باش بەتتەپسىرالمنافقون (63)

تەپسىر المنافقون — Al-Munaafiqoon (63)

مەدىنىلىك · 11 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

إِذَا جَآءَكَ ٱلْمُنَـٰفِقُونَ قَالُوا۟ نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُۥ وَٱللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ لَكَـٰذِبُونَ ﴿١﴾

ئەي پەيغەمبەر! مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، كۇپۇرنى يوشۇرىدىغان مۇناپىقلار سېنىڭ سورۇنۇڭغا كەلگەندە: بىز سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ راست پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، دېيىشىدۇ. ئاللاھ سېنىڭ ئۆزىنىڭ راست پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە چىن دىلىمىزدىن گۇۋاھلىق بېرىمىز، دېگەن دەۋاسىدا ئەلۋەتتە يالغانچىدۇر

ٱتَّخَذُوٓا۟ أَيْمَـٰنَهُمْ جُنَّةًۭ فَصَدُّوا۟ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّهُمْ سَآءَ مَا كَانُوا۟ يَعْمَلُونَ ﴿٢﴾

مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمان دەۋاسىدىكى يالغان قەسەملىرىنى ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈشتىن ساقلىنىدىغان قالقان قىلىۋالدى. ئۇلار ئوتتۇرىدا ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ، شەك پەيدا قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىماندىن توستى. ئۇلارنىڭ نىپاق ۋە يالغان قەسەم قىلىشتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى ھەقىقەتەن قەبىھتۇر. ذلك بأن هم ءامنوا ثم كفروا فطبع عل قلوبهم فهم لا يفقهون

ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ ءَامَنُوا۟ ثُمَّ كَفَرُوا۟ فَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ ﴿٣﴾

بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ساختا ئىمان ئېيتىپ، ئىماننىڭ قەلبلىرىگە يېتىپ بارمىغانلىقى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يوشۇرۇن كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۇپۇرلۇقى سەۋەبىدىن قەلبلىرى مۆھۈرلەندى. شۇڭا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ئىمان كىرمەيدۇ. ئاشۇ مۆھۈر سەۋەبىدىن ئۇلار ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان ۋە توغرا يول تاپىدىغان ئىشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ

۞ وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ ۖ وَإِن يَقُولُوا۟ تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ ۖ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌۭ مُّسَنَّدَةٌۭ ۖ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ ۚ هُمُ ٱلْعَدُوُّ فَٱحْذَرْهُمْ ۚ قَـٰتَلَهُمُ ٱللَّهُ ۖ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ ﴿٤﴾

ئەي قارىغۇچى! ئۇلارنىڭ قىياپىتى ۋە بەدەن شەكلىگە قارايدىغان بولساڭ، ئۇلاردىكى گۈزەللىك ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتنى كۆرۈپ ھەيران قالىسەن. ئۇلار سۆزلەيدىغان بولسا، سۆزلىرىنىڭ پاساھەتلىكلىكىدىن دېگەنلىرىگە قۇلاق سالىسەن. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلار سېنىڭ مەجلىسىڭدە خۇددى يۆلەپ قويغان ياغاچلاردەك ھېچنېمىنى چۈشەنمەي ۋە ئاڭقىرالماي ئولتۇرۇشىدۇ. ئۇلار ھەر قانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ ئويلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇدۈكى بار. ئۇلار ھەقىقىي دۈشمەندۇر. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ سېنىڭ سىرىڭنى پاش قىلىپ، ساڭا سۇيىقەست قىلىشىدىن پەخەس بولغىن. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇن. ئىماننىڭ دەلىللىرى شۇنچىۋالا روشەن، دەلىل - پاكىتلار شۇنچىۋالا ئېنىق تۇرۇپ يەنە ئۇلار قانداقسىگە ئىماندىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟

وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا۟ يَسْتَغْفِرْ لَكُمْ رَسُولُ ٱللَّهِ لَوَّوْا۟ رُءُوسَهُمْ وَرَأَيْتَهُمْ يَصُدُّونَ وَهُم مُّسْتَكْبِرُونَ ﴿٥﴾

بۇ مۇناپىقلارغا: سادىر قىلغان خاتالىقىڭلارنى تونۇپ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ يېنىغا بېرىڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر مەغپىرەت تىلىسۇن، دېيىلسە، ئۇلار كەمسىتىش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن باشلىرىنى تولغايدۇ. ئۇلارنى بۇيرۇلغان ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن. ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتقۇچىلاردۇر

سَوَآءٌ عَلَيْهِمْ أَسْتَغْفَرْتَ لَهُمْ أَمْ لَمْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ لَن يَغْفِرَ ٱللَّهُ لَهُمْ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلْفَـٰسِقِينَ ﴿٦﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسەڭمۇ، مەغپىرەت تىلىمىسەڭمۇ بەرىبىر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ - مەئسىيەتتە چىڭ تۇرغۇچىلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ

هُمُ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ لَا تُنفِقُوا۟ عَلَىٰ مَنْ عِندَ رَسُولِ ٱللَّهِ حَتَّىٰ يَنفَضُّوا۟ ۗ وَلِلَّهِ خَزَآئِنُ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَلَـٰكِنَّ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ لَا يَفْقَهُونَ ﴿٧﴾

ئۇلار: رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدىكى يوقسۇللارغا ۋە مەدىنە ئەتراپىدىكى ئەئرابىلارغا ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلماڭلار. ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن تارقىلىپ كەتسۇن. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى يالغۇز ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رىزىق بېرىدۇ. لېكىن مۇناپىقلار رىزىق خەزىنىلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ

يَقُولُونَ لَئِن رَّجَعْنَآ إِلَى ٱلْمَدِينَةِ لَيُخْرِجَنَّ ٱلْأَعَزُّ مِنْهَا ٱلْأَذَلَّ ۚ وَلِلَّهِ ٱلْعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِۦ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَلَـٰكِنَّ ٱلْمُنَـٰفِقِينَ لَا يَعْلَمُونَ ﴿٨﴾

مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي: مەدىنىگە قايتقىنىمىزدا ئەزىزلەر، يەنى مەن ۋە قەۋمىم خارلارنى، يەنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىمىز دېيىشىدۇ. ئىززەت ۋە شەرەپ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپتۇر. لېكىن مۇناپىقلار ئىززەت ۋە شەرەپنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَٰلُكُمْ وَلَآ أَوْلَـٰدُكُمْ عَن ذِكْرِ ٱللَّهِ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْخَـٰسِرُونَ ﴿٩﴾

ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! مال - مۈلكۈڭلار ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار سىلەرنى نامازدىن ۋە باشقا ئىسلامدا پەرز بولغان ئەمەللەردىن كاشىلا قىلىپ قويمىسۇن. كىمنىڭ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى ئاللاھ ۋاجىب قىلغان ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەردىن كاشىلا قىلىپ قويىدىكەن، ئەنە شۇنداق كىشىلەر ھەقىقىي زىيان تارتقۇچىلاردۇركى، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرى ۋە بالا - چاقىلىرىنى زىيان تارتىدۇ. بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَأَنفِقُوا۟ مِن مَّا رَزَقْنَـٰكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِىَ أَحَدَكُمُ ٱلْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَآ أَخَّرْتَنِىٓ إِلَىٰٓ أَجَلٍۢ قَرِيبٍۢ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ ﴿١٠﴾

سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ، پەرۋەردىگارىغا: ئەي رەببىم! مېنى بىر ئاز كېچىكتۈرسەڭ، مەن مېلىمنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەمەللىرى ياخشى بولغان سالىھ بەندىلىرى قاتارىدىن بولۇۋالسام، دەپ يالۋۇرۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ماللاردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار

وَلَن يُؤَخِّرَ ٱللَّهُ نَفْسًا إِذَا جَآءَ أَجَلُهَا ۚ وَٱللَّهُ خَبِيرٌۢ بِمَا تَعْمَلُونَ ﴿١١﴾

ئاللاھ تائالا ئەجىلى توشۇپ، ئۆمرى تۈگىگەن ھەر قانداق بىر جاننى قەتئىي كېچىكتۈرمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر ئەمەللىرىڭلار ياخشى بولسا، مۇكاپاتىمۇ ياخشى بولىدۇ. ناۋادا ئەمەللىرىڭلار يامان بوپقالسا، جازاسىمۇ يامان بولىدۇ. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp

ئۆگىنىش · المنافقون — Al-Munaafiqoon

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل