ٱقْتَرَبَتِ ٱلسَّاعَةُ وَٱنشَقَّ ٱلْقَمَرُ ﴿١﴾
قىيامەتنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاي يېرىلدى. ئاينىڭ يېرىلىشى مۇھەممەدر ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ماددىي مۆجىزىدۇر. وإ نيروا ءاية يعرضوا ويقولوا س حر م ستم
باش بەت›تەپسىر›القمر (54)
مەككىلىك · 55 ئايەت
ٱقْتَرَبَتِ ٱلسَّاعَةُ وَٱنشَقَّ ٱلْقَمَرُ ﴿١﴾
قىيامەتنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاي يېرىلدى. ئاينىڭ يېرىلىشى مۇھەممەدر ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن ماددىي مۆجىزىدۇر. وإ نيروا ءاية يعرضوا ويقولوا س حر م ستم
وَإِن يَرَوْا۟ ءَايَةًۭ يُعْرِضُوا۟ وَيَقُولُوا۟ سِحْرٌۭ مُّسْتَمِرٌّۭ ﴿٢﴾
مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى قوبۇل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ: بىز كۆرگەن دەلىل - پاكىتلار ئاساسسىز سېھىردۇر، دېيىشىدۇ. ر
وَكَذَّبُوا۟ وَٱتَّبَعُوٓا۟ أَهْوَآءَهُمْ ۚ وَكُلُّ أَمْرٍۢ مُّسْتَقِرٌّۭ ﴿٣﴾
ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى ۋە ئىنكار قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى. قىيامەت كۈنى ياخشى - يامان ھەممە ئىش ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى تاپىدۇ
وَلَقَدْ جَآءَهُم مِّنَ ٱلْأَنۢبَآءِ مَا فِيهِ مُزْدَجَرٌ ﴿٤﴾
ھەقىقەتەن ئۇلارغا كۇپۇرلۇقى ۋە زۇلمى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ھالاك قىلغان خەلقلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن كۇپرى ۋە زۇلۇمدىن قايتۇرۇشقا يېتەرلىك ئىبرەتلەر كەلگەن ئىدى
حِكْمَةٌۢ بَـٰلِغَةٌۭ ۖ فَمَا تُغْنِ ٱلنُّذُرُ ﴿٥﴾
ئۇلارغا پاكىت بولۇشى ئۈچۈن مۇكەممەل ھېكمەت كەلگەن بولسىمۇ، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان قەۋمگە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ
فَتَوَلَّ عَنْهُمْ ۘ يَوْمَ يَدْعُ ٱلدَّاعِ إِلَىٰ شَىْءٍۢ نُّكُرٍ ﴿٦﴾
ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار توغرا يولغا ماڭمىسا ئۇلارنى (ئۆز ھالىغا) تاشلاپ قويغىن، سۇر چېلىشقا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە پۈتكۈل خالايىق ئىلگىرى ھېچ كۆرۈپ باقمىغان قورقۇنچلۇق ئىشقا چاقىرىدىغان كۈننى كۈتكەن ھالدا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن
خُشَّعًا أَبْصَـٰرُهُمْ يَخْرُجُونَ مِنَ ٱلْأَجْدَاثِ كَأَنَّهُمْ جَرَادٌۭ مُّنتَشِرٌۭ ﴿٧﴾
ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپمۇ قارىيالمىغان ھالدا قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېساب مەيدانىغا ماڭغاندىكى ھالىتى گوياكى تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىلەرگىلا ئوخشايدۇ
مُّهْطِعِينَ إِلَى ٱلدَّاعِ ۖ يَقُولُ ٱلْكَـٰفِرُونَ هَـٰذَا يَوْمٌ عَسِرٌۭ ﴿٨﴾
ئۇلار ئاشۇ ئورۇنغا چاقىرغۇچى تەرەپكە ئالدىراپ كېلىپ كاپىرلار: بۇ ئىنتايىن قىيىن كۈندۇر. چۈنكى بۇ كۈندە مۈشكۈلچىلىك ھەم قورقۇنچلۇق ئىشلار يۈز بېرىدۇ، دەيدۇ. بەت ۱ دىن ۶ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
۞ كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍۢ فَكَذَّبُوا۟ عَبْدَنَا وَقَالُوا۟ مَجْنُونٌۭ وَٱزْدُجِرَ ﴿٩﴾
ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ دەۋىتىڭنى ئىنكار قىلغان بۇ قەۋمدىن بۇرۇنمۇ نۇھنىڭ قەۋمى بەندىمىز نۇھنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، بىز ئۇنى ئۇلارغا ئەۋەتكەن ۋاقتىمىزدا ئۇلار: بۇ بىر ساراڭ، دېيىشكەن ھەمدە ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ھاقارەت قىلىپ، دەۋىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغان بولسا (ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىمىز) دەپ تەھدىتمۇ سالغان ئىدى
فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنِّى مَغْلُوبٌۭ فَٱنتَصِرْ ﴿١٠﴾
شۇنىڭ بىلەن نۇھ پەرۋەردىگارىغا: ھەقىقەتەن قەۋمىم مېنى بوزەك قىلىپ، چاقىرىقىمغا ئاۋاز قوشمىدى. شۇڭا ئۇلارغا ئازاب چۈشۈرۈپ ماڭا ياردەم بەرگىن، دەپ ئىلتىجا قىلدى
فَفَتَحْنَآ أَبْوَٰبَ ٱلسَّمَآءِ بِمَآءٍۢ مُّنْهَمِرٍۢ ﴿١١﴾
ئاندىن بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقا قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر سۈيى بىلەن ئېچىۋەتتۇق
وَفَجَّرْنَا ٱلْأَرْضَ عُيُونًۭا فَٱلْتَقَى ٱلْمَآءُ عَلَىٰٓ أَمْرٍۢ قَدْ قُدِرَ ﴿١٢﴾
زېمىننى يېرىۋېدۇق، تەرەپ - تەرەپتىن بۇلاقلار شەكىللىنىپ، سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئاسماندىن چۈشكەن يامغۇر سۈيى بىلەن زېمىندىن ئېتىلىپ چىققان سۇ ئاللاھ تەقدىر قىلغان رەۋىشتە ئۆز-ئارا ئۇچراشتى - دە، ئاللاھ قۇتۇلدۇرغاندىن باشقا ھەممەيلەن غەرق بولدى. وحملنهعل ذات ألوح ودسر
وَحَمَلْنَـٰهُ عَلَىٰ ذَاتِ أَلْوَٰحٍۢ وَدُسُرٍۢ ﴿١٣﴾
بىز نۇھنى تاختايلار بىلەن مىخلاردىن ياسالغان كېمىگە چىقىرىپ، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى سۇغا غەرق بولۇشتىن قۇتۇلدۇردۇق
تَجْرِى بِأَعْيُنِنَا جَزَآءًۭ لِّمَن كَانَ كُفِرَ ﴿١٤﴾
بۇ كېمە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋە ھىمايىمىز ئاستىدا ئۆركەشلەپ تۇرغان سۇ دولقۇنلىرىنى يېرىپ ماڭاتتى. (بۇ) قەۋمى ئىنكار قىلغان نۇھقا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇركى، ئۇنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەن نەرسىگە كاپىر بولغان ئىدى
وَلَقَد تَّرَكْنَـٰهَآ ءَايَةًۭ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍۢ ﴿١٥﴾
ھەقىقەتەن بىز ئۇلارنى جازالىغان بۇ ئازابنى (يەنى توپان بالاسىنى) پەند - نەسىھەت قىلىپ قالدۇردۇق. بۇنىڭدىن پەند - نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟ فكيف كان عذابى ونذر
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِى وَنُذُرِ ﴿١٦﴾
مېنىڭ ئىنكارچىلارغا قىلغان ئازابىم قانداقكەن؟ مېنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش بىلەن ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا ٱلْقُرْءَانَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍۢ ﴿١٧﴾
ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟ بەت ۲ دىن ۶ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر كذبت عاد فكيف كان عذابى ونذر
كَذَّبَتْ عَادٌۭ فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِى وَنُذُرِ ﴿١٨﴾
ئاد قەۋمى پەيغەمبىرى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى. ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟
إِنَّآ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًۭا صَرْصَرًۭا فِى يَوْمِ نَحْسٍۢ مُّسْتَمِرٍّۢ ﴿١٩﴾
بىز ھەقىقەتەن ئۇلارغا شۇم كۈندە قاتتىق سوغۇق بوراننى ئەۋەتتۇقكى، بۇ شۇملۇق ئۇلار تاكى جەھەننەمگە كەلگەنگە قەدەر ئۈزۈلمەيدۇ
تَنزِعُ ٱلنَّاسَ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍۢ مُّنقَعِرٍۢ ﴿٢٠﴾
ئۇ بوران كىشىلەرنى يەردىن يۇلۇپ ئېلىپ، خۇددى قومۇرۇۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك بېشىچە يەرگە ئاتىدۇ. فكيف كان عذابى ونذر
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِى وَنُذُرِ ﴿٢١﴾
ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا ٱلْقُرْءَانَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍۢ ﴿٢٢﴾
ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِٱلنُّذُرِ ﴿٢٣﴾
سەمۇد قەۋمى ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلدى
فَقَالُوٓا۟ أَبَشَرًۭا مِّنَّا وَٰحِدًۭا نَّتَّبِعُهُۥٓ إِنَّآ إِذًۭا لَّفِى ضَلَـٰلٍۢ وَسُعُرٍ ﴿٢٤﴾
ئۇلار ئىنكار قىلغان ھالدا: بىز ئۆزىمىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئەگىشىمىزما؟ ئەگەر بىز مۇشۇ ھالەتتە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قالساق ئەلۋەتتە توغرىدىن يىراققا چەتنەپ كەتكەن بولۇپ، جاپادا قالىمىز، دېيىشتى
أَءُلْقِىَ ٱلذِّكْرُ عَلَيْهِ مِنۢ بَيْنِنَا بَلْ هُوَ كَذَّابٌ أَشِرٌۭ ﴿٢٥﴾
ئۇ (ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە تەرەپدارلىرى يوق) تەنھا بىرى تۇرسا، بىزگە ئەمەس، يەنە شۇنىڭغا ۋەھىي چۈشەمدىكەن؟ ئۇنداق ئىش يوق. بەلكى ئۇ بىر يالغانچى، مۇتەكەببىردۇر
سَيَعْلَمُونَ غَدًۭا مَّنِ ٱلْكَذَّابُ ٱلْأَشِرُ ﴿٢٦﴾
ئۇلار قىيامەت كۈنى كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىدۇ، يەنى سالىھمۇ ياكى ئۆزلىرىمۇ؟
إِنَّا مُرْسِلُوا۟ ٱلنَّاقَةِ فِتْنَةًۭ لَّهُمْ فَٱرْتَقِبْهُمْ وَٱصْطَبِرْ ﴿٢٧﴾
ھەقىقەتەن بىز قورام تاشتىن بىر چىشى تۆگىنى چىقىرىپ، ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. ئى سالىھ! كۈتۈپ تۇرغىن ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىگە نېمە قىلدىغانلىقىنى، تۆگىنىڭمۇ ئۇلارغا نېمە قىلىدىغانلىقىنى كۆزەتكىن، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلغىن. بەت ۳ دىن ۶ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَنَبِّئْهُمْ أَنَّ ٱلْمَآءَ قِسْمَةٌۢ بَيْنَهُمْ ۖ كُلُّ شِرْبٍۢ مُّحْتَضَرٌۭ ﴿٢٨﴾
ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغىنكى، قۇدۇقنىڭ سۈيى ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بولۇپ، بىر كۈن تۆگە، بىر كۈن ئۇلار سۇ ئىچىدۇ. ھەر ئۆلۈشنىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خاس بولغان كۈندە كەلسە بولىدۇ. فنادوا صاحبهم فتعاط فعقر
فَنَادَوْا۟ صَاحِبَهُمْ فَتَعَاطَىٰ فَعَقَرَ ﴿٢٩﴾
ئۇلار بۇرادىرىنى تۆگىنى ئۆلتۈرگىلى چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىلىچىنى ئېلىپ، قەۋمىنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆگىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. فكيف كان عذابى ونذر
فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِى وَنُذُرِ ﴿٣٠﴾
ئەي مەككە خەلقى! ئۇلارنى قانداق ئازابلىغىنىمنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇلارنى ئازابلاش ئارقىلىق باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرغىنىم قانداق بوپتۇ؟
إِنَّآ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ صَيْحَةًۭ وَٰحِدَةًۭ فَكَانُوا۟ كَهَشِيمِ ٱلْمُحْتَظِرِ ﴿٣١﴾
ھەقىقەتەن بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋاز ئەۋەتىپ، ھالاك قىلدۇق. ئۇلار قوتان ياسىغۇچى قويلىرىغا قوتان قىلىدىغان قۇرۇق شاخ - شۇمبۇللاردەك بوپقالدى
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا ٱلْقُرْءَانَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍۢ ﴿٣٢﴾
ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍۭ بِٱلنُّذُرِ ﴿٣٣﴾
لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبىرى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى يالغانغا چىقاردى
إِنَّآ أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ حَاصِبًا إِلَّآ ءَالَ لُوطٍۢ ۖ نَّجَّيْنَـٰهُم بِسَحَرٍۢ ﴿٣٤﴾
ھەقىقەتەن بىز ئۇلارغا تاش بوران ئەۋەتتۇق. لېكىن لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە بۇ ئازاب كەلمىدى. چۈنكى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ كەتكەن بولغاچقا بىز ئۇلارنى ئۇ ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇق
نِّعْمَةًۭ مِّنْ عِندِنَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِى مَن شَكَرَ ﴿٣٥﴾
ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇق. بىز خۇددى لۇتنى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغانلارنىمۇ مۇكاپاتلايمىز
وَلَقَدْ أَنذَرَهُم بَطْشَتَنَا فَتَمَارَوْا۟ بِٱلنُّذُرِ ﴿٣٦﴾
شۈبھىسىزكى لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قورقۇتقان چاغدا ئۇلار لۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ھەققىدە دەتالاش قىلىشىپ، ئۇنى ئىنكار قىلىشتى
وَلَقَدْ رَٰوَدُوهُ عَن ضَيْفِهِۦ فَطَمَسْنَآ أَعْيُنَهُمْ فَذُوقُوا۟ عَذَابِى وَنُذُرِ ﴿٣٧﴾
ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ پەرىشتە مېمھانلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرمەسلىكنى تەلەپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ناچار ئىشنى (يەنى لىۋاتە) قىلىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق - دە، ئۇلارنى كۆرەلمىدى. بىز ئۇلارغا: مېنىڭ ئازابىمنى ۋە سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇمنىڭ ئاقىۋىتىنى تېتىڭلار، دېدۇق. بەت ۴ دىن ۶ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ر ولقد صبحهم بكرة عذاب م ستق
وَلَقَدْ صَبَّحَهُم بُكْرَةً عَذَابٌۭ مُّسْتَقِرٌّۭ ﴿٣٨﴾
ئۇلارغا چوقۇم تاڭ ۋاقتىدا تاكى ئۇلار ئاخىرەتكە بېرىپ، ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولغانغا قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىدىغان ئازاب كېلىدۇ. فذوقوا عذابى ونذر
فَذُوقُوا۟ عَذَابِى وَنُذُرِ ﴿٣٩﴾
ئۇلارغا: مېنىڭ سىلەرگە چۈشۈرگەن ئازابىمنى ۋە لۇتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى تېتىپ بېقىڭلار، دېيىلدى
وَلَقَدْ يَسَّرْنَا ٱلْقُرْءَانَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍۢ ﴿٤٠﴾
ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى پەند - نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق. ئۇنىڭدىكى پەند - نەسىھەتلەردىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟
وَلَقَدْ جَآءَ ءَالَ فِرْعَوْنَ ٱلنُّذُرُ ﴿٤١﴾
ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىگە مۇسا ۋە ھارۇننىڭ تىلى ئارقىلىق بىزنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىز كەلدى. كذ بوا بٔايتنا كلها فأ خذنهم أخذ عزيز م قتدر
كَذَّبُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا كُلِّهَا فَأَخَذْنَـٰهُمْ أَخْذَ عَزِيزٍۢ مُّقْتَدِرٍ ﴿٤٢﴾
ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن كەلگەن بارلىق دەلىل - پاكىتلارنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلىقىغا ئاساسەن جازالىدۇقكى، بۇ جازا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان غالىب، ھېچ ئىشتىن ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەتلىك زاتنىڭ جازاسىدۇر
أَكُفَّارُكُمْ خَيْرٌۭ مِّنْ أُو۟لَـٰٓئِكُمْ أَمْ لَكُم بَرَآءَةٌۭ فِى ٱلزُّبُرِ ﴿٤٣﴾
ئەي مەككە خەلقى! سىلەرنىڭ كۇپپارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ ياكى نۇھ قەۋمى، ئاد، سەمۇد ۋە لۇت قەۋمى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىن ئىبارەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشۇ كاپىرلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كەچۈرۈم خېتى كەلگەنمۇ؟ أم يقولون نحن جميع م نتصر
أَمْ يَقُولُونَ نَحْنُ جَمِيعٌۭ مُّنتَصِرٌۭ ﴿٤٤﴾
ئەكسىچە مەككىلىكلەر ئىچىدىن چىققان بۇ كاپىرلار: بىز بىزگە يامانلىق قىلماقچى ۋە بىرلىكىمىزنى پارچىلىماقچى بولغانلارنى يېڭىۋېتەلەيدىغان بىر توپ كىشىلەرمىز، دەمدۇ!؟
سَيُهْزَمُ ٱلْجَمْعُ وَيُوَلُّونَ ٱلدُّبُرَ ﴿٤٥﴾
بۇ كاپىرلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئالدىغا كىرىپ قاچىدۇ. دەرۋەقە بەدرى كۈنىسى مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرگەن ئىدى
بَلِ ٱلسَّاعَةُ مَوْعِدُهُمْ وَٱلسَّاعَةُ أَدْهَىٰ وَأَمَرُّ ﴿٤٦﴾
ئۇلار ئىنكار قىلىۋاتقان قىيامەت بولسا ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشى ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر. قىيامەتنىڭ ئازابى كاپىرلار بەدرى كۈنى يولۇققان دۇنيا ئازابىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ھەم قاتتىقتۇر
إِنَّ ٱلْمُجْرِمِينَ فِى ضَلَـٰلٍۢ وَسُعُرٍۢ ﴿٤٧﴾
ھەقىقەتەن كۇپۇرلۇق ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن جىنايەت يولىغا ماڭغانلار ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق، ئازاب ۋە كۈلپەت ئىچىدىدۇر. بەت ۵ دىن ۶ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
يَوْمَ يُسْحَبُونَ فِى ٱلنَّارِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ ذُوقُوا۟ مَسَّ سَقَرَ ﴿٤٨﴾
ئۇلار يۈزلىرىچە دوزاخقا سۆرىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار، دېيىلىدۇ. إ ن اكل شىء خلقنه بقدر
إِنَّا كُلَّ شَىْءٍ خَلَقْنَـٰهُ بِقَدَرٍۢ ﴿٤٩﴾
ھەقىقەتەن بىز كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ئۆلچەم بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ ئىلمى ۋە خاھىشىمىزغا ئۇيغۇن شەكىلدە، لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈپ قويغىنىمىز بويىچە ياراتتۇق
وَمَآ أَمْرُنَآ إِلَّا وَٰحِدَةٌۭ كَلَمْحٍۭ بِٱلْبَصَرِ ﴿٥٠﴾
بىز بىرەر نەرسىنى پەيدا قىلماقچى بولساق، پەقەت «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنىلا قىلىمىز، ئۇ نەرسە شۇ ھامان كۆزنى يۇمۇپ ئېچىپ بولغۇچە بىز خالىغان شەكىلدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ
وَلَقَدْ أَهْلَكْنَآ أَشْيَاعَكُمْ فَهَلْ مِن مُّدَّكِرٍۢ ﴿٥١﴾
بىز ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەردىن كۇپرىدا سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنىڭ نۇرغۇنىنى ھالاك قىلدۇق. بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، كۇپۇرلۇقىدىن يانىدىغانلار بارمۇ؟
وَكُلُّ شَىْءٍۢ فَعَلُوهُ فِى ٱلزُّبُرِ ﴿٥٢﴾
بەندىلەر قىلغان ھەر بىر ئىش پۈتۈكچى پەرىشتىلەرنىڭ قوللىرىدىكى نامە - ئەمەل دەپتەرلىرىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈكلىرىدىن بۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە چۈشۈپ قالمايدۇ. وكل صغير وكبير م ستطر
وَكُلُّ صَغِيرٍۢ وَكَبِيرٍۢ مُّسْتَطَرٌ ﴿٥٣﴾
چوڭ - كىچىك ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆزلەرنىڭ ھەممىسى نامە - ئەمال دەپتەرلىرىگە ۋە لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەن بولۇپ، بەندىلەرگە شۇنىڭغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى جَنَّـٰتٍۢ وَنَهَرٍۢ ﴿٥٤﴾
ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار جەننەتلەردە بولۇپ، شۇ جەننەتلەردە، ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭلەرنىڭ بويلىرىدا راھەت - پاراغەتتە ياشايدۇ. فى مقعد صدق عند مليك م قتدر
فِى مَقْعَدِ صِدْقٍ عِندَ مَلِيكٍۢ مُّقْتَدِرٍۭ ﴿٥٥﴾
ئۇلار بىكار گەپ ۋە گۇناھ بولمىغان ياخشى سورۇنلاردا، ھەر نەرسە ئىلكىدە بولغان، ھېچ نەرسىدىن ئاجىز كەلمەيدىغان قۇدرەتلىك پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ. ئۇلار ئېرىشكەن مۇقىم نېئمەتلەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى سورىمايلا قوي! بەت ۶ دىن ۶ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس