باش بەتتەپسىرالجاثية (45)

تەپسىر الجاثية — Al-Jaathiya (45)

مەككىلىك · 37 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

حمٓ ﴿١﴾

سۈرە بەقەرەنىڭ بېشىدا كەلگەندەك بۇ سۈرىنىڭمۇ باشلىنىشىدا (ھامىم) دەپ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان

تَنزِيلُ ٱلْكِتَـٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلْعَزِيزِ ٱلْحَكِيمِ ﴿٢﴾

قۇرئان كەرىم ھەممىدىن غالىب، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

إِنَّ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ لَـَٔايَـٰتٍۢ لِّلْمُؤْمِنِينَ ﴿٣﴾

ھەقىقەتەن ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۇئمىنلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يېگانىلىكىگە ھەم قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر بار، چۈنكى مۇئمىنلەر بۇ ئالامەتلەردىن ئىبرەت ئالىدۇ

وَفِى خَلْقِكُمْ وَمَا يَبُثُّ مِن دَآبَّةٍ ءَايَـٰتٌۭ لِّقَوْمٍۢ يُوقِنُونَ ﴿٤﴾

ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ مەنىي ئىسپېرمىدىن، ئاندىن بىر پارچە گۆشتىن، ئاندىن لەختە قاندىن، يارىتىلىشىڭلاردا، ئاللاھ تائالا (ئەتراپقا) تارقىتىۋەتكەن زېمىندا ئۆمىلەيدىغان جانلىقلارنىڭ يارىتىلىشىدا ئاللاھنىڭ ھەقىقىي ياراتقۇچى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئۇنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان دەلىللەر بار

وَٱخْتِلَـٰفِ ٱلَّيْلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن رِّزْقٍۢ فَأَحْيَا بِهِ ٱلْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَتَصْرِيفِ ٱلرِّيَـٰحِ ءَايَـٰتٌۭ لِّقَوْمٍۢ يَعْقِلُونَ ﴿٥﴾

ءايت لقوم يعقلون كېچە-كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق گىياھسىز، قاقاس زېمىننى گۈللەندۈرۈشىدە ھەمدە سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن شاماللارنى بەزىدە بىر تەرەپتىن، بەزىدە يەنە بىر تەرەپتىن چىقىرىشىدا ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، مەزكۇر ھادىسىلەرنى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىگە، (ئىنسانلارنى) ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن دەلىل - پاكىتلار بار

تِلْكَ ءَايَـٰتُ ٱللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِٱلْحَقِّ ۖ فَبِأَىِّ حَدِيثٍۭ بَعْدَ ٱللَّهِ وَءَايَـٰتِهِۦ يُؤْمِنُونَ ﴿٦﴾

ئەي پەيغەمبەر! بىز ساڭا بۇ ئايەتلەرنى ۋە دەلىل - پاكىتلارنى ھەق بىلەن ئوقۇپ بېرىمىز. ئۇلار ئاللاھنىڭ بەندىسىگە نازىل قىلىنغان سۆزىگە ۋە دەلىل - پاكىتلىرىغا ئىشەنمىسە، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق ساڭا ئىشىنىدۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق دەلىل - پاكىتلارنى تەستىقلايدۇ؟ ويل لكل أفاك أثيم

وَيْلٌۭ لِّكُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍۢ ﴿٧﴾

ھەر قانداق يالغانچىغا ۋە گۇناھقا پاتقۇچىغا ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە ھالاكىتى بولسۇن

يَسْمَعُ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسْتَكْبِرًۭا كَأَن لَّمْ يَسْمَعْهَا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍۢ ﴿٨﴾

بۇ كاپىر ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان قۇرئاندىكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئۇ گوياكى ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقان ئاشۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك قىياپەتتە كۆڭلىدە ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن چوڭچىلىق قىلىپ بۇرۇندىن قىلىپ كەلگەن كۇپۇرلۇق ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئاخىرەتتە ئۇنى قايغۇغا سالىدىغان نەرسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگىنكى، ئۇ نەرسە بولسا ئاخىرەتتە ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان قاتتىق بىئارام قىلغۇچى ئازابتۇر. بەت ۱ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَإِذَا عَلِمَ مِنْ ءَايَـٰتِنَا شَيْـًٔا ٱتَّخَذَهَا هُزُوًا ۚ أُو۟لَـٰٓئِكَ لَهُمْ عَذَابٌۭ مُّهِينٌۭ ﴿٩﴾

ئۇنىڭغا قۇرئاندىن بىرەر نەرسە يەتسە ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالىدۇ. قۇرئان كەرىمنى مەسخىرە قىلىدىغان قىلىقى بار ئاشۇ ئادەملەرگە قىيامەت كۈنى خار قىلغۇچى ئازاب باردۇر

مِّن وَرَآئِهِمْ جَهَنَّمُ ۖ وَلَا يُغْنِى عَنْهُم مَّا كَسَبُوا۟ شَيْـًۭٔا وَلَا مَا ٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوْلِيَآءَ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ ﴿١٠﴾

ئاخىرەتتە ئۇلارنى دوزاخنىڭ ئوتى كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىمۇ ئۇلاردىن ھېچ نەرسىگە ئارا تۇرالمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا كاتتا ئازاب بار

هَـٰذَا هُدًۭى ۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِ رَبِّهِمْ لَهُمْ عَذَابٌۭ مِّن رِّجْزٍ أَلِيمٌ ﴿١١﴾

بىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە نازىل قىلغان بۇ كىتاب توغرا يولغا باشلايدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلار قاتتىق بىئارام قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ

۞ ٱللَّهُ ٱلَّذِى سَخَّرَ لَكُمُ ٱلْبَحْرَ لِتَجْرِىَ ٱلْفُلْكُ فِيهِ بِأَمْرِهِۦ وَلِتَبْتَغُوا۟ مِن فَضْلِهِۦ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ ﴿١٢﴾

ئەي ئىنسانلار! يەككە - يېگانە ئاللاھ كېمىلەرنىڭ ئۆز ئەمرى بىلەن مېڭىشى ئۈچۈن ۋە سىلەر تۈرلۈك ھالال كەسىپلەر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەزلىنى ئىزدىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىزلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلغايسىلەر

وَسَخَّرَ لَكُم مَّا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ جَمِيعًۭا مِّنْهُ ۚ إِنَّ فِى ذَٰلِكَ لَـَٔايَـٰتٍۢ لِّقَوْمٍۢ يَتَفَكَّرُونَ ﴿١٣﴾

ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئاسمانلاردىكى قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى، زېمىندىكى دەريالارنى، دەل - دەرەخلەرنى، تاغلارنى ۋە باشقا ساناقسىز نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھنىڭ ئاشۇ نەرسىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بېرىشىدە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈزگۈزىدىغان ۋە ئۇلاردىن پەند - نەسىھەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكىگە ۋە قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر باردۇر

قُل لِّلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ يَغْفِرُوا۟ لِلَّذِينَ لَا يَرْجُونَ أَيَّامَ ٱللَّهِ لِيَجْزِىَ قَوْمًۢا بِمَا كَانُوا۟ يَكْسِبُونَ ﴿١٤﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە پەيغەمبىرىگە ئىشەنگەن مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە ياكى جازاسىغا پەرۋا قىلمايدىغان كاپىرلاردىن سىلەرگە يامانلىق قىلغانلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن. چۈنكى ئاللاھ سەۋرچان مۇئمىنلەرنىڭ ھەر بىرىنى چوقۇم مۇكاپاتلاپ، چەكتىن ئاشقان كاپىرلارنى بۇ دۇنيادا قىلغان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن چوقۇم جازالايدۇ

مَنْ عَمِلَ صَـٰلِحًۭا فَلِنَفْسِهِۦ ۖ وَمَنْ أَسَآءَ فَعَلَيْهَا ۖ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ ﴿١٥﴾

كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، قىلغان ياخشىلىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ئەمىلىدىن بىھاجەتتۇر. كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، قىلغان يامانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى ۋە جازاسىمۇ ئۆزىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسكىلىكىنىڭ ئاللاھقا ھېچ زىيىنى بولمايدۇ. ئاندىن بىز ھەر بىرىگە تېگىشلىك جازا - مۇكاپاتنى بېرىشىمىز ئۈچۈن يالغۇز بىزنىڭ تەرىپىمىزگە قايتۇرۇلىسىلەر

وَلَقَدْ ءَاتَيْنَا بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ ٱلْكِتَـٰبَ وَٱلْحُكْمَ وَٱلنُّبُوَّةَ وَرَزَقْنَـٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَـٰتِ وَفَضَّلْنَـٰهُمْ عَلَى ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿١٦﴾

ھەقىقەتەن بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋرات ۋە شۇنىڭ ھۆكمى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا (ھەق - ناھەقنى) ئايرىيدىغان ئىستىداد ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئىچىدىن چىققان پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلارغا تۈرلۈك پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى ئۆز زامانىدىكى پۈتكۈل جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بەت ۲ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَءَاتَيْنَـٰهُم بَيِّنَـٰتٍۢ مِّنَ ٱلْأَمْرِ ۖ فَمَا ٱخْتَلَفُوٓا۟ إِلَّا مِنۢ بَعْدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلْعِلْمُ بَغْيًۢا بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِى بَيْنَهُمْ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فِيمَا كَانُوا۟ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ ﴿١٧﴾

ئۇلارغا ھەقنى باتىلدىن ئايرىيدىغان دەلىللەرنى بەردۇق. ئۇلار پەقەت پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دەلىل - پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن ئىختىلاپلاشتى. ئۇلارنىڭ ئەمەل - مەنسەپ ۋە يۈز - ئابرۇينى دەپ بىر - بىرىگە زۇلۇم قىلىشلىرى مۇشۇنداق ئىختىلاپقا ئېلىپ باردى. ئەي پەيغەمبەر! شەكسىزكى پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلار بۇ دۇنيادا ئىختىلاپلاشقان ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاندىن كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقى ئايان بولىدۇ

ثُمَّ جَعَلْنَـٰكَ عَلَىٰ شَرِيعَةٍۢ مِّنَ ٱلْأَمْرِ فَٱتَّبِعْهَا وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَآءَ ٱلَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ ﴿١٨﴾

ئاندىن بىز سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىمىزنى بۇيرۇغان ئىشتا سېنى مۇئەييەن ئۇسۇل، يول ۋە مېتودقا ئىگە قىلدۇقكى، سەن (شۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىنسانلارنى) ئىمانغا ۋە ياخشى ئەمەلگە چاقىرىسەن. شۇڭا مۇشۇ يول بويىچە ئىش قىلغىن، توغرىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرى ھەقتىن ئازدۇرغۇچىدۇر

إِنَّهُمْ لَن يُغْنُوا۟ عَنكَ مِنَ ٱللَّهِ شَيْـًۭٔا ۚ وَإِنَّ ٱلظَّـٰلِمِينَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَآءُ بَعْضٍۢ ۖ وَٱللَّهُ وَلِىُّ ٱلْمُتَّقِينَ ﴿١٩﴾

شەكسىزكى سەن ھەقىقەتنى بىلمەيدىغانلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشسەڭ، ھەرگىزمۇ ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى توسۇپ قالالمايدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدىن چىققان زالىملار مۇئمىنلەرگە قارشى بىر - بىرىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغانلارنىڭ ياردەمچىسىدۇر

هَـٰذَا بَصَـٰٓئِرُ لِلنَّاسِ وَهُدًۭى وَرَحْمَةٌۭ لِّقَوْمٍۢ يُوقِنُونَ ﴿٢٠﴾

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان بۇ قۇرئان ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتنى باتىلدىن پەرقلەندۈرۈشىگە ۋاسىتە بولىدىغان دەلىل - پاكىتلاردۇر، ھەقىقەتكە باشلىغۇچىدۇر، چىن پۈتىدىغان قەۋم ئۈچۈن رەھمەتتۇر. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان توغرا يولغا يىتەكلەنگەن كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، دوزاختىن يىراق قىلىدۇ

أَمْ حَسِبَ ٱلَّذِينَ ٱجْتَرَحُوا۟ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن نَّجْعَلَهُمْ كَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ سَوَآءًۭ مَّحْيَاهُمْ وَمَمَاتُهُمْ ۚ سَآءَ مَا يَحْكُمُونَ ﴿٢١﴾

يحكمون ئۆز ئەزالىرى بىلەن كۇپۇرلۇق ھەم گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلغانلار ئۆزلىرىنى جازا - مۇكاپاتتا ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ۋە بۇ ئارقىلىق ھەممەيلەننىڭ بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ باراۋەر بولۇشىنى ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان؟!

وَخَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِٱلْحَقِّ وَلِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍۭ بِمَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ ﴿٢٢﴾

ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى بىكارغا ياراتقىنى يوق، ئەكسىچە چوڭقۇر ھېكمەت بىلەن، ياخشىلىق ھەم يامانلىق قىلغان ھەر كىمگە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرىنى كېمەيتىۋېتىش ۋە يامانلىقلىرىنى كۆپەيتىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلمايدۇ

أَفَرَءَيْتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَـٰهَهُۥ هَوَىٰهُ وَأَضَلَّهُ ٱللَّهُ عَلَىٰ عِلْمٍۢ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمْعِهِۦ وَقَلْبِهِۦ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِۦ غِشَـٰوَةًۭ فَمَن يَهْدِيهِ مِنۢ بَعْدِ ٱللَّهِ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ ﴿٢٣﴾

ئەي پەيغەمبەر! نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ۋە نەپسى - خاھىشىنى بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغان مەبۇدنىڭ ئورنىدا قىلىۋالغان، ئاندىن ئۇ ئازغۇنلۇققا لا يىق بولغاچقا ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئازدۇرۇۋەتكەن ھەمدە قەلبىنى مۆھۈرلىۋەتكەنلىكتىن پايدىلىنالايدىغان تەرزدە ئاڭلىيالمايدىغان، ئاللاھ كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ۋە بۇ بەت ۳ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر پەردە ئۇنى ھەقنى كۆرۈشتىن توسۇپ قالغان ئادەمنىڭ ھالىغا قاراپ باققىن. ئاللاھ ئازدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇنى كىم ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلالىسۇن؟! نەپسى خاھىشقا ئەگىشىشنىڭ زىيىنى ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئىش قىلىشنىڭ پايدىسى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟

وَقَالُوا۟ مَا هِىَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَآ إِلَّا ٱلدَّهْرُ ۚ وَمَا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ ﴿٢٤﴾

ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلار: ھايات دېگەن پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتلىق بولمايدۇ. بىر ئەۋلاد ئۆلىدۇ، ئەمما دۇنياغا قايتمايدۇ. يەنە بىر ئەۋلاد تۇغۇلىدۇ. بىز پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشىدا ھېچ قانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا تايىنىدۇ. گۇمان ھەقىقەت ئالدىدا ھېچ نېمىگە ئەسقاتمايدۇ

وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُنَا بَيِّنَـٰتٍۢ مَّا كَانَ حُجَّتَهُمْ إِلَّآ أَن قَالُوا۟ ٱئْتُوا۟ بِـَٔابَآئِنَآ إِن كُنتُمْ صَـٰدِقِينَ ﴿٢٥﴾

ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگىنىدە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە: ئەگەر سىلەر بىز ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىمىز دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ بېقىڭلار، دېيىشتىن باشقا كۆرسەتكۈدەك بىرەر باھانىسى يوق

قُلِ ٱللَّهُ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يَجْمَعُكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ ٱلْقِيَـٰمَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ وَلَـٰكِنَّ أَكْثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ ﴿٢٦﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ سىلەرنى يارىتىش ئارقىلىق تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەر ئۆلۈپ كەتكىنىڭلاردىن كېيىن قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن سىلەرنى توپلايدۇ. ئاشۇ كۈننىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىدا قىلچە شەك يوق. لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلمايدۇ

وَلِلَّهِ مُلْكُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۚ وَيَوْمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يَوْمَئِذٍۢ يَخْسَرُ ٱلْمُبْطِلُونَ ﴿٢٧﴾

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. نە ئاسماندا، نە زېمىندا ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق. ئاللاھ تائالا ھېساب ئېلىش ۋە جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنغان ھەمدە توغرىنى خاتاغا چىقىرىش ۋە خاتانى توغرا قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان باتىلنى ياقىلىغۇچىلار زىيان تارتىدۇ

وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٍۢ جَاثِيَةًۭ ۚ كُلُّ أُمَّةٍۢ تُدْعَىٰٓ إِلَىٰ كِتَـٰبِهَا ٱلْيَوْمَ تُجْزَوْنَ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ ﴿٢٨﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ تىزلانغىنىچە ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن. ھەر ئۈممەت ئەمەللىرىنى خاتىرىلىگۈچى پەرىشتىلەر پۈتۈپ قويغان نامە - ئەمەللىرى تەرەپكە چاقىرىلىدۇ. ئەي ئىنسانلار! بۈگۈن سىلەر دۇنيادا قىلغان ياخشى - يامان ئىشلىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىسىلەر

هَـٰذَا كِتَـٰبُنَا يَنطِقُ عَلَيْكُم بِٱلْحَقِّ ۚ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنسِخُ مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ ﴿٢٩﴾

بۇ بىزنىڭ كىتابىمىزدۇركى - پەرىشتىلىرىمىز سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى مۇشۇ كىتابقا يېزىپ تۇراتتى- ئۇ سىلەرگە ھەققانىي گۇۋاھلىق بېرىدۇ. قېنى ئوقۇڭلار. بىز ھەقىقەتەن ئەمەللەرنى خاتىرىلىگۈچى پەرىشتىلەرنى سىلەرنىڭ دۇنيادىكى قىلمىشلىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىدۇق

فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ فَيُدْخِلُهُمْ رَبُّهُمْ فِى رَحْمَتِهِۦ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلْفَوْزُ ٱلْمُبِينُ ﴿٣٠﴾

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۇئمىنلەرنى پەرۋەردىگارى ئۆز رەھمىتى بىلەن جەننىتىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئاشۇ مۇكاپات روشەن غەلىبىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچقانداق غەلىبە تەڭ كەلمەيدۇ. بەت ۴ دىن ۵ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓا۟ أَفَلَمْ تَكُنْ ءَايَـٰتِى تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَٱسْتَكْبَرْتُمْ وَكُنتُمْ قَوْمًۭا مُّجْرِمِينَ ﴿٣١﴾

ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا مالامەت قىلىش يۈزىسىدىن: سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلسە سىلەر ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا چوڭچىلىق قىلمىغانمىدىڭلار؟ سىلەر كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھلارنى قىلىدىغان جىنايەتچى قەۋمق ئىدىڭلار، دېيىلىدۇ. ن

وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعْدَ ٱللَّهِ حَقٌّۭ وَٱلسَّاعَةُ لَا رَيْبَ فِيهَا قُلْتُم مَّا نَدْرِى مَا ٱلسَّاعَةُ إِن نَّظُنُّ إِلَّا ظَنًّۭا وَمَا نَحْنُ بِمُسْتَيْقِنِينَ ﴿٣٢﴾

سىلەرگە: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ - بەندىلىرىنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرگۈزۈپ، جازا - مۇكاپات بېرىش ھەققىدە قىلغان - ۋەدىسى شەكسىز ھەقىقەتتۇر، قىيامەتمۇ شەكسىز ھەقىقەتتۇر. شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار، دېيىلگەن چاغدا سىلەر: بىز بۇ قىيامەت دېگەن نەرسىنى بىلمەيمىز. بىز ئۇنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىنتايىن تۆۋەن دەپ قارايمىز ھەم ئۇنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىغا چىن پۈتمەيمىز، دېگەن ئىدىڭلار. وبدا لهم سئات ما عملوا وحاق بهم م اكانوا به يستهزءون

وَبَدَا لَهُمْ سَيِّـَٔاتُ مَا عَمِلُوا۟ وَحَاقَ بِهِم مَّا كَانُوا۟ بِهِۦ يَسْتَهْزِءُونَ ﴿٣٣﴾

ئۇلارغا دۇنيادا قىلغان كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ئاشكارا بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا مەسخىرە قىلغان ئازاب چۈشتى

وَقِيلَ ٱلْيَوْمَ نَنسَىٰكُمْ كَمَا نَسِيتُمْ لِقَآءَ يَوْمِكُمْ هَـٰذَا وَمَأْوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّـٰصِرِينَ ﴿٣٤﴾

ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: خۇددى سىلەر مۇشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ، ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق بۇ كۈن ئۈچۈن تەييارلىق قىلمىغىنىڭلاردەك، بۈگۈن بىزمۇ سىلەرنى دوزاخقا تاشلىۋېتىپ (ئۇنتۇيمىز). سىلەرنىڭ بارىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر. سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى قايتۇرالايدىغان ياردەمچىڭلار بولمايدۇ

ذَٰلِكُم بِأَنَّكُمُ ٱتَّخَذْتُمْ ءَايَـٰتِ ٱللَّهِ هُزُوًۭا وَغَرَّتْكُمُ ٱلْحَيَوٰةُ ٱلدُّنْيَا ۚ فَٱلْيَوْمَ لَا يُخْرَجُونَ مِنْهَا وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ ﴿٣٥﴾

سىلەرنىڭ بۇنداق ئازابقا قېلىشىڭلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋېلىپ، دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەت ھەم ئەيش - ئىشرەتلىرىگە ئالدىنىپ قالغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىندۇر. ئەمدى بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغان بۇ كاپىرلار دوزاختىن چىقالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلار دوزاختا مەڭگۈدىن - مەڭگۈگە قېپقالىدۇ، ياخشى ئەمەل قىلىۋېلىش ئۈچۈن ھاياتىي دۇنياغىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ، پەرۋەردىگارىمۇ ئۇلاردىن رازى بولمايدۇ

فَلِلَّهِ ٱلْحَمْدُ رَبِّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَرَبِّ ٱلْأَرْضِ رَبِّ ٱلْعَـٰلَمِينَ ﴿٣٦﴾

جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان يېگانە ئاللاھقا خاستۇر

وَلَهُ ٱلْكِبْرِيَآءُ فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ ۖ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ ﴿٣٧﴾

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ھەم بۈيۈكلۈك پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئۈستۈنلۈك قازىنالمايدۇ. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، پىلانلىشىدا ۋە شەرىئەت يولغا قويۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر. بەت ۵ دىن ۵ moc.hgelp

ئۆگىنىش · الجاثية — Al-Jaathiya

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل