إِنَّآ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِۦٓ أَنْ أَنذِرْ قَوْمَكَ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِيَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌۭ ﴿١﴾
بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن دەرتلىك ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. قال يقوم إنى لكم نذير م بين
قَالَ يَـٰقَوْمِ إِنِّى لَكُمْ نَذِيرٌۭ مُّبِينٌ ﴿٢﴾
نۇھ قەۋمىگە ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى شۇنداق بىر ئازابتىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەنكى ئەگەر تەۋبە قىلمىساڭلار ئۇ ئازاب سىلەرنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ
أَنِ ٱعْبُدُوا۟ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ ﴿٣﴾
مېنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ دەيدىغىنىم شۇكى، يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مەن سىلەرنى بۇيرۇغان ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار
يَغْفِرْ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَىٰٓ أَجَلٍۢ مُّسَمًّى ۚ إِنَّ أَجَلَ ٱللَّهِ إِذَا جَآءَ لَا يُؤَخَّرُ ۖ لَوْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ ﴿٤﴾
ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەندىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىپ، بۇ دۇنيادا ياشاش مۇددىتىڭلارنى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتقا قەدەر ئۇزارتىدۇ. سىلەر بۇ دۇنيادا تۇرغان مۇددەتچە يەر يۈزىنى ئاۋات قىلىسىلەر. ھەقىقەتەن ئۆلۈم كەلگەن چاغدا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. كاشكى سىلەر بۇنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا ۋە شېرىك ھەم ئازغۇنلۇقتىن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىغان بولاتتىڭلار. قال رب إنى دعوت قومى ليلا ونهارا
قَالَ رَبِّ إِنِّى دَعَوْتُ قَوْمِى لَيْلًۭا وَنَهَارًۭا ﴿٥﴾
نۇھ ئېيتتى: ئەي رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى ساڭا قۇلچىلىق قىلىشقا ۋە سېنى بىر دەپ بىلىشكە كېچە - كۈندۈز ئىزچىل دەۋەت قىلدىم
فَلَمْ يَزِدْهُمْ دُعَآءِىٓ إِلَّا فِرَارًۭا ﴿٦﴾
مېنىڭ ئۇلارغا قىلغان دەۋىتىم پەقەت ئۇلارنى مەن چاقىرغان نەرسىدىن نەپرەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋەتتى
وَإِنِّى كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوٓا۟ أَصَـٰبِعَهُمْ فِىٓ ءَاذَانِهِمْ وَٱسْتَغْشَوْا۟ ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا۟ وَٱسْتَكْبَرُوا۟ ٱسْتِكْبَارًۭا ﴿٧﴾
مەن قاچانكى ئۇلارنى يالغۇز ساڭا قۇلچىلىق قىلىش، ساڭا ۋە سېنىڭ پەيغەمبىرىڭگە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتىگە سەۋەب بولىدىغان ئىشقا دەۋەت قىلسام، ئۇلار مېنىڭ دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋېلىپ، مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن باشلىرىنى كىيىملىرى بىلەن چۈمكىۋېلىشتى. ئۇلار شېرىك ئۈستىدە ئىزچىل تۇردى ھەمدە مەن ئۇلارنى چاقىرغان دىننى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى. ثم إنى دعوتهم جهارا
ثُمَّ إِنِّى دَعَوْتُهُمْ جِهَارًۭا ﴿٨﴾
ئى پەرۋەردىگارىم! ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم. بەت ۱ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
ثُمَّ إِنِّىٓ أَعْلَنتُ لَهُمْ وَأَسْرَرْتُ لَهُمْ إِسْرَارًۭا ﴿٩﴾
ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم، يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم. ئۇلارنى دەۋەت قىلىشتا تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللاندىم
فَقُلْتُ ٱسْتَغْفِرُوا۟ رَبَّكُمْ إِنَّهُۥ كَانَ غَفَّارًۭا ﴿١٠﴾
ئۇلارغا: ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلارغا تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بەندىلىرىدىن ئۆزىگە تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، دېدىم
يُرْسِلِ ٱلسَّمَآءَ عَلَيْكُم مِّدْرَارًۭا ﴿١١﴾
ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئېھتىياجلىق بولغىنىڭلاردا ئارقىمۇ-ئارقا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرگە قەھەتچىلىك يەتمەيدۇ. ويمددكم بأمول وبنين ويجعل ل كم جنت ويجعل ل كم أنهرا
وَيُمْدِدْكُم بِأَمْوَٰلٍۢ وَبَنِينَ وَيَجْعَل لَّكُمْ جَنَّـٰتٍۢ وَيَجْعَل لَّكُمْ أَنْهَـٰرًۭا ﴿١٢﴾
ئاللاھ سىلەرگە كۆپلەپ مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىلارنى ئاتا قىلىدۇ. سىلەرگە باغ - بوستانلارنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرىدىن يەيسىلەر. ئۆستەڭلەرنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچىسىلەر، زىرائەتلىرىڭلارنى ۋە مال - چارۋىلىرىڭلارنى سۇغىرىسىلەر. م الكم لا ترجون لله وقارا
مَّا لَكُمْ لَا تَرْجُونَ لِلَّهِ وَقَارًۭا ﴿١٣﴾
ئەي قەۋمىم! سىلەرگە نېمە بولدى؟ ئاللاھقا پەرۋاسىزلارچە ئاسىيلىق قىلغان ۋاقتىڭلاردا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمەنمەمسىلەر؟ وقد خلقكم أط وارا
وَقَدْ خَلَقَكُمْ أَطْوَارًا ﴿١٤﴾
ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنى ئىسپىرمىلىق ھالىتى، ئۇيۇل قان ھالىتى، بىر چاينام گۆش ھالىتى قاتارلىق باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى
أَلَمْ تَرَوْا۟ كَيْفَ خَلَقَ ٱللَّهُ سَبْعَ سَمَـٰوَٰتٍۢ طِبَاقًۭا ﴿١٥﴾
سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ يەتتە قات ئاسماننى بىر - بىرىنىڭ ئۈستىدە قانداق ياراتقانلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
وَجَعَلَ ٱلْقَمَرَ فِيهِنَّ نُورًۭا وَجَعَلَ ٱلشَّمْسَ سِرَاجًۭا ﴿١٦﴾
ئاللاھ ئاينى دۇنيا ئاسمىنىدا زېمىن ئەھلى ئۈچۈن نۇر قىلدى، قۇياشنى نۇر چاچىدىغان چىراق قىلدى
وَٱللَّهُ أَنۢبَتَكُم مِّنَ ٱلْأَرْضِ نَبَاتًۭا ﴿١٧﴾
ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تۇپراقتىن يارىتىش ئارقىلىق سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى. ئاندىن سىلەر شۇ تۇپراق سىلەرگە ئۆستۈرۈپ بەرگەن نېئمەتلەردىن غىزالىنىۋاتىسىلەر. ثم يعيدكم فيها ويخرجكم إخراجا
ثُمَّ يُعِيدُكُمْ فِيهَا وَيُخْرِجُكُمْ إِخْرَاجًۭا ﴿١٨﴾
ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن يەنە شۇ تۇپراققا قايتۇرىدۇ، ئاندىن يەنە شۇ تۇپراقتىن قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن چىقىرىدۇ. بەت ۲ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ ٱلْأَرْضَ بِسَاطًۭا ﴿١٩﴾
يەرلىشىشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى. لتسلكوا منها سبلا فجاجا
لِّتَسْلُكُوا۟ مِنْهَا سُبُلًۭا فِجَاجًۭا ﴿٢٠﴾
ھالال كەسىپ قىلىشقا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن زېمىندا كەڭرى يوللارنى قىلدى
قَالَ نُوحٌۭ رَّبِّ إِنَّهُمْ عَصَوْنِى وَٱتَّبَعُوا۟ مَن لَّمْ يَزِدْهُ مَالُهُۥ وَوَلَدُهُۥٓ إِلَّا خَسَارًۭا ﴿٢١﴾
نۇھ ئېيتتى: ئەي رەببىم! ھەقىقەتەن مېنىڭ قەۋمىم سېنى بىر دەپ بىلىش ۋە يالغۇز ساڭىلا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت مەن ئۇلارنى بۇيرۇغان ئىشتا ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلارغا ئەگەشتى. سەن ئۇلارنىڭ كاتتىلىرىغا مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقا ئىنئام قىلغان ئىدىڭ. سېنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىنئاملىرىڭ ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىۋەتتى. ومكروا مكرا كبارا
وَمَكَرُوا۟ مَكْرًۭا كُبَّارًۭا ﴿٢٢﴾
ئۇلارنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئۆز ئارىسىدىكى ئەقىلسىزلەرنى نۇھقا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە كۈشكۈرتۈپد چوڭ ھىيلە - مىكىر ئىشلەتتى. وقالوا لا تذرن ءالهتكم ولا تذرن و اولا سواعا ولا يغوث ويعوق ونسرا
وَقَالُوا۟ لَا تَذَرُنَّ ءَالِهَتَكُمْ وَلَا تَذَرُنَّ وَدًّۭا وَلَا سُوَاعًۭا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًۭا ﴿٢٣﴾
ئۇلار ئەگەشكۈچىلىرىگە: مەبۇدلىرىڭلارغا چوقۇنۇشنى تەرك ئەتمەڭلار، يەنى ۋەد، سۇۋائ، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسردىن ئىبارەت بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇشنى ھەرگىز تاشلىماڭلار، دېدى
وَقَدْ أَضَلُّوا۟ كَثِيرًۭا ۖ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّـٰلِمِينَ إِلَّا ضَلَـٰلًۭا ﴿٢٤﴾
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ مەبۇدلىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئى پەرۋەردىگارىم! كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىقتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنى پەقەت ھەقىقەتتىن تېخىمۇ ئازدۇرۇۋەتكىن
مِّمَّا خَطِيٓـَٔـٰتِهِمْ أُغْرِقُوا۟ فَأُدْخِلُوا۟ نَارًۭا فَلَمْ يَجِدُوا۟ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَنصَارًۭا ﴿٢٥﴾
ئۇلار سادىر قىلغان خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن دۇنيادا توپان بىلەن غەرق قىلىندى. ئۆلگەندىن كېيىن ئۇدۇل دوزاخقا كىرگۈزىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى سۇغا غەرق بولۇشتىن ۋە دوزاخ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمايدۇ
وَقَالَ نُوحٌۭ رَّبِّ لَا تَذَرْ عَلَى ٱلْأَرْضِ مِنَ ٱلْكَـٰفِرِينَ دَيَّارًا ﴿٢٦﴾
ئاللاھ تائالا نۇھقا ئۇنىڭ قەۋمىدىن (مۇشۇ چاغقىچە) ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقىلارنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا نۇھ ئېيتتى: ئى پەرۋەردىگارىم! يەر يۈزىدە مىدىرلاپ يۈرىدىغان كاپىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن
إِنَّكَ إِن تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا۟ عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوٓا۟ إِلَّا فَاجِرًۭا كَفَّارًۭا ﴿٢٧﴾
پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر ئۇلارنى ساق قويۇپ، مۆھلەت بەرسەڭ، ئۇلار سېنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلاردىن دۇنياغا كەلگەن ئەۋلادلار ساڭا ئىتائەت قىلمايدىغان پاجىر ۋە سېنىڭ نېئمەتلىرىڭگە شۈكرى قىلمايدىغان ئەشەددىي كاپىر بولىدۇ. بەت ۳ دىن ۴ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر
رَّبِّ ٱغْفِرْ لِى وَلِوَٰلِدَىَّ وَلِمَن دَخَلَ بَيْتِىَ مُؤْمِنًۭا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَٱلْمُؤْمِنَـٰتِ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّـٰلِمِينَ إِلَّا تَبَارًۢا ﴿٢٨﴾
پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ ۋە ئاتا - ئانامنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەنلەرنىڭ ھەمدە بارلىق مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن. كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا پەقەت ھالاكەت ۋە زىيانكارلىقنى زىيادە قىلغىن. بەت ۴ دىن ۴ moc.hgelp