باش بەتتەپسىرالقدر (97)

تەپسىر القدر — Al-Qadr (97)

مەككىلىك · 5 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

إِنَّآ أَنزَلْنَـٰهُ فِى لَيْلَةِ ٱلْقَدْرِ ﴿١﴾

شەكسىزكى بىز قۇرئاننى دۇنيا ئاسمىنىغا بىراقلا نازىل قىلدۇق. شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىشنى رامىزان ئېيىنىڭ شەبى قەدر كېچىسىدە باشلىدۇق

وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا لَيْلَةُ ٱلْقَدْرِ ﴿٢﴾

ئەي پەيغەمبەر! بۇ كېچىنىڭ قانچىلىك ياخشىلىقى ۋە بەرىكىتىنى بىلەمسەن؟

لَيْلَةُ ٱلْقَدْرِ خَيْرٌۭ مِّنْ أَلْفِ شَهْرٍۢ ﴿٣﴾

بۇ كېچە ياخشىلىقى ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر كېچىدۇركى، ئۇ ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇرغان ئادەمگە مىڭ ئايدىن ياخشىراقتۇر

تَنَزَّلُ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِم مِّن كُلِّ أَمْرٍۢ ﴿٤﴾

بۇ كېچىدە پەرىشتىلەر بىلەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ئاللاھ شۇ يىلدا يۈز بېرىشىنى بېكىتكەن رىزىق، ئۆلۈم، توغۇلۇش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھ تەقدىر قىلغان ھەر قانداق ئىشنى ئېلىپ چۈشىدۇ

سَلَـٰمٌ هِىَ حَتَّىٰ مَطْلَعِ ٱلْفَجْرِ ﴿٥﴾

بۇ مۇبارەك كېچە باشتىن - ئاخىر ھەممىسى ياخشىدۇر. بەت ۱ دىن ۱ moc.hgelp

ئۆگىنىش · القدر — Al-Qadr

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل