كٓهيعٓصٓ ﴿١﴾
سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىندى
باش بەت›تەپسىر›مريم (19)
مەككىلىك · 98 ئايەت
كٓهيعٓصٓ ﴿١﴾
سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىندى
ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُۥ زَكَرِيَّآ ﴿٢﴾
بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان رەھمىتىنىڭ ۋەقەلىكى بولۇپ، بۇنى ئىبرەتي يۈزىسىدىن ساڭا بايان. قىلىپ بېرىمىز
إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُۥ نِدَآءً خَفِيًّۭا ﴿٣﴾
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا ئىجابەتكە يېقىن بولسۇن ئۈچۈن مەخپى. دۇئا قىلدى ي
قَالَ رَبِّ إِنِّى وَهَنَ ٱلْعَظْمُ مِنِّى وَٱشْتَعَلَ ٱلرَّأْسُ شَيْبًۭا وَلَمْ أَكُنۢ بِدُعَآئِكَ رَبِّ شَقِيًّۭا ﴿٤﴾
ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئاجىزلاپ قالدىم، چېچىم ئاقاردى، ساڭا قىلغان دۇئايىمدا ئۈمىتسىز بولۇپ باقمىدىم، بەلكى ھەرقاچان ساڭا دۇئا قىلسام دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدىڭ. ي
وَإِنِّى خِفْتُ ٱلْمَوَٰلِىَ مِن وَرَآءِى وَكَانَتِ ٱمْرَأَتِى عَاقِرًۭا فَهَبْ لِى مِن لَّدُنكَ وَلِيًّۭا ﴿٥﴾
مەن تۇغقانلىرىمنىڭ مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن دۇنيا بىلەن مەشغۇل بولۇپ دىننىڭ ھەققىنى ئورۇندىيالماسلىقىدىن ئەنسىرىدىم، ئايالىم تۇغماس، ھوزۇرۇڭدىن ماڭا ياردەم بېرىدىغان بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىن. ي
يَرِثُنِى وَيَرِثُ مِنْ ءَالِ يَعْقُوبَ ۖ وَٱجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّۭا ﴿٦﴾
ئۇ مەندىن پەيغەمبەرلىككە ۋارىس بولىدۇ، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋارىس بولىدۇ. ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنى دىندا، ئەخلاقتا ۋە. ئىلىمدە سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن ي
يَـٰزَكَرِيَّآ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَـٰمٍ ٱسْمُهُۥ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَل لَّهُۥ مِن قَبْلُ سَمِيًّۭا ﴿٧﴾
ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا: ئى زەكەرىيا! بىز ساڭا سېنى خۇرسەن قېلىدىغان خەۋەر بېرىمىز، بىز سېنىڭ دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلدۇق. ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت بېرىمىز، بۇ ئىسىمنى ئىلگىرى بۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە نېسىپ قىلمىغان ئېدۇق. دېدى ي
قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِى غُلَـٰمٌۭ وَكَانَتِ ٱمْرَأَتِى عَاقِرًۭا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ ٱلْكِبَرِ عِتِيًّۭا ﴿٨﴾
زەكەرىيا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن ھەيران قىلىپ: مېنىڭ قانداق بالام بولىدۇ؟ ئايالىم تۇغماس، مەن قېرىپ ئاجىزلاپ بەك ياشىنىپ كەتكەن. تۇرسام؟ دېدى بەت ۱ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر قال كذلك قال ربك هوعلى هين وقد خلقتك من قبل ولم تك شئا
قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَىَّ هَيِّنٌۭ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِن قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْـًۭٔا ﴿٩﴾
پەرىشتە: ئىش سەن ئېيتقاندەك، ئايالىڭ تۇغماس، سەن ياشىنىپ ئاجىزلاپ بەك قېرىپ كەتتىڭ، لېكىن پەرۋەردىگارىڭ مۇنداق دېدى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ يەھيانى تۇغماس ئانىدىن، بەك قېرىپ ئاجىزلاپ كەتكەن دادىدىن يارىتىشى ئاساندۇر. ئى زەكەرىيا بۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنىمۇ يوقتىن بار قىلدى يەنى تىلغا ئېلىنمايدىغان يوقلىقتىن ياراتتى. ي
قَالَ رَبِّ ٱجْعَل لِّىٓ ءَايَةًۭ ۚ قَالَ ءَايَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ ٱلنَّاسَ ثَلَـٰثَ لَيَالٍۢ سَوِيًّۭا ﴿١٠﴾
زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! پەرىشتە ماڭا بىشارەت بەرگەن نەرسىنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم ئارام تاپىدىغان بىر ئالامەت قىلغىن دېدى. ئاللاھ: ساڭا بىشارەت بېرىلگەن نەرسىنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى؛ سەن ساق- سالامەت تۇرۇپ ئۈچ كۈنگىچە كىشىلەرگە سۆز قىلىشقا قادىر. بولالمايسەن دېدى ي
فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِۦ مِنَ ٱلْمِحْرَابِ فَأَوْحَىٰٓ إِلَيْهِمْ أَن سَبِّحُوا۟ بُكْرَةًۭ وَعَشِيًّۭا ﴿١١﴾
زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇيدىغان جايىدىن قەۋمىنىڭ يېنىغا چېقىپ، ئۇلارغا سۆزلىمەستىن ئىشارەت قىلىپ: ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئاللاھقا كۆپ تەسبىھ ئېيتىڭلار دېدى. ي
يَـٰيَحْيَىٰ خُذِ ٱلْكِتَـٰبَ بِقُوَّةٍۢ ۖ وَءَاتَيْنَـٰهُ ٱلْحُكْمَ صَبِيًّۭا ﴿١٢﴾
زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن يەھيا تۇغۇلدى، ئۇ چوڭ بولغاندا يەنى بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنىڭغا: ئى يەھيا! تەۋراتنى تېرىشىپ ياخشى ئۈگەنگىن دېدۇق، ئۇنىڭغا بالىلىق يېشىدىلا ئەقىل، ئىلىم، تېرىشچانلىق ۋە ئىرادە ئاتا قىلدۇق. ي
وَحَنَانًۭا مِّن لَّدُنَّا وَزَكَوٰةًۭ ۖ وَكَانَ تَقِيًّۭا ﴿١٣﴾
بىز مېھرىبانلىقىمىز بىلەن ئۇنى مەرھەمەتلىك قىلدۇق، ئۇنى گۇناھلاردىن پاك قىلدۇق، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن. يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلاردىن بولدى ي وبرا بولديه ولم يكن جبارا عص ا
وَبَرًّۢا بِوَٰلِدَيْهِ وَلَمْ يَكُن جَبَّارًا عَصِيًّۭا ﴿١٤﴾
ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ئېھسان قېلىدىغان كۆيۈمچان ئېدى، ئاللاھقا ۋە ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلمايتتى. پەرۋەردىگارىغاي ۋە. ئاتا-ئانىسىغا ئاسىيلىق قىلمايتتى وسلم عليه يوم ولد ويوم يموت ويوم يبعث ح ا
وَسَلَـٰمٌ عَلَيْهِ يَوْمَ وُلِدَ وَيَوْمَ يَمُوتُ وَيَوْمَ يُبْعَثُ حَيًّۭا ﴿١٥﴾
ئۇنىڭغا ئۇ تۇغۇلغان كۈندە، ۋاپات بولغان ۋە ھاياتلىقتىن چېقىدىغان كۈندە ۋە قىيامەتتە ھايات تېرگۈزىلىدىغان كۈندە ئاللاھ تەرىپىدىن تىنچ-ئامانلىق بولىدۇ. بۇ ئۈچ ئورۇن ئىنسان بېسىپ ئۆتىدىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئورۇندۇر. بۇنىڭدىن ئامان بولسا ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرىدە. قورقۇنچ يوقتۇر ي
وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ مَرْيَمَ إِذِ ٱنتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًۭا شَرْقِيًّۭا ﴿١٦﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى ئەسلىگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ ئۇلارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر جايدا. يالغۇز تۇردى بەت ۲ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ي
فَٱتَّخَذَتْ مِن دُونِهِمْ حِجَابًۭا فَأَرْسَلْنَآ إِلَيْهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرًۭا سَوِيًّۭا ﴿١٧﴾
ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالىتىنى قەۋمىنىڭ كۆرمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن قەۋمىنىڭ ئارىسىدا بىر پەردە تارتتى، بىز ئۇنىڭغا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى مۇكەممەل بىر كىشىنىڭ شەكلىدە ئەۋەتتۇق،. مەريەم ئۇنىڭ يامانلىق قېلىشىدىن ئەنسىرىدى ي
قَالَتْ إِنِّىٓ أَعُوذُ بِٱلرَّحْمَـٰنِ مِنكَ إِن كُنتَ تَقِيًّۭا ﴿١٨﴾
مەريەم ئۆزىگە يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان بېجىرىم بىر ئىنساننى كۆرگەن ۋاقىتتا: ئى ئىنسان! ئەگەر سەن ئاللاھتىن ھەقىقى قورقۇدىغان بولساڭ سېنىڭدىن ماڭا يامانلىق يېتىپ قېلىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ. تېلەيمەن، دېدى ي
قَالَ إِنَّمَآ أَنَا۠ رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَـٰمًۭا زَكِيًّۭا ﴿١٩﴾
جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: مەن ئىنسان ئەمەس، ھەقىقەتەن مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا پاك بىر پەرزەنت ئاتا قىلىشي ئۈچۈن. ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن دېدى قالت أنى يكون لى غلم ولم يمسسنى بشر ولم أك بغا
قَالَتْ أَنَّىٰ يَكُونُ لِى غُلَـٰمٌۭ وَلَمْ يَمْسَسْنِى بَشَرٌۭ وَلَمْ أَكُ بَغِيًّۭا ﴿٢٠﴾
مەريەم ھەيران قىلىپ: مېنىڭ قانداق بالام بولىدۇ؟، مەن ياتلىق بولمىغان ۋە پاھىشە قىلىش بىلەن بىرەر ئەر ماڭا يېقىنلاشمىغان تۇرسا. قانداقمۇ بالام بولسۇن،ي دېدى
قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَىَّ هَيِّنٌۭ ۖ وَلِنَجْعَلَهُۥٓ ءَايَةًۭ لِّلنَّاسِ وَرَحْمَةًۭ مِّنَّا ۚ وَكَانَ أَمْرًۭا مَّقْضِيًّۭا ﴿٢١﴾
جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىش سەن دېگەندەك، ساڭا ھېچقانداق بىر ئەركەك زاتى يېقىنلاشمىدى ۋە سەن پاھىشىمۇ قىلمىدىڭ، لېكىن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مۇنداق دېدى: ئاتىسىز بىر بالىنى پەيدا قىلىش ماڭا ئاساندۇر. ساڭا بېرىلگەن بۇ بالا ئىنسانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەندە قېلىدىغان بىر بەلگە بولىدۇ. بۇ بالا بىزدىن ساڭا ۋە ئىمان ئېيتقانلارغا رەھمەتتۇر. ساڭا تەقدىر قىلىنغان بۇ بالا ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن لەۋھۇلمەھپۇزدايپۈتىۋېتىلگەن دېدى
۞ فَحَمَلَتْهُ فَٱنتَبَذَتْ بِهِۦ مَكَانًۭا قَصِيًّۭا ﴿٢٢﴾
ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەرىشتە روھنى پۈۋلىگەندىن كېيىن مەريەم. ھامىلدار بولدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىن يىراق بىر جايغا كەتتى ي
فَأَجَآءَهَا ٱلْمَخَاضُ إِلَىٰ جِذْعِ ٱلنَّخْلَةِ قَالَتْ يَـٰلَيْتَنِى مِتُّ قَبْلَ هَـٰذَا وَكُنتُ نَسْيًۭا مَّنسِيًّۭا ﴿٢٣﴾
ئۇنى قاتتىق تولغاق تۇتتى، ئۇ بىر قۇرۇپ قالغان خورما دەرىخىگە يۆلىنىۋالدى، مەريەم: كاشكى مۇشۇ كۈندىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسەمچۇ!، ماڭا يامان گۇمان قېلىنغاندىن كۆرە تىلغا ئېلىنمايدىغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەمچۇ كاشكى!، دېدى. ي
فَنَادَىٰهَا مِن تَحْتِهَآ أَلَّا تَحْزَنِى قَدْ جَعَلَ رَبُّكِ تَحْتَكِ سَرِيًّۭا ﴿٢٤﴾
ئىسا مەريەمنىڭ قەدىمى ئاستىدىن نىدا قېلىپ: قايغۇرمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىىڭ ئېچىشىڭ ئۈچۈن سېنىڭ ئاستىڭدىن بىر ئېرىق قىلدى، دېدى. (بۇ ئايەتتىكى چاقىرغۇچىنى كۆپچىلىك تەپسىر ئۆلىمالىرى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دېگەن، چۈنكى ئايەتنىڭ سىياقى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ، بەزى ئۆلىمالار چاقىرغۇچىنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ قارىغان. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرى بولسىمۇ لېكىن ئۆلىمالار چاقىرغۇچى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراشنى كۇچلاندۇرغان. چۈنكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارغاندا سۆزلىگەنلىكى قۇرئاندا بايان قىلىنغان، ئەمما تۇغۇلۇپلا سۆزلىگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ رىۋايەت يوق. بۇ تەپسىرنى تۈزگۈچى ئۆلىمالار چاقىرغۇچى ئىسا ئەلەيھىسسالام دېگەن قاراش بويىچە بايان قىلغان-ت) بەت ۳ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ي
وَهُزِّىٓ إِلَيْكِ بِجِذْعِ ٱلنَّخْلَةِ تُسَـٰقِطْ عَلَيْكِ رُطَبًۭا جَنِيًّۭا ﴿٢٥﴾
خورما دەرىخىنى چىڭ تۇتۇپ ئېرغىتقىن، شۇ ۋاقىتتىلا ساڭا پىشقان. خورمىلار چۈشىدۇ دېدى ي
فَكُلِى وَٱشْرَبِى وَقَرِّى عَيْنًۭا ۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ ٱلْبَشَرِ أَحَدًۭا فَقُولِىٓ إِنِّى نَذَرْتُ لِلرَّحْمَـٰنِ صَوْمًۭا فَلَنْ أُكَلِّمَ ٱلْيَوْمَ إِنسِيًّۭا ﴿٢٦﴾
يېڭى مېۋىدىن يېگىن، سۇدىن ئېچكىن، تۇغۇلغان بوۋاق بىلەن كۆڭلۈڭ خۇرسەن بولسۇن غەم قىلمىغىن، ئىنسانلاردىن بىرەر كىشىنى كۆرسەڭ، بۇ بوۋاق توغرۇلۇق سورىسا، ئۇ كىشىگە: مەن بۈگۈن ھېچ كىشىگە سۆز قىلماسلىق توغرىسىدا پەرۋەردىگارىمغا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ئىنسانلاردىن ھېچيكىشىگە سۆز قىلمايمەن دېگىن
فَأَتَتْ بِهِۦ قَوْمَهَا تَحْمِلُهُۥ ۖ قَالُوا۟ يَـٰمَرْيَمُ لَقَدْ جِئْتِ شَيْـًۭٔا فَرِيًّۭا ﴿٢٧﴾
مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، قەۋمى ئۇنىڭ بوۋاق كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭغا: ئى مەريەم! سەن بەك غەلىتە ئىش قىلدىڭ، دادىسى يوق بىر بالىنى ئېلىپ كەلدىڭ دېدى ي
يَـٰٓأُخْتَ هَـٰرُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ ٱمْرَأَ سَوْءٍۢ وَمَا كَانَتْ أُمُّكِ بَغِيًّۭا ﴿٢٨﴾
ئى ئىبادەتتە ھارۇنغا ئوخشىغۇچى قىز! (ھارۇن ياخشى ئادەم ئىدى) سېنىڭ داداڭ زىناخور ئادەم ئەمەس ئېدى، ئاناڭمۇ پاھىشە ئايال ئەمەس ئېدى، سەن تەقۋادارلىق بىلەن تونۇلغان پاك ئائىلىنىڭ قىزى ئېدىڭ، دادىسى يوق بالىنى قانداق ئېلىپ كەلدىڭ؟، دېدى. ي
فَأَشَارَتْ إِلَيْهِ ۖ قَالُوا۟ كَيْفَ نُكَلِّمُ مَن كَانَ فِى ٱلْمَهْدِ صَبِيًّۭا ﴿٢٩﴾
مەريەم قۇچاقتىكى ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىشارەت قىلدى، قەۋمى ھەيران قىلىپ ئۇنىڭغا: قۇچاقتىكى بوۋاققا قانداقي سۆزلەيمىز. دېدى
قَالَ إِنِّى عَبْدُ ٱللَّهِ ءَاتَىٰنِىَ ٱلْكِتَـٰبَ وَجَعَلَنِى نَبِيًّۭا ﴿٣٠﴾
ئىسا ئەلەيھىسسالام: مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن. ئاللاھ ماڭا ئىنجىلنى بېرىدۇ ۋە مېنى پەيغەمبەرلىرىدىن بىر پەيغەمبەر قىلىدۇ دېدى.ي
وَجَعَلَنِى مُبَارَكًا أَيْنَ مَا كُنتُ وَأَوْصَـٰنِى بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ مَا دُمْتُ حَيًّۭا ﴿٣١﴾
قەيەردە بولسام بەندىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان قىلدى، مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن مېنى نامازنى ئادا قىلىشقا،ي زاكاتنى بېرىشكە. بۇيرىدى وبرا بولدتى ولم يجعلنى جبارا شقا
وَبَرًّۢا بِوَٰلِدَتِى وَلَمْ يَجْعَلْنِى جَبَّارًۭا شَقِيًّۭا ﴿٣٢﴾
مېنى ئانامغا ياخشىلىق قېلىدىغان قىلدى. مېنى پەرۋەردىگارىمغا ئىتائەت قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قېلىدىغاني قىلمىدى
وَٱلسَّلَـٰمُ عَلَىَّ يَوْمَ وُلِدتُّ وَيَوْمَ أَمُوتُ وَيَوْمَ أُبْعَثُ حَيًّۭا ﴿٣٣﴾
مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، قىيامەت كۈنى تېرىلگەندە شەيتان ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرىنىڭ پىتنىسىدىن ئامان بولىمەن. بۇ قورقۇنۇچلۇق ئۈچ ئورۇندا شەيتان ماڭا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. بەت ۴ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
ذَٰلِكَ عِيسَى ٱبْنُ مَرْيَمَ ۚ قَوْلَ ٱلْحَقِّ ٱلَّذِى فِيهِ يَمْتَرُونَ ﴿٣٤﴾
ئاشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچى مەريەم ئوغلى ئىسادۇر. بۇ ئۇنىڭ توغرىسىدىكى ھەق سۆزدۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا. ئىختىلاپ قېلىشىپ شەك قىلىدىغان ئازغۇنلارنىڭ سۆزى ئەمەستۇر
مَا كَانَ لِلَّهِ أَن يَتَّخِذَ مِن وَلَدٍۢ ۖ سُبْحَـٰنَهُۥٓ ۚ إِذَا قَضَىٰٓ أَمْرًۭا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ ﴿٣٥﴾
ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە ئۇنىڭ بالىسى بولۇش لا يىق بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بالىدىن ۋە ھەمراھتىن پاكتۇر ۋە مۇقەددەستۇر. بىر ئىشنى قىلىشنى ئىرادە قىلسا ئاللاھنىڭ بول دېيىشى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇ ئىش شەرتسىز بولىدۇ. شانۇ- شەۋكىتى بۇنداق كاتتا بولغان زات بالىسى. بولۇشتىن پاكتۇر
وَإِنَّ ٱللَّهَ رَبِّى وَرَبُّكُمْ فَٱعْبُدُوهُ ۚ هَـٰذَا صِرَٰطٌۭ مُّسْتَقِيمٌۭ ﴿٣٦﴾
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇ سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممەيلەننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئىبادەتنى يالغۇز ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىڭلار. ئەنە ئاشۇ سىلەرنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا. ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولدۇر
فَٱخْتَلَفَ ٱلْأَحْزَابُ مِنۢ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌۭ لِّلَّذِينَ كَفَرُوا۟ مِن مَّشْهَدِ يَوْمٍ عَظِيمٍ ﴿٣٧﴾
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلار ئىختىلاپ قىلىشتى، قەۋمىدىكى كىشىلەر ئىككى پىرقىگە ئۆرۈلدى، بەزىسى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېدى، يەھۇدىيلارغا ئوخشاش يەنە بىر پىرقە ئۇنىڭغا كاپىر بولدى، شۇنىڭدەك بەزى پىرقىلەر ھەددىدىن ئېشىپ: ئۇنى ئاللاھ دېدى، يەنە بىر قىسىملىرى: ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دېدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئالىدۇر، قىيامەت كۈنىدىكى كاتتا ھېساب ۋە جازا مەيدانىدا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ. قىلىشقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي
أَسْمِعْ بِهِمْ وَأَبْصِرْ يَوْمَ يَأْتُونَنَا ۖ لَـٰكِنِ ٱلظَّـٰلِمُونَ ٱلْيَوْمَ فِى ضَلَـٰلٍۢ مُّبِينٍۢ ﴿٣٨﴾
بۈگۈن يەنى قىيامەت كۈنى ئۇلارنى نېمە بەك ئاڭلايدىغان ۋە بەك كۆرۈدىغان قېلىۋەتتى؟!، ئۇلار كۆردى، كۆرۈشنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، ئۇلار ئاڭلىدى، ئاڭلاشنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، لېكىن زالىملار دۇنيادا توغرا يولدىن ئوچۇق ئازغۇنلۇقتا ئېدى. ئۇلار ئاخىرەتكە تەييارلىق قىلماي زۇلۇم قىلىپ تۇرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قىيامەت بولدى
وَأَنذِرْهُمْ يَوْمَ ٱلْحَسْرَةِ إِذْ قُضِىَ ٱلْأَمْرُ وَهُمْ فِى غَفْلَةٍۢ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ ﴿٣٩﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسانلارنى ھەسرەت-نادامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈندە يامان ئىش قىلغۇچى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلسا، ياخشى ئىش قىلغۇچى تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەتلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بەندىلەرنىڭ نام-ئەمەل سەھىپىسى يېپىلغان ۋە ھېسابلىرى تاماملانغان، ھەر بىر ئىنسان ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىگە يۈزلەنگەن بولىدۇ. ئۇلار دۇنيادا ياشاۋاتقان ھاياتتىن مەغرۇرلانغان، ئاخىرەتنى ئۇنۇتقان ئېدى، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيتتى
إِنَّا نَحْنُ نَرِثُ ٱلْأَرْضَ وَمَنْ عَلَيْهَا وَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ ﴿٤٠﴾
بىز خالايىق يوق بولغاندىن كېيىنمۇ زېمىنغا ۋارىسلىق قېلىمىز، زېمىندىكىلەر يوق بولۇپ بىز قالغاندىن كېيىن زېمىندىكى نەرسىلەرگە يەنىلا بىز ئىگە بولىمىز، خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىمىز، ھېساب ۋە جازا. ئۈچۈن قىيامەت كۈنى. يالغۇز بىزنىڭ تەرىپىمىزگە قايتىدۇ
وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ إِبْرَٰهِيمَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ صِدِّيقًۭا نَّبِيًّا ﴿٤١﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن بەك راستچىل، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن. بىر پەيغەمبەر ئېدى بەت ۵ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ يَـٰٓأَبَتِ لِمَ تَعْبُدُ مَا لَا يَسْمَعُ وَلَا يُبْصِرُ وَلَا يُغْنِى عَنكَ شَيْـًۭٔا ﴿٤٢﴾
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم دادىسى ئازەرگە: ئى دادا! سەن نېمە ئۈچۈن ئاللاھنى قويۇپ، چاقىرساڭ ئاڭلىمايدىغان، ئىبادەت قىلساڭ كۆرمەيدىغان ۋە سەندىن زىياننى يوق قىلالمايدىغان، پايدا كەلتۈرەلمەيدىغان بۇتقا ئىبادەت قىلىسەن؟ دېدى. ي
يَـٰٓأَبَتِ إِنِّى قَدْ جَآءَنِى مِنَ ٱلْعِلْمِ مَا لَمْ يَأْتِكَ فَٱتَّبِعْنِىٓ أَهْدِكَ صِرَٰطًۭا سَوِيًّۭا ﴿٤٣﴾
ئى دادا! ھەقىقەتەن ماڭا ۋەھيى ئارقىلىق سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر. نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن مەن سېنى توغرا يولغا باشلايمەني
يَـٰٓأَبَتِ لَا تَعْبُدِ ٱلشَّيْطَـٰنَ ۖ إِنَّ ٱلشَّيْطَـٰنَ كَانَ لِلرَّحْمَـٰنِ عَصِيًّۭا ﴿٤٤﴾
ئى دادا! سەن شەيتانغا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇنمىغىن، ھەقىقەتەن شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت سەجدىسى قىلىشقا بۇيرۇلغاندا ئۇنىڭغا سەجدە قىلماستىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا. ئاسىيلىق قىلدى ي
يَـٰٓأَبَتِ إِنِّىٓ أَخَافُ أَن يَمَسَّكَ عَذَابٌۭ مِّنَ ٱلرَّحْمَـٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيْطَـٰنِ وَلِيًّۭا ﴿٤٥﴾
ئى دادا! ئەگەر سەن كاپىر ھالىتىڭدە ئۆلۈپ كەتسەڭ ساڭا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابى يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن، سېنىڭ شەيتانغا دوست بولغانلىقىڭ سەۋەبىدىن ئازابتا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قىلىشىڭدىن قورقىمەن. ي
قَالَ أَرَاغِبٌ أَنتَ عَنْ ءَالِهَتِى يَـٰٓإِبْرَٰهِيمُ ۖ لَئِن لَّمْ تَنتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَٱهْجُرْنِى مَلِيًّۭا ﴿٤٦﴾
ئازەر ئوغلى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقان ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرىمەكچىمۇ؟، ئەگەر سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمنى سۆكۈشتىن توختىمىساڭ سېنى تاش بىلەن ئۇرىمەن. سەن ئۇزاق ۋاقىت مەندىن يىراق تۇرۇپ ماڭا سۆز قىلمىغىن، مەن بىلەن بىرگە تۇرمىغىن دېدى.ي
قَالَ سَلَـٰمٌ عَلَيْكَ ۖ سَأَسْتَغْفِرُ لَكَ رَبِّىٓ ۖ إِنَّهُۥ كَانَ بِى حَفِيًّۭا ﴿٤٧﴾
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دادىسىغا: مەندىن ساڭا ئامانلىق بولسۇن، مەندىن ساڭا سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىش يەتمەيدۇ، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت ۋە ھىدايەت تىلەيمەن، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم ماڭا بەك مېھرىباندۇر. ي
وَأَعْتَزِلُكُمْ وَمَا تَدْعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَأَدْعُوا۟ رَبِّى عَسَىٰٓ أَلَّآ أَكُونَ بِدُعَآءِ رَبِّى شَقِيًّۭا ﴿٤٨﴾
سىلەردىن ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان بۇتلىرىڭلاردىن يىراق بولىمەن، يالغۇز پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قېلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن. مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش بىلەن بەختسىز بولۇپ. قالماسلىقىمنى ئۈمىتل قىلىمەن ي
فَلَمَّا ٱعْتَزَلَهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَهَبْنَا لَهُۥٓ إِسْحَـٰقَ وَيَعْقُوبَ ۖ وَكُلًّۭا جَعَلْنَا نَبِيًّۭا ﴿٤٩﴾
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنىۋاتقان نەرسىلىرىنى تەرك قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئەھلىنى يوقۇتۇپ قويغىنىنىڭ بەدىلىگە ئوغلى ئىسھاقنى ۋە نەۋرىسى يەئقۇبنى ئاتا. قىلدۇق، بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىنى ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن قىلدى ي ووهبنا لهم من ر حمتنا وجعلنا لهم لسان صدق علا
وَوَهَبْنَا لَهُم مِّن رَّحْمَتِنَا وَجَعَلْنَا لَهُمْ لِسَانَ صِدْقٍ عَلِيًّۭا ﴿٥٠﴾
ئۇلارغا بىز رەھمىتىمىز بىلەن بىرگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، ئۇلار. ئۈچۈن بەندىلەرنىڭ تىلىدا داۋاملىشىدىغان گۈزەل مەدھىيلەرنى. قىلدۇق بەت ۶ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ي
وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ مُوسَىٰٓ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ مُخْلَصًۭا وَكَانَ رَسُولًۭا نَّبِيًّۭا ﴿٥١﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن. ھەقىقەتەن ئۇ ئاللاھ. تەرىپىدىن تاللانغان ئەلچى ۋە پەيغەمبەردۇر ي
وَنَـٰدَيْنَـٰهُ مِن جَانِبِ ٱلطُّورِ ٱلْأَيْمَنِ وَقَرَّبْنَـٰهُ نَجِيًّۭا ﴿٥٢﴾
بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇرغان ئورنىنىڭ يان تەرىپىدىكى تاغنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز سۆزىنى ئاللاھقاي ئاڭلىتىشى. ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردۇق
وَوَهَبْنَا لَهُۥ مِن رَّحْمَتِنَآ أَخَاهُ هَـٰرُونَ نَبِيًّۭا ﴿٥٣﴾
بىز ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىپ ۋە نېمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىدىن سورىغان ۋاقتىدىكى دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلدۇق. ي
وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ إِسْمَـٰعِيلَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ صَادِقَ ٱلْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًۭا نَّبِيًّۭا ﴿٥٤﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى بايان قىلغىن، ئۇ راستچىل ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ئەلچى ۋە پەيغەمبەر ئېدى. ي
وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُۥ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱلزَّكَوٰةِ وَكَانَ عِندَ رَبِّهِۦ مَرْضِيًّۭا ﴿٥٥﴾
ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا ۋە زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، ئۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنيئىدى
وَٱذْكُرْ فِى ٱلْكِتَـٰبِ إِدْرِيسَ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ صِدِّيقًۭا نَّبِيًّۭا ﴿٥٦﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ساڭا نازىل قېلىنغان قۇرئاندىكى ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ خەۋىرىنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن بەك راستچىل، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىر پەيغەمبەر ئېدى. ورفعنه مكانا عليا
وَرَفَعْنَـٰهُ مَكَانًا عَلِيًّا ﴿٥٧﴾
بىز ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلىش بىلەن ئۇنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق، ئۇنىڭ مەرتىۋېسى ئالى بولدى
أُو۟لَـٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ أَنْعَمَ ٱللَّهُ عَلَيْهِم مِّنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مِن ذُرِّيَّةِ ءَادَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍۢ وَمِن ذُرِّيَّةِ إِبْرَٰهِيمَ وَإِسْرَٰٓءِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَٱجْتَبَيْنَآ ۚ إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُ ٱلرَّحْمَـٰنِ خَرُّوا۟ سُجَّدًۭا وَبُكِيًّۭا ۩ ﴿٥٨﴾
ى بۇ سۈرىدە زېكىر قېلىنغان زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا بولغان ئاشۇ كىشىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە كېمىگە چېققان كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنى ئىسلامغا مۇۋەپپەق قىلدۇق. ئۇلارنى تاللاپ پەيغەمبەرلەردىن قىلدۇق، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلىغاندا ۋە تىلاۋەت قىلغاندا ئاللاھدىن قورقۇپ يېغلاپ سەجدە قىلىدۇ. بەت ۷ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
۞ فَخَلَفَ مِنۢ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا۟ ٱلصَّلَوٰةَ وَٱتَّبَعُوا۟ ٱلشَّهَوَٰتِ ۖ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا ﴿٥٩﴾
ئاشۇ تاللانغان پەيغەمبەرلەردىن كېيىن كەلگەن كىشىلەر يامانلىق ۋە ئازغۇنلۇققا ئەگەشتى، نامازنى تولۇق ئادا قىلماي زايە قېلىۋەتتى، كۆڭلى خاھىشى بويىچە زىنا-پاھىشە قاتارلىق گۇناھ-مەسىيەت سادىر. قىلدى، ئۇلار جەھەننەمدە ئەڭ ناچار ئازابقا دۇچار بولىدۇ
إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ صَـٰلِحًۭا فَأُو۟لَـٰٓئِكَ يَدْخُلُونَ ٱلْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ شَيْـًۭٔا ﴿٦٠﴾
پەقەت ئۆزىنىڭ كەمچىللىكى ۋە سەل قارىغانلىقىغا تەۋبە قېلىدۇ، ئاللاھقا ئىشىنپ ياخشى ئەمەل قېلىدۇ، مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاشۇ كىشىلەر جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان. ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن ئازراقمۇ بىر نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ ي
جَنَّـٰتِ عَدْنٍ ٱلَّتِى وَعَدَ ٱلرَّحْمَـٰنُ عِبَادَهُۥ بِٱلْغَيْبِ ۚ إِنَّهُۥ كَانَ وَعْدُهُۥ مَأْتِيًّۭا ﴿٦١﴾
ئاللاھ ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە كىرگۈزۈشنى، دائىم تۇرغۇزۇشنى ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەن بوستانلىق ئاللاھ ۋەدە قىلغان جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىمان ئېيتتى. جەننەتتىن ئىبارەت بۇ نېئمەت چوقۇم بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى. ھەقتۇر ي
لَّا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا إِلَّا سَلَـٰمًۭا ۖ وَلَهُمْ رِزْقُهُمْ فِيهَا بُكْرَةًۭ وَعَشِيًّۭا ﴿٦٢﴾
ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ناچار سۆز ئاڭلىمايدۇ، بەلكى بەزىلەرنىڭ بەزىلىرىگە قېلىشقان ۋە پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا قېلغان سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلارغا ئەتتىگەن-ئاخشامدا كۆڭلى تارتقان يېمەكلىكلەر. كېلىپ تۇرىدۇ ي
تِلْكَ ٱلْجَنَّةُ ٱلَّتِى نُورِثُ مِنْ عِبَادِنَا مَن كَانَ تَقِيًّۭا ﴿٦٣﴾
يۇقىرىقى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن بۇ جەننەت، بەندىلىرىمىزدىن بىزنىڭ بۇيرىقىمىزغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىمىزدىن يېنىش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر. ي
وَمَا نَتَنَزَّلُ إِلَّا بِأَمْرِ رَبِّكَ ۖ لَهُۥ مَا بَيْنَ أَيْدِينَا وَمَا خَلْفَنَا وَمَا بَيْنَ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيًّۭا ﴿٦٤﴾
ئى جەبرائىل! مۇھەممەد ئەلەيھىسىسسالامغا ئېيتىقىنكى: ھەقىقەتەن پەرىشتىلەر ئۆز ئالدىمىزغا چۈشمەيمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرى ۋە بىز كەينىمىزدە قويۇپ كەتكەن دۇنيانىڭ ئىشلىرى ۋە دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى،. دېگىن ي
رَّبُّ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَٱعْبُدْهُ وَٱصْطَبِرْ لِعِبَـٰدَتِهِۦ ۚ هَلْ تَعْلَمُ لَهُۥ سَمِيًّۭا ﴿٦٥﴾
ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقۇچى، ئۇنىڭ ئىگىسى، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ياراتقۇچىدۇر. يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئۇ ئىبادەتكە ھەقلىقتۇر، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش يولىدا چىداملىق بولغىن. ئۇنىڭ مىسالى يوق، ئوخشىشى. يوق ۋە ئىبادەتتە شېرىكى يوقتۇر
وَيَقُولُ ٱلْإِنسَـٰنُ أَءِذَا مَا مِتُّ لَسَوْفَ أُخْرَجُ حَيًّا ﴿٦٦﴾
ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىر مەسخىرە قىلىپ: مەن ئۆلگەندىن كېيىن قەبرەمدىن ئىككىنچى بىر ھاياتلىق ئۈچۈن ھايات. چېقىمەنمۇ؟ ھەقىقەتەن بۇ بەك يىراق ئىش دەيدۇ بەت ۸ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
أَوَلَا يَذْكُرُ ٱلْإِنسَـٰنُ أَنَّا خَلَقْنَـٰهُ مِن قَبْلُ وَلَمْ يَكُ شَيْـًۭٔا ﴿٦٧﴾
ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئېنكار قىلغۇچى بۇ ئىنسان بىز ئۇنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى ئەسلىمەمدىغاندۇ؟، گەرچە ئىككىنچىسىنى ياراتماق ئوڭاي ۋە ئاسان بولماغلىق بىلەن، دەسلەپكى يارىتىشنى ئىككىنچى قېتىملىق يارىتىشقا دەلىل قىلامدۇ؟. ي
فَوَرَبِّكَ لَنَحْشُرَنَّهُمْ وَٱلشَّيَـٰطِينَ ثُمَّ لَنُحْضِرَنَّهُمْ حَوْلَ جَهَنَّمَ جِثِيًّۭا ﴿٦٨﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى: بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئازدۇرغان شەيتانلار بىلەن بىرلىكتە قەبرىسىدىن چېقىرىمىز، ئاندىن ئۇلارنى خار قىلغان ۋە تىز چۆكتۈرگەن ھالەتتە. جەھەننەمگە ھەيدەپ كېلىمىز ي
ثُمَّ لَنَنزِعَنَّ مِن كُلِّ شِيعَةٍ أَيُّهُمْ أَشَدُّ عَلَى ٱلرَّحْمَـٰنِ عِتِيًّۭا ﴿٦٩﴾
ئاندىن ئازغۇن پىرقىلەردىن بولغان ھەر بىر پىرقىدىن ئۇلارنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن بولغان چوڭ گۇناھكارلارنى كۈچ بىلەن قوپاللىقي بىلەن. تارتىپ چېقىرىمىز
ثُمَّ لَنَحْنُ أَعْلَمُ بِٱلَّذِينَ هُمْ أَوْلَىٰ بِهَا صِلِيًّۭا ﴿٧٠﴾
ئاندىن دوزاخقا كېرىش بىلەن ئۇنىڭ ھارارىتى ۋە ئازابىنى تېتىشقا. لا يىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە بىز ياخشى بىلىمىز ي
وَإِن مِّنكُمْ إِلَّا وَارِدُهَا ۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ حَتْمًۭا مَّقْضِيًّۭا ﴿٧١﴾
ئى ئىنسانلار! سىلەردىن ھەر بىر كىشى جەھەننەمنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان سىرات كۆرۈكى ئۈستىدىن چوقۇم ئۆتىدۇ. بۇ ئۆتۈش ئاللاھنىڭ ھۆكمى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەمەلىيلىشىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر. ي
ثُمَّ نُنَجِّى ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوا۟ وَّنَذَرُ ٱلظَّـٰلِمِينَ فِيهَا جِثِيًّۭا ﴿٧٢﴾
ئاندىن سىراتنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش ئارقىلىق، ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلارنى خاتىرجەم قىلىمىز. زالىملارنى تىزلاندۇرغان ھالەتتە جەھەننەمنىڭ گىرۋېكىدە قويىمىز، ئۇلار جەھەننەمدىن قېچىشقا قادىر بولالمايدۇ. ي
وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ ءَايَـٰتُنَا بَيِّنَـٰتٍۢ قَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَىُّ ٱلْفَرِيقَيْنِ خَيْرٌۭ مَّقَامًۭا وَأَحْسَنُ نَدِيًّۭا ﴿٧٣﴾
بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىزگە نازىل قېلىنغان ئايەتلىرىمىز كىشىلەرگە ئوقۇپ بېرىلگەندە، كاپىر بولغانلار مۆئمىنلەرگە: ياخشى ئورۇنلاردا تۇرۇش ۋە سورۇنلارنى تۈزەشتە سىلەرنىڭ گورۇھىڭلار ياخشىمۇ ياكى بىزنىڭ. گورۇھىمىز ياخشىمۇ دەيدۇ؟ وكم أهلكنا قبلهم من قرن هم أحسن أثثا ورءيا
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّن قَرْنٍ هُمْ أَحْسَنُ أَثَـٰثًۭا وَرِءْيًۭا ﴿٧٤﴾
ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ماددى ئىمتىيازدىن پەخىرلىنىپ يۈرگەن كىشىلەردىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن كاپىرلارنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئىقتىساد، كېيىم-كىچەك، چىراي-شەكىل ۋە سىرتقى كۆرۈنۈش قاتارلىقلاردا بۇلاردىن ياخشى ۋە گۈزەل ئىدى
قُلْ مَن كَانَ فِى ٱلضَّلَـٰلَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ ٱلرَّحْمَـٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰٓ إِذَا رَأَوْا۟ مَا يُوعَدُونَ إِمَّا ٱلْعَذَابَ وَإِمَّا ٱلسَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّۭ مَّكَانًۭا وَأَضْعَفُ جُندًۭا ﴿٧٥﴾
من هو ش مكانا وأضعف جندا ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئېيتقىنكى: كىمكى ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ يۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقنى زىيادە قېلىۋىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىدۇ. ھەتتا ئۇلار دۇنيادا ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنى تىز كەلگەنلىكىنى ئاشكارا كۆرگەندە ياكى قىيامەتكە كېچىكتۈرۈلگەن ئازابنى كۆرگەندە، كىمنىڭ ئورنى ناچار ۋە ياردەمچىلىرى ئاز، بەت ۹ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر ئۆزلىرىنىڭ جامائىتىمۇ ياكى مۆئمىنلەر جامائىتىمۇ شۇ ۋاقىتتا بىلىدۇ؟
وَيَزِيدُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ٱهْتَدَوْا۟ هُدًۭى ۗ وَٱلْبَـٰقِيَـٰتُ ٱلصَّـٰلِحَـٰتُ خَيْرٌ عِندَ رَبِّكَ ثَوَابًۭا وَخَيْرٌۭ مَّرَدًّا ﴿٧٦﴾
ئاشۇ كاپىرلارغا ئازغۇنلۇقىنى زىيادە قېلىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەرگەننىڭ قارشىسىدا، توغرا يول تاپقان كىشىلەرگە ئاللاھ ھىدايەتنى، ئىماننى، تائەتنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ ئەمەللەر سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھوزۇرىدا مەنپەئەتلىك بولغان مۇكاپات، ياخشى ئاقىۋەت ۋە ئەبەدىيلىك بەخت-سائادەتكە ئېلىپ بارىدۇ
أَفَرَءَيْتَ ٱلَّذِى كَفَرَ بِـَٔايَـٰتِنَا وَقَالَ لَأُوتَيَنَّ مَالًۭا وَوَلَدًا ﴿٧٧﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، ئازابىمىزغا تانغان ۋە: مەن ئۆلسەم، قىيامەتتە تېرىلسەم ئەلۋەتتە ماڭا كۆپ مال ۋە ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۇڭمۇ؟
أَطَّلَعَ ٱلْغَيْبَ أَمِ ٱتَّخَذَ عِندَ ٱلرَّحْمَـٰنِ عَهْدًۭا ﴿٧٨﴾
ئۇ دېگەن سۆزىنى دەلىللەشكە غەيىبنى بىلدىمۇ؟ ياكى ئۇ ئاللاھدىن ئۆزىنى جەننەتكە كېرگۈزۈش ۋە كۆپ مال ۋە ئەۋلاد ئاتادقىلىشى. توغرىسىدا ئەھدە ئالدىمۇ؟
كَلَّا ۚ سَنَكْتُبُ مَا يَقُولُ وَنَمُدُّ لَهُۥ مِنَ ٱلْعَذَابِ مَدًّۭا ﴿٧٩﴾
ئىش ئۇ گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەن سۆز ۋە قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرلەپ قويىمىز، ئۇنىڭ باتىلنى دەۋا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئازابنىڭ ئۈستىگە ئازابنى زىيادە قىلىمىز. ونرثه ما يقول ويأتينا فردا
وَنَرِثُهُۥ مَا يَقُولُ وَيَأْتِينَا فَرْدًۭا ﴿٨٠﴾
ئۇنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن مال ۋە بالىنى مىراس قالدۇرىمىز. قىيامەت كۈنى ئۇنى، ئۇ مەنپەئەتلىنىدىغان مال-دۇنيا ۋە يۈز-ئابرۇي قاتارلىق ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىپ يالغۇز كەلتۈرىمىز. ز
وَٱتَّخَذُوا۟ مِن دُونِ ٱللَّهِ ءَالِهَةًۭ لِّيَكُونُوا۟ لَهُمْ عِزًّۭا ﴿٨١﴾
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە دەستەك بولۇش ئۈچۈن، ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ياردەم. بېرىلىدىغان چوقۇنىدىغان مەبۇدلارنى قىلدى
كَلَّا ۚ سَيَكْفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمْ وَيَكُونُونَ عَلَيْهِمْ ضِدًّا ﴿٨٢﴾
ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇداتلىرى قىيامەت كۈنى مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئىبادەتلىرىگە تانىدۇ، ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولۇپ ئۇلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ. ز
أَلَمْ تَرَ أَنَّآ أَرْسَلْنَا ٱلشَّيَـٰطِينَ عَلَى ٱلْكَـٰفِرِينَ تَؤُزُّهُمْ أَزًّۭا ﴿٨٣﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز شەيتانلارنى كاپىرلارغا ھۆكۈمران قىلىپ ئۇلارنى گۇناھ-مەسىيەت قىلىش ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟. بەت ۱۰ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر د
فَلَا تَعْجَلْ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمْ عَدًّۭا ﴿٨٤﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھدىن ئۇلارنىڭ تىزرەك ھالاك بولىىشىنى تەلەپ قىلىشقا ئالدىرىمىغىن، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنى ئېنىق ساناپ تۇرىمىز، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلگەن ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا، ئۇلارنى ھەقلىق بولغان ئازاب بىلەن ئازابلايمىز
يَوْمَ نَحْشُرُ ٱلْمُتَّقِينَ إِلَى ٱلرَّحْمَـٰنِ وَفْدًۭا ﴿٨٥﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز قىيامەت كۈنىدە پەرۋەردىگارىڭنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىغا ئىززەت-ئىكرام. بىلەن توپلايمىز
وَنَسُوقُ ٱلْمُجْرِمِينَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ وِرْدًۭا ﴿٨٦﴾
كاپىرلارنى جەھەننەمگە ئۇسسۇزلىقتىن چاڭقىغان ھالىتىدە ھەيدەيمىز
لَّا يَمْلِكُونَ ٱلشَّفَـٰعَةَ إِلَّا مَنِ ٱتَّخَذَ عِندَ ٱلرَّحْمَـٰنِ عَهْدًۭا ﴿٨٧﴾
كاپىرلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە شاپائەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. پەقەت دۇنيادا ئىمان ئېيتىش ۋە پەيغەمبەرگە ئەگىشىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەن كىشىلەر شاپائەت. قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ
وَقَالُوا۟ ٱتَّخَذَ ٱلرَّحْمَـٰنُ وَلَدًۭا ﴿٨٨﴾
يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ بالىسى بار. دەيدۇ د لقد جئتم شئا إ ا
لَّقَدْ جِئْتُمْ شَيْـًٔا إِدًّۭا ﴿٨٩﴾
مۇشۇ سۆزنى ئېيتقۇچى ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن سىلەر بەك قەبىھ. بىر سۆزنى قىلدىڭلار
تَكَادُ ٱلسَّمَـٰوَٰتُ يَتَفَطَّرْنَ مِنْهُ وَتَنشَقُّ ٱلْأَرْضُ وَتَخِرُّ ٱلْجِبَالُ هَدًّا ﴿٩٠﴾
بۇ مۇنكەر سۆزنىڭ يامانلىقىدىن ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر. يېرىلىپ كەتكىلى ۋە تاغلار گۆمبۈرلەپ چۈشكىلى تاسمۇ-تاس قالدى أن دعوا للرحمن ولدا
أَن دَعَوْا۟ لِلرَّحْمَـٰنِ وَلَدًۭا ﴿٩١﴾
ئاشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەن سۆز ئۈچۈندۇر. ئاللاھ. تائالا ئۇنىڭدىن ئالىدۇر ۋە كاتتىدۇر وما ينبغى للرحمن أن يتخذ ولدا
وَمَا يَنۢبَغِى لِلرَّحْمَـٰنِ أَن يَتَّخِذَ وَلَدًا ﴿٩٢﴾
بالىسى بولۇش ئاللاھقا لا يىق بولمايدۇ، ئاللاھ بالىلىق بولۇشتىن پاكتۇر
إِن كُلُّ مَن فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضِ إِلَّآ ءَاتِى ٱلرَّحْمَـٰنِ عَبْدًۭا ﴿٩٣﴾
ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر، زېمىندىكى ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنىدە رەببىگە بويسۇنغان ھالەتتە. كېلىدۇ بەت ۱۱ دىن ۱۲ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر د لقد أحصىهم وعد هم ع ا
لَّقَدْ أَحْصَىٰهُمْ وَعَدَّهُمْ عَدًّۭا ﴿٩٤﴾
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلمى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سانىنى مۇكەممەل بىلدى. ئۇلارنىڭ ئىشىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى ئەمەس
وَكُلُّهُمْ ءَاتِيهِ يَوْمَ ٱلْقِيَـٰمَةِ فَرْدًا ﴿٩٥﴾
قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يالغۇز ھالەتتە. كېلىدۇ، ئۇنىڭ يا ياردەم بەرگۈچىسى ياكى مال-مۈلكى بولمايدۇد
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ سَيَجْعَلُ لَهُمُ ٱلرَّحْمَـٰنُ وُدًّۭا ﴿٩٦﴾
ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكۈچىلەردۇر. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ھەممە بەندىلىرىگە ياخشى كۆرۈلىدىغان قېلىدۇ. د
فَإِنَّمَا يَسَّرْنَـٰهُ بِلِسَانِكَ لِتُبَشِّرَ بِهِ ٱلْمُتَّقِينَ وَتُنذِرَ بِهِۦ قَوْمًۭا لُّدًّۭا ﴿٩٧﴾
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز نازىل قىلغان بۇ قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن مېنىڭ بۇيرىقىمغا بويسۇنۇپ ۋە چەكلىمىلىرىمدىن يىراق بولۇش بىلەن تەقۋادارلىق قىلغانلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىڭ ئۈچۈن، ھەققە بويسۇنۇشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغان، گەردەنكەش بىر قەۋمنى. ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ئاسان ۋە چۈشۈنۈشلۈك قىلدۇق وكم أهلكنا قبلهم من قرن هل تحس منهم من أحد أو تسمع لهم ركزا
وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُم مِّن قَرْنٍ هَلْ تُحِسُّ مِنْهُم مِّنْ أَحَدٍ أَوْ تَسْمَعُ لَهُمْ رِكْزًۢا ﴿٩٨﴾
سېنىڭ قەۋمىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ھالاك قىلنغۇچى ئۈممەتتىن بىرەر كىشىنى تۇيامسەن، ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋازنى ئاڭلىيالامسەن؟ ئاللاھ ئىزنى قىلغان ۋاقىتتا ئۇلارغا يەتكەن مۇسىيبەت ئۇلاردىن باشقىلارغىمۇ. يېتىدۇ بەت ۱۲ دىن ۱۲ moc.hgelp
ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس