حمٓ ﴿١﴾
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان
باش بەت›تەپسىر›الدخان (44)
مەككىلىك · 59 ئايەت
حمٓ ﴿١﴾
سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان
وَٱلْكِتَـٰبِ ٱلْمُبِينِ ﴿٢﴾
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھىدايەت يولىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان قۇرئان بىلەن قەسەم قىلدى
إِنَّآ أَنزَلْنَـٰهُ فِى لَيْلَةٍۢ مُّبَـٰرَكَةٍ ۚ إِنَّا كُنَّا مُنذِرِينَ ﴿٣﴾
بىز ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنى شەبى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. بۇ ياخشىلىقى كۆپ كېچىدۇر. ھەقىقەتەن بىز مۇشۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز. فيها يفرق كل أمر حكيم
فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ أَمْرٍ حَكِيمٍ ﴿٤﴾
بۇ كېچىدە رىزىقلارغا، ئەجەللەرگە ۋە ئاللاھ ئاشۇ بىر يىل ئىچىدە پەيدا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ھۆكۈم كونكرېتلاشتۇرۇلىدۇ
أَمْرًۭا مِّنْ عِندِنَآ ۚ إِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ ﴿٥﴾
بىز تەرىپىمىزدىن بېرىلگەن ھەر قانداق ھۆكۈمنى كونكرېت بايان قىلىمىز. شەكسىزكى بىز ئەزەلدىن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇردۇق
رَحْمَةًۭ مِّن رَّبِّكَ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلْعَلِيمُ ﴿٦﴾
ئەي پەيغەمبەر! بىز پەيغەمبەرلەرنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن كىشىلەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىمىز. ئاللاھ تائالا چوقۇم بەندىلىرىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ
رَبِّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَآ ۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ ﴿٧﴾
ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئەگەر سىلەر بۇنىڭغا چىن پۈتىدىغان بولساڭلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار
لَآ إِلَـٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْىِۦ وَيُمِيتُ ۖ رَبُّكُمْ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلْأَوَّلِينَ ﴿٨﴾
ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لا يىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنىڭ جېنىنى ئالالايدۇ. ئاللاھتىن باشقا تىرىلدۈرگۈچى ۋە جان ئالغۇچى يوق. ئاللاھ سىلەرنىڭمۇ، سىلەردىن ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر. بل هم فى شك يلعبون
بَلْ هُمْ فِى شَكٍّۢ يَلْعَبُونَ ﴿٩﴾
بۇ مۇشرىكلار ئۇنىڭغا چىن پۈتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار قىيامەتنىڭ بولۇشىدىن شەكتە بولۇپ، ئۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ ئاساسسىز ئويدۇرمىلىرى بىلەن ئويۇن قىلىشىدۇ. بەت ۱ دىن ۷ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
فَٱرْتَقِبْ يَوْمَ تَأْتِى ٱلسَّمَآءُ بِدُخَانٍۢ مُّبِينٍۢ ﴿١٠﴾
ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە پات يېقىندا كېلىدىغان ئازابنى كۈتكىن. ئۇ كۈندە ئاسمان ئوپئوچۇق ئىس - تۈتەك ھالىتىدە كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنى قاتتىق بىئارام بولغان ھالدا ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرىدۇ
يَغْشَى ٱلنَّاسَ ۖ هَـٰذَا عَذَابٌ أَلِيمٌۭ ﴿١١﴾
ئۇ ئىس - تۈتەك قەۋمىڭنى ئورىۋالىدۇ ھەمدە ئۇلارغا: سىلەرگە كەلگەن بۇ ئازاب دەرتلىك ئازابتۇر، دېيىلىدۇ
رَّبَّنَا ٱكْشِفْ عَنَّا ٱلْعَذَابَ إِنَّا مُؤْمِنُونَ ﴿١٢﴾
ئۇلار پەرۋەردىگارىغا يالۋۇرۇپ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! سەن بىزگە ئەۋەتكەن بۇ ئازابنى بىزدىن كۆتۈرۈۋەتكىن. ئەگەر ئۇنى بىزدىن كۆتۈرۈۋەتسەڭ، بىز ھەقىقەتەن ساڭا ۋە پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈرىمىز، دەيدۇ
أَنَّىٰ لَهُمُ ٱلذِّكْرَىٰ وَقَدْ جَآءَهُمْ رَسُولٌۭ مُّبِينٌۭ ﴿١٣﴾
(ئازاب كۆتۈرۈلسە) ئۇلار قانداقمۇ ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلىپ، پەرۋەردىگارىغا قايتسۇن؟ ھالبۇكى ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كېلىپ، ئۇلار ئۇنىڭ راستچىللىقىنى ھەم ئامانەتچانلىقىنى بىلگەن تۇرسا؟ ثم تولوا عنه وقالوا معلم م جنون
ثُمَّ تَوَلَّوْا۟ عَنْهُ وَقَالُوا۟ مُعَلَّمٌۭ مَّجْنُونٌ ﴿١٤﴾
ئاندىن ئۇلار قۇرئانغا ئىشىنىشتىن يۈز ئۆرۈپ: ئۇ ئۆگىتىلگەن، يەنى ئۇنىڭغا ئۇنى باشقىلار ئۆگەتكەن. ئۇ پەيغەمبەر ئەمەس. ئۇ دېگەن بىر ساراڭ، دېيىشتى
إِنَّا كَاشِفُوا۟ ٱلْعَذَابِ قَلِيلًا ۚ إِنَّكُمْ عَآئِدُونَ ﴿١٥﴾
بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن ئازابنى ئازراق ۋاقىت كۆتۈرۈۋەتسەك، سىلەر چوقۇم يەنە كۇپۇرلۇق ۋە ئىنكارچىلىقىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر
يَوْمَ نَبْطِشُ ٱلْبَطْشَةَ ٱلْكُبْرَىٰٓ إِنَّا مُنتَقِمُونَ ﴿١٦﴾
ئەي پەيغەمبەر! بىز سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرىغا قاتتىق جازا بېرىدىغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنى كۈتكىن. شەكسىزكى ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن بىز چۇقۇم ئۇلاردىن ئۆچ ئالىمىز
۞ وَلَقَدْ فَتَنَّا قَبْلَهُمْ قَوْمَ فِرْعَوْنَ وَجَآءَهُمْ رَسُولٌۭ كَرِيمٌ ﴿١٧﴾
ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق. ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارنى ئاللاھنى بىر بىلىشكە ھەمدە يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىشقا چاقىرىدىغان ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلگەن بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر مۇسا ئەلەيھىسسالامدۇر
أَنْ أَدُّوٓا۟ إِلَىَّ عِبَادَ ٱللَّهِ ۖ إِنِّى لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌۭ ﴿١٨﴾
مۇسا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە: ماڭا ئىسرائىل ئەۋلادىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇللىرىدۇر، سىلەرنىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىش ھەققىڭلار يوق. مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، ئاللاھ مېنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرغان ئىشتا ئىشەنچلىكمەن، يەنى ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى كەممۇ قىلماي ھەم قوشۇپ قويماي (ئەينەن ھەم تولۇق يەتكۈزىمەن). بەت ۲ دىن ۷ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَأَن لَّا تَعْلُوا۟ عَلَى ٱللَّهِ ۖ إِنِّىٓ ءَاتِيكُم بِسُلْطَـٰنٍۢ مُّبِينٍۢ ﴿١٩﴾
ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنى تەرك ئېتىش ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە چوڭچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدىم. وإنى عذت بربى وربكم أن ترجمون
وَإِنِّى عُذْتُ بِرَبِّى وَرَبِّكُمْ أَن تَرْجُمُونِ ﴿٢٠﴾
مەن ھەقىقەتەن ھەممىمىزنىڭ پەرۋەردىگارىغا سىغىنىپ مېنى تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن
وَإِن لَّمْ تُؤْمِنُوا۟ لِى فَٱعْتَزِلُونِ ﴿٢١﴾
مەن ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىسەڭلارمۇ، مەندىن يىراق تۇرۇڭلار، ماڭا يامانلىق قىلماڭلار
فَدَعَا رَبَّهُۥٓ أَنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ قَوْمٌۭ مُّجْرِمُونَ ﴿٢٢﴾
مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: شەكسىزكى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھى دەرھال ئازابلاشقا تېگىشلىك جىنايەتچى قەۋمدۇر، دېدى. فأ سر بعبادى ليلا إ نكم م تبعون
فَأَسْرِ بِعِبَادِى لَيْلًا إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ ﴿٢٣﴾
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مۇسانى كېچىدە قەۋمىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھىنىڭ ئۇلارنى چوقۇم قوغلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
وَٱتْرُكِ ٱلْبَحْرَ رَهْوًا ۖ إِنَّهُمْ جُندٌۭ مُّغْرَقُونَ ﴿٢٤﴾
مۇسا بەنى ئىسرائىل بىلەن بىرلىكتە دېڭىزدىن ئۆتۈپ بولغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنى دېڭىزنى (ئىككىگە ئايرىلىپ ئاقماي) تۇرغان پېتى تاشلاپ مېڭىشقا بۇيرۇدى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى چوقۇم دېڭىزغا غەرق قىلىنىپ ھالاك قىلىنغۇچىلاردۇر. كم تركوامن جنت وعيون
كَمْ تَرَكُوا۟ مِن جَنَّـٰتٍۢ وَعُيُونٍۢ ﴿٢٥﴾
پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى نۇرغۇن باغ - بوستانلارنى ۋە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. وزروع ومقام كريم
وَزُرُوعٍۢ وَمَقَامٍۢ كَرِيمٍۢ ﴿٢٦﴾
ئۇلار يەنە نۇرغۇن ئېكىنزارلىقلارنى ۋە كۆركەم جايلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ونعمةكانوا فيها فكهين
وَنَعْمَةٍۢ كَانُوا۟ فِيهَا فَـٰكِهِينَ ﴿٢٧﴾
ئۇلار ھۇزۇر - ھالاۋەت سۈرگەن تۇرمۇشىنىمۇ قالدۇرۇپ كەتتى
كَذَٰلِكَ ۖ وَأَوْرَثْنَـٰهَا قَوْمًا ءَاخَرِينَ ﴿٢٨﴾
سىلەرگە تەسۋىرلەپ بېرىلگەن ئاشۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدى. بىز ئۇلارنىڭ باغ - بوستانلىرى، زىرائەتلىرى ۋە تۇرالغۇلىرىنى باشقىلارغا، يەنى بەنى ئىسرائىلغا بەردۇق. بەت ۳ دىن ۷ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ ٱلسَّمَآءُ وَٱلْأَرْضُ وَمَا كَانُوا۟ مُنظَرِينَ ﴿٢٩﴾
پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى غەرق قىلىنغان چاغدا ئۇلارغا نە ئاسمان، نە زېمىن يىغلىمىدى. ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشىغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى
وَلَقَدْ نَجَّيْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ مِنَ ٱلْعَذَابِ ٱلْمُهِينِ ﴿٣٠﴾
بىز ھەقىقەتەن بەنى ئىسرائىلنى خارلىغۇچى ئازابتىن قۇتۇلدۇردۇقكى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى تىرىك قالدۇراتتى
مِن فِرْعَوْنَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَالِيًۭا مِّنَ ٱلْمُسْرِفِينَ ﴿٣١﴾
بىز ئۇلارنى پىرئەۋننىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇردۇق. شەكسىزكى پىرئەۋن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى ۋە دىنىدا چەكتىن ئېشىپ، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلاردىن ئىدى
وَلَقَدِ ٱخْتَرْنَـٰهُمْ عَلَىٰ عِلْمٍ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٣٢﴾
بىز ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدە كۆپلەپ پەيغەمبەرلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز زامانىسىدىكى پۈتكۈل جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدۇق
وَءَاتَيْنَـٰهُم مِّنَ ٱلْـَٔايَـٰتِ مَا فِيهِ بَلَـٰٓؤٌۭا۟ مُّبِينٌ ﴿٣٣﴾
بىز ئۇلارغا مۇسانى كۈچەيتكەن دەلىل - پاكىتلارنى بەردۇقكى، ئۇنىڭدا تەرەنجىبىن، بۆدۈنە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاشكارا نېئمەتلەر بار
إِنَّ هَـٰٓؤُلَآءِ لَيَقُولُونَ ﴿٣٤﴾
ھەقىقەتەن بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
إِنْ هِىَ إِلَّا مَوْتَتُنَا ٱلْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُنشَرِينَ ﴿٣٥﴾
بىزنىڭ ئۆلۈمىمىز پەقەت بىرلا قېتىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتلىق بولمايدۇ، بىز مۇشۇ ئۆلگەنچە قايتا تىرىلمەيمىز
فَأْتُوا۟ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ ﴿٣٦﴾
ئەي مۇھەممەد! ئەگەر سىلەر چوقۇم ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرىدۇ، دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئەگەشكۈچىلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ بېقىڭلار
أَهُمْ خَيْرٌ أَمْ قَوْمُ تُبَّعٍۢ وَٱلَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ ۚ أَهْلَكْنَـٰهُمْ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا۟ مُجْرِمِينَ ﴿٣٧﴾
ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلغان بۇ مۇشرىكلار كۈچ - قۇۋۋەتتە ئۈستۈنمۇ ياكى تۇببەئ ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمى ئۈستۈنمۇ؟ بىز شۇلارنىمۇ پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن جىنايەتچى قەۋم ئىدى
وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَـٰعِبِينَ ﴿٣٨﴾
بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنى بىكار ياراتمىدۇق (بەلكى قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق). بەت ۴ دىن ۷ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
مَا خَلَقْنَـٰهُمَآ إِلَّا بِٱلْحَقِّ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ ﴿٣٩﴾
بىز ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى پەقەت چوڭقۇر ھېكمەت ئۈچۈن ياراتتۇق. لېكىن مۇشرىكلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇنى بىلمەيدۇ
إِنَّ يَوْمَ ٱلْفَصْلِ مِيقَـٰتُهُمْ أَجْمَعِينَ ﴿٤٠﴾
ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا پۈتكۈل خالايىقنى توپلاپ، بەندىلىرى ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشنى ۋەدە قىلغان كۈندۇر. يوم لا يغنى مولى عن م ولى شئا ولا هم ينصرون
يَوْمَ لَا يُغْنِى مَوْلًى عَن مَّوْلًۭى شَيْـًۭٔا وَلَا هُمْ يُنصَرُونَ ﴿٤١﴾
ئۇ كۈندە تۇغقان - تۇغقانغا، دوست - دوستقا ئەسقاتمايدۇ، بىر - بىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمايدۇ. چۈنكى ئۇ كۈندە مۇتلەق ئىگىدارچىلىق ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، ھېچكىم ئىگىدارچىلىق دەۋاسى قىلالمايدۇ
إِلَّا مَن رَّحِمَ ٱللَّهُ ۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ ﴿٤٢﴾
پەقەت ئىنسانلاردىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان غالىب زاتتۇر، بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مېھىر - شەپقەتلىكتۇر
إِنَّ شَجَرَتَ ٱلزَّقُّومِ ﴿٤٣﴾
ھەقىقەتەن زەققۇم دەرىخىنى ئاللاھ تائالا جەھەننەمنىڭ قەرىدە ئۆستۈرىدۇ
طَعَامُ ٱلْأَثِيمِ ﴿٤٤﴾
بۇ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ يېمەكلىكى بولۇپ، كاپىرلار ئۇنىڭ بەتبۇي مېۋىسىدىن يەيدۇ
كَٱلْمُهْلِ يَغْلِى فِى ٱلْبُطُونِ ﴿٤٥﴾
بۇ مېۋە قارا مايغا ئوخشاش بولۇپ، ھارارىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغانلىقتىن كاپىرلارنىڭ قورساقلىرىدا قاينايدۇ
كَغَلْىِ ٱلْحَمِيمِ ﴿٤٦﴾
خۇددى ھارارەتتە چېكىگە يەتكەن قايناق سۇدەك قاينايدۇ
خُذُوهُ فَٱعْتِلُوهُ إِلَىٰ سَوَآءِ ٱلْجَحِيمِ ﴿٤٧﴾
دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق تارتىپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەڭلار
ثُمَّ صُبُّوا۟ فَوْقَ رَأْسِهِۦ مِنْ عَذَابِ ٱلْحَمِيمِ ﴿٤٨﴾
ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قاتتىق قىينايدىغان مۇشۇ قايناق سۇنى تۆكۈڭلار، دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن ئازاب كەم بولمايدۇ. بەت ۵ دىن ۷ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
ذُقْ إِنَّكَ أَنتَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْكَرِيمُ ﴿٤٩﴾
مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا: بۇ دەرتلىك ئازابنى تېتىغىن. سەن قەۋمىڭ ئىچىدە ھېچكىمگە باش ئەگمەيدىغان كۈچلۈك ھەم ئۇلۇغ زات ئىدىڭ، دېيىلىدۇ. إن هذا ما كنتم به تمترون
إِنَّ هَـٰذَا مَا كُنتُم بِهِۦ تَمْتَرُونَ ﴿٥٠﴾
ھەقىقەتەن بۇ ئازاب سىلەر قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغانلىقىدا شەكلەنگەن ئازابتۇر. ئەمدى سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەچكە سىلەردە شەك قالمىدى
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى مَقَامٍ أَمِينٍۢ ﴿٥١﴾
پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلار ئۆزلىرىگە كېلىشىنى ياقتۇرمايدىغان ھەر قانداق ئىشتىن خاتىرجەم بولىدىغان جايدا بولىدۇ. فى جنت وعيون
فِى جَنَّـٰتٍۢ وَعُيُونٍۢ ﴿٥٢﴾
بوستانلىقلار ئىچىدە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. يلبسون من سندس وإستبرق م تقبلين
يَلْبَسُونَ مِن سُندُسٍۢ وَإِسْتَبْرَقٍۢ مُّتَقَـٰبِلِينَ ﴿٥٣﴾
ئۇلار جەننەتتە نىپىز ھەم قېلىن يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ، بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ، بىر - بىرىگە ئارقىسىنى قىلمايدۇ. كذلك وزو جنهم ب حور عين
كَذَٰلِكَ وَزَوَّجْنَـٰهُم بِحُورٍ عِينٍۢ ﴿٥٤﴾
بىز ئۇلارغا ئاشۇنداق ئىلتىپاتلارنى ئاتا قىلغىنىمىزدەك، ئۇلارنى يەنە جەننەتتە شەھلا كۆزلۈك ھۆر - پەرىلەر بىلەن جۈپلەپ قويىمىز. يدعون فيها بكل فكهة ءامنين
يَدْعُونَ فِيهَا بِكُلِّ فَـٰكِهَةٍ ءَامِنِينَ ﴿٥٥﴾
ئۇلار تۈگەپ كېتىشىدىن ۋە زىيان قىپقېلىشىدىن خاتىرجەم ھالدا جەننەتتىكى خىزمەتكارلىرىدىن كۆڭلى تارتقان ھەر قانداق مېۋىنى ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ
لَا يَذُوقُونَ فِيهَا ٱلْمَوْتَ إِلَّا ٱلْمَوْتَةَ ٱلْأُولَىٰ ۖ وَوَقَىٰهُمْ عَذَابَ ٱلْجَحِيمِ ﴿٥٦﴾
ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، دۇنيادىكى ئۆلۈمدىن باشقا ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىمايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ
فَضْلًۭا مِّن رَّبِّكَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ ﴿٥٧﴾
ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئىشلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان پەزلى - ئېھسانىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ قانداق مۇۋەپپەقىيەت تەڭ كەلمەيدىغان كاتتا غەلىبىدۇر. فإنما يسرنه بلسانك لعلهم يتذك رون
فَإِنَّمَا يَسَّرْنَـٰهُ بِلِسَانِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ ﴿٥٨﴾
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ پەند - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن بىز بۇ قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بولغان ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىش ئارقىلىق قولايلاشتۇرۇپ بەردۇق. بەت ۶ دىن ۷ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
فَٱرْتَقِبْ إِنَّهُم مُّرْتَقِبُونَ ﴿٥٩﴾
سەن ئۆزۈڭنىڭ غەلىبىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھالاكىتىنى كۈتكىن. ئۇلارمۇ چوقۇم سېنىڭ ھالاكىتىڭنى كۈتكۈچىلەردۇر. بەت ۷ دىن ۷ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس