باش بەتتەپسىرالصف (61)

تەپسىر الصف — As-Saff (61)

مەدىنىلىك · 14 ئايەت

ئوقۇش · ئاڭلاشPDF ھۆججىتى

سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِى ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَمَا فِى ٱلْأَرْضِ ۖ وَهُوَ ٱلْعَزِيزُ ٱلْحَكِيمُ ﴿١﴾

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لا يىق كەلمەيدىغان بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. ئاللاھ غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ. يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە ھۆكۈملىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفْعَلُونَ ﴿٢﴾

ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر! سىلەر نېمىشقا ئەمەلىيەتتە قىلمىغان ئىشنى قىلدۇق دەيسىلەر؟ بۇ خۇددى بىرىڭلارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ھېچكىمنى چاپماي تۇرۇپ: مەن قىلىچىم بىلەن ئۇرۇش قىلدىم ۋە (كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىنى) چاپتىم، دېگىنىگە ئوخشايدۇ

كَبُرَ مَقْتًا عِندَ ٱللَّهِ أَن تَقُولُوا۟ مَا لَا تَفْعَلُونَ ﴿٣﴾

سىلەرنىڭ قىلمىغان ئىشنى قىلدىم دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر. ئاللاھقا سەمىمىي بولۇپ، ئىش - ھەرىكىتى سۆزى بىلەن بىردەك بولۇشتىن باشقىسى مۇئمىنگە ياراشمايدۇ. ف

إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلَّذِينَ يُقَـٰتِلُونَ فِى سَبِيلِهِۦ صَفًّۭا كَأَنَّهُم بُنْيَـٰنٌۭ مَّرْصُوصٌۭ ﴿٤﴾

ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، خۇددى بىر - بىرىگە مەھكەم چاپلىشىپ تۇرغان بىنالارغا ئوخشاش مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ سەپ بولۇپ ئۇرۇش قىلغان مۇئمىنلەرنى ياخشى كۆرىدۇ

وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِۦ يَـٰقَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِى وَقَد تَّعْلَمُونَ أَنِّى رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيْكُمْ ۖ فَلَمَّا زَاغُوٓا۟ أَزَاغَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُمْ ۚ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلْفَـٰسِقِينَ ﴿٥﴾

ى ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە: ئى قەۋمىم! سىلەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ بۇيرۇقۇمغا قارشى چىقىش ئارقىلىق نېمىشقا ماڭا ئازار بېرىسىلەر؟ ئۇلار ئېزىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ھەقتىن ۋە توغرا يولدىن بۇرۇۋەتتى. ئاللاھ ئۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلارنى ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ. بەت ۱ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

وَإِذْ قَالَ عِيسَى ٱبْنُ مَرْيَمَ يَـٰبَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ إِنِّى رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيْكُم مُّصَدِّقًۭا لِّمَا بَيْنَ يَدَىَّ مِنَ ٱلتَّوْرَىٰةِ وَمُبَشِّرًۢا بِرَسُولٍۢ يَأْتِى مِنۢ بَعْدِى ٱسْمُهُۥٓ أَحْمَدُ ۖ فَلَمَّا جَآءَهُم بِٱلْبَيِّنَـٰتِ قَالُوا۟ هَـٰذَا سِحْرٌۭ مُّبِينٌۭ ﴿٦﴾

ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقىتدا مەريەم ئوغلى ئىيسا: ئەي ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمەن. ئاللاھ مېنى سىلەرگە مەندىن بۇرۇنقى تەۋراتنى تەستىقلىغۇچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن پەيغەمبەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. مېنى ئۆزۈمدىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشبېشارەت بەرگۈچى قىلدى. ئىيسا ئۆزىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان دەلىل - پاكىتلارنى كەلتۈرگەن چاغدا، ئۇلار: بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا قەتئىي ئەگەشمەيمىز، دېيىشتى

وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ ٱفْتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ ٱلْكَذِبَ وَهُوَ يُدْعَىٰٓ إِلَى ٱلْإِسْلَـٰمِ ۚ وَٱللَّهُ لَا يَهْدِى ٱلْقَوْمَ ٱلظَّـٰلِمِينَ ﴿٧﴾

ئاللاھنىڭ ساپ ھەم تەۋھىد دىنى بولغان ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىپ تۇرۇپمۇ ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلارغا چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا شېرىكلەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىمراق بىرى بارمۇ؟ ئاللاھ تائالا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ

يُرِيدُونَ لِيُطْفِـُٔوا۟ نُورَ ٱللَّهِ بِأَفْوَٰهِهِمْ وَٱللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِۦ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْكَـٰفِرُونَ ﴿٨﴾

بۇ ئىنكارچىلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. چۈنكى ئۇلاردىن ناچار سۆزلەر ۋە ھەقىقەتنى بۇرمىلاش قاتارلىق قىلىقلار سادىر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، زېمىننىڭ مەشرىق ۋە مەغرىبلىرىدە دىنىنى غالىب قىلىش ۋە كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئارقىلىق ئۆز نۇرىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلغۇچىدۇر

هُوَ ٱلَّذِىٓ أَرْسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلْهُدَىٰ وَدِينِ ٱلْحَقِّ لِيُظْهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦ وَلَوْ كَرِهَ ٱلْمُشْرِكُونَ ﴿٩﴾

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھىدايەت ۋە ياخشىلىققا باشلايدىغان دىن بولغان ھەمدە مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ياخشى ئەمەل دىنى بولغان ئىسلام بىلەن ئەۋەتتى. (ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ دىن بىلەن ئەۋەتىشى) بۇ دىننىڭ زېمىندا قۇدرەت تېپىشىنى خالىمايدىغان مۇشرىكلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۇنى بارچە دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈندۇر

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ تِجَـٰرَةٍۢ تُنجِيكُم مِّنْ عَذَابٍ أَلِيمٍۢ ﴿١٠﴾

ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! سىلەرگە دەرتلىك ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان پايدىلىق بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ بەت ۲ دىن ۳ moc.hgelp بلغ قۇرئان · تەپسىر

تُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتُجَـٰهِدُونَ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمْوَٰلِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌۭ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ ﴿١١﴾

كنتم تعلمون بۇ پايدىلىق تىجارەت بولسا، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ماللىرىنى چىقىم قىلىش ۋە جانلىرىنى پىدا قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر. ئەگەر بىلسەڭلار مەزكۇر ئەمەل سىلەر ئۈچۈن تولىمۇ ياخشىدۇر. شۇڭا ئۇنى قىلىشقا ئالدىراڭلار

يَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَيُدْخِلْكُمْ جَنَّـٰتٍۢ تَجْرِى مِن تَحْتِهَا ٱلْأَنْهَـٰرُ وَمَسَـٰكِنَ طَيِّبَةًۭ فِى جَنَّـٰتِ عَدْنٍۢ ۚ ذَٰلِكَ ٱلْفَوْزُ ٱلْعَظِيمُ ﴿١٢﴾

بۇ تىجارەتنىڭ پايدىسى بولسا، ئاللاھ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى سارايلىرى ۋە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە، مەڭگۈ كۆچمەي تۇرىدىغان جەننەتلەردىكى ئېسىل تۇرالغۇلارغا كىرگۈزىدۇ. مەزكۇر مۇكاپات ھېچقانداق ئۇتۇق تەڭ كەلمەيدىغان ئىنتايىن كاتتا ئۇتۇقتۇر

وَأُخْرَىٰ تُحِبُّونَهَا ۖ نَصْرٌۭ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَتْحٌۭ قَرِيبٌۭ ۗ وَبَشِّرِ ٱلْمُؤْمِنِينَ ﴿١٣﴾

بۇ تىجارەتنىڭ سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ھەم مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىلا نەخلىشىدىغان يەنە بىر پايدىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىشى، سىلەرگە پات يېقىندا ئاتا قىلىدىغان پەتھىسى، يەنى مەككە ۋە باشقا جايلارنىڭ پەتھى قىلىنىشىدۇر. ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەرگە مۇشۇ دۇنيادا غەلىبە - نۇسرەتكە ۋە ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان خەۋەرنى يەتكۈزگىن

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ كُونُوٓا۟ أَنصَارَ ٱللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ٱبْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّـۧنَ مَنْ أَنصَارِىٓ إِلَى ٱللَّهِ ۖ قَالَ ٱلْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنصَارُ ٱللَّهِ ۖ فَـَٔامَنَت طَّآئِفَةٌۭ مِّنۢ بَنِىٓ إِسْرَٰٓءِيلَ وَكَفَرَت طَّآئِفَةٌۭ ۖ فَأَيَّدْنَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ عَلَىٰ عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا۟ ظَـٰهِرِينَ ﴿١٤﴾

ى ئى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەر! ھەۋارىيلارنىڭ ياردەم بەرگىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلار ئېلىپ كەلگەن ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار. ئۆز ۋاقتىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەۋارىيلارغا: ئاللاھ تەرەپكە مېڭىشتا كىم مېنىڭ ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟ دېگەندە ئۇلار دەرھال ئىنكاس بىلدۈرۈپ: بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولىمىز، دېگەن ئىدى. ئاندىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىپ، يەنە بىر بۆلۈكى كاپىر بولدى. بىز ئىيساغا ئىمان ئېيتقانلارنى ئۇنىڭغا كاپىر بولغانلارغا قارشى كۈچلۈك قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلار كاپىر بولغانلاردىن غالىب كەلدى. بەت ۳ دىن ۳ moc.hgelp

ئۆگىنىش · الصف — As-Saff

ئەگىشىش · تەكرارلاش · يادلاپ ئوقۇش · تىزىملىتىش كەرەك ئەمەس

تەپسىر · 31 تىل