باش بەتتەپسىرالرحمن (55)

تەپسىر الرحمن — Ar-Rahmaan (55)

مەدىنىلىك · 78 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

ٱلرَّحْمَـٰنُ ﴿١﴾

مېھرىبان ئاللاھ چەكسىز مەرھەمەتلىك زاتتۇر

عَلَّمَ ٱلْقُرْءَانَ ﴿٢﴾

ئىنسانلارغا قۇرئاننى قولاي يادلىيالايدىغان، مەنىلىرىنى ئاسان چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ تەلىم بەردى

خَلَقَ ٱلْإِنسَـٰنَ ﴿٣﴾

ئىنساننى قامىتى تۈپتۈز، تۇرقىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتتى

عَلَّمَهُ ٱلْبَيَانَ ﴿٤﴾

ئۇنىڭغا كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئېغىزچە ھەم يېزىقچە قانداق ئىپادىلەشنى ئۆگەتتى

ٱلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ بِحُسْبَانٍۢ ﴿٥﴾

ئىنسانلارنى يىللارنىڭ سانىنى ھېسابلاشنى بىلسۇن دەپ قۇياش بىلەن ئاينى ئىنچىكە ھېساب بويىچە سەير قىلىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى

وَٱلنَّجْمُ وَٱلشَّجَرُ يَسْجُدَانِ ﴿٦﴾

غولسىز ئۆسۈملۈكلەرمۇ، دەل - دەرەخلەرمۇ بويسۇنغان ھەم تەسلىم بولغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىدۇ

وَٱلسَّمَآءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ ٱلْمِيزَانَ ﴿٧﴾

ئاللاھ تائالا ئاسماننى يۈكسەك ئېگىزلىكتە يارىتىپ زېمىن ئۈستىگە ئۆگزە قىلدى، يەر يۈزىدە ئادالەتنى بەرپا قىلىپ، بەندىلىرىنى شۇ ئادالەت بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرىدى

أَلَّا تَطْغَوْا۟ فِى ٱلْمِيزَانِ ﴿٨﴾

ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ بىر - بىرىڭلارغا ئۇۋال قىلىپ، تارازا ۋە كەمچىلەردە خىيانەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلدى

وَأَقِيمُوا۟ ٱلْوَزْنَ بِٱلْقِسْطِ وَلَا تُخْسِرُوا۟ ٱلْمِيزَانَ ﴿٩﴾

ئۆز-ئارا ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە جىڭ - تارازىلاردا كەم قىلماڭلار

وَٱلْأَرْضَ وَضَعَهَا لِلْأَنَامِ ﴿١٠﴾

زېمىننى مەخلۇقاتلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا مۇۋاپىق شەكلىدە (يايپاڭ) قىلدى. بەت ۱ دىن ۸ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فِيهَا فَـٰكِهَةٌۭ وَٱلنَّخْلُ ذَاتُ ٱلْأَكْمَامِ ﴿١١﴾

زېمىندا ھەرتۈرلۈك مېۋە دەرەخلىرى ۋە بوغۇنلۇق خورما دەرەخلىرى بار

وَٱلْحَبُّ ذُو ٱلْعَصْفِ وَٱلرَّيْحَانُ ﴿١٢﴾

زېمىندا بۇغداي ۋە ئارپىغا ئوخشاش سامانلىق زىرائەتلەر ۋە سىلەر خۇشپۇرىقىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەر بار

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿١٣﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

خَلَقَ ٱلْإِنسَـٰنَ مِن صَلْصَـٰلٍۢ كَٱلْفَخَّارِ ﴿١٤﴾

،ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى چەكسە جاراڭلايدىغان پىشۇرۇلغان ساپالغا ئوخشاش قۇرۇق لا يدىن ياراتتى

وَخَلَقَ ٱلْجَآنَّ مِن مَّارِجٍۢ مِّن نَّارٍۢ ﴿١٥﴾

جىنلارنىڭ ئاتىسىنى تۈتۈن ئارىلاشمىغان ئوت يالقۇنىدىن ياراتتى

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿١٦﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

رَبُّ ٱلْمَشْرِقَيْنِ وَرَبُّ ٱلْمَغْرِبَيْنِ ﴿١٧﴾

ئۇ قىشتا ۋە يازدا قۇياشنىڭ چىقىدىغان ھەم پاتىدىغان جايىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿١٨﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

مَرَجَ ٱلْبَحْرَيْنِ يَلْتَقِيَانِ ﴿١٩﴾

ئاللاھ تائالا بىرى تۇزلۇق، يەنە بىرى تاتلىق ئىككى دېڭىزنى كۆز ئالدىڭلارغا ئۇچراشتۇرۇپ (ئەمما بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرەتمەي) ئاققۇزدى. بينهما برزخ لا يبغيان

بَيْنَهُمَا بَرْزَخٌۭ لَّا يَبْغِيَانِ ﴿٢٠﴾

بۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسىدا توسما بار بولۇپ، ئۇ توسما ھەر بىر دېڭىز سۈيىنىڭ يەنە بىرىگە ئۆتۈپ كېتىشىدىن توسۇپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە تاتلىق دېڭىز تاتلىق پېتى، تۇزلۇق دېڭىز تۇزلۇق پېتى قېپقالىدۇ. بەت ۲ دىن ۸ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٢١﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

يَخْرُجُ مِنْهُمَا ٱللُّؤْلُؤُ وَٱلْمَرْجَانُ ﴿٢٢﴾

ئىككى دېڭىز قوشۇلغان جايدىن چوڭ - كىچىك مەرۋايىتلار چىقىدۇ

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٢٣﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

وَلَهُ ٱلْجَوَارِ ٱلْمُنشَـَٔاتُ فِى ٱلْبَحْرِ كَٱلْأَعْلَـٰمِ ﴿٢٤﴾

دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەرنىڭ تەسەررۇپى يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٢٥﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ كل من عليها فان

كُلُّ مَنْ عَلَيْهَا فَانٍۢ ﴿٢٦﴾

يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەخلۇقات شەكسىز يوقىلىدۇ

وَيَبْقَىٰ وَجْهُ رَبِّكَ ذُو ٱلْجَلَـٰلِ وَٱلْإِكْرَامِ ﴿٢٧﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلۇغ ھەم بەندىلىرىگە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى قالىدۇ، ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدۇ

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٢٨﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

يَسْـَٔلُهُۥ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِى شَأْنٍۢ ﴿٢٩﴾

ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر، زېمىندىكى ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن ئۆزلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى سورايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر كۈنى بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن يارىتىش، ئۆلتۈرۈش ۋە رىزىق بېرىش دېگەندەك بىرەر ئىش بىلەندۇر

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٣٠﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ بەت ۳ دىن ۸ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

سَنَفْرُغُ لَكُمْ أَيُّهَ ٱلثَّقَلَانِ ﴿٣١﴾

ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! بىز سىلەردىن ئېلىشقا يۈزلىنىپ، ھەر كىمگە تېگىشلىك مۇكاپات ياكى جازا بېرىمىز

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٣٢﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

يَـٰمَعْشَرَ ٱلْجِنِّ وَٱلْإِنسِ إِنِ ٱسْتَطَعْتُمْ أَن تَنفُذُوا۟ مِنْ أَقْطَارِ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ فَٱنفُذُوا۟ ۚ لَا تَنفُذُونَ إِلَّا بِسُلْطَـٰنٍۢ ﴿٣٣﴾

ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسان ۋە جىنلارنى توپلىغان چاغدا: ئەي جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئاسمان - زېمىننىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدىن چىقالايدىغان يوچۇق تاپالىساڭلار، چىقىپ كېتىڭلار. كۈچ - قۇۋۋەتسىز ۋە دەلىل - ئىسپاتسىز ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر. سىلەرگە بۇنداق كۈچ - قۇۋۋەت نەدە تۇرۇپتۇ؟

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٣٤﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ يرسل عليكما شواظ من نار ونحاس فلا تنتصران

يُرْسَلُ عَلَيْكُمَا شُوَاظٌۭ مِّن نَّارٍۢ وَنُحَاسٌۭ فَلَا تَنتَصِرَانِ ﴿٣٥﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئىس - تۈتەك ئارىلاشمىغان ئوت يالقۇنى ۋە يالقۇنسىز ئىس - تۈتەك ئەۋەتىمىز. سىلەر بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٣٦﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

فَإِذَا ٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتْ وَرْدَةًۭ كَٱلدِّهَانِ ﴿٣٧﴾

قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسماننىڭ رەڭگى قىپقىزىل چەمدەك بوپقالىدۇ

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٣٨﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ن

فَيَوْمَئِذٍۢ لَّا يُسْـَٔلُ عَن ذَنۢبِهِۦٓ إِنسٌۭ وَلَا جَآنٌّۭ ﴿٣٩﴾

ئۇ بۈيۈك كۈندە ھېچبىر ئنسان ياكى جىندىن گۇناھلىرى ھەققىدە (سەن بۇ گۇناھنى قىلغانمۇ - ياقمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار) سورالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى بىلىدۇ

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٤٠﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ بەت ۴ دىن ۸ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

يُعْرَفُ ٱلْمُجْرِمُونَ بِسِيمَـٰهُمْ فَيُؤْخَذُ بِٱلنَّوَٰصِى وَٱلْأَقْدَامِ ﴿٤١﴾

قىيامەت كۈنى گۇناھكارلار ئۆزلىرىدىكى بەلگىلەردىن تونۇلىدىغان بولۇپ، بۇ بەلگىلەر قارا يۈزلەر ۋە كۆك كۆزلەردۇر. ئۇلارنىڭ كوكۇلىسى پۇتلىرىغا باغلىنىپ، جەھەننەمگە ئېتىلىدۇ

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٤٢﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

هَـٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِى يُكَذِّبُ بِهَا ٱلْمُجْرِمُونَ ﴿٤٣﴾

ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: جىنايەتچىلەر دۇنيادا ئىنكار قىلىدىغان جەھەننەم مانا مۇشۇ. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ. يطوفون بينها وبين حميم ءان

يَطُوفُونَ بَيْنَهَا وَبَيْنَ حَمِيمٍ ءَانٍۢ ﴿٤٤﴾

ئۇلار شۇ جەھەننەم بىلەن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ - كېلىپ تۇرىدۇ

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٤٥﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ولمن خاف مقام ربه جنتان

وَلِمَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ جَنَّتَانِ ﴿٤٦﴾

ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدىكى تۇرۇشتىن قورقۇپ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشى ئۈچۈن ئىككى جەننەت بار

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٤٧﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

ذَوَاتَآ أَفْنَانٍۢ ﴿٤٨﴾

بۇ ئىككى جەننەتتە بۈك - باراقسان، مەنزىرىسى كۆركەم، مېۋىلىك دەرەخلەر بار

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٤٩﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ فيهما عينان تجريان

فِيهِمَا عَيْنَانِ تَجْرِيَانِ ﴿٥٠﴾

بۇ ئىككى جەننەت ئارىسىدا ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار. بەت ۵ دىن ۸ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٥١﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ فيهما من كل فكهة زوجان

فِيهِمَا مِن كُلِّ فَـٰكِهَةٍۢ زَوْجَانِ ﴿٥٢﴾

ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر قانداق مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار، (يەنى ئىككى جەننەتتىكى مېۋىلەرنىڭ تۈرى قارىماققا ئوخشىغاندەك قىلسىمۇ، تەمى ئۆزگىچىدۇر)

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٥٣﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ فُرُشٍۭ بَطَآئِنُهَا مِنْ إِسْتَبْرَقٍۢ ۚ وَجَنَى ٱلْجَنَّتَيْنِ دَانٍۢ ﴿٥٤﴾

ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن تەييارلانغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىلىرى يېقىن بولۇپ، ئۇنى ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ھەم يېنى ياتقانلارمۇ ئۈزەلەيدۇ

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٥٥﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ن

فِيهِنَّ قَـٰصِرَٰتُ ٱلطَّرْفِ لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنسٌۭ قَبْلَهُمْ وَلَا جَآنٌّۭ ﴿٥٦﴾

ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان جۈپتىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلارغا ھېچبىر ئىنسان ياكى جىن يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغان

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٥٧﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

كَأَنَّهُنَّ ٱلْيَاقُوتُ وَٱلْمَرْجَانُ ﴿٥٨﴾

ئۇلار گۈزەللىكتە ۋە سۈزۈكلۈكتە گوياكى ياقۇتقا ۋە مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٥٩﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

هَلْ جَزَآءُ ٱلْإِحْسَـٰنِ إِلَّا ٱلْإِحْسَـٰنُ ﴿٦٠﴾

پەرۋەردىگارىغا ئىتائەتنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا مۇكاپاتىنى مۇكەممەل بېرىدۇ. بەت ۶ دىن ۸ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٦١﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ومن دونهما جنتان

وَمِن دُونِهِمَا جَنَّتَانِ ﴿٦٢﴾

مەزكۇر ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان يەنە ئىككى جەننەت بار

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٦٣﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

مُدْهَآمَّتَانِ ﴿٦٤﴾

ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٦٥﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ فيهما عينان نض اختان

فِيهِمَا عَيْنَانِ نَضَّاخَتَانِ ﴿٦٦﴾

بۇ ئىككى جەننەتتە ناھايىتى تېز ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈيى توختاپ قالمايدۇ

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٦٧﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ فيهما فكهة ونخل ورم ان

فِيهِمَا فَـٰكِهَةٌۭ وَنَخْلٌۭ وَرُمَّانٌۭ ﴿٦٨﴾

ئۇ ئىككى جەننەتتە نۇرغۇن مېۋىلەر، چوڭ - چوڭ خورما ۋە ئانارلار بار

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٦٩﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ فيهن خيرت حسان

فِيهِنَّ خَيْرَٰتٌ حِسَانٌۭ ﴿٧٠﴾

بۇ جەننەتلەردە گۈزەل ئەخلاقلىق ھەم ھۆسن - جامالدا توشقان ئاياللار بار. بەت ۷ دىن ۸ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٧١﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

حُورٌۭ مَّقْصُورَٰتٌۭ فِى ٱلْخِيَامِ ﴿٧٢﴾

ئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدىكى مەستۇرە ھۆرلەردۇر

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٧٣﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ ن

لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنسٌۭ قَبْلَهُمْ وَلَا جَآنٌّۭ ﴿٧٤﴾

ئۇلارغا ئەرلىرىدىن ئىلگىرى ئىنسى جىن يېقىنلىشىپ باقمىغان

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٧٥﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ متكٔين عل رفرف خضر وعبقرى حسان

مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ رَفْرَفٍ خُضْرٍۢ وَعَبْقَرِىٍّ حِسَانٍۢ ﴿٧٦﴾

ئۇلار يېشىل يوپۇقلۇق ياستۇقلارغا ۋە چىرايلىق بىساتلارغا يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ

فَبِأَىِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ ﴿٧٧﴾

ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟

تَبَـٰرَكَ ٱسْمُ رَبِّكَ ذِى ٱلْجَلَـٰلِ وَٱلْإِكْرَامِ ﴿٧٨﴾

ئۇلۇغ ھەم بەندىلىرىگە پەزلى - مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى تولىمۇ كاتتا ھەم ياخشىلىقى كۆپتۇر. بەت ۸ دىن ۸ moc.hgelp

ئۆگىنىش · الرحمن — Ar-Rahmaan

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل