيمِ ﴿٣٣﴾

(ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇ سەۋەبتىندۇركى) ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى

وَلَا يَحُضُّ عَلَىٰ طَعَامِ ٱلْمِسْكِينِ ﴿٣٤﴾

باشقىلارنى كەمبەغەللەرگە تاماق بېرىشكە رىغبەتلەندۈرمەيتتى

فَلَيْسَ لَهُ ٱلْيَوْمَ هَـٰهُنَا حَمِيمٌۭ ﴿٣٥﴾

قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن ئازابنى توسۇپ قالىدىغان دوست يوق. ولا طعام إ ل امن غسلين

وَلَا طَعَامٌ إِلَّا مِنْ غِسْلِينٍۢ ﴿٣٦﴾

ئۇنىڭغا دوزاخ ئەھلىنىڭ بەدەنلىرىدىن ئاققان يىرىڭدىن باشقا يېمەك-ئىچمەك بېرىلمەيدۇ

لَّا يَأْكُلُهُۥٓ إِلَّا ٱلْخَـٰطِـُٔونَ ﴿٣٧﴾

بۇ يېمەكنى پەقەت گۇناھكارلار ۋە ئاسىيلارلا يەيدۇ

فَلَآ أُقْسِمُ بِمَا تُبْصِرُونَ ﴿٣٨﴾

مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن. بەت ۴ دىن ۶ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر وما لا تبصرون

وَمَا لَا تُبْصِرُونَ ﴿٣٩﴾

سىلەر كۆرمەيۋاتقان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن. إنه لقول رسول كريم

إِنَّهُۥ لَقَوْلُ رَسُولٍۢ كَرِيمٍۢ ﴿٤٠﴾

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامى بولۇپ، ئۇنى ھۆرمەتلىك پەيغەمبەر كىشىلەرگە تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ

وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَاعِرٍۢ ۚ قَلِيلًۭا مَّا تُؤْمِنُونَ ﴿٤١﴾

بۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەس، چۈنكى ئۇ شېئىر نەزمىسىگە ئوخشىمايدۇ. سىلەر تولىمۇ ئاز ئىشىنىسىلەر

وَلَا بِقَوْلِ كَاهِنٍۢ ۚ قَلِيلًۭا مَّا تَذَكَّرُونَ ﴿٤٢﴾

ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەسكى، كاھىننىڭ سۆزلىرى بۇ قۇرئانغا تامامەن ئوخشىمايدۇ. سىلەر ناھايىتى ئاز پەند - نەسىھەت ئالىسىلەر

تَنزِيلٌۭ مِّن رَّبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٤٣﴾

لېكىن ئۇ قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

وَلَوْ تَقَوَّلَ عَلَيْنَا بَعْضَ ٱلْأَقَاوِيلِ ﴿٤٤﴾

ئەگەر مۇھەممەد بىزگە بىز دېمىگەن بەزى سۆزلەرنى توقۇسا،

لَأَخَذْنَا مِنْهُ بِٱلْيَمِينِ ﴿٤٥﴾

بىز ئۇنىڭدىن ئەلۋەتتە ئىنتىقام ئالغان بولاتتۇق، ئۇنى كۈچ - قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق

ثُمَّ لَقَطَعْنَا مِنْهُ ٱلْوَتِينَ ﴿٤٦﴾

ئاندىن ئۇنىڭ يۈرىكىگە تۇتىشىدىغان قىزىل قان تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق. فما منكم من أحد عنهحجزين

فَمَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ عَنْهُ حَـٰجِزِينَ ﴿٤٧﴾

ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سىلەرنى دەپ بىزگە يالغاننى توقۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، سىلەردىن ھېچكىم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى. وإ نه لتذكرة للمتقين

وَإِنَّهُۥ لَتَذْكِرَةٌۭ لِّلْمُتَّقِينَ ﴿٤٨﴾

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارغا ۋەز - نەسىھەتتۇر. بەت ۵ دىن ۶ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر وإ ن النعلم أن منكم م كذبين

وَإِنَّا لَنَعْلَمُ أَنَّ مِنكُم مُّكَذِّبِينَ ﴿٤٩﴾

بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇ قۇرئاننىڭ روشەن ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئوبدان بىلىمىز

وَإِنَّهُۥ لَحَسْرَةٌ عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ ﴿٥٠﴾

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلىش قىيامەت كۈنىدە قاتتىق ھەسرەت - نادامەتتۇر

وَإِنَّهُۥ لَحَقُّ ٱلْيَقِينِ ﴿٥١﴾

ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئەلۋەتتە چىن ھەقىقەتتۇركى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە ھېچ قانداق شەك - شۈبھە يوقتۇر

فَسَبِّحْ بِٱسْمِ رَبِّكَ ٱلْعَظِيمِ ﴿٥٢﴾

ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنى ئۇنىڭغا نالايىق سۈپەتلەردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن. بەت ۶ دىن ۶ moc.hgelp

ئۆگىنىش · الحاقة — Al-Haaqqa

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل